ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبەرداشلىرى بۇگۇنكى ( جۇمە ) بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !! ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلارنىڭ سالامەت ئىشىڭلارنىڭ ئوڭشلىق ، تىجارىتىڭلارنىڭ بەرىكەتلىك بولۇشىنى چىن دىلىمىدىن ئۇمىد قىلىمەن !!
مـەخـــســـەت : مۇنبىرىمىزدە كۆچۇرمىكەشلىك ئەھۋالى بەك ئىغىر بۇ دىمەكچى بولغىنىم بىر ئوبدان ئەسەرنى باشقا مۇنبەردىن كۆچۇرۇپ ئەكىلىپ ئۇنى ئۆزگەرتىپ ئۆزىنىڭ ئەسىرى قىلۋىلىش ، خىجىل بولماستىن ئۆزىنىڭ ئىسمىنى شۇنداق چىرايلىق تەخەللۇس بىلەن << مەمەت سەمەت ھاۋايى ، قۇملۇقتىكى ياۋايى >> ئاتاپ مۇنبەردە شۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى بىلەن زىدىيەت پەيدا قىلماقتا !!
مىنىڭ كۆز قارىشىم : ياخشى يىزىلغان ، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى بولغان ئەسەرنى كۆچۇرۇپ ئەكەلسىڭىز بولىدۇ ، لىكىن ئۇ ئەسەرنىڭ
كىلىش مەنبەسى ، ئاپتۇرنىڭ ئىسىمى قاتارلىق مۇھىم يەرنىمۇ قوشۇپ قويۇڭ !! مەنمۇ ئانچە مۇنچە ئەسەر يوللايمەن ، كىلىش مەنبەسىنى ئەسكەرتىمەن ، ئاپتۇرنىڭ نامى بىلەن يوللايمەن ، ئانچە مۇنچە ئۆزەممۇ يىزىپ قويىمەن ، بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق زىدىيەتنىڭ ئالدى ئىلىنسا .
ئەمدى يۇقارقى قۇرلارغا كۆز يۈگۈرتەيلى :
بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ؛ نۇرشات نۇرمۇھەممەد شەرارى بولۇپ ئاپتۇر بۇ ئەسەرنى 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى تورداش يازمىلىرى تورىدا << ئۇرۇمچىدە بولدۇق مۇساپىر >> دىگەن مەزمۇندا ئىلان قىلغان ، بۇگۇن بولسا مىسرانىم مۇنبىرىدە << ياۋرۇپادا بولدۇق مۇساپىر >> دەپ ئىلان قىلغان . ھەم شېئىرنىڭ يىزىلغان ۋاقتىنى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى دەپ ئىلان قىلغان مىنىڭچە بۇنداق قىلشىنىڭ شۇنداقلا ئوقۇرمەنلەرنى ئالداشنىڭ ئورننى يوققۇ دەيمەن . بۇنىڭدىن كىيىن ھەر قانداق ئورۇن باسار ياش يازغۇچىلارنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن ، ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن ، كەلگۇسىدىكى ئەۋلادىمىز ، پۇچەك ، ساختا ئەسەرلەرنى ئوقۇپ تەرەقىياتى نۇرمالسىز بولۇپ قىلىشى مومكىن !!
ئاپتۇر پەقەت ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى تىمىسىنى ئۆزگەرتىپ چاپلاپ قويغان ، ئاپتۇرنىڭ دىققەت قىلىپ كەلگۇسىدىكى نوتىلارغا ساپ، ساغلام ، ھەقىقىي يىزىلغان ئەسەرلەرنى يىزىپ ئۇلارنىڭ ئۆسۇپ ، ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۇچۇن يول ئىچىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن :
ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر
سەپەر قىلدۇق ياد بىر دۆلەتكە ،
كۆنمەك بولدۇق يىڭى سەھەرگە .
يازدىم دەرتنى مۇشۇ ئەسەرگە ،
ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
***
ئېگىز _ئېگىز بىنا ئالدىمدا ،
كېسەك ئۆيۈم دائىم يادىمدا .
كۆنمىكىم تەس مۇشۇ ھالىمدا ،
ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
***
ياد دۆلەتتە بىزگە ياش ھەمراھ ،
ياتاق ئىچى بولۇر قىبلىگاھ .
كۆرۈپ تۇرار ھەممىنى ئاللاھ .
ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
***
ئانام ئەتكەن لەغمەنلەر قېنى ؟
جان بالام دەپ كەلگەنلەر قېنى ؟
شۇ مېھىرنى بەرگەنلەر قېنى ؟
ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
***
سىرتقا چىقساق قالىمىز ئىزىپ ،
شۇنداقتىمۇ توختىماي كىزىپ .
يۇرتىمىزغا كەتكىمىز كېلىپ ،
ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
***
شۇ پىغاندا يۈردۇق كۈلەلمەي ،
يۇرتتىكىدەك ئەركىن يۈرەلمەي .
چارە يوقمۇ زادى بىلەلمەي ،
ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
***
ئۆتەر كۈنلەر تەتۈر ساناقتا ،
تەييار تۇرار ياشلار چاناقتا .
تۇرغاندەكلا گويا قاماقتا ،
ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
***
يىراقلاردا قالدى يۇرتىمىز ،
كىتىشكە ھېچ يەتمەس قۇربىمىز ،
ئۆزگىرىپمۇ كەتتى تۇرقىمىز ،
ياۋروپادا بولدۇق مۇساپىر .
مەنبە:نۇرشات نۇرمۇھەممەد شەرارى
2010-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى
يەنە بىر ئەسەرگە كۆز يۈگۈرتەيلى :
سەپەر قىلدۇق ياد بىر شەھەرگە ،
كۆنمەك بولدۇق يىڭى سەھەرگە .
يازدىم دەردىنى مۇشۇ ئەسەرگە ،
ئۈرۈمچىدە بولدۇق مۇساپىر .
***
ئىگىز-ئىگىز بىنا ئالدىمدا ،
پاكار بىنا قالغان يادىمدا .
كۆنمىكىم تەس مۇشۇ ھالىمدا ،
ئۈرۈمچىدە بولدۇق مۇساپىر .
***
تۇنجى كىلىپ ئالى مەكتەپكە ،
بۆلۈندۇق بىز ھەربى ئەترەتكە .
مۇپتىلامۇ بولدۇق ھەسرەتكە ،
ئۈرۈمچىدە بولدۇق مۇساپىر .
***
ئاپام ئەتكەن لەغمەنلەر قىنى ؟
جان بالام دەپ كەلگەنلەر قىنى ؟
شۇ مېھىرنى بەرگەنلەر قىنى ؟
ئۈرۈمچىدە بولدۇق مۇساپىر .
***
سىرتقا چىقساق قالىمىز ئىزىپ ،
شۇنداقتىمۇ توختىماي كىزىپ .
يۇرتىمىزغا كەتكىمىز كىلىپ ،
ئۈرۈمچىدە بولدۇق مۇساپىر .
***
شۇ پىغاندا يۈردۇق كۈلەلمەي ،
يۇرتتىكىدەك ئەركىن يۈرەلمەي .
چارە يوقمۇ زادى بىلەلمەي ،
ئۈرۈمچىدە بولدۇق مۇساپىر .
***
ئۆتتى كۈنۈم تەتۈر ساناقتا ،
تەييار تۇرار ياشلار چاناقتا .
تۇرغاندەكلا گويا قاماقتا ،
ئۈرۈمچىدە بولدۇق مۇساپىر .
***
يىراقلاردا قالدى يۇرتىمىز ،
كىتىشكە ھىچ يەتمەس قۇربىمىز .
ئۆزگىرىپمۇ كەتتى تۇرقىمىز ،
ئۈرۈمچىدە بولدۇق مۇساپىر .
2011-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى
ئاپتۇرى : نۇرشات نۇرمۇھەممەد شەرارى*
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-6 04:55 PM