|
|
|
|
ئالىملار جەنۇبى قۇتۇپنىڭ چۇڭقۇر دىڭىز ئاستىدىن يىڭى جانلىقلارنى بايقىدى
<ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گىزىتى>نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگىلىيە ئالىملىرى جەنۇبى قۇتۇپنىڭ دىڭىز يۈزىدىن 2400مىتىر چۇڭقۇرلىقىدا كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان ھاياتلىق ئىزنالىرىنى بايقىدى، بۇ جايدا ناھايىتى كۆپ دىڭىز جانلىقلىرىنىڭ ھىلىمۇ ھايات كەچۇرىۋاتقانلىقىنى،دىڭىز ھازىرغىچە بايقالمىغان تۈرلۇك قىسقۇچ پاقا تۈرلىرى ۋە باشقا تۈرلۇك دىڭىز جانلىقلىرىنى بايقىدى.
بۇخىل جانلىقلار دىڭىز ئاستىدىكى يانار تاغ ئىغىزىغا يىقىن جايلاردا ياشايدىغان بولۇپ،ئوتتۇرچە تىمپۇراتورىسى380سىلسىيە گىرادۇسقا يىتىدىكەن. بۇ دىگەنلىك ئادەتتىكى بىر مىتالنى ئىرىتىۋىتەلەيدىغان ئىسسىقلىق.بۇ جانلىقلار ئاشۇنداق شارائىتتىمۇ يەنىلا ياشاپ كىلىۋىتىپتۇ.
ھەممىمىزگە ئايانكى دىڭىز يۈزىدىن 2400مىتىر چوڭقۇرلۇققا ئادەتتە كۈچلۇك يورۇقلۇقمۇ چۈشەلمەيمەيدۇ،بۇ جانلىقلار يانارتاغ ئىغىزىدىن چىققان قويۇق ئىسلاردىن بىرخىل خىمىيىلىك ماددىنى ئاجرىتىپ ئۇنى ئىنىرگىيە مەنبەسى قىلىپ ياشاپ كىلىۋىتىپتۇ. بۇ ئەمەلىيەت ئالىملارنىڭ بۇ جانلىقلارنىڭ مۇشۇنداق ناچار شارائىتتىمۇ ھايات كەچۈرىشىنىڭ يەرشارىدىكى ھاياتلىق مەنبەسىنى ئىزدەشنىڭ يىپ ئۇچى بولۇپ قىلىشى مومكىن دەپ پەرەز قىلىشتى.
ئالىملار بۇ قىتىم بايقىغان 20 نەچچە يىڭى تۈر ئىچىدە سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى مۇشۇ خىل جانلىق بولۇپ،بۇ جانلىقلار ئاز دىگەندە 600دىن كۆپرەكى يانار تاغ ئىغىزىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىۋىلىپ توپلىشىپ باكتىرىيە زەمبۇرۇغ دىگەندەك جانلىقلارنى تۇتۇپ يەپ ھايات كەچۈرىدىكەن.
مانا بۇ جەنۇبى قۇتۇپتىن بايقالغان ئاق رەڭلىك دىڭىز سىيا بىلىقى.
ئۇلانما:http://news.qq.com/a/20120106/000318.htm#p=1
مەنبە:تىڭشۇن خەۋەرلەر تورى.
تەركىن تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TaRKiN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-6 12:01 PM
|
|
|
|
|
|