مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 682|ئىنكاس: 22

قايتىلانغان ھېجران(مېھرىم0996) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات گۈزەل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 786
يازما سانى: 221
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6661
تۆھپە نۇمۇرى: 315
توردا: 714 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 10:19:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قايتىلانغان ھېجران


(ھېجران ئازابى بولغاچقىلا مۇھاببەت تاتلىق ھەم شىرىن بولىدۇ)


ئوبلاست بويىچە خېلىلا چوڭ بۇ مەكتەپ تەتىل بولىشىغا قارىماي ناھايىتى جانلىنىپ كەتكەن بولۇپ ،داۋاملىق تەربىيلىنىش كۇرسىغا قاتناشقىلى كەلگەن كۇرسانتلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ،كۇرسانتلار ئاساسلىغى ئوبلاستقا قاراشلىق سەككىز ناھىيىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ  كەسىپلەر بويىچە تىزىملىتىپ بولغاندىن كېيىن ،تىزىملىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىغا ياتاققا تىزىملاتقىلى مېڭىشاتتى...
گۈلفىرە كىچىك قول چامىدانىنى كۆتۈرگىنىچە تاكسىدىن چۈشۈپ دەرھال ئالدىدا كەتكەن دوستى ھەم خىزمەتدىشى زۆھرەگە تېلفۇن قىلدى:
-ۋەي ، تېچلىقمۇ ئاداش ،نەدىسەن؟
-تېچلىق ،كەلدىڭما؟ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىدە تىزىملىتىدىكەنمىز  ،مەن تىزىملىتىپ بولدۇم،دەرھال مۇشۇ يەرگە كەلگىن ،سېنى تىزىملىتىپ قوياي دىسەم سالاھىيەت كېنىشكىسى  بولىشى كېرەككەن.
-ھە،ماقۇل ھازىر باراي ،ساقلا ھە .
گۈلفىرە مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ تونۇش مەنزىرلەرگە قارىغاچ ئوقۇتۇش بىناسىغا كىرىپ كەلدى ۋە خەنزۇ تلى كەسپىگە تىزىملاۋاتقان خەنزۇ ئوقۇتقۇچىنى كۆرۈپ خوشاللىغىدىن ۋاقىرىۋەتتى:
-سۈن مۇئەللىم! ياخشىمۇسىز؟
تىزىملاۋاتقان  ئوقۇتقۇچى دەپتەردىن بېشىنى كۆتۈرۈپ  :
-ياخشىمۇسىز !ۋوي گۈلفىرە ،سىزكەنسىزغۇ؟سىزمۇ كۇرىسقا قاتناشقىلى كەپسىزدە؟دىدى.
-ھەئە،مۇئەللىم مەن يەنە بىر قېتىم سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز بولىدىغان بولدۇم ،بەك ياخشى بولدى ،دىدى گۈلفىرە خوشال بولۇپ .
-شۇنداق ،مەن يەنە بىر قېتىم سىلەرگە سىنىپ مەسئۇلى بولىدىغان بولدۇم.
سۈن مۇئەللىم سۆزلىگەچ گۈلفىرەنى تىزىملىۋالغاندىن كېيىن :
-ئۈچىنچى  قەۋەتكە چىقىپ  پۇل تاپشۇرۋەتكەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىدىن ياتاق ئېلىۋېلىڭلار ،ئەتە دەرىس باشلىنىدۇ ،دىدى.
-ماقۇل ،خوش ئەمىسە مۇئەللىم ،ئەتە دەرىستە كۆرۈشەيلى .
گۈلفىرە  ئوقۇتقۇچىسى بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن دوستى زۆھرە بىلەن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقىپ  پۇل تاپشۇرۋەتكەندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىغا ياتاق ئېلىش ئۈچۈن مېڭىشتى...
ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۇلار مەكتەپ ئاشخانىسىدا ناشتا قىلغاندىن كېيىن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ يان تېمىغا چاپلاغلىق ئۇختۇرۇشتا يېزىلغىنى بويىچە چوڭ زالغا كىرىپ ئارقا رەتكىرەك بېرىپ ئولتۇرۇشتى.
ياز ۋاقتىسى بولغاچقا بۇ 350 كىشىلىك زال ناھايىتى ئىسسىپ كەتكەن ئىدى.ھاۋا تەڭشىگۈچ بولمىغاچقا زالنىڭ ھەر ئىككىلا ئىشىگى ھەم دېرىزىلەرنىڭ ھەممىسى ئېچىۋىتىلگەن بولسىمۇ زال يەنىلا ناھايىتى ئىسسىق ئىدى.ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قولىدا بىردىن چاي قۇتىسى ۋە يەلپۈگۈچ  بار ئىدى.
گۈلفىرە بىلەن زۆھرە ئارقا رەتتە ئولتۇرغان بولغاچقا زالغا كىرىپ كېلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى دىگۈدەك كۆرۈپ ئولتۇراتتى.
-زۆھرە  ،بىزنىڭ ناھىيىدىن كەلگەنلەر جىقمۇ نىمە؟دىدى گۈلفىرە .
-شۇنداقكەن ،باشقا ناھىيىگە قارىغاندا بىزنىڭ ناھىيىدىن جىق كەپتىمىز ،قارىمامسەن ،ساپلا تونۇش ئوقۇتقۇچىلار، دىدى زۆھرە كىرىۋاتقانلارغا قارىغاچ.
بىردەمدىن كېيىن ھەر -بىر كەسىپكە تەۋە ئوقۇتقۇچىلار كىرىپ  سىنىپلار بويىچە  كۇرسانتلارنىڭ تىزىمىنى ئوقۇشقا باشلىدى.گۈلفىرە سۈن مۇئەللىمنىڭ سىنىپىغا بۆلۈندى.زۆھرە بولسا ماتىماتىكا سىنىپىغا بۆلۈندى.لېكىن مەكتەپ ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىغى ئوقۇتقۇچىلارغا بەش كۈنگىچە مۇشۇ زالدا ئوپچە لىكسىيە ئاڭلايدىغانلىغىنى ،بەش كۈندىن كېيىن كەسىپلەر بويىچە سىنىپلارغا كىرىپ دەرىس ئاڭلايدىغانلىغىنى ،ھاۋا ئىسسىق بولغاچقا كۇرسانتلارغا ئامالنىڭ بارىچە شارائىتنى ياخشىلاپ بېرىدىغانلىغىنى ،تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش لازىملىغى،خالىغاندا قەرەلسىز يوقلام قىلىنىدىغانلىغى،ئەگەر سەۋەپسىز يوق ۋاختى ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتسە كېنىشكە بېرىلمەيدىغانلىغى قاتارلىقلارنى ئۇختۇرغاندىن كېيىن چىقىپ كەتتى.
-زۆھرە ،مېنىڭ قوش تىلىدا بىللە ئوقۇغان ساۋاغداشلىرىممۇ باركەن قارا ،دىدى گۈلفىرە .
-بىر سىنىپتا ئوقۇغانلارما؟
-ھەئە ،باشقا سىنىپتىكىلەرمۇ باركەن ،بايا نەچچىسىنى يىراقتىن كۆرۈپ قالدىم.
-كۆرۈشۈۋالغۇدەكسەن ئەمىسە....
دەل شۇ ۋاقىتتا بىر ئەر ئوقۇتقۇچى كىرىپ ئۆزىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن لىكسىيىسىنى باشلىدى.ئۇلار دەرھال دېققىتىنى يىغىپ لىكسىيە ئاڭلاشقا باشلىدى.
لىكسىيە بىرەر سائەت داۋاملاشقاندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى كۇرسانتلارنى ئون مىنۇت ئارام ئېلىپ كىرىشكە قويۇپ بەردى.
-گۈلفىرە ،ماڭە ئاداش ،سىرتقا چىقىپ شامالداپ كىرەيلى ،بەك ئىسسىق ،دىدى زۆھرە .
-ماقۇل .
ئۇلار سىرتقا چىقىپ ئاستىغا چىملىق ياتقۇزۇلغان سۆگەتزارلىق تەرەپكە مېڭىشتى .
-   گۈلفىرە !
كەينى تەرىپىدىن چىققان ئاۋازنى ئاڭلاپ گۈلفىرە كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى.ئارقىدا ئىككى ئەر تۇراتتى .گۈلفىرەنىڭ ئىسمىنى توۋلىغىنى گۈلفىرەنىڭ قوش تىلىدا بىللە ئوقۇغان ساۋاغدىشى غالىپ ئىدى.
-ۋۇي !سىزكەنسىزغۇ؟تېچلىقمۇ؟سىزمۇ كەپسىزدە؟
-شۇنداق ،تۈنۈگۈن غىل-پال كۆرگەندىم سىزنى،شۇمۇ ئەمەسمۇ دەپ بولغىچە يوقاپ كەتتىڭىز .بۈگۈن قارىسام ئالدىمدىلا ئولتۇرۇسىز ،دەرىس ۋاقتىسى ئەھۋال سوراشقا مۆمكىن بولمىدى.
-ھە ،سىز كەينىمىزدە ئولتۇرغانما؟
-ھەئە ،پەقەت ئۆزگەرمەپسىز گۈلفىرە ،يەنىلا شۇنداق ئوماق مۇلايىم تۇرۇپسىز.
-سزمۇ ئۆزگەرمەپسىزغۇ؟
-نەدىكىنى ،قېرىپ كەتتۇق.
-بىز ئوقۇش پۈتتۈرگىلى ئاران ئىككى يىل بولغان تۇرسا ،ئىككى يىلدا قېرىپ كېتەمدىكەن؟
-دەرت يامان دەيمەن.
ھا ھا ھا ..........................
ئۇنىڭ «دەرت يامان »دىگەن گېپىگە ھەممەيلەن كۈلۈپ كېتىشتى.
-يۈرۈڭلار ،ئىچىملىك ئىچىپ كېلىمىز ،دىدى غالىپ.
-بولدى ،سىلەر بېرىپ كېلىڭلار ،بىز مۇشۇ يەردە بىردەم ئولتۇرىمىز .
-ماقۇل ئەمىسە .
ئۇلار كەتكەندىن كېيىن زۆھرە:
-كىمۇ ئۇ؟ساۋاغدىشىڭما؟ھەجەپ كېلىشكەن بالىكىنا ،دىدى.
-ھەئە،قوش تىلىدا ئوقۇغاندا بىر سىنىپتا ئوقۇغان.ئىسمى غالىپ ،خەنزۇچىگە بەك ئۇستا ،سۆزلىسە خەنزۇمۇ نىمە دەپ قالىسەن.
-ھە ،شۇنداقمۇ؟
ئاڭغىچە ئارام ۋاقتىمۇ توشتى .ئۇلار زالغا يېنىپ كىرىپ ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇشتى .ئوقۇتقۇچى كىرىپ لىكسىيىسىنى باشلىدى .لىكسىيە ناھايىتى مەزمۇنلۇق سۆزلىنىۋاتاتتى.سۆزلەۋاتقىنى ئوبلاستىلا ئەمەس ،ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىمۇ خېلى نامى بار كىشى بولۇپ گۈلفىرە بىرەر سۆزنىمۇ ئاڭلىيالماي قېلىشتىن ئەنسىرىگەندەك پۈتۈن دېققىتى بىلەن لىكسىيە ئاڭلاشقا بېرىلىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ مۈرىسىنى بىرسىنىڭ يېنىككىنە نوقۇشىدىن سەل -پەل چۆچۈپ كەينىگە قارىدى.كەينىدە غالىپ ئىككى بوتۇلكا يېشىل چاينى تەڭلەپ تۇراتتى.گۈلفىرە بوش ئاۋازدا «رەھمەت»دىدى-دە ،چاينى ئېلىپ بىرنى دوستى زۆھرەگە ئۇزاتتى.لىكسىيە يەنە ئىككى سائەت داۋاملاشقاندىن كېيىن تۈگۈدى.ھەر-بىر سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇللىرى كىرىپ نۆۋەت بىلەن يوقلام قىلىشقا باشلىدى.ئوتتۇرا مەكتەپ ئىجتىمائى پەن ،تەبىئى پەن ئىككى سىنىپ ،باشلانغۇچ مەكتەپ ئەدەبىيات ،ماتىماتىكا ،خەنزۇتىلى ئۈچ سىنىپ جەمئىي بەش سىنىپ بولۇپ ،ھەر -بىر سىنىپتا 80 ،  90 دىن ھەتتا 100 دىن ئارتۇق كۇرسانت بار ئىدى.ھەر -بىر سىنىپنى ئايرىم -ئايرىم يوقلام قىلىپ بولغىچە يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتەتتى.
يوقلامدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئۇلار سىرتقا چىقتى .چۈش بولغان بولغاچقا ھاۋا تازا ئىسسىپ كەتكەن ئىدى.
-مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرەمدۇق ؟ياكى ئالدى تەرەپكە چىقىمىزمۇ ؟دىدى گۈلفىرە .
-بۈگۈنچە مەكتەپنىڭكىنى يەپ باقايلىمۇ؟
-مەيلى ئەمىسە ،يۈرە.
-ئاداش ،چۈشتىن كېيىن دەرىستىن چۈشۈپ بازارغا بېرىپ كۈنلۈك ئەكىلەيلى .بۇ ئىسسىقتا ماڭغىلى بولمىغۇدەك،يا سايە يەرمۇ يوقكەن.
-شۇنداق قىلايلى.
دەل شۇ چاغدا غالىپ بىلەن دوستى يېتىپ كەلدى-دە ،غالىپ:
-گۈلفىرە ،يۈرۈڭلار ،بازارغا بېرىپ تاماق يەپ كېلىمىز ،دىدى.
-بولدى رەھمەت ،بۇ ئىسسىقتا بىز بارمايلى.
-مېڭىڭلار دەيمەن ،تەييار ماشىنا بار .
-ياق بولدى ،بىزنىڭ ئازراق ئىشىمىز بارتى ،سىلەر بېرىپ كېلىڭلار .
-يائاللا گۈلفىرە ،مېجەزىڭىز پەقەت ئۆزگەرمەپتۇ سىزنىڭ ،يەنىلا شۇنداق تەرسا،ماقۇل بىز ماڭدۇق ئەمىسە .
ئۇلار كەتكەندىن كېيىن زۆھرە:
-گۈلفىرە ،مەن قارىسام بۇ ساۋاغدىشىڭ ساڭا باشقىچە قارايدىكەن،سېنى ياخشى كۆرەمدۇ نىمە؟دىدى.
-نىمىلەرنى دەيدىغانسەن ؟دىدى گۈلفىرە قىزارغىنىچە :
-قالايمىقان پەرەز قىلما جۇمۇ.
-راست ،ئۇنىڭ ساڭا قارىغاندىكى كۆزلىرىدىن بىلىنىپلا تۇرىدۇ.ھەم ئەتتىگەندىكى كەيپىياتى ،بەك خوش بوپ كەتتى.
-ۋاي ماڭغىنا ،ئۇنداق ئىش يوق،خەقنىڭ كۆزىگە قاراپ يۈردۈڭما ئىزا تارتماي،-گۈلفىرە گەپنى چاخچاققا بۇرىۋەتتى-دە گەپنى يۆتكىدى:
توۋا ،بۇ مەكتەپ قىلچىمۇ ئۆزگەرمەپتۇ،ئىككى يىلنىڭ ئالدىدىكىدەكلا ،يەنىلا شۇنداق قاغجىراق.مۇشۇ يولدىن ئالتە ۋاق ماڭاتتۇق،ياتاق بىنالىرىمۇ شۇ.ياتاق بىناسىنى تازىلايدىغان ئەر -ئايال خەنزۇلارمۇ شۇ.مەن بىز ياتقان بىنانىڭ 3- قەۋىتىدە ياتقان.بۇ قېتىم 4- قەۋىتىدە يېتىپتىمىز.كەچتە ياتىغىمغا كىرىپ چىقايمىكىن .
-ئوقۇغان ۋاقىتلىرىڭ ئېسىڭگە كېپ قالدىمۇ ؟ھەجەپ ئىسسىقكەن بۇيەر،دىدى زۆھرە،بازارنىڭ يىراقلىغى،40   ،  50  مىنۇتتا ئاران كەلگىلى بولىدىكەن ئاپتۇزدا ،تاكسىغا چىقسا 20 كوي ،قاچانمۇ توشا 20 كۈن؟
-شۇ سەنمۇ قوش تىلىدا ئوقۇپ قالساڭ مۇشۇ يەردە ئوقۇيسەن.
ئۇلار پاراڭلاشقاچ مەكتەپ ئاشخانىسىغا كىرىپ كەلدى.چۈش بولغاچقا ئادەممۇ خېلى جىق ئىدى.ئۇلار بىردەم ساقلاپ ئادەم سەل سىلىككەندىن كېيىن تاماق ئېلىپ يىيىشىپ ياتاقلىرىغا قايتىشتى.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە  كۈن ساناپ يۈرۈپ ئون كۈننى ئۆتكۈزۈشتى .ئون كۈن جەريانىدا غالىپ گۈلفىرەنى نەچچە قېتىم تاماققا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ گۈلفىرە بانا كۆرسىتىپ چىقمىدى.ئۇلار ھازىر بىر سىنىپتا دەرىس ئاڭلاۋاتاتتى .گۈلفىرە غالىپ بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ ئاتايىن قوشنا ياتاقتىكى خىزمەتدىشىنى ساقلاپ دەرىسكە بىللە چىقىپ بىللە ئولتۇراتتى.شۇنداقتىمۇ غالىپ دائىم گۈلفىرەنىڭ كەينىگە كېلىپ ئولتۇرۋالاتتى.بىر كۈنى گۈلفىرە دادىسىنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ھاممىسى يەنى دادىسىنىڭ سىڭلىسىنى يوقلاپ ،ئەتىسى ئەتتىگەندە ئۇتتۇرلا سىنىپقا كىردى.ھېلىقى خىزمەتدىشىنىڭ يولدىشى داۋالانغىلى كەلگەچكە خىزمەتدىشى رۇخسەت سورىغان ئىدى.شۇڭا گۈلفىرە ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇشقا توغرا كەلدى.دەرىس باشلىنىپ ئون مىنۇتلاردىن كېيىن غالىپ كىرىپ كەلدى-دە گۈلفىرەنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى.بۈگۈن دەرىس ئۆتىۋاتقان ئوقۇتقۇچى خۇددى شەرتنى ئادا قىلغىلى كىرگەندەك كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۋىلىپ  توختىماستىن سۆزلەۋاتاتتى.ئوقۇتقۇچىلار دەرىس ئاڭلاۋاتامدۇ ئاڭلىمايۋاتامدۇ كارى يوق ئىدى.شۇڭا  ئوقۇتقۇچىلارمۇ پاراڭ سېلىشىپ ئولتۇراتتى.
-گۈلفىرە ،مەندىن نىمانداق قاچىسىز؟مەن شۇنچىۋالا ئەسكىمۇ ؟دىدى غالىپ بوش ئاۋازدا .
-نىم دەيدىغانسىز ؟نەدە سىزدىن قاچتىم؟
-نەچچە قېتىم تاماق يەپ كېلەيلى دىسەم بانا كۆرسىتىپ ئۇنىمىدىڭىزغۇ؟
-ئۇ چاغدا راست ئىشىم باتى.
-ئەمىسە بۈگۈنچۇ؟بۈگۈنمۇ ئىشىڭىز بار ھەقىچان ؟
-بۈگۈن ....
گۈلفىرە دەماللىققا گەپ قىلالمايلا قالدى.
-ئۇنداق قىلماڭ گۈلفىرە ،مېنىڭ باشقىچە مەقسىدىم يوق،يالغۇز چىقىشتىن قورقسىڭىز دوستىڭىز زۆھرەنى ئېلىۋېلىڭ،سىزنىڭ نىمىدىن ئېھتىيات قىلىۋاتقىنىڭىزنى بىلىمەن.سىز گەپ-سۆزگە قېلىشتىن ئەنسىرەيسىز.ئۈچەيلەن بىللە بارغانكىن خەقلەرمۇ خاتا چۈشەنمەيدۇ بولامدۇ؟
..............
يەنە نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ كۇرىسمۇ ئاخىرلىشىدۇ.سىزمۇ ،مەنمۇ جايىمىزغا كېتىمىز .يەنە قاچان كۆرۈشىشىمىزنى كىم بىلىدۇ؟
-ماقۇل ،ئەمىسە زۆھرە ئۈچىمىز بىللە چىقايلى.
-رەھمەت گۈلفىرە ،ھەنىم بولسا قوشۇلدىڭىز.
...........
چۈشتىن كېيىن ئىككى سائەت دەرىستىن كېيىن گۈلفىرە ياتاققا كىرىپ كىتاپلىرىنى قويۇپ قويۇپ دوستى زۆھرەنى ئېلىپ چىققاندا غالىپ ماشىنىسى بىلەن ئۇلارنى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ساقلاپ تۇراتتى.ئۇلار ماشىنىغا چىققاندىن كېيىن غالىپ بىر سۇلياۋ خالتىدىكى شاكىلات ،سېغىز قاتارلىق نەرسىلەرنى ئۇلارغا تەڭلىدى:
-مەڭلار ،يىگەچ مېڭىڭلار .
-رەھمەت غالىپ ،نىمانداق قىزلار يەيدىغان نەسىلەرنى ئېلىۋالدىڭىز؟دىدى زۆھرە.
-سىلەر قىزلار مۇشۇنداق نەرسىلەرگە ئامراققۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە گۈلىرەنىڭ مۇشۇ خىلدىكى شاكىلات بىلەن سېغىزنى سومكىسىدىن ئايرىمايدىغانلىغىنى بىلەتتىم.
-ناخشا ئاڭلامسىلەر؟غالىپ ئۇلارنىڭ جاۋابىنى كۈتمەيلا ناخشىنى قويدى.ئابدۇللانىڭ گۈلفىرە ئەڭ ئامراق ناخشىلىرى ياڭراشقا باشلىدى.غالىپ ماشىنىنى ھەيدىگەچ ماشىنا ئەينىكىدىن پات-پات گۈلفىرەگە قاراپ قوياتتى.گۈلفىرە بولسا خىيالچان كۆزلىرىنى بىر نوقتىغا تىككىنىچە ئولتۇراتتى.
-باشقا ساۋاغداشلارچۇ گۈلفىرە ،بارمۇ؟
-بار .سىز ئالاقىلاشمامسىز؟ئۆز ۋاقتىدا ئوغۇللار بىلەن خېلى يېقىن ئۆتكەنتىڭىزغۇ؟
-ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بىر مەزگىلگىچە تېلفۇنلىشىپ تۇرغان ،كېيىن ھەممىمىز ئۆز ھەلەكچىلىگىمىز بىلەن بولۇپ كەتتۇق.
ھېلىقى سىنىپ باشلىغى ئايال كىمتا؟بارمۇ؟قالتىس ئاكتىپ ئايالتى ئۇ.
-بار ،ھازىر بىر مەكتەپنىڭ ئىلمى مۇدىرى .ھازىرمۇ بەك جانلىق ئۇ ئاچىمىز .
-ھە ،زۆھرەگۈل ئىككىڭلار بىر مەكتەپتە ئىشلەيدىغان ئوخشىمامسىلەر ؟قاچانلا قارىسام بىللىلا .
-ھەئە ،ئىككىمىز بىر مەكتەپتە ،تولۇق ئورتىدىن تارتىپ بىر سىنىپتا ئوقۇغان ئىدۇق.
-زۆھرەگۈل ،ئەكرەم بىلەن بىر سىنىپتا ئىكەنسىلەر ھە؟
-ھەئە ،ئۇ ئاغىنىڭىز قالتىس شوقكەنغۇ؟
-ھەئە ،ئۇنىڭ مېجەزى شۇنداق ،جىم تۇرالمايدۇ.
-سىنىپتا قىززىق گەپ قىلىپ ھىممىمىزنى كۈلدۈرۈپ ئولتۇرۇدۇ،تۈنۈگۈن دەرىس ئۆتكەن ئايال ئوقۇتقۇچىنىمۇ كۈلدۈرۋەتتى.
-بۈگۈن بىللە ئېلىۋالايمىكىن دەپ گۈلفىرەدىن قورقۇپ دىمىدىم ئۇنىڭغا.
-غالىپنىڭ بۇ گېپىگە ھەممەيلەن كۈلۈپ كەتتى.
گۈلفىرە :نىمە دەيدىغانسىز غالىپ ؟دىدى ئوڭايسىزلانغىنىچە.
-راست دەيمەن ،دىدى غالىپ،- ئەسلى تۆتىمىز بىللە تاماق يەپ ئاندىن يېشىل تاغقا چىقىپ ئويناپ كەلسەك بولاتتى .گۈلفىرەنىڭ قوشۇلمايدىغىنى ئېنىق شۇڭا دىمىدىم.
-يېشىل تاغنى كەچلىگى بەك ئاۋات دەپ ئاڭلىدىم ،دىدى زۆھرە.
-شۇنداق ،بەك قىززىپ كېتىدۇ ،بولمىسا مۇنداق قىلايلى ،بىرەر كۈنى ياتاقتىكى ھەممىڭلار چىقىڭلار،ئاپىرىپ كېلەي،غالىپنىڭ بۇ گېپىگە گۈلفىرە ئۈندىمىدى .زۆھرە:
بىرەر كۈنى شۇنداق قىلارمىز بولمىسا ،دىدى.
ئۇلار بىر ناھايىتى چىرايلىق بېزەلگەن تاماقخانىغا كىرگەندىن كېيىن ،غالىپ ئۇلارنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي ھەر-خىل تاماقلارنى بۇيرىتىۋەتتى.
غالىپ ناھايىتى ئوچۇق ئىدى.تاماق يىگەچ قىززىق پاراڭلارنى قىلاتتى.نەچچە قېتىم گۈلفىرە بىلەن كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قېلىۋىدى گۈلفىرە ئىتتىك كۆزلىرىنى ئېپ قېچىۋالدى.غالىپنىڭ كۆزلىرىدىن چىققان ئاجايىپ ئۇچقۇن گۈلفىرەنى ھودۇقتۇرۇپ قويدى.گۈلفىرە قارىماققا ناھايىتى تەمكىندەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما كۆڭلى ناھايىتى بىسەرەمجان ئىدى.تاماقنىمۇ ناھايىتى تەستە يىدى.ئارلىقتا زۆھرە تازلىق ئۆيىگە چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتىن پايدىلنىپ غالىپ گۈلفىرەگە بىر كۇنۋىرتنى تۇتقۇزۇپ قويدى.گۈلفىرە خەتنى ئېلىش ياكى ئالماسلىقنى بىلەلمەي بىردەم ئولتۇرۇپ قالدىيۇ زۆھرەنىڭ كېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ خەتنى ئىتتىك سومكىسىغا سېلىۋالدى.تاماقتىن كېيىن مەكتەپكە قايتىش يولىدا گۈلفىرە بىردىنلا جىمىپ كەتتى.غالىپ بىلەن زۆھرەنىڭ ئاندا -ساندا قىلىشقان پارىڭىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۇلار مەكتەپكە قايتقىچە تۈزۈك گەپلەشمىدى.ئۇلار غالىپ قا رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن خوشلىشىپ ياتاقلىرىغا كىرىپ كېتىشتى.ياتاققا كىرىشىگە زۆھرەنى خوشنا ياتاقتىكى بىرسى چاقىرىپ چىقىپ كەتتى.شۇندىلا گۈلفىرە غالىپنىڭ خېتىنى ئوقۇش ئۈچۈن كارۋىتىغا چىقتى......
زۆھرە كىرگەندە گۈلفىرە يالغۇز بولۇپ كارۋىتىدا ھاڭۋاققىنىچە ئولتۇراتتى.كۆزلىرى بىر نوقتىغا تىكىلگەن بولۇپ يىغلىغان بولسا كېرەك قىپ-قىزىل قىزىرىپ كەتكەن.
گۈلفىرەنىڭ بۇ ھالىتى زۆھرەنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرۋەتتى .
-گۈلفىرە ،ساڭا نىم بولدى ؟بىردەمدە نىمە بولدۇڭ ئاداش؟زۆھرە ئالدىراپ سورىغاچ گۈلفىرەنىڭ قوللىرىدىن تارتتى:
-يۈر ئاداش ،ياتاق بەك ئىسسىپ كەتتى ،سىرتقا چىقىپ سالقىنداپ كىرەيلى .
زۆھرە گۈلفىرەنى مەجبۇرى دىگۈدەك سىرتقا ئاچىقتى.سىرتنىڭ ھاۋاسى ناھايىتى سالقىن بولۇپ ھەممە ياق جىمجىت ،كىشىگە بىر خىل ئارامچىلىق بېغىشلايتتى.
ئۇلار مەكتەپ دەرۋازىسى يېنىدىكى ئاپتۇۋۇز بېكىتىنىڭ  ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇردى.
-گۈلفىرە،دىدى زۆھرە ،-سېنىڭ ئىچىڭ بەك كۈچلۈك ھەم نازۇكسەن ،مەن قارىسام ئىچىڭدە بىرەر ئىش باردەك قىلىدۇ.غالىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ قانداق؟
........................................
-ئىچىڭدە قانداق گەپ بولسا ماڭا دىگىن ئاداش ،بىز تۈنۈگۈن بۈگۈن تونۇشقانلاردىن ئەمەس.باشلانغۇچتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە بىر سىنىپتا ئوقۇدۇق.ئالى مەكتەپتە بىللە ئوقۇيالمىغان بولساقمۇ ئەمما تەغدىرنىڭ ئىرادىسى بىلەن خىزمەتكە چىققاندىن تارتىپ يەنە بىللە ئىشلەۋاتىمىز.ئوتتۇرىمىزدا يوشۇرغىدەك ئىشمۇ يوق.ئىچىڭدە ساقلاۋەرسەڭ كۆڭلۈڭ تېخىمۇ بىئارام بولىدۇ.يوشۇرماي دەۋەرگىن ،بەلكىم چوڭ ياردەم قىلالمىساممۇ دەردىڭگە ھەمدەم بولالايمەن ...
دوستىنىڭ ئىچ كۆيەرلىك بىلەن ئېيتقان گەپلىرى گۈلفىرەنىڭ قەلبىنى بىردىنلا ئېرىتىۋەتتى .گۈلفىرە چوڭقۇر بىر ئۇھ تارتىۋەتكەندىن كېيىن زۆھرەگە قارىدى:
-سەندىن نىمىنىمۇ يوشۇرارمەن زۆھرە ،كىچىگىمىزدىن تارتىپ ھازىرغىچە يېقىن دوسلاردىن بولۇپ ئـۈتۈۋاتىمىز ،ھازىرغىچە سەندىن ھېچنىمىنى يوشۇرمىغان بولساممۇ ئەمما بىر ئىشنى يوشۇرۇپ كەلگەن ئىدىم.سەۋەبى ساڭا ئېيتىشقا ئۇيالغان ئىدىم .بۈگۈن ساڭا ھەممىنى دەيمەن ئاداش.بۇ بەلكىم ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ سىناق بولسا كېرەك.گۈلفىرە ئاسمانغا قاراپ چوڭقۇر تىندى .
-ئېسىڭدىمۇ؟ھېلىقى يىلى مەن تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ھەممىدىن بىزار بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىمدا ئىككى يىللىق ئوقۇشقا بارىدىغانغا بىزنىڭ مەكتەپكە بىر سان كېلىپ قالدى.ئىلمى مۇدىرىمىز ئايال كىشى بولغاچقا مېنىڭ ئەھۋالىمنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ ساننى ماڭا بەردى.كېيىن ئىككى يىللىق ئوقۇش يوق بولۇپ بىريىللىققا ئۆزگەرگەن بولسىمۇ مەن قوشۇلدۇم ھەم ئوقۇشقا كەتتىم.ئوقۇشقا بېرىپ بىرمەزگىلگىچە پەقەت ئېچىلالمىغان بولساممۇ بارا-بارا يېڭى موھىت، ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمنىڭ يەنە تەكرارلىنىشى مېنىڭ قەلبىمدىكى دەرت -ئەلەملەرنى خېلىلا ئۇنتۇلدۇردى.سىنىپىمىزدا ئوبلاستقا قاراشلىق 8 ناھىيەدىن كەلگەنلەر بارتۇق.ھەممەيلەن ناھايىتى ئىناق ئۆتەتتۇق.دەسلەپتە يېتىرقاشقان بولساقمۇ لېكىن بىر سىنىپتا بولغانكىن تەبىئى ھالدا پاراڭلىشىپ بىر-بىرىمىزگە ئېچەكىشىپ كەتتۇق.بىز سىنىپلارغا ئايرىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن كومپىيۇتىر سىنىپىدىن بىر بالا بىزنىڭ سىنىپقا يۆتكىلىپ چىقتى.خەنزۇچە سەۋىيىسى بەك يۇقۇرى بولۇپ مېجەزىمۇ بەك ئوچۇقتى.قىزلار بولسۇن ئوغۇللار بولسۇن ھەممىسى بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئۆتەتتى.پەقەت مەن بىلەنلا ئانچە گەپلەشمەيتتى .مەن ئادەتتە بىرسى گەپ قىلمىسا گەپ قىلمايدىغان بولغانلىغىمدىن  دەپ ئويلايتتىم.يېڭى كەلگەن ۋاقتىمىزدا ئارقامدا ئولتۇرۇدىغان قارشەلىك قىزلار يېنىمدىكى ئايگۈلدىن:
-گۈلفىرە ياتاقتا گەپمۇ قىلامدۇ ؟دەپ سوراپتىكەن.كېيىنغۇ ئۇ قىزلار بىلەن بەك ياخشى ئۆتۈشۈپ كەتتۇق .ھازىرمۇ تېلفۇنلىشىپ تۇرىمىز.
بىركۈنى ھېلىقى بالا مېنىڭ خاتىرە دەپتىرىمنى سورىدى.مەن ئۇنۋىرسال خاتىرىدىن بىرنى تۇتىۋالغان ئىدىم.ئۇنىڭغا قايسىلا دەرىستىن بولمىسۇن موھىم دەپ قارىغان مەزمۇنلارنى خاتىرلەپ قوياتتىم.بەزى يەرلەردە ئۆزەم ياقتۇرۇدىغان ھېكمەتلىك سۆز- جۈملىلەرمۇ بار ئىدى.ئۇ خاتىرەمنى قايتۇرۇپ بېرىۋېتىپ خېتىمنى بەك ماختاپ كەتتى.خاتىرىنى ئېلىپ قارىسام مەن يېزىپ قويغان ھېكمەتلىك سۆزنىڭ ئاستىغا ئىككى ھېكمەتلىك سۆزنى يېزىپ قويۇپتۇ.بۇ بالىنىڭمۇ خېتى بەك چىرايلىق ئىدى .باشقىلار مېنىڭ خېتىمنى چىرايلىق دەپ ماختايتتى.ئەمما شۇ چاغدا ئۇنىڭ خېتىگە قاراپ ئۆزۈمنىڭ خېتىنى ناھايىتى سەتتەك ھېس قىلىپ كەتكەنتىم.
كەچلىك مۇزاكىرىدە مەن تولىسى شۇ كۈنلۈك تاپشۇرۇقنى ئىشلىۋېتىپلا كىتاپ ئوقۇيتتۇم .بىر كۈنى كىتاپ ئوقىۋاتسام كەينىمدىكى قىزلار :
كەچكىچە كىتاپقىلا دۈم چۈشمەي گەپكىمۇ قوشۇلۇڭ ،دەپ مېنى يېنىغا ئەكىلىۋالدى.
مۇزاكىرە ۋاقتى توشقاندا قارىسام كىتابىم يوق،ئۇياق -بۇياقنى ئىزدەپ قارىسام ھېلىقى بالىنىڭ جوزىسىدا تۇرۇپتۇ.ئەمما ئۆزى يوق .مەن كىتاپنى ئېلىپ ياتاققا قايتتىم.يۈزلىرىمنى يۇيۇپ بولۇپ چىراق ئۆچكىچە بىردەم كىتاپ ئوقۇي دەپ كارۋىتىمغا چىقىپ ئەمدى كىتاپنى قولۇمغا ئېلىشىمغا خوشنا ياتاقتىكى چەرچەنلىك قىز :
-گۈلفىرە ،بايا سىنىپتا كىتاپىڭىزنى ئېلىپ تۇرغان ئىدىم ،دەپ قولۇمغا بىر كىتاپنى تۇتقۇزۇپ قويدى.قارىسام دەل مېنىڭ كىتابىم.قولۇمدىكى كىتاپقا قارىدىم ئوپمۇ -ئوخشاش.ۋاي خۇدايىم !مەن كىمنىڭ كىتابىنى ئېلىۋالغاندىمەن ؟قارىغاندا بۇ ئاشۇ بالىنىڭ كىتابىكەن-دە؟ئەمدى بۇ كېچىدە قانداق قايتۇرغىلى بولسۇن ؟ئەتە توغرا چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى ئويلاپ يېتىپ قالدىم.ئەتىسى سىنىپقا چىقسام ئۇ بالا سوراپتىكەن .پەقەت كەچلىك مۇزاكىرىدىلا قايتىپ كەلدى.ئۇنىڭغا  چۈشەندۈرۈپ كىتابىنى قايتۇرۇپ بەردىم.شۇنىڭ بىلەن بىز تەبىئىلا كىتاپنىڭ پارىڭىغا چۈشۈپ كەتتۇق.مەن ئوقۇغان كىتاپلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئوقۇپتىكەن.مەن ئوقىمىغان نەچچە كىتاپنى ئۇ ماڭا ،ئۇ ئوقىمىغان نەچچە كىتاپنى مەن ئۇنىڭغا تەۋسىيە قىلىشتۇق.شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن دائىم پاراڭلىشىپ تۇرۇدىغان بولدۇم .بىزنىڭ نۇرغۇن قىزىقىشلىرىمىز ئوخشايتتى.ئىككىمىز بىر -بىرىمىزگە تەۋسىيە قىلىشقان كىتاپلارنى ئالماشتۇرۇپ ئوقۇدۇق.بەزىدە كىتاپتىكى پىرسۇناجلار ھەققىدە پاراڭلىشىپ كەتسەك پەقەت گېپىمىز تۈگۈمەيتتى.شۇ تەرىقىدە بىر مەۋسۈم ئـۈتۈپ كەتتى.
تەتىل قىلىپ ئۆيگە كەلگەندىن كېيىن ئۇ خىيالىمغا كىرىۋالىدىغان بولۇپ قالدى.ئىچىم نىمىگىدۇر تىتىلدايتتى.ئىختىيارسىز ھېلىقى ئۇنۋىرسال خاتىرەمنى ئېلىپ ئۇ يېزىپ قويغان خەتلەرگە قارايتتىم.ئۇنىڭ بىلەن قىلىشقان پاراڭلارنى ئەسلەيتتىم.ئۇنىڭ ماڭا ئوقۇشقا بەرگەن كىتاپلىرىنى تەكرار ۋاراقلايتتىم.كېيىن ئۆزۈمدىن ئەنسىرەشكە باشلىدىم.ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەنمۇ؟ياق ،ياق مۆمكىن ئەمەس!ئۇ بولسا توي قىلمىغان بالا مەن بولسام بىر ئاجراشقان ئايال ...ھەر گىز مۆمكىن ئەمەس!كاللام مۇشۇنداق گادىرماچ خىياللارغا چۆمۈپ كەتكەن ،قىسقىسى مەن بىر تېخىمۇ خىيالچان بىر ئايالغا ئايلانغان ئىدىم....
شۇ تەرىقىدە تەتىلمۇ توشتى.ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتىن ھەقىقەتەنمۇ قورقتۇم.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا سالقىن مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدىم.ئۇ قېشىمغا كەلسىلا مەن ئاستا باشقا تەرەپكە كېتىپ قالاتتىم.گەپ قىلىش توغرا كەلسىمۇ بۇرۇنقىدەك ئېچىلىپ يېيىلىپ گەپ قىلالمايتتىم.ئامال بار ئۇنىڭدىن ئۆزۈمنى ئېپ قاچتىم.ئوقۇش پۈتتۈردىغانغا بىر ئاي قالغاندا بىر شەنبىسى ئۆيگىمۇ ،تۇققانلارنىڭ ئۆيىگىمۇ قايتمىغان ئىدىم.ئىچىم سىقىلىپ ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ كەينىدىكى راۋاقتا كىتاپ ئوقىۋاتسام تۇيۇقسىز ئۇ ئالدىمغا پەيدا بوپ قالدى.تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بولغاچقا قېچىپ كېتەلمىدىم.
-گۈلفىرە نىمىشقا مەندىن قاچىسىز؟ئۇنىڭ يېنىمغا كېلىپ تۇنجى سورىغان سۇئالى شۇ بولدى.دەماللىققا نىمە دىيىشىمنى بىلەلمىدىم.قاچقىنىم ئەمەلىيەت تۇرسا نىمىمۇ دىيەلەيمەن؟
-مەندىن قاچقىنىڭىز مېنى قانچىلىك ئازاپلىدى بىلەمسىز؟ئۇ سۆزلەپلا كەتتى .
-سىز بىلمەيسىز گۈلفىرە ،ھېچنىمىنى بىلمەيسىز،سىزگە بۈگۈن ئىچىمدىكى بارلىق گەپلىرىمنى تۆكىۋالاي...ئۇ ئىچىۋالغانمىكىن سەل پەل دەلدەڭشىپ تۇراتتى.
