ھەممىنى قىزلاردىن كۆرمەيلى
بۈگۈن ئۇچقۇنجاننىڭ يوللىغان،<<كىندېكىڭنى يېرىم ئېچىۋەت>> دېگەن تىيمىسنى كۆرگەندىن كىيىن،ئىنكاس يازايمۇ يازمايمۇ دەپ بىر ھازا ئولتۇرۇپ كەتتىم.تىما شۇنداق ئاچچىق كىنايە بىلەن يېزىلىپتۇ.بەزى بىر سۆزلەر بەك ئۇچۇق ئاشكارە ھالدا يېزلىپتۇ.ئادەم ئۈنلۈكرەك ئۇقۇشقىمۇ نۇمۇس قىلىپ قالدىكەن. بۇنى كۆرۈپ بەك ئۈمۈتسىزلەندىم.
ئەجىبا مىللىتىمىزنىڭ بەزەن بىر ئاز ساندىكى قىزلىرى ،شۇنچىۋىلا شەرمى-ھاياسىز بۇپ كەتتىما؟بۇنىڭدا يىگىتلەرنىڭ مەسئۇلىيتى يوقمىدۇ؟ مىنىڭچە بىزنىڭ ئۇيغۇر يىگىتلىرمىزنىڭ مەسئۇلىيتى بار،بولغاندىمۇ رارۇس بار.
قېنى سىز بىر يىگىت بولسىڭىز،ئالدىڭىزغا ئاشۇنداق كىندېكىنى يېرىم ئېچۋەتكەن قىزلار يۇلۇقسا ،ئۇ قىزغا باشقىچە ئوي ،نەزەردە بولماي، يىگىتلىك جاسارىتىڭىز بىلەن ئىككى ئېغىر گەپ قىلالىدىڭىزمۇ؟ياق قىلالمايسىز؟ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماي،<<بۇ مىنىڭ سىڭلىم ياكى ئاچام بولمىسا>>دەپ كارىڭىز بولمايدۇ. تېخى ئەكسىچە بەزى ۋىجدان غورورىنى ئىت يەپكەتكەن يىگىتلىرمىزگە ئاشۇنداق،ھەررەڭ-سەررەڭ كىيىنىپ بەرسە بەك خوش بۇلۇپ،<<مىنىڭ قىز دوستۇم بەك چىرايلىق ،كىيىمنىڭ مودىسنى كىيدۇ،ھاراق-شاراپنى مەن بىلەن تەڭ ئىچىپ قۇيالايدۇ>>دەپ پەخىرلىنىپ سۆزلەيدىغانلارمۇ يۇق ئەمەس.قىز دوستىنى ئاشۇنداق ئالا-يېشىل چىراقللىق دىبالارغا ئۆزى باشلاپ باردىغان،قىز سۇنۇلغان ھاراقنى، <<ئىچمەيمەن>> دەپ رەت قىلغاندا، <<دوسلۇرۇمنىڭ ئالدىدا مىنىڭ يۈزۈمنى قىلمىدىڭ بەك يارماسكەن سەن >>دەپ قىزغا روھى بىسىم قىلىپ، مەجبۇرى ئىچرۈيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس .مانا مۇشۇنداق بەزى يىگىتنىڭ يۈز ئابرويىنى دەپ ،بىر قېتىم ئىچىپ ئىككى قېتىم ئىچىپ،كىيىن پاتقاققا پېتىپ قالدىغان قىزلارمۇ ئاز ئەمەس.
قېنى سىز بىر ئەقىللىق يىگىت بولسىڭىز ،ئالدىڭىزغا كىلدىغان تاپە-تەنىدىن ،تىل-ھاقارەتتىن قۇقماي ،ئەتراپىڭىزدىكى ئاشۇنداق كىيىنىپ يۈرگەن، قىزنى ئۆزىڭىزنىڭ يىگىتلىك جاسارىتى بىلەن ،ئىككى ئېغىز ئۆتكۈدەك گەپ قىلىپ قايىل قىلىڭ.قىز دوستىڭىزنى ئۆزىڭىز ئارقىڭىزغا سېلىپ،ئۇنداق سورۇنلارغا ئاپارماڭ.قىزلار دېگەن ئاجىز ھامان يىگىتنىڭ قوغدىشىغا،ئاسرىشىغا مۇھـتاج،شۇنداق جايغا ئاپىرىڭ دىسە،ئىككى ئېغىز چىرايلىق گەپ بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.قىز ھامان سىزنىڭ گىپىڭىزنى ئاڭلايدۇ. ھەممىمىز بىر مىللەت بىر قېرىنداش،باشقا مىللەت بىىزنىڭ قىز-يىگىتلىرمىزنىڭ يامان گىپىنى قىلسا،چۇقۇم ھەممىمىزنىڭ چىشى گىرىسلاپ كىتىدۇ.
شۇڭا مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئۆزىنى ئۇيغۇر يىگىتىمەن دەپ چاغلىغان ھەر بىر يىگىت،قىزلارنى قوغدىشى،ئۇلارنى يۈرۈش-تۇرۇش كىينىش جەھەتتە ،مۇسۇلمانغا خاس كىينىش ئۈچۈن ،ئۆز سىڭلىسى ئورنىدا كۆرۈپ مەجبۇريىتى ئادا قىلىپ، ئەتراپىدىكى قىزلارنى يىگىتلىك قەھرى بىلەن چەكلەپ تۇرشى كىرەك.
ھۆرمەتلىك خانىم قىزلار،!بىز بېشىمىزنى سىلكىۋېتىپ ،ئۇيغۇر قىزلىرغا خاس كىينىپ يۈرەيلى.ھاياتلىقنىڭ داۋامى بولغان ئەۋلاتلارنى تەربىيلەش زىممىسى بىزگە يۈكلەنگەن.شۇڭا جاپالىق ئەجىرىمىز بىلەن،كىيىنكى ئەۋلاتلارنى ئانا زېمىننىڭ كەلگۈسى خۇجايىنلىرغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن،بىز ئاياللار،كىينىشكە دىققەت قىلىپ، كىيىم-كېچەككە بولغان شەيدالىقنىڭ ئورنىغا ئىلىم كىتابقا شەيدا بۇلايلى.ناخشىچى ئۇسسۇلچىلارنى ئەمەس،دوختۇر ئالىملارنى يىتىشتۈرۈپ چىقىش غايىمىز بولسۇن.بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ ئىرادىسنى مۇستەھكەملەيلى.
بۇرۇنمۇ مۇشۇ توغۇرلۇق تىيما يوللاي دەپ ئويلىغان،ئەمما ئىمكان بولماي قالغان ئىدى. بۈگۈن تىيمىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن،قىزلاردىن ئۈمۈتسىزلىنىپ بەك ئۇزۇن ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-7 12:51 AM