مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 338|ئىنكاس: 3

ھايات ھەققىدە ئويلىنىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63015
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 586
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 665 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 10:12:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ئەزىز قېرىنداشلىرىم، نېمە ئۈچۈنكى بۇ تېمىنى يازغۇم كەپ قالدى. مەن ئويلايمەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەر قىسمەتلىرى بولىدۇ، ئەلۋەتتە...ھاياتلىق يولى تولىمۇ مۇرەككەپ ۋە تولىمۇ ئۆزگىچە. بەزى كىشىلەر بۇ قىسقىغىنا ھاياتتا ئىنتايىن خۇشال ياشىغاندەك قىلغان بىلەن ئاقىۋەتتە ئېرىشكىنى پەقەت ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتۇر. بەزى كىشىلەر ھاياتىدا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىق ياكى جەۋىر_جاپا،مۇشەققەتلەرنى تارتقان بىلەن،بۇنداق كىشىلىرىمىز ئاقىۋەتتە يەنىلا ئۆز_ئۆزىگە يۈز كېلەلەيدۇ......
                                                   بۇ ھايات سىنايدۇ چىدىغىن ئىنسان،
                                                  كۈلكىگەئالدىنىپ ئەيلىمە پىغان.
                                                  قىسمەتلەر قىينىسا بولمىغىن ھەيران،
                                                 مۇشۇنداق جاھان بۇ ئۆزگەرمەيدىغان.(ئۆزۈم)
    بولۇپمۇ ھازىرقى بۇ دەۋرىمىز ھەرگىزمۇ ئادەتتىكىچە دەۋر ئەمەس، بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزمىساق،تىل ۋە باشقا جەھەتتىن ئۆزىمىزنى يېتىلدۈرمىسەك بىزنىڭ ئەتىمىز  زاۋاللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر..مىنىڭ قېرىنداشلىرىمغا دەيدىغىنىم: كاللىمىزنى سىلكىۋىتەيلى،ئۆز_ئۆزىمىزنى تونۇيلى دوسلار، تارىخ بېتىگە قارايدىغان بولساق، بىزنىڭ نى_نى ئالىميازغۇچى_ئەدىپلىرىمىز، بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئەزىمەتلىرىمىز ئاز ئەمەس، بىز ھازىر پەقەت شۇ ئۇلۇغ كىشىلىرىمىزدىنلا پەخىرلىنىپ يۈرسەك، شۇلاردىن قانائەت ھېس قىلىپلا يۈرسەك بولامدۇ؟؟
ياق!ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، بىز، بىزدىن كېيىنكىلەرگىمۇ ئۆز نەپلىرىمىزنى بېرىشىمىز كېرەك،ئەلۋەتتە..شۇنداق قىلغاندىلا بىز قەبرىمىزدىمۇ خاتىرجەم كۆز يۇمالايمىز.............
          قېرىنداشلىرىم، ھاياتقا بولغان چۈشەنچىمىز توغرا بولسۇن.ھايات يولىدا دادىل قەدەم بىسىپ كەلگۈسىمىز ئۈچۈن ھەممەيلەن بىرلىكتە تىرىشايلى.بىھۇدە ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ،ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇپ يۈرمەيلى.بولۇپمۇ يىگىتلىرىمىز ھەر ۋاقىت تىك،مەردانە يۈرەيلى، چۈنكى ئەركەك بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىدە
مۇھىم رول ئوينايدۇ، چۈنكى ئۇ ئەركەك ئەمەسمۇ؟! دوسلار ئەمىسە بىللە ئالغا يۈرۈپ كەتتۇق!!!!!!!
                                                   ئۆزۈڭگە ھەر كۈنى قويغىن بىر سوئال،
                                                    تاپقىنىڭ_تەرگىنىڭ ھاراممۇ_ھالال.
                                                    ئىزدىسەڭ ياشاشقا مۆجىزە_ئامال،
                                                      ھەقىقى ئادەم بول ھەممىدىن ئاۋۋال!

                                                 ئاتا بول مەيلى سەن تۆت_بەش بالىغا،
                                                ئايلانغىن ھەتتاكى ئىمام، موللىغا.
                                                  چىقسۇن يا چىقمىسۇن تۆھپەڭ چويلىغا،
                                                    ھەقىقى ئادەم بول ھەممىدىن ئاۋۋال!

                                                   ھاياتنىڭ دوقمۇشى تاۋلايدۇ سېنى،
                                                     غەلۋىر بوپ كۈندە مىڭ تاسقايدۇ سېنى.
                                                    يۇلتۇزدەك كۆزلەر كۆپ تاللايدۇ سېنى،
                                                     ھەقىقى ئادەم بول ھەممىدىن ئاۋۋال!
                                                             (ئىبراھىم نىياز)


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-5 10:50 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63015
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 586
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 665 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 11:25:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرىمنى ئوغۇرلىماڭلار ھە

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116577
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6764 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 01:05:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . ھايات - ئەسلى ئۆز مەنىسى بىلەن ، پەقەت جىم -جىت تۇرۇپ سىزنىڭ يارىتىشىڭىزنى كۈتۈپ تۇرۇدىغان قىياستۇر. ئۇ، سىز قانداق ياراتسىڭىز شۇنداق يارىلىپ ، سىزنىڭ شامىلىڭىزدا ئۇچۇدىغان بىغەم لەگلەكتۇر.
ھايات-پەقەت بىز ئۆزىمىز يارىتىپ ، ئۆزىمىز يوق قىلىدىغان ئىنتايىن سەمىمى ئۇقۇمدۇر.
اللەدىن ھەممىمىزنىڭ ھاياتنى ياخشى يارىتىپ ، ئىككىلا ئالەمدە سائادەتكە ھەم جەننەتكە لايىق ياشىشىمىزنى ،ھاياتنى قەدىرلەپ ، بۇ سىناق ھاياتنىڭ ھەر- بىر دەقىقىسىنى چىڭ تۇتۇشىمىزنى تىلەيمەن .

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

مەن ساڭا ساراڭ ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12524
يازما سانى: 532
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8142
تۆھپە نۇمۇرى: 522
توردا: 2045 سائەت
تىزىم: 2010-10-3
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 02:31:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپرەك كىتاپ  ئوقۇڭ..ئويلىنىشنىڭ  كۆپ بولغىنى ياخشى

شئېرنى  چۈشەنمەيسىز  ئەمما ھېس قىلالايسىز ،،شېئېر  ھەممە  ئادەم چۈشىنەلەيدىغان سەنئەت ئەمەس .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش