باشلىقنىڭ خىزمەت خۇلاسىسى
بۇ مېنىڭ 2011-يىلدىكى خىزمەت خۇلاسەم .
كۆچۈرۈپسەن دېمەڭلار.چۈنكى بۇ يىلمۇ خىزمەتنى ئالدىنقى يىلدىكىدەكلا ئىشلىدىم.خىزمەت تەجىربەممۇ ئاساسەن ئوخشاش.
باشلىقمەن، خەلىققە خىزمەت قىلىمەن.
باشلىقمەن، خەلىقنى ھۆرمەت قىلىمەن.
باشلىقمەن، خەلىقنىڭ چاكار- قۇلىمەن.
باشلىقمەن،ياماننى تىللاپ سۆكىمەن.
خەلقىم سۇ، مەن كىمە، ئوبدان بىلىمەن،
بىر كۈنى ئۆرۈيدۇ، دىققەت قىلمىسام.
ئالمىدىم، پۇل كەلسە، ئارقا ئىشىكتىن،
ئالمىدىم كانۋىرتتىن، سوۋغات يىشىكتىن.
ئالمىدىم قىممىتى ،چوڭدىن- كىچىكتىن.
كىرمىدىم پارىخۇر، كىرگەن يىچىقتىن.
كىرگەنلەر چىقالماس، بۇنداق پېتىقتىن،
پاتىمەن پېتىققا، دىققەت قىلمىسام.
يۈرمۈدۈم، ھەركۈنى سورۇن بەزمىدە.
يۈرمۈدۈم، قىز قۇشلاپ ئاشنا قەستىدە.
يۈرمۈدۈم، ئايلىنىپ شەھۋەت رەستىدە،
كەتمىدىم، مەس بولوپ،رىغبەت تەختىدە.
باھاردۇر پەزىلەت، ھايات پەسلىدە،
باھارىم تۈگەيدۇ، دىققەت قىلمىسام.
ئەزمىدىم كۆزۈمگە، سىغمىغانلارنى.
ئەزمىدىم خوشامەت، قىلمىغانلارنى.
ئەزمىدىم كۈلمىگەن، قىز- چوكانلارنى،
سۆيمىدىم بېلىقتەك، ئاق بويانلارنى.
ۋىجدان كۆتۈرمەس، بۇ قىلىقلارنى،
ۋىجدانىم ئۆرتەيدۇ، دىققەت قىلمىسام.
كۆرمىدىم ھوقوقنى ،جاننىڭ ئورنىدا.
كۆرمىدىم پۇل مالنى، قاننىڭ ئورنىدا.
كۆرمىدىم پۇقرانى، مالنىڭ ئورنىدا.
سۈرمىدىم پاراغەت، داچا،ھويلىدا.
كىرەركەن ھەر كىشى، تۇپراق قوينىغا،
قوينىغا ئالمايدۇ، دىققەت قىلمىسام.
راھەتنىڭ ئېتىغا، مىنمىسەم مەيلى،
پاراغەت سۈيىدىن، ئىچمىسەم مەيلى.
قاباھەت تونىدىن، پىچمىىسەم مەيلى.
خەلىقنىڭ ئېشىدىن، يىمىسەم مەيلى.
بولسىمۇ قانۇننىڭ، ئۇزۇن سىرتمىقى ،
يىغىدۇ بىر كۈنى، دىققەت قىلمىسام.
مايماق ئىجادىيىتى
بۈگۈن، ئۈرمچى
(بۇ شېئىر، 2011-يىلىنى خەلىققە چاكار بولۇپ ئۆتكۈزگەن، رەھبەرلەرگە سۇنغان يېڭى يىللىق سوۋغام.)
تورداشلارغا سۆز :
بىرىنچىسى، تېمىلىرىم مىسرانىمدىن چىقىپ كەتمىسۇن.
ئىككىنچىسى،رازۋىتكا ھېكايەمنى ئالدىرىماي يازىمەن..
ھازىر شېئىر يازىمەن...قىز بۇلىغان بايۋەتچىنىڭمۇ داۋامى بار....ئىشقىلىپ يوللايمەن....شۇڭا داۋامى بار دەپ يازمىغان.
باشقۇرغۇچىلار خاپا بولماي بىرىنچى مىسرانى ئوخشاش قىلىپ قويغان بولساڭلار.جاپا چەكتىڭلار.
ما شېىر قانداق قىلسام بىر يەرگە كىلىۋالدى.....تۆت مىسراسى بىر كوپلىت. ئاندىن ئىككى مسراسى بىر كوپلىت.
ئاخىرىغىچە شۇنداق.....ئاۋارە قىلدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-7 11:33 AM