تىلىم بار بىر گاچىمەن
(ئاپتۇردىن)
شېئىر يازسام قەغەزگە ھەرگىز ساختا يازمايمەن ،
قورقۇپ كىتىپ سايەمدىن ھەقىقەتتىن ئازمايمەن .
شۆھرەت، مال-دۇنيا ئۈچۈن سۈنئىي كاننى قازمايمەن،
قامچىلايمەن، مىللەتنىڭ - ئىللىتىنى تازلايمەن .
ئۇشبۇ يولدا سىزلەرگە سەت كۆرۈنسەم رازىمەن.
تىلىم بار بىر گاچىمەن ، سېنى پايلاپ ياتىمەن ،
نەپ بەرمىسەڭ ئەگەردە ئۇدۇل بېرىپ چاقىمەن .
غورۇرۇمنى ۋىجداننى پۇلغا ئالساڭ ساتىمەن ،
ياقمىساممۇ گەر ساڭا نەپسىمگە بەك ياقىمەن .
ھەيران قالما مېنىڭدىن غورۇرۇم يوق گاچىمەن .
زۇلۇم قىلىپ يۇۋاشقا ئۆزەمنى باي قىلغانمەن ،
باشقىلارنى لاي قىلىپ ئۆزەمنى ئاي قىلغانمەن .
گۆھەر چاغلاپ ئۆزەمنى ئۆزگىنى ساي قىلغانمەن،
ئاجىزلارنى خار قىلىپ ئۆزەمنى تاي قىلغانمەن .
ھەيران قالما خۇيۇمدىن شەخسىيەتچى گاچىمەن .
قىلسا دوسلار ياخشىلىق ئونۇتقان بىر گاچىمەن ،
ئەمما خەققە كەلگەندە بەكمۇ ئاكتىپ غالچىمەن .
بىلگەچكە باي نىيىتىن تومۇچىمەن ، پالچىمەن ،
كىمكى ماڭا پۇل بەرسە مەن شۇنىڭغا ئاغچىمەن.
ساپمىكەش دېمە مېنى ، يولۇم يامان گاچىمەن .
ياغلىمايمەن كاناينى ياغلاپ قالسام ياغچىمەن ،
ياخشىلارنىڭ كەينىدە ئىشپىيۇن پايلاقچىمەن .
ئاگاھ بولغىن مېنىڭدىن بەك يامان ئايغاچىمەن ،
ئەكەل دېسە بۆكىنى باش كىسەر يالاقچىمەن .
كىلۇر ھەممە قولۇمدىن بەكمۇ قابىل گاچىمەن .
قىش بولسىمۇ نەپ بولسا ئۈرۈك-توغاچ ئۇلايمەن ،
پۇللا بەرسە كىم ماڭا ، قوۋرۇغامنى سۇلايمەن .
ئۆز قېرىنداش تۇققاننى بوزەك قىلىپ پۇلايمەن ،
گىپىڭ بولسا چاپان سال بەكمۇ ئۈنلۈك تولايمەن،
ئەمما ياتقا كەلگەندە ، ئېغىر بېسىق گاچىمەن .
نەرسە ئالسام سېنىڭ جا ھەرگىز سەندىن ئالمايمەن ،
ئېلىپ قالسام ياتلاردىن قاراپ-قاراپ قانمايمەن .
قەۋمىم ئۈچۈن ئۇ ئۈچۈن بىر تال شام بوپ يانمايمەن،
شۇنداقتىمۇ گىپىم چوڭ ، مىللىتىمدىن تانمايمەن .
مىللەتپەۋەر ئاجايىپ ئالىي جاناپ گاچىمەن .
چىقىپ قالسام بازارغا پۇلۇمنى ئۇنۇتمايمەن ،
مول-ھۇسۇل ئۈچۈن تەرگەن يىرىمنى ئۇغۇتلايمەن.
ئۆيدە نېمەم كەم بولسا تىرىشىپ تۇلۇقلايمەن ،
ئىمتىھانلىق بۇ قىسقا ، پانىينى ئۇلۇغلايمەن .
ئەمما ھەقنى باقىينى ئونۇتقان بىر گاچىمەن .
تېنىم ساغلام سالامەت لېكىن ھورۇن ساھىلمەن ،
نەسىھەتنى ئاڭلىماس ، بەكلا نادان جاھىلمەن .
بۇ دۇنيادا ھەممىدىن بايلارغا بەك قايىلمەن ،
ئۇشبۇ ئىشلار سەۋەپلىك دەۋزەخكىمۇ نائىلمەن .
ھالال-ھارام ئايرىماس پۇل تاپار بىر گاچىمەن .
يېزىپ بەرسە ئەيبىمنى ئەينەك چاققان تەلۋىمەن،
مېغىز بىلەن شاكالنى ئايرىيالماس غەلۋىر مەن .
قورسۇقۇمدا ئۇماچ يوق ئوبزورچى مەن ئالىممەن ،
مەدىيەگە بەك ئامراق مۇستەبىت بىر زالىممەن .
پادىشاھنىڭ كىيمىگە بەكلا ئامراق گاچىمەن .
بۇرۇتۇم توم بولسىمۇ ئەمما جۇۋان خانەكمەن ،
ئېتىم قىزچاق بولسىمۇ باشتا چاچ يوق پاينەكمەن .
ئاشقا سالسا تەمى يوق سېسىپ قالغان پالەكمەن ،
گەرچە مېڭىپ يۈرسەممۇ روھى ئۆلگەن پالەچمەن .
ئورۇنلۇق گەپ قىلالماس لىكىن ۋات-ۋات گاچىمەن .
ئۆز ئۈيۈمنىڭ چىۋىنى قۇنۇپ قويسا غىڭشىيمەن ،
ئۆزگىلەرنىڭ كالتىكى تەگسە جىمجىت ئىڭشىيمەن .
قېرىنداشنىڭ ئىشىغا گويا سۈگەت لىڭشىيمەن ،
باشقىلارغا كەلگەندە قارىغايدەك چىڭشىيمەن .
بولمىساممۇ سودىگەر ، پايدا كۆزلەر گاچىمەن .
مۇنبەرگە چىقىپ قالسام تىمىلارنى تاللايمەن ،
ئىنكاس يېزىپ سەت گەپتە قېرىنداشنى تىللايمەن .
ئۇلارنىڭ ھەم قەلبىنى ئاداۋەتتە تىلغايمەن ،
ئەۋلىيامەن ياخشىنى ياماننى ھەم ئىلغايمەن،
ئاداۋەتچى كۆرەلمەس ئاجايىپ بىر گاچىمەن .
ئازابىدىن باشقىنىڭ شاتلىقىمنى تاپقانمەن ،
تەقدىردېشىم قەۋمىمنى ھالاكەتكە ئاتقانمەن .
غورۇرۇمنى ۋىجداننى باشقىلارغا ساتقانمەن ،
قېرىنداشنى نىشان قىپ ئۇلارغا ئوت ئاچقانمەن.
تۇز يەپ تۇزلۇقنى چاققان تۇزكور بىر گاچىمەن.
كۆرۈنۈشتە سۆزلىرىم بەكمۇ سىيلىق-سىپايە ،
قىلىپ ساختا ياخشىلىق سۆزلىدىم چوڭ كىنايە .
گۇمان قىلسا گېپىمدىن بىرىپ كەلدىم ئىئانە ،
ئىشەندۈرۈپ ئۇلارنى تۇقۇپ يالغان ھىكايە .
قارىماققا رەھىمدىل ، رەھىمسىز بىر گاچىمەن .
ئەتىۋارلاپ تۇققاننى ياتلارنى چەت قاققانمەن ،
كۆزلىرىنى رەڭۋازلاپ قۇرۇقتىن گەپ ساتقانمەن .
ھىيلە قىلىپ يالغاندىن بىر-بىرىنى چاققانمەن ،
ئالدىيالماي ئۇلارنى بەك ئۇزۇن دەت تاتقانمەن.
ئىچىمدە ھېيلەم تۇلا ، تۈلكە مىجەز گاچىمەن .
كىمكى چالسا دېپىمنى بېشىغا تاج كەيدۈردۈم ،
ھەر ئۇسۇلكى چارىدا بەللىرىنى ئەگدۈردۈم .
چالمىسا گەر دېپىمنى قارا قالپاق كەيدۈرۈم ،
ئىگىلمىسە بەزىسى بەتنام بىلەن كەتتۈردۈم.
نىيتىم تۈز ئورغاقتەك ئاقكۆڭۈل بىر گاچىمەن .
زىنھار سېنى ئاق-قارا ياكى سېرىق دىمەيمەن ،
يات قەۋىمدىن ۋەياكى باشقا ئىرىق دىمەيمەن .
لوق گۆش بەرسەڭ ئەگەردە ھەرگىز ھارام دىمەيمەن ،
گەرچە ھالال بولسىمۇ ئاز بوپ قالسا يىمەيمەن .
ئىشتىھايىم بەك چاتاق نەپسىم بالا گاچىمەن .
غەزەپ قىلما سەن ماڭا ئەشۇنداق بىر مەلئۇنمەن ،
كەينىڭدە مەن جۈرئەتلىك ئۇدۇل كەلسەڭ قاچقۇنمەن .
ھايۋانلارنىڭ قەبىھسى ئەڭ رەزىل بىر ھايۋانمەن ،
مال-بىسات ئەمەل ئۈچۈن ھەقىقەتتىن قايغانمەن .
نەپرەتلەنمە سەن مەندىن ۋىجدانسىز بىر گاچىمەن .
كىچىك بالا دوختۇردىن دەمال قورقۇپ يىغلايدۇ ،
كىسلى ساقايغاندا ، كۈلۈپ- شوخ ۋىلىقلايدۇ .
ئۆز بالاڭنىڭ غېمىنى ھەرگىز خەقلەر يىمەيدۇ ،
ئېغىر كۈنگە قالساڭمۇ خەق ۋاي ئىسىت دىمەيدۇ .
سۆزلەي دىسەم سۆزۈم كۆپ تىلىم يوق بىر گاچىمەن .
ئىش كەلمەيدۇ قولۇمدىن لىكىن يامان پوچىمەن ،
باشقىلارنىڭ ئەجرىگە ئوبزورچى ھەم نوچىمەن .
تاغدا بىرتال قويۇم يوق پادىچىمەن قويچىمەن ،
سالغان كەپە ئۆيۈم يوق غەيۋەتچىمەن تويچىمەن .
تەخەللۇسۇم بىكارچى ، پارازىت بىر گاچىمەن .
ئاپتۇرى:ئۆزۈم( مۇھەممەتئەلىجان ،چۇڭقۇرچاق)
مۆھتىرەم قېرىنداشلىرىمنىڭ مىنى كۆپرەك قوللىشىنى ، كەمچىللىكلىرىمنى
توغرا ئۇسۇلدا كۆرسىتىپ بىرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-6 09:32 PM