ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلاپ قۇيۇڭ!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەزىز تورداشلار: كەمىنە بۇمۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرىگەندىن بىرى تىما يوللىماي كەلگەن ئىدىم. مانا بۈگۈن 64ياشقا كىرگەن دادام بىلەن 75ياشلىق بىر ئايالنى يوقلاپ كىرىپ ناھايىتى ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن، ھەرقايسىڭلارمۇ ئۆز كۆز قارىشىڭلارنى ئىيتىپ باقارسىلەر. مەن يۇقۇردا ئىيتىپ ئۆتكەن ئايال ئۆز زامانىسىدا ئائىلىسىدىلا ئەمەس، جەمىيەتتىمۇ بەلگىلىك تەسىرى بار ئايال ئىدى. مانا بۈگۈنكى كۇندە ............... ئۈچ قىز، ئىككى ئوغۇلنى چوڭ قىلىپ ئوقۇتۇپ خىزمەتكە چىقىرىش، ۋاقىتسىز قەدىردانىدىن ئايرىلىش، يالغۇز قىلىش بۇ ئايالنى بەكلا ھالسىراتقان ئىدى. باللىرى ئالى مەكتەپكە ئۆتكەندە ناھىيە بويىچە ( مۇنەۋۋەر ئانا) باھالانغان ئانا بۈگۈن يېتىمسىراپ يالغۇز ئۆينى بىقىپ ، بالىلىرىم قاچان كىلەر دەپ ئولتۇرۇپتۇ........... ئاشۇ بالىلار بۇنى بىلەمدىغاندۇ؟ ئانىسىنىڭ بۇرۇنقىدەكلا ئۆزىنى ساقلاپ ئولتۇرغىنىنى يادىغا كەلتۈرەمدىغاندۇ؟ بىزنى كۆرۈپ: مىنى يوقلايدىغان ئادەممۇ باركەن. دەپ يىغلاپ كەتتى ... ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلاپ تۇرۇڭ! ئۆيىگە قايتىشقا ئالدىراڭ! چۈنكى شۇ تاپتا ئاتا-ئانىڭىز يولىڭىزغا قاراپ ئولتۇرىدۇ! بەلكىم ئازراقلا كىچىكسىڭىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ يۈزىنىمۇ كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن! ئۇلار سىزدىن ھىچنەرسە تەلەپ قىلمايدۇ، پەقەت يوقلاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىدۇ! قىرىندىشىم ئاتا-ئانىڭىزنى يوقلاپ تۇرۇڭ!!!!
مەنبە ؛ئۆزۈم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-7 01:18 AM
|