|
|
|
|
نەنجىڭدا قۇراللىق بۇلاڭچىلىق يۈز بەردى.
بۈگۈن ئەتىگەن سائەت10لار ئەتراپىدا،نەنجىڭ شەھىرى خېيۇەن يولى ئەنخۇەي كەنتى ئەتراپىدىكى بىر يىزا ئىگىلىك بانكىسى ئالدىدا قۇراللىق بۇلاڭچىلىق يۈز بەردى،بىر ئەر بانكىدىن پۇل ئىلىپ قايتىپ چىقىۋاتقاندا قۇراللىق بۇلاڭچىلىققا ئۇچراپ نەخ مەيداندا ئىتىپ ئۆلتۈرۈلدى ۋە بانكىدىن ئىلىپ چىققان ئىككى يۈزمىڭ يۇەن دىن ئارتۇق نەخ پۇلى بۇلاپ كىتىلدى.
ئىگىلىنىشچە،گۇماندار 2ئادەم بولۇپ،ۋەقەنى سادىر قىلىپ بولغاندىن كىيىن،نەنجىڭ-چاڭجىياڭ2-چوڭ كۆۋرىكى ئارقىلىق نەنجىڭ شەھىرىگە بارىدىغان يولۇچىلار ئاپتۇبوسىغا ئولتۇرۇپ قىچىپ كەتكەن.ئىگىلىنىشچە ئىتىپ ئۆلتۈرۈلگۈچى 30نەچچە ياشلار چامىسىدىكى ئەر ئىكەن. نۆۋەتتە بانكا تەرەپ ۋاقىتلىق تىجارەت توختاتقان، ساقچى تەرەپ نەخمەيداندىن ئىسپات ۋە يىپ ئۇچى توپلىماقتا.
زىيانكەشلىككە ئۇرىغۇچى دوختۇرخانىغا ئىلىپ بىرىلغان،رەسىمدىكىسى شۇ ئەرنىڭ ماشىنىسى ئىكەن.
بۇلانغۇچىلار بىر شىركەتنىڭ خوجايىنى ۋە 2نەپەر قول ئاستىدىكى خىزمەتچىسى ئىكەن. پۇلنى ئىلىپ ماڭغۇچى قول ئاستىدىكى خىزمەتچى بولۇپ،شىركەت خوجايىنى ھىچقانداق زىيانكەنلىككە ئۇچرىمىغان.
نەنجىڭ ساقچى تەرەپ جىنايەت گۇماندارىنىڭ رەسىمىنى ئىلان قىلغان بولۇپ،گۇماندارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى:يىشى 40ياشلار ئەتراپىدا،بويى1مىتىر70سانتىمىتىردىن يۇقىرى.
نەنجىڭ ساقچى تەرەپ يەنە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە يۈزمىڭ يۇەن نەخ پۇل بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تېلېفۇن:025110
تۆۋەندىكىسى ساقچى تەرەپنىڭ رازۋىتكا قىلىش جەريانى ۋە يولۇچىلار ئاپتۇبوسىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالى.
سىن ھۆججىتىمۇ قوشۇپ قويۇلدى.
ئۇلانما:http://news.qq.com/a/20120106/000952.htm#p=1
مەنبە:تىڭشۈن خەۋەرلەر تورى.
تەركىن تەرجىمىسى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TaRKiN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-6 06:32 PM
|
|
|
|
|
|