كېندىكىڭنى يېرىم ئېچىۋەت
( ئۇچقۇنى)
چاچلىرىڭنى قىسقا قويۇۋەت،
يۈزلىرىڭنى ھەرخىل بويۇۋەت.
بىھۇش بولسۇن ئۆتسە يېنىڭدىن،
كۆكسۈڭ بىلەن يىنىك سوقۇۋەت.
قاشلىرىڭنى جانغا ئېتىۋەت،
بەللىرىڭگە تولغاق قېتىۋەت.
رومالىنى يىرتىپ ھايانىڭ،
پەدىشەپنى ئەرزان سېتىۋەت.
كۆزلىرىڭدىن ئەپسۇن چېچىۋەت،
ھىسسىياتنى بۆسۈپ پېچىۋەت.
كۆز ئۈزمىسۇن قېرى -ياش سەندىن،
كېندىكىڭنى يېرىم ئېچىۋەت.
ياغلىقىڭنى كۆمۈپ تېقىۋەت،
شەھۋەتلەرگە ئوتنى يېقىۋەت.
كېيسەڭ ئىچى كۆرۈنۈپ تۇرسۇن،
كۆينەكلىرىڭ ئەينەك چېقىۋەت.
خىياللارنى تەكرار قېزىۋەت،
كالپۇكلارنى سۆيۈپ ئېزىۋەت.
چۈشلەرگە ھەم يالىڭاچ كىرىپ،
يوتقانلارغا رەسىم سېزىۋەت.
مەنبە: ئابلىكىم ئەركىن ئۇچقۇنى
2012.1.6 ۋۇخەندە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uqkuni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-6 02:50 PM