مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 851|ئىنكاس: 42

ئانام كۈلمەكتە، مەن يىغلىماقتىمەن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6137
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 5175 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 08:36:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانام كۈلمەكتە، مەن يىغلىماقتىمەن.

    تېلېفۇنۇمنىڭ ئېكرانىدا يورۇۋاتقان ئۆيۈمنىڭ نۇمۇرىنى كۆرۈپ سۆيۈنۈش ئىچىدە تېلىفۇننى ئالدىم:
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئانا، قانداق ئەھۋالىڭىز؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بالام، ئاللاھقا شۈكرى سالامەت تۇرۇۋاتىمەن، بايا سىزگە خالتا سالدىم، گۈلقەنت، ماتاڭ...ھەممىسىنى ئۆز قولۇم بىلەن قىلدىم، يەنە ھەسەلمۇ بار....ئانام ھاياجانلىنىپ سۆزلىمەكتە ئىدى.
-ئانا، ئادرېسىمنى كىم يېزىپ بەردى؟
-سىز دېمەتلىك بىر بالا ئۇچرىغانىدى، شۇنىڭغا يالۋۇرۇپ يازدۇردۇم.
   كۆز ئالدىمدا چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان، پۈتكۈل ۋۇجۇدىدىن مېھرىبانلىق يېغىپ تۇرغان مېھرىبان ئانامنىڭ سىماسى.........
    قەھرىتان قىشنىڭ مەلۇم بىر كۈن ئەتتىگىنى ماڭا سېلىش ئۈچۈن تەييارلىغان خالتىسىنى يۈدۈۋالغان ئانام بەللىرى مۈكچەيگەن ھالدا ئېغىر قەدەملىرىنى تەسلىكتە يۆتكەپ يېزىلىق پوچتىخانىغا قاراپ كېتىۋاتاتتى،يېرىم يولغا كەلگەندە قوشنىمىز ئېشەك ھارۋىسىغا چىقىرىۋالدى، شۇنداق قىلىپ ئانام ئانچە ھارمايلا پوچتىخانىغاكىلىۋالدى،ئانام پوچتىخانىغا كىرگەندە پوچتا خادىمى ئەمدى ئىشقا كىلىشى ئىدى.ئانام ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا بارلىقىنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدى.
-بالام،ئوغلۇمغاخالتا سالاي دىگەنتىم، ما نەرسىلەرنى كۆرۈپ باقاملا؟-دېدى ئانام  بۇسۇغا تۈۋىدىلا.
-ئىچىنى ئېچىپ كۆرسەتسىلە ئاندىن كۆرمەمدىم؟-دېدى پوچتا خادىمى قاراپمۇ قويماي.
ئانام ئەندىكىپ ئالدىغا ئىككى قەدەم ئالدى-دە سىمونت يەردە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ خالتىدىكى نەرسىلەرنى ئالدىغا تىزىشقا باشلىدى.
بىردەمدىن كېيىن ئۇ ئانامنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە يەردىكى قۇتىنى قولغا ئېلىپ:
-بۇنىمە؟-دېدى.
-بۇگۈلقەنت بالام،ئۆيدە ئۆزۈم ياسىغان.
-بۇ چۇ؟بۇ نېمە ئەمدى؟
-ھەسەل.-دېيەلىدى ئانام ئارانلا.
-بۇلارنى سېلىشقا بولمايدۇ،قايتۇرۇپ ئەكەتسىلە.
ئانام يۈكۈنۈپ ئولتۇرغان پېتى يالۋۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى:
-بالام ،ئوغلۇمنىڭ ئاشقازىنى ئاجىز ئىدى، بۇنى يىمىسەئاشقازىنى ئاغرىپ قىيلىنىپ كىتىدۇ،جېنىم بالام ئۆتۈنۈپ قالاي، ماڭا ۋە ئوغلۇمغا قىلغان ياردەملىرى بوپ قالسۇن، بىزدىن يانمىسا خۇدايىمدىن يانا.....
-سېلىشقا بولمايدۇ دىدىمغۇ،گەپ چۈشەنمەملا سىلە؟
بۇ چاغدا ئانام ئاللىقاچان ئۈن سېلىپ يىغلاۋاتاتتى:
-ئوغلۇم كىشىنىڭ يۇرتىدا تىكەندەك يالغۇز ياشاۋاتىدۇ،قولىمىزقىسقا بولغاچقا قىشلىق تەتىلدە كەل دىيەلمىدىم،ئوغلۇم ئىچكىرىدە ئۇزاق تۇرغاچقائاشقازىنىمۇ ئاجىزلاپ كەتتى، بىز دېھقان خەق ئېتىزىمىزدىن چىققان نەرسىلەرنى ئەۋەتىشتىن باشقىنى قىلالمايدىكەنمىز....ئاللاھ مۇرادلىرىغا يەتكۈزگەي، رىسقىلىرىنى كەڭ قىلغاي بالام، سىلىدىن خوش بوپ قالاي...ھۈ....ھۈ....
  ئانام تېخىچە يېغىدىن توختىمىغانىدى،ئىشخانىغا كىرگەندە ئولتۇرغان يىرىدىن قوپماي يېلىنىپ يالۋۇرماقتا يىغلىماقتا ئىدى.ئانامنىڭ يېغىسى ئۇنى تەسىرلەندۈردىمۇ ياكى ئانام ماڭا دائىم خالتا سالغاچقا كۆنۈكمۇ ئەيتاۋۇر ماقۇل دېگەن مەنىدە باش لىڭشىتتى ۋەقوشۇپ قويدى:
-ئىدارىدىن قايتۇرۇۋېتىپ جەرىمانە قويسا سىلى تۆلەيلا، مىنىڭ كارىم يوق.
  ئانام ئۆز يېشىغا ماس كەلمىگەن بىر خىل چاققانلىق بىلەن يەردىكى قۇتىلارنى خالتىغا سېلىشقا باشلىدى.
-ما يەگە ئادرېسى بىلەن تېلېفون نۇمۇرىنى يازسىلا.-ئۇ قەلەم بىلەن قەغەزنى ئانامنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ قويدى.
ئۇيغۇرچە خەتنى ئاران ئوقۇيدىغان ئانام خەنزۇچە ئادرېسنى قانداق يازسۇن؟ئانام قەلەمنى قولىغا ئالدى-دە كۈلۈمسىرىگىنىچە ئەتراپقا قاراشقا باشلىدى، ئانامنىڭ بايىقى يىغلاۋاتقان ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ چىرايىدا قۇياش پارلاپ تۇراتتى.ئۇ پوچتا خادىمىنىڭ ئاچچىقلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ بويۇنداپ قاراشقا باشلىدى.
-بالام ما ئادرىسىنى بىر يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن،ئىچكىردىكى شەھەرلەرگە يا ئۇيغۇرچە ئادرېس يازغىلى بولمىغان.-ئانام ئۇدۇلدىن كىلىۋاتقان بالىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بارغانىدى.ھېلىقى بالا:
-مەنمۇ خەنزۇچىنى ياخشى يازالمايمەن باشقىلارغا دەپ بېقىڭ ئاچا.-دىگىنىچە كېتىپ قالدى.ئانام كەمپۈتنى يوقىتىپ قويغان كىچىك بالىدەك ئۆمچەيگىنىچەداۋاملىق ئىزدەشكە باشلىدى.
-بالام ما ئادرېسنى يېزىپ بىرەلەسىزمۇ؟
-ئەكىلىڭ كