ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مېتېئورولوگىيە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش چارىسى
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پەرمانى
111 – نومۇرلۇق
« ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مېتېئورولوگىيە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش چارىسى » 2011- يىلى 12 – ئاينىڭ 10 – كۈنى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 38 – قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى ، ھازىر ئېلان قىلىندى ، 2012 – يىلى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن .
شەھەر باشلىقى : جارۇللا ھىسامىدىن
2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى
1-ماددا مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىش ، ساقلىنىش ۋە ئۇنىڭ كەلتۈرىدىغان زىيىنىنى ئازايتىش ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ، ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائى ئىشلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېتېئورولوگىيە قانۇنى» ، گوۋۇيۈەننىڭ «مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش نىزامى» قاتارلىق قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن ، شەھىرىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ بۇ چارە تۈزۈلدى .
2- ماددا مەزكۇر شەھەرلىك مەمۇرىي رايون دائىرىسى ئىچىدىكى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش پائالىيىتىگە بۇ چارە تەدبىقلىنىدۇ .
3- ماددا مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش ، ئىلمىي مۇداپىئەلىنىش ، تارماقلار بىرلىكتە ھەرىكەتكە كىلىش ۋە جەمئىيەت ئىشتىراك قىلىش پىرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ .
4- ماددا پۇقرا ، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە ئىشتىراك قىلىش مەجبۇرىيىتى بولۇپ ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۆز – ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆز – ئارا قۇتقۇزۇشى لازىم .
پۇقرا ، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار سۇغۇرتا قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ، ئاپەتتىن كېيىن ئۆز – ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى لازىم .
5- ماددا شەھەر ، رايون( ناھىيە ) لۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنىڭ تەشكىلىي رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشى ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش جىددى ماسلاشتۇرۇش مىخانىزمىنى تۇرغۇزۇشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائى تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى لازىم .
يېزا ( بازار ) لىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ، كوچا ئىش باشقارمىلىرى خادىم بەلگىلەپ ، مېتېئورولوگىيەلىك مەسئۇل ئاپپاراتى ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا ھەمكارلىشىپ ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش ، جىددى ئىشلاردا ئالاقىلىشىش ۋە ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى لازىم .
6- ماددا شەھەرلىك ، رايون ( ناھىيە ) لۇق مېتېئورولوگىيەلىك مەسئۇل ئاپپاراتى مەزكۇر مەمۇرى رايون دائىرىسى ئىچىدىكى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ . مېتېئورولوگىيەلىك مەسئۇل ئاپپاراتى تەسىس قىلىنمىغان رايون (ناھىيە) لارنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە شەھەرلىك مېتېئورولوگىيەلىك مەسئۇل ئاپپاراتى مەسئۇل بولىدۇ .
خەلق ئىشلىرى ، سەھىيە ، قاتناش ، ج خ ، قۇرۇلۇش ، زېمىن بايلىقى ، سۇ ئىشلىرى ، دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق ، ئورمان ( باغ – ئورمان ) قاتارلىق تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم .
7- ماددا شەھەرلىك ، رايون (ناھىيە) لۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك مەسئۇل ئاپپاراتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش پىلانىنى تۈزۈشكە تەشكىللىشى ھەمدە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە كىلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان زىيانغا بىرلەشتۈرۈپ ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە جىددى تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشى لازىم .
8- ماددا شەھەرلىك ، رايون (ناھىيە) لۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش مەشىقىنى تەشكىللەپ ، جىددى قۇتقۇزۇش ، ياردەم بىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى لازىم . كەنت (ئاھالە) كومىتېتلىرى ، كارخانا ، كەسپى ئورۇنلار مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى مەشىق خىزمىتىنى ھەمكارلىشىپ ياخشى ئىشلىشى لازىم .
9- ماددا شەھەرلىك ، رايون (ناھىيە) لۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، كۈزىتىش ، ئۇچۇر تارقىتىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ، ئۇنۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ ، دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق رايونلىرىنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم .
10- ماددا شەھەرلىك مېتېئورولوگىيەلىك مەسئۇل ئاپپاراتىغا قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكېتلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى بويىچە جەمئىيەتكە ئاپەت خارەكتىرلىك ھاۋارايى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالىنى بىر تۇتاش ئېلان قىلىشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ، قۇتقۇزۇش تارماقلىرىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش قىلىشى لازىم ؛ باشقا تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ جەمئىيەتكە ئاپەت خارەكتىرلىك ھاۋارايى ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى بىرىشىگە بولمايدۇ .
11- ماددا شەھەرلىك ، رايون (ناھىيە) لۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرىنى تارقىتىش سېستىمىسىنى تۇرغۇزۇشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، قاتناش تۈگۈنى ، ئاممىۋى پائالىيەت سورۇنلىرى قاتارلىق كىشىلەر زىچ توپلىشىدىغان ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت ئاسان يۈز بېرىدىغان رايونلاردا ئاپەت خارەكتىرلىك ھاۋارايى ئاگاھلاندۇرۇش بىرىش ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سېگىنالىنى قوبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ئەسلىھەلىرى قۇرۇشى ھەمدە ئەسلىھەنىڭ نورمال بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم .
12- ماددا شەھەرلىك ، رايون (ناھىيە) لۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئاپەت خارەكتىرلىك ھاۋارايى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى ۋە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە جىددى تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇش ئۆلچىمىگە ئاساسەن ، مۇناسىپ جىددى تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويۇشنى ۋاقتىدا قارار قىلىشى ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى ، شۇنداقلا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى لازىم .
13- ماددا شەھەرلىك ، رايون (ناھىيە) لۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت يۈز بىرىش ئەھۋالى ۋە جىددى بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن ، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان ھادىسىلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمە بويىچە جىددى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللىنىشى ؛ جىددى ئەھۋال بولغاندا ئاپەتنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنى يۆتكەش ، تارقاقلاشتۇرۇشقا ۋاقتىدا سەپەرۋەر قىلىپ ۋە تەشكىللەپ ، ئۆز – ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى ۋە تەشكىللەپ ، ئۆز – ئۆزىنى قۇتقۇزۇشى ۋە ئۆز – ئارا قۇتقۇزۇشى لازىم .
14- ماددا مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ئۆزىگە قاراشلىق مېتېئورولوگىيە ئىستانسا – پونكېتلارنى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى كۈزىتىش ۋە باھالاشنى كۈچەيتىشكە تەشكىللىشى ، جىددى تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەتچان مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى كۈزىتىش ئەسلىھەسىنى ئىشقا سىلىپ ، نەق مەيدان مېتېئورولوگىيەلىك مۇلازىمىتىنى قىلىپ ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالاقىدار تارماقلارغا ئاپەت خارەكتىرلىك ھاۋارايى ئەھۋالى ، ئۆزگىرىشى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشكە تەدبىر بەلگىلىشى ئۈچۈن ئاساس بىلەن تەمىنلىشى لازىم .
15- ماددا مېتېئورولوگىيە ، زېمىن – بايلىقى ، سۇ ئىشلىرى ، دېھقانچىلىق – چارۋىچىلىق ، ئورمان (باغ-ئورمان) قاتارلىق تارماقلار مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەت ئەھۋالىغا ئاساسەن ، مېتېئورولوگىيەلىك ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۇغۇندى ، ئىككىلەمچى ئاپەتلەرنى بىرلىشىپ كۈزىتىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە مۇناسىپ جىددى تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىگە ئاساسەن ، جىددى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى لازىم .
16- ماددا رادىيو – تېلېۋىزىيە ، گېزىت ، تېلىگراف قاتارلىق ۋاستىلەر مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ يۈز بىرىشى ، داۋاملىشىشى ۋە جىددى بىر تەرەپ قىلىنىش ئەھۋالىنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ، توغرا ئېلان قىلىشى ھەمدە تەلەپكە ئاساسەن ۋاقتىدا كۆپەيتىپ ئېلان قىلىشى ياكى بىسىپ خەۋەر بىرىشى لازىم .
17- ماددا شەھەرلىك ، رايون (ناھىيە) لۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مېتېئورولوگىيەلىك مەسئۇل ئاپپاراتى تەمىنلىگەن ئاپەت خارەكتىرلىك ھاۋارايىنىڭ يۈز بىرىشى ۋە ئۇنىڭ داۋاملىشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن ، مۇناسىپ بەلگىلىمە بويىچە ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ دەرىجىسىنى ھەر ۋاقىت تەڭشىشى ياكى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قارارىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشى لازىم .
18- ماددا مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى جىددى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن ، شەھەرلىك ، رايون (ناھىيە) لۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالاقىدار تارماقلارنى مەزكۇر مەمۇرىي رايون دائىرىسى ئىچىدىكى مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى تەكشۈرۈش ، باھالاشقا تەشكىللىشى ، قايتا قۇرۇش پىلانى ۋە تۈزىتىش تەدبىرىنى تۈزۈپ چىقىپ ، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى لازىم .
19- ماددا مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ، شۇنىڭدەك خادىملار مەزكۇر چارىدىكى بەلگىلىمىگە خېلاپ ھەرىكەتلەرنىڭ بىرىنى سادىر قىلغان بولسا ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان ياكى مەمۇرى تەپتىش ئورگىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛ ئەھۋالى ئېغىر بولسا بىۋاستە مەسئۇل باشقۇرغۇچىغا ۋە باشقا بىۋاستە مەسئۇل بولغۇچىغا قانۇن بويىچە جازا بىرىلىدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ :
(1) بەلگىلىمە بويىچە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانمىغان ؛
(2) يوشۇرۇن ، يالغان مەلۇم قىلىش ياكى بىپەرۋالىق قىلىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئاپەت خارەكتىرلىك ھاۋارايى ئاگاھلاندۇرۇش مەلۇماتى ، مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بىرىش سېگىنالىنى مەلۇم قىلمىغان ، خاتا مەلۇم قىلغان ؛
(3) مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە جىددى تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى ۋاقتىدا قوللانمىغان ؛
(4) قانۇن بويىچە ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان باشقا قىلمىشلار .
20- ماددا مەزكۇر چارىدىكى بەلگىلىمىگە خېلاپلىق قىلىپ ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى شەھەرلىك ، رايون (ناھىيە) لۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى ئالاقىدار تارماقلار تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ ؛ ئامانلىق باشقۇرۇشقا خېلاپلىق قىلغانلارنى ج خ ئورگىنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋاپكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلنىدۇ :
(1) بەلگىلىمە بويىچە مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنى قوللانمىغان ؛
(2) ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئېلان قىلغان مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتنى جىددى بىر تەرەپ قىلىش قارارى ، بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغان ياكى قانۇن بويىچە قوللانغان مېتېئورولوگىيەلىك ئاپەتكە جىددى تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىگە ماسلاشمىغانلار .
21- ماددا مەزكۇر چارىدىكى بەلگىلىمىگە خېلاپلىق قىلغان مەمۇرى جازا بىرىشكە تېگىشلىكلىرىنى مېتېئورولوگىيە مەسئۇل ئاپپاراتى مۇناسىۋەتلىك قانۇن ، قائىدە – نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ .
22- ماددا مەزكۇر چارە 2012 – يىلى 2 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
http://www.kanunblog.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-6 10:20 PM