كامال تاپ مىسرانىم مۇنبىرى
مۇبارەك مىسرانىم مۇنبىرى شەرەپ - شانىڭغا ،
ئۇيۇشتۇق بىز سىنىڭ ئىككى يانىڭغا.
جۆر بۇلدۇق ھەر قاچان يۇرەك تارىڭغا ،
ئايلاندۇق بىز سىنىڭ سۆيگەن يارىڭغا.
**
مۇنبىرىم سەن بىزلەرنى ماڭغان يىتەكلەپ ،
سەن بولغاچ ئارمانلار كۈلدى چېچەكلەپ.
مۇنبەردە تورداشلار ئەركىن شادىمان ،
ئالدىڭ سەن داۋاملىق بىزنى يادىڭغا.
**
بىز بىلەن ھەمنەپەس يۇردۇڭ مۇنبەردە،
يۇردۇڭ سەن ئايرىلماي ئېغىر كۇنلەردە.
ھەسرەتنى قالدۇردۇڭ يىراق جايلاردا،
تەڭ كوردۇڭ تورداشنى ئېزىز جانىڭغا.
**
سۆزلىدىڭ بىزلەرگە قەدەمدە ساۋات ،
سالدىڭ سەن ئېغىزغا قەنت بىلەن ناۋات .
قىلدۇردۇڭ بىزلەرنى باغرىڭدا پارات ،
بەردىڭ سەن بىزلەرگە ئۇچۇشقا قانات.
**
سېنىڭدىن بەك رازى بارچە تورداشلار ،
مۇنبەردىن كۈچ ئېلىپ ئالغا ماڭغانلار .
ئۇلۇغۋار غايە،ئارزۇنى دىلغا تاڭغانلار ،
مۇنبەرنى گۇللەشكە نىيەت قىلغانلار .
**
باش ئىگەر ساڭا ئاق لالە رەيھانلار ،
سىنىڭدىن مىننەددار مەردانە ئوغلانلار .
سەن ئۇچۇن سۆيگۇسى دىلدا تاشقانلار ،
ئەقىل تېپىپ مۇنبەردە داۋان ئاشقانلار.
**
مۇنبەر باشلاپ ماڭغاچقا بىزمۇ يول تاپتۇق ،
كۈندىن كۈنگە سانىمىز ھەسسىلەپ ئاشتۇق .
پۇراشقا خۇشپۇراق ئىسىل گۈل تاپتۇق ،
ئەرزىمەس مۇنبەرنى تاشلاپمۇ قاشتۇق .
**
مۇنبەر ۋە توپقا ئەزا ھەممېمىز،
ئاسمانغا تاقاشتى گۇيا بۇيىمىز.
يوللاندى مۇنبەرگە يازغان تېمىمىز ،
خۇشلۇقتىن ھەر دەم يايرار دىلىمىز.
**
لىق تولدى مۇنبەرگەچىرايلىق ھەم تاز،
سايرايدۇ چالغاندەك يېقىملىق كۇي-ساز.
ھەممىمىز مۇنبەردە قىلىمىز پەرۋاز،
زىمىستان قىش،كۇز ،باھار ۋە ياز.
**
سەن بىزگە غەمگۇزار ،قالتىس سۆيۇملۇك،
سەن بولغاچ بۇ كۈنلەر ئۆتەر كۆڭۈللۈك.
قىلغاچقا چىن ئەمەل سەن قارارىڭغا ،
سەن ئۇچۇن تەسەددۇق جانلار ئۆمۈلۈك.
**
ھەر سانىڭ ھەر بېتىڭ شەربەتلىك بۇلاق ،
بىز ئۇچۇن يولباشچى ئالتۇن قوڭغۇراق.
يول باشلا ئىخلاسمەن تورداشلىرىڭغا،
سەن مۇنبەرلەر ئىچىدە نۇرلۇق بىر چىراغ.
**
سەن ئۇچۇن تەلپۈنەر بىزنىڭ بۇ يۇرەك ،
ئەگەشسەك بىز ساڭا بۇلىمىز ئەقىللىق زىرەك .
بەخىت نۇرىنى چاچ مۇنبەرلىرىڭگە،
ئورتاقتۇر سەن بىلەن بىزدىكى تىلەك .
**
سەن بىلەن دوستلىشىپ ئۆتكەي تورداشلار ،
ئايلاندىڭ مۇنبەرنىڭ تاجۇ-تەختىگە.
كۈلدى بۇ مۇنبەردىن بارچە مەۋجۇدات ،
كۆز تەگمىسۇن شاھ دىگەن ئىسىل نامىڭگە.
**
بىزدىكى تىلەك شۇ يوكسەل ،كامال تاپ ،
بىز ئۇچۇن يەنىمۇ ياخشى ئامال تاپ .
تەقاززا بىز مەڭگۇ تۇگىمەس بىلىمگە،
بول كۆكتە پارلىغان قۇياش ۋە ئاپتاپ.
**
مەنبە: ئۆزەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-6 07:28 PM