-قايسىسىنى دەي؟سىزنى بىرلا كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قالغىنىمنى ،سىزنى دەپلا كومپىيۇتىر سىنىپىدىن سىز بار سىنىپقا يۆتكۈلۈپ چىققىنىمنى دەيمۇ؟كۈلسىڭىز خوشال بولۇپ قاپىغىڭىز تۈرۈلسە كۆڭلۈم يېرىم بولىدىغىنىنى دەيمۇ؟سىزنى دەپلا كۆپىنچە شەنبىلىرى ئۆيگە قايتمايدىغىنىمنى دەيمۇ؟سىز ئۆيگە كەتكەندە سىز كەلگۈچە قانچىلىك تەقەززا بولىدىغىنىمنى سىز بىلمەيسىز،قىشلىق تەتىلنى قانچىلىق ئىنتىزارلىقتا ئۆتكۈزگىنىمنى بىلەمسىز؟ھەتتا سىزنى كۆرۈش ئۈچۈن ناھىيىڭىزگە بېرىپ سىزنى ئىزدەشكە جۈرئەت قىلالماي قايتىپ كەتكىنىمنى دەيمۇ؟سىزدىن ئۆمىت كۈتۈپ تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۋەتكىنىمنى دەيمۇ؟سىزنى ياخشى كۆرىمەن گۈلفىرە،مۇشۇ گەپنى ئېېيتىشقا پۇرسەت ئىزدەپ يۈرگەن، يالغۇز ئۇچرىتىپ قېلىشنى تىلەپلا كەلگەن ئىدىم،مانا بۈگۈن ئاللا تىلىگىمگە يەتكۈزدى.....
ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ داڭقېتىپ ئولتۇرۇپلا قالدىم.ئەسلى ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىكەندە؟كۆزلىرىمدىن تارارملاپ ياش ئاققىلى تۇردى.
لېكىن مەن بىر توي قىلغان ئايال ئۇ بولسا تېخى توي قىلمىغان ،يەنە كېلىپ مەندىن كىچىك .ئۆزۈمنى ئۇنىڭدىن تۆۋەن كۆرەتتىم .كاشكى مەنمۇ توي قىلمىغان بولغان بولسام ،ياكى ئۇ بىر ئاجراشقان ئەر بولغان بولسا....
ئۇنى شۇيەردىلا رەت قىلدىم.ئۇنىڭ بىردىنبىر سەۋەبىنى سورىغان سۇئالىغا«مەن بىر توي قىلغان ئايال ،سىز بولسىڭىز تېخى توي قىلمىغان بالا ،شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنى قوبۇل قىلالمايمەن»دىدىم.
شۇنىڭدىن كېيىن بىز ئوقۇش پۈتتۈرگىچە گەپلەشمىدۇق.بۇ دەل مۇشۇ غالىپ .
ھەممىمىز ئالدىراش دەرىس ئۆتۈش بىلەن ئاۋارە بولغاچقا كۈنلەرمۇ بەك تېز ئۆتۈپ كەتتى.ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئۇنى شۇنچىلىك سېغىندىم.كۈنلىرىم بەكمۇ تەستە ئۆتتى.دائىم ئۇنىڭ بىلەن كىتاپ ۋە كىتاپتىكى پىرسۇناژلار ھەققىدىكى قىلىشقان سۆھبەتلىرىمىز ،كىشىلىك ھايات ،تۇرمۇش ھەققىدىكى پاراڭلىرىمىزنى ئەسلەيتتىم.شۇچاغدىلا ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ھېس قىلدىم .بىراق بۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغان ئارزۇ ئىدى.توي قىلمىغان بىرىگە تېگىپ قېلىشنى ئەقلىمگە سىغدۇرالمايتتىم.كاللامدىنمۇ ئۆتمەيتتى.شۇڭا ئوپچە رەسىم ،ئالاقىلىشىش خاتىرسى ،قىسقىسى ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەممە نەرسىنى تىقىۋەتتىم.ئۆزۈمنى ئۇنى ئۇنتۇشقا مەجبۇرلىدىم.شۇنداق كۈنلەردە سىلەرنىڭ چچ ھەققىدىكى پارىڭىڭلار بىلەن مەنمۇ مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ئېپ قويۇپ ئانچە ئىشلەتمىگەن چچ نومۇرۇمنى ئېچىپ سۆزلىشىكە كىرىشىپ كەتتىم.چچ نومۇرنى دەسلەپ ئالغاندا قوشۇلغان ئوغۇز ئىسىملىك  بىرى بار ئىدى .چچ غا شۇنىڭدىن كەلگەن «تەبەسسۇم،نىمىشكە تورغا چىقمايسىز؟قانداقراق تۇرۇۋاتىسىز ؟...»دىگەندەك ئۇچۇرلار بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى.شۇھامان جاۋاپ يازدىم.شۇنداق قىلىپ بىز پاراڭلىشىپ كەتتۇق.مەكتەپتىنمۇ كېلەتتىم تاماقتىن كېيىنلا چچ نى ئاچاتتىم.ئۇيقۇم كەلگۈچە پاراڭلىشاتتىم.بىزنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىمىز ئوخشايتتى.قىزىقىشلىرىمىزدىن تارتىپ ئامراق نەرسىلىرىمىزگىچە .بىز ھەممە تەرەپتىن پاراڭلىشاتتۇق.بارا-بارا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتتىمكى ئۇ بولمىسا ئچىم پۇشاتتى.بولسا بەك خوش بوپ كېتەتتىم.ئۇنىڭدىن باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقۇممۇ كەلمەيتتى.بىز خېلى ۋاقىتقىچە شەخسى تۇرمۇشىمىز ھەققىدە پاراڭلاشمىدۇق.يېقىندا ئۇ شەخسى تۇرمۇشىنى دەپ بەردى.بىر توي قىلىپ ئاجرىشىپتىكەن،بالىسى يوقكەن ،ئۆزى  «ق »ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچىكەن.كېيىن ئۇ ماڭا تەكلىپ قويدى:ھەر ئىككىمىز تۇرمۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپتىكەنمىز،مۆمكىن بولسا بىر ئائىلە قۇرۇپ قالساق،گەرچە خىزمىتىمىز ئىككى ناھىيىدە بولسىمۇ لېكىن ئارلىغىمىز يېقىنكەن ،بىرىمىز خىزمىتىمىزنى يۆتكىسەك...»
-ئويلاپ باقسام زۆھرە ،يالغۇز ئۆتىۋاتقىنىمغىمۇ ئۈچ يىلدىن ئېشىپتۇ.يىلدىن -يىلغا چوڭىيىدىكەنمىز،ئاپام دادامنىڭ پۈتۈن غېمى مەندە،بولۇپمۇ ئاپام«كۆزىمىزنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا ئۆي ئوچاقلىق بولىۋالسىڭىز بولاتتى،ئۇنداق بولمىسا كۆزۈم ئارقامدا كېتىپ قالىدۇ...»دەپ كۆڭلۈمنى يېرىم قىلىدۇ .ئەمدى ئاپامنى دەپ بولسىمۇ توي قىلسام بولىدىغان ئوخشايدۇ،ئۇ ئادەم ئەگەر مەن قوشۇلسام كۆرۈشكىلى كېلىدىغانلىغىنى ئېيتقانتى،گەرچە بىز مەۋھۈم دۇنيادا تېخى يۈز كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ ئەمما ھەر ئىككىلىمىزدىكى سەمىمىلىك بىزنى بىر-بىرىمىزگە ئىشەندۈرگەنتى.شۇڭا مەن ئۇنىڭ تەكلىبىنى قوبۇل قىلماقچى بولغانتىم.ئەمما ،بەكمۇ ئەپسۇس!گۈلفىرە بىردىنلا ئۆكسۈپ يىغلىۋەتتى.بۇنى كۆرۈپ باققىن ئاداش!گۈلفىرە قولىدىكى خەتنى زۆھرەگە ئۇزاتتى،زۆھرە قاتتىق ھەيرانلىق ئىچىدە خەتنى ئاچتى.
   «گۈلفىرە،ئىسلى سىز بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ كۆڭلۈمدىكى بارلىق گەپلىرىمنى دىيىش خىيالىم بارتى .ئەمما سىز بۇ پۇرسەتنى ماڭا بېرىدىغاندەك ئەمەس.سىزنى شۇنچە كۆپ قېتىم تاماققا تەكلىپ قىلغان بولساممۇ سىز بانا كۆرسىتىپ ئۇنىمىدىڭىز،ھەر قېتىم سىزنى زور ئۆمىت بىلەن تەكلىپ قىلىمەن،ئەمما سىزنىڭ سىلىق رەت قىلىشىڭىزغا ئۇچرىغاندىن كېيىن كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى.بىلسىڭىز ئىككى يىلدىن بېرى سىزنى مىنۇت ئېسىمدىن چىقارمىدىم.تىلىمدا گۈلفىرە دىگەن ئىسىم،كۆز ئالدىمدا بولسا سىزنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىرايىڭىز،سنىپتىكىلەر بىلەن بىللە چۈشكەن كوللىكتىپ رەسىم تولا تۇتۇلۇشتىن رەڭگىنى يوقۇتاي دىدى،ئالاقىلىشىش خاتىرسى دائىم يانچۇغۇمدا ،كۈندە بىر قېتىم قولۇمغا ئېلىپ سىزنىڭ سۆرىتىڭىزگە قاراش مېنىڭ ئۆزگەرمەس ئادىتىمگە ئايلاندى.ھەر قېتىم سىزنى ئويلىساملا بىزنىڭ قوش تىل ئوقۇشىغا كەلگەن تۇنجى كۈنىمىز ئېسىمگە كېلىدۇ.بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قېلىش دىگەنگە مەن شۇ كۈنى ئىشەنگەنتىم.ئۇ كۈنى مەن بىر دوستۇم بىلەن تىزىملىتىپ بولۇپ پۇل تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇتۇش بىناسىغا ماڭغان.بىز دەرۋازا ئالدىغا كېلىشىمىزگە يوغان چامىداننى سۆرەپ كېلىۋاتقان سىزگە كۆزۈم چۈشتى،سىز تېلفۇندا سۆزلىشىۋېتىپتىكەنسىز.دەسلەپتە سىزگە مەقسەتسىزلا قارىغان بولسام كېيىن سىزنىڭ تېلفۇندا سۆزلىشىۋېتىپ كۈلگە ن چىرايىڭىزغا قاراپلا قاپتىمەن.چۈنكى سىزنىڭ كۈلكىڭىز ئاجايىپ ئوماق ئىدى.مەن ھەتتا نەچچە قەدەم مېڭىپ بوپمۇ كەينىمگە قارىدىم.سىز سۆزلەشكەچ ياتاق تەرەپكە كەتتىڭىز .مەن پۇل تاپشۇرۋېتىپمۇ ،بالىلار بىلەن پاراڭلىشىۋېتىپمۇ سىزنى ئويلىدىم.كۆز ئالدىمدا سىزنىڭ كۈلگەندىكى ئوماق چىرايىڭىز...
