جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى سۈرۈك ۋاقتى
سۈرۈك ئادەتتىكى مەنىدىن ئىيتقاندا مەلۇم بىر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن يەنە بىر ئالاھىدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتقىچە بولغان ۋاقىت چەكلىمىسىنى كۆرسىتىدۇ .
دۆلىتىمىز جىنايى ئىشلار دەۋاسىدىكى سۈرۈك خەلق سوت مەھكىمىلىرى ، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى ۋە جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرى ، شۇنىڭدەك دەۋالاشقۇچىلار ۋە باشقا دەۋا ئىشلىرىغا قاتناشقۇچىلار مەلۇم دەۋا پائالىيىتىنى ئىلىپ بىرىشتا ئەمەل قىلىشى شەرت بولغان قانۇندا بەلگىلەنگەن مۆھلەتنى كۆرسىتىدۇ .
ئۇنداقتا قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ۋاقتى نەچچىگە بۆلىنىدۇ ؟
قانۇندا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ۋاقتى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ :
بىرى ، جامائەت خەۋىپسىزلىكى ، ئەدلىيە ئورگانلىرى ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان سۈرۈك ؛
يەنە بىرى ، دەۋالاشقۇچىلار ۋە باشقا دەۋا ئىشتىراكچىلىرى ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان سۈرۈكتۇر .
دۆلىتىمىز قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قىسمەن سۈرۈكلەر :
65- ماددا : جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى توختىتىپ قويۇلغۇچىنى توختىتىپ قويغاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە سوراق قىلىشى كېرەك . توختىتىپ قويۇشقا تېگىشلىك ئەمەسلىكى مەلۇم بولغاندا ، قويۇپ بىرىش گۇۋاھنامىسى بىرىپ دەرھال قويۇپ بىرىشى شەرت . قولغا ئىلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ ، دەلىل – ئىسپاتلىرى تولۇق بولمىغانلارنى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كېپىلگە بەرسە ياكى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئالسا بولىدۇ .
69 – ماددا : جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگىنى توختىتىپ قويۇلغۇچىنى قولغا ئېلىشقا تېگىشلىك دەپ قارىسا ، توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىنكى ئۈچ كۈن ئىچىدە خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە تەستىقلىتىشى كېرەك . ئالاھىدە ئەھۋالدا تەستىقلىتىش ۋاقتى بىر كۈندىن تۆت كۈنگىچە ئۇزارتىلسا بولىدۇ . ئېقىپ يۈرۈپ دىلو تۇغدۇرغانلىقى ، كۆپ قېتىم دىلو تۇغدۇرغانلىقى ۋە توپلىشىپ دېلو تۇغدۇرغانلىقىدىن قاتتىق گۇمان قىلىنغانلارنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىتىش ۋاقتى 30 كۈنگىچە ئۇزارتىلسا بولىدۇ . خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ قولغا ئېلىشنى تەستىقلاشنى تەستىقلاپ بىرىش ھەققىدىكى تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن ، قولغا ئىلىشنى تەستىقلاش ياكى تەستىقلىماسلىق توغرىسىدا يەتتە كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك . خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قولغا ئىلىشنى تەستىقلىمىغانلارنى جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگىنى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرىۋالغاندىن كېيىن دەرھال قويۇپ بىرىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئىجراسىنى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىگە ۋاقىتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك . داۋاملىق تەھقىقلەشكە تېگىشلىكلىرىنى ھەمدە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بېرىش ، تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئىلىش شەرتىگە توشىدىغانلىرىنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغۇچە كىپىلگە بېرىشى ياكى تۇرار جايىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىشى كېرەك .
124 – ماددا : جىنايەت گۇماندارلىرى قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن ، تەھقىقلەش يۈزىسىدىن قاماپ تۇرۇش سۈرىكىنى ئىككى ئايدىن ئاشۇرىۋىتىشكە بولمايدۇ . ئەھۋالى مۇرەككەپ بولغان ، سۈرۈك ئىچىدە ئاياغلاشتۇرغىلى بولمايدىغان دېلولارنى تەتقىقلەش سۈرىكىنى بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىنى ئىلىپ بىر ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ .
125- ماددا : پەۋقۇلئاددە سەۋەپ تۈپەيلىدىن ، خېلى ئۇزاققىچە سوت قىلىشقا تاپشۇرغىلى بولمايدىغان ئىنتايىن چوڭ ۋە مۇرەككەپ دىلولارنى قاراپ چىقىش سۈرىكىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتىغا تەستىقلىتىپ ئۇزارتىدۇ .
126 – ماددا : تۆۋەندىكى دىلولاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 124 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سۈرۈك ئىچىدە ئاياغلاشتۇرغىلى بولمىغانلىرىنىڭ تەھقىقلەش سۈرۈكىنى ئۆلكىلىك ، ئاپتونۇم رايونلۇق ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارى بىلەن ئىككى ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ :
(1)قاتناش ئىنتايىن قولايسىز چەت – ياقا جايلاردا يۈز بەرگەن چوڭ ۋە مۇرەككەپ دېلولار ؛
(2)چوڭ جىنايەتچىلەر گورۇھىنىڭ دېلولىرى ؛
(3) ئېقىپ يۈرۈپ تۇغدۇرغان چوڭ ۋە مۇرەككەپ دېلولار ؛
(4) چېتىلىش دائىرىسى كەڭ ۋە مۇرەككەپ دىلولار .
127– ماددا : جىنايەت گۇماندارلىرىدىن ئون يىللىق قاماق جازاسىدىن يۇقىرى قاماق جازاسىدىن يۇقىرى جازاغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى بولغان ، مۇشۇ قانۇننىڭ 126 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئۇزارتىلغان سۈرۈك ئىچىدىمۇ تەھقىقلەشنى ئاياغلاشتۇرۇشقا بولمىغانلىرىنى ئۆلكىلىك ، ئاپتونۇم رايونلۇق ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارى بىلەن يەنە ئىككى ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ .
138 – ماددا :خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى ئەيىپلەشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن دېلولار ئۈستىدە بىر ئاي ئىچىدە قاراپ چىقىپ بولۇشى كېرەك ، چوڭ ۋە مۇرەككەپ دىلولاردا يېرىم ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ .
168 – ماددا : خەلق سوت مەھكىمىسى ئەيىپلەنگەن دىلولارنى سوت قىلغاندا ، ئۇنىڭ ھۆكۈمى شۇ دىلونى قوبۇل قىلغاندىن كىيىنكى بىر ئاي ئىچىدە ئېلان قىلىشى ، كېچىككەندە بىر يىرىم ئايدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكى كېرەك . مۇشۇ قانۇننىڭ 126 – ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە ، ئۆلكىلىك ، ئاپتونۇم رايونلۇق ، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارى بىلەن يەنە بىر ئاي ئۇزارتسا بولىدۇ . خەلق سوت مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتكەن دېلولارنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى سوت قىلىنىش سۈرۈكى خەلق سوت مەھكىمىسى دېلونى تاپشۇرىۋالغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ . خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تولۇقلاپ تەھقىقلەيدىغان دېلولار تولۇقلاپ تەھقىقلىنىپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئۆتكۈزۈپ بىرىلگەندىن كېيىن ، سوت قىلىش سۈرۈكىنى خەلق سوت مەھكىمىسى يېڭىۋاشتىن ھېسابلايدۇ .
196 – ماددا : ئىككىنچى سوت قىلغۇچى خەلق سوت مەھكىمىسى نارازىلىق ۋە ئېتىراز دىلوسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، بىر ئاي ئىچىدە سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇشى ، كىچىككەندە بىر يىرىم ئايدىن ئاشۇرىۋەتمەسلىكى كېرەك . مۇشۇ قانۇننىڭ 126 – ماددىسىدىكى بەلگىلەنگەن ئەھۋاللاردىن بىرى كۆرۈلسە ، ئۆلكىلىك ، ئاپتونۇم رايونلۇق ، بىۋاستە قاراشلىق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشى ياكى قارارى بىلەن يەنە بىر ئاي ئۇزارتىشقا بولىدۇ ، ئەمما ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان نارازىلىق ۋە ئېتىراز دېلولىرىنىڭكىنى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى قارار قىلىدۇ .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
http://www.kanunblog.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-5 10:28 PM