ئەگرى توقاي ھايات داۋېنى ،
قورام تاشلارغا تالاي پۇتلاشتىم .
سوقۇلدى بېشىم ، تۆكۈلدى چىشىم ،
بەل قويۇپ يىغلىسام ، زارلانسام تالسام ،
ئاڭلا قورام تاش !!!
ھارامدۇر ساڭا قىلغان كۆز يېشىم .
تىز پۈكۈش ماڭا ئەسلا يات ،
باش ئىگىش ئەمەس ماڭا خاس .
قىلغان مەن باشتا شۇنداق ئىرادە ،
تاغلارنى تىشىپ ، داۋانلار ئېشىپ ،
ھايات يولىدا مەزمۇت قەدەم باس .
ئۈگەتكەن ماڭا ،
شۇنداق ھىكمەتنى بوۋام ،
"تامچە سۇ تاشنى تېشىدۇ " ،
چىداپ جاپاغا ،
قىلدۇرساڭ كۆرەشنى داۋام .
يولۇمنى توسقانلار ،
مەنزىللەردە ئالدىمغا سىپىل سوققانلار ،
بىلىپ قال !!!
سەنلەر مېنىڭگە ئەندىشە بولالمايسەن ،
بۇ مۈشكۈل سەپەردە ئالدىمنى توسالمايسەن .
چۈنكى بىر يۈرەك ،
سوقىدۇ قارغايدەك جاسارەتتە ،
بىر روھ ،
ئۆرتەيدۇ ۋولقان كەبى ھارارەتتە .
......
مانا ئاخىرى ،
شۇ قورام تاشلار بولدىغۇ تۆشۈك ،
بوينىنى قىسىپ ،
يىقىلغانلارغا بولدىغۇ بۆشۈك .
بىر تاغ ،
مەغرۇر تاغ .
بىر ئەر ،
قەيسەر ئەر .
بىر تامچە ،
قىلدىغۇ شۇ تاغنى دانچە .
بىلسەڭ تاغۇ تاش ،
بۇ تامچە ئەمەستۇر كۆز ياش .
بۇ تامچە ،
بوۋام ئىيىتقان شۇ تامچە .
بۇ تامچە ،
مىھنەتلىك تامچە .
بۇ تامچە ،
پىشانەمدىن تامچىغان تامچە .
2010.روزا ھىيىت .