بىز ئىشىمىزنى تۈگۈتۈپ قايتىپ چىققاندا سىز بىر دوستىڭىز بىلەن پۇل تاپشۇرغىلى كەلدىڭىز،سىلەر نىمە دىيىشتىڭلاركىن  بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلگەندە كۈلۈشۈپ كەتتىڭلار،مەن يەنە سىزگە قاراپ قالدىم.شۇ چاغدا سىزنىڭ كۈلۈمسىرىشىڭىزلا ئەمەس گىرىمسىز تەبىئى تۇرقىڭىز مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىۋالغان ئىدى.ئەتىسىدىن باشلاپ بىز ھەربى مەشىققە چۈشتۇق.مەن سىز بىلەن بىر گورۇپپىدا بولمىغاچقا ھەربى مەشىق قىلىۋېتىپ سىزنى ئىزدەيتتىم،سىزنىڭ ھەر-بىر ئىش ھەركىتىڭىزنى كۈزىتەتتىم.كېيىن ھەربى مەشىق تۈگەپ بىزنى 4 كۈن قويۇپ بەردى.بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆيلىرىگە قايتتى.مەن شۇ 4 كۈننى تېزرەك توشسىكەن دىگەن ئۆمىتتە تاقەتسىزلىك بىلەن ئۆتكۈزدۈم.كېيىن بىزنى كەسىپلەر بويىنچە سىنىپلارغا بۆلدى.مەن سىزنىڭ خەنزۇ تىلى سىنىپىدا ئىكەنلىگىڭىزنى بىلىپ ئۆزۈم تاللىغان كومپىيۇتىر سىنىپىدىن سىز بار سىنىپقا يۆتكىلىپ چىقتىم.سىز سىنىپتىكى باشقا قىزلارغا ئانچە ئوخشىمايتتىڭىز ،دائىم خىيالچانلا يۈرەتتىڭىز ،بەك جىمغۇر ،كەمسۆز ئىدىڭىز.ئارام ۋاقتىسى سىنىپ باشقىلارنىڭ ۋاراڭ چۇرۇڭىدا قايناپلا كېتەتتى.سىز بولسىڭىز دېرىزە يېنىدا سىرتقا قاراپ تۇراتتىڭىز ياكى جايىڭىزدا ئولتۇرۇپ كىتاپ كۆرەتتىڭىز.مەن بولسام سىزنىڭ ھەر-بىر ئىش ھەركىتىڭىزنى يوشۇرۇن كۈزىتىش بىلەن ئاۋارە ئىدىم.باشقا قىزلارغا چاخچاق قىلىپ قويساممۇ سىزگە گەپ قىلىشتىنمۇ ئەيمىنەتىىم.بىر كۈنى سىزگە گەپ قىلىش ئۈچۈن يېنىڭىزغا بېرىپ خاتىرە دەپتىرىڭىزنى سورىدىم.سىز گەپ قىلماي خاتىرىڭىزنى بەردىڭىز.دەپتىرىڭىزنى جايىمغا ئاپىرىپ ھەر بىر ۋارىغىنى ئېرىنمەي كۆرۈپ چىقتىم.خېتىڭىز بەكمۇ چىرايلىق ئىدى.مەن دەپتىرىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرىۋېتىپ: «خېتىڭىز بەك چىرايلىقكەن»دىدىم.سىز كۈلۈمسىرەپ: «ئانچە ئەمەس ،يەنىلا سىزنىڭكىگە يەتمەيدۇ،سىزنىڭ خېتىڭىز بەك چىرايلىقكەن »دىدىڭىز.شۇ چاغدا مەن بەك خوش بوپ كەتتىم.سەۋەبى سىز مېنىڭ خېتىمگە دېققەت قىلغان ئىدىڭىز.بىزگە ھەپتىدە ئىككى سائەت كومپىيۇتىر دەرسى ئۆتىلەتتى.كومپىيۇتىر دەرسىدە بەزىدە ئىختىيارى مەشغۇلات قىلاتتۇق.بۇنداق چاغدا تولا ئوقۇتقۇچىلار تورغا چىقاتتى.بىزكۈنى سىزنىڭمۇ باشقىلارغا قىزىقىپ نومۇر ئالدۇرۇپ پاراڭلىشىۋاتقىنىڭىزنى كۆرۈپ چاندۇرماي نومۇرىڭىزنى بىلىۋېلىپ ئۆزەمنىڭكىگە قوشۇۋالدىم.سىزنىڭ توردىكى ئىسمىڭىز« تەبەسسۇم»ئىكەن.ئىسمىڭىزمۇ كۈلكىڭىزگە شۇنداق ماسلاشقان ئىدى.مەن شۇندىن كېيىن پات -پات سىز بىلەن پاراڭلىشىدىغان بولدۇم.ئەمما ئۇنداق پۇرسەتلەر دائىم كەلمەيتتى.سىزگە يېقىنلىشىشقا ،پاراڭلىشىشقا شۇنچە ئىنتىلسەممۇ ئەمما يەنىلا جۈرئەت قىلالمايتتىم.سىز بەك چوڭ سۈپەت ،بەك ئېغىر بېسىق ئىدىڭىز .مەن سىزنىڭ كۈلگەندىكى ھالىتىڭىزنى كۆرۈشكە بەكمۇ ئامراق ئىدىم.كېيىن سىزنىڭ ھېلىقى مېنىڭ كىتابىمنى ئۇقۇشماي ياتىقىڭىزغا ئەكىرىپ كېتىپ ئەتىسى قايتۇرۇپ بەرگىنىڭىز سەۋەپلىك بىز تەبىئىلا پاراڭلىشىپ قالدۇق.بىزنىڭ ئوقۇغان كىتاپلىرىمىزئوخشاش بوپلا قالماي قاراشلىرىمىز ،قىزىقىشلىرىمىزمۇ ئوخشاشتى.مەن سىزنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتىم.ھەم سىزنىڭمۇ ماڭا ياخشى مۇئامىلىدە بولغىنىڭىز ئۈچۈن سىزدىن ئۆمىدىممۇ زور ئىدى.سىزنىڭ بىر ئاجراشقان ئايال ئىكەنلىگىڭىزنى بىلگەندىمۇ مەن سىزنى ياخشى كۆرۈشتىن قىلچە ۋاز كەچمىدىم.قىشلىق تەتىل كەلگەندە مەن تەتىلنى بەكمۇ تەستە ئۆتكۈزدۈم .بىركۈنى سىزنى بىر كۆرۈۋېلىش ئىستىگىدە ناھىيىڭىزگە باردىم .ئوغۇل ساۋاغداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرگىنىم بىلەن ئۇلاردىن سىزنى سوراشتىن خىجىل بولۇپ ئاخىرى سورىيالماي  قايتىپ كەتتىم.تەتىلدىن كېيىن سىز مەندىن ئۆزىڭىزنى قاچۇرۇدىغان بولىۋالدىڭىز.كۆڭلۈم شۇنچە يېرىم بولدى.پۇرسەت تېپىپ سىزگە كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈش ئۆمىدىدە يۈرگىنىمدە بىر كۈنى سىزنى يالغۇز ئۇچرىتىپ قالدىم.كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈپ دىگەن بارلىق گەپلىرىمگە سىزدىن ئالغان جاۋابىم شۇ بولدى: «مەن بىر ئاجراشقان ئايال ،سىز بولسىڭىز توي قىلمىغان بالا ئىكەنسىزشۇڭا تەكلىبىڭىزنى قوبۇل قىلالمايمەن».
ئۇ گەپلىرىڭىزگە ھېچنىم دىيەلمىدىم.شۇ چاغدا كۆڭلۈمدە قايتىپ بېرىپلا توي قىلىپ ئاز ئۆتمەي ئاجرىشىپ ئاندىن سىزنى ئالىمەن دەپ ئۆز-ئۆزۈمگە ئەھدە قىلدىم.بۇ گەپلىرىمگە ھەيران قالماڭ،مەن سىزنىڭمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىمەن ،لېكىن ئەنئەنە ،ئۆرۈپ -ئادەت كۈچى دىگەنلەر سەۋەبىدىن سىز بۇنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىڭىز.گۈلفىرە ،مەن ھازىر بىر ئاجراشقان ئەر .ئىككىمىز تەڭلەشتۇق.ئەمدى مېنى رەت قىلىشىڭىزنىڭ ئورنى قالمىدى،ماڭا ماقۇل دەڭ ،بىر توي قىلايلى.سىزنى بەختلىك قىلالىشىمغا ئىشىنىڭ .سىزگە يەنە بىر گەپنى دەي،چچ دا سىز بىلەن پاراڭلىشىپ كېلىۋاتقان «ئوغۇز»مەن بولىمەن.سىزنى مەكتەپتە كومپىيۇتىر دەرسىدە چاندۇرماي قوشىۋالغان.سىز مېنى رەت قىلىپ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بىر مەزگىلدىن كېيىن چچ نى ئاچتىڭىز ،بىز پاراڭلاشتۇق.پەقەت قوش تىلىدا ئوقۇغىنىمنىلا يوشۇردۇم قالغان ئەھۋالىمنىڭ ھەممىنى دىدىم .بىلسىڭىز ،سىزنى ئىزچىل ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن.سىزنى دەپ توي قىلدىم ،سىزنى دەپ ئاجراشتىم.ھەممىسى سىز ئۈچۈن،سىزنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىمەن.مەن ھەممىنى دىدىم ،مېنى رەت قىلماسلىغىڭىزنى ئۆمىت قىلىمەن.سىزدىن زور ئۆمىت كۈتۈپ:
                                                                                                                         غالىپ .»

زۆھرە خەتنى ئوقۇپ بولۇپ قاتتىق ھەيران قالدى:
-گۈلفىرە ،بۇ نىمە گەپ ئەمدى؟غالىپ بىلەن سەن چچ دا پاراڭلىشىپ كەلگەن ئادەم بىرمىكەن؟توۋا ما ئىشنى .
-شۇنداق ،ھاياتىمدا مەن ياخشى كۆرگەن ئىككى ئادەم ئەمەلىيەتتە بىر ئادەمكەن ،يەنە كېلىپ غالىپ.
-ئەمدى قانداق قىلاي دەيسەن گۈلفىرە؟
-مېنىمۇ مۇشۇ سۇئال قىيناۋاتىدۇ ئاداش،بۇ تەغدىرنىڭ چاقچىغىمۇ ياكى سىنىغىمۇ؟مەيلى نىمىلا بولمىسۇن بەكمۇ ئېغىر بوپ كەتتى.مەن قانداق قىلىمەن؟سەن دەپ باققىنا؟ئەگەر ئۈزۈمنى ئويلىسام ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلسام بولىدۇ.لېكىن ،لېكىن مەن ئۇنداق قىلالمايمەن !
-نىمىشقا ؟
-سەن بىلمەيسەن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان قىز ئۇنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەنتۇق.ئۇنى تولۇق ئورتىدىكى ۋاقتىدىلا ياخشى كۆرۈپ كەپتىكەن.غالىپنى دەپلا ھەر ياخشى يەرلەرنى رەت قىلىپ غالىپنى ساقلاپ توي قىلماپتىكەن.بۇلارنى ماڭا بىز بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان غالىپ بىلەن بىر يەرلىك يېقىن دوستۇم  دەپ  بەردى.غالىپ بۇ قىز بىلەن توي قىلىپ ئاز ئۆتمەيلا ئاجرىشىش تەلىپىنى قويۇپتىكەن .باشتا ئۇ قىز ئۇنىماپتۇيۇ كېيىن غالىپنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغىنىنى بىلىپ ئاجرىشىشقا  قوشۇلۇپتۇ.مەن باشقا بىر ئايالنىڭ كۆز ياشلىرى بەدلىگە ئۆز بەختىمنى تېگىشسەم بولمايدۇ.ھەر ئىككىلىمىز ئايال .غالىپ مېنى دەپ توي قىلىپ مېنى دەپ ئاجراشتى .مېنى دىمىگەن بولسا ئۇنداق قىلمىغان بولاتتى.شۇڭا مەن غالىپنى يەنە بىر قېتىم رەت قىلماقچىمەن.
-ئەمما گۈلفىرە ،بۇنداق قىلساڭ ساڭا ئادالەتسىزلىك بولىدۇغۇ؟غالىپ بەرىبىر ئۇ ئايالنى ياخشى كۆرمىسە ؟ئۇ سېنى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسا؟
-نىكاھ ،ئۇ ئويۇن ئەمەس !ئادەم نىكاھلانغاندىن باشلاپ ئۇنىڭغا زور مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن بولىدۇ.ئەرلەر مەسئۇلىيەتچان بولىشى لازىم .ئاياللارمۇ  خالىسا كىيىپ خالىسا تاشلايدىغان چاپان ئەمەس!ئۇلار  كۆز يېشى ئۈچۈن  يارالمىغان!مەن غالىپقا ئىشىنىمەن ھەم ئۇنىچۈشۈنىمەن . ئۇنىڭ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك.مەن ئۇنى قايىل قىلىمەن .
-لېكىن سەنچۇ؟سەن قانداق قىلىسەن؟
-ھاياتىمدىكى قايتىلانغان بۇ ھېجرانغىمۇ بەرداشلىق بېرىمەن ھەم يېڭىمەن.
-سەن قىلالايسەن گۈلفىرە !چۈنكى سەن شۇنچىلىك قەيسەر شۇنچىلىك كۆتۈرۈشلۈكسەن!
گۈلفىرە  زۆھرەگە ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى.
-يىغلىۋال ئاداش ،بەلكىم كۆز ياشلىرىڭ بىلەن بارلىق ئازاپلىرىڭ يۇيۇلۇپ كېتە....
گۈلفىرە بىر پەس يىغلىغاندىن كېيىن بىردىنلا يېنىكلەپ قالغاندەك بولدى.ئۇ ئاسمانغا قارىدى ،يۇلتۇزلار گويا ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىۋاتقاندەك ئۇنىڭغا قاراپ كۆزلىرىنى قىسىشاتتى...



ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
qiqaknaz + 10
xam12 + 100 باشتىن كەچۈرگەن كەچمى.
Tughrul + 100 قەلىمىڭىز ئۈزۈلۈپ قال.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 210   باھا خاتىرىسى

بۇ گۈزەل ھەم رەزىل دۇنيا، ئۆتەر ئۆمۈر چۈشتەك گويا...

ئۆتكەن كۈنۈڭنى ئۇنۇتما،شىرە چۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65380
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1209
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 615 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 10:56:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرەققىيات رايۇنىدىكى پىداگوگىكا مەكتىپىدە يۈز بەرگەن ھېكايىكەندە ؟

تەڭ ئىدۇق تۇغۇلغاندا تەڭرى ئالدىدا،
ۋەلىكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا.
كۆرەڭلەپ كەتمىگىن نەتىجىلىرىڭدىن،
تەڭ بولارمىز ئاخىر بىركۈن قەبرە ئالدىدا.

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5492
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4585 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 11:21:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ نىمە دىگەن تەسىرلىك، مىھرىم خانقىزنىڭ مۇنداقمۇ ھۆنىرى باركەن دەڭلا! قەلەم قۇۋۋىتىڭىز ھەقىقەتەن بەك كۈچلۈك ئىكەن! بەك ياخشى، تەسىرلىك يېزىپسىز!
ئەگەر ئۇ تېمىدىكى  گۈلفىرە سىز بولىدىغان ئىش بولسا، غالىپنى رەت قىلماڭ، ئادەم بەك شەخسىيەتچى بولسا بولمايدۇ، بىراق، ئۆزىنى ئويلىمىسىمۇ بولمايدۇ دە!
غالىپ ئاجىرىشىپتۇ، يەنە يېنىشىپ قالسا  بەخىتلىك بولۇشى ناتايىن، سىزنىڭ بىر ئېغىز رەت قىلىشىڭىز بىلەن ئۈچ ئادەم بەخىتسىز بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن بىر ئادەم بەخىتسىز بولسا، زىيان سەل يېنىك بولمامدۇ؟
ماتىريال تەرجىمە قىلىۋاتاتتىم، ھېكايىڭىزنى ئوقۇيمەن دەپ ئۇمۇ يوق بولدى، ئەمدى قالغىنىنى ئەتە قىلاي!  
مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى مىسرانىم مۇنبىرىگە دائىم يوللاپ تۈرشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5492
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4585 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 11:22:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايتا يوللىنىپ كېتىپتۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurjula تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-5 11:23 PM  


بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

پــىــيــاز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6038
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 888 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 11:32:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زەربىگە ئۇچۇرغان كىشى ھەق سۆزلەشتىن قوقمايدۇ ؟

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116577
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6764 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 12:22:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنى ئوقۇپ چىقىپ شۇنچە تەسىرلەندىم .ھەقىقەتەن بىز ئاياللار شۇنچە ئاجىز كېلىدىكەنمىز. غالىپ بىر ئىشنى خاتا قىپتۇ . يەنى، ئۆزى ئۈچۈن ، ئۆزىنى شۇنچە سۆيىدىغان بىرىنى ئەخمەق قىپتۇ . بۇنداق قىلماي ، سىزنى شۇ پېتى ساقلىغان بولسىمۇ -ھە. بەلكى قوبۇل قىلىشقا بولاتتى . لېكىن ، ئەمدى ئۇنى، يەنە شۇ مەسئۇليەتنى ئادا قىلىشقا  زورلاش-ئۇ ئايالغا ھەم غالىپقا ۋە يەنە سىزگە ئوخشاشلا ئازاپ. شۇڭا ، غالىپنىڭ تەغدىرىنى قايتا يامىغاندىن ، ئۇ قىزنىڭ دىلىنى قايتا چەككەندىن ، باشقىچىرەك ئامالمۇ چىقىپ قالا. نىكاھى بىر بولغان ھەرقانداق بىرلىرىمىز  ھىچنىمىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايمىز. نىكاھ بىر بولمايدىكەن ، سىز مەجبۇرلا، ئۇ مەجبۇرلاپ ھىچ ۋۇجۇتقا چىقمايدۇ. اللە ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن .
(بۇ كىيىنكى تولۇقلاپ ئوقۇش، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلىشىغا سەۋەپچى بوپ كەتتى-نىمىسىنى دەي - ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى...+ ئۆزىنى تۇتۇشنى بىلمىگەنلەر بىلەن قوشۇلۇپ = يىتىملارنىڭ نالىسى بىلەن ئاياقلاشتى).

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

ھەر بىر كۈن ئىنس

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 802
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7582
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 6878 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 01:24:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72557
يازما سانى: 35
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 135
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-1-4
ئاخىرقى: 2012-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 12:12:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە غالىپنى قوبۇل قىلسا  بولاتتى ،راستلا ئۈچ ئادەم بەخىتسىز بولغىدەك                              بەكمۇ تەسىرلىك چىقىپتۇ.

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1679
يازما سانى: 486
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4898
تۆھپە نۇمۇرى: 265
توردا: 1647 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 12:57:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم تۇتقان قوللىرڭىز توختاپ قالمىسۇن ، ۋەقەلىكنى ياىشى بايان قىپسىز .

ئادەم بولماق تەس ئەمەس ، ئادەمدەك ياشىماق تەس .

بەختىمنى ئاللاھتىن تىلەيمەن.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 58376
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1068
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1172 سائەت
تىزىم: 2011-9-28
ئاخىرقى: 2012-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 01:13:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلفىرەنى ئالىمەن دەپ بىر قىزنىڭ بەختىگە ئولتۇرۇپتىغۇ؟غالىپنىڭ ئايالىغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى.

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەرگە خار بولمىغان.
ئادەمدەك ياشاش قىيىن، بىراق ئادىمىيلىكى بىلەن ياشاش تېخىمۇ قېيىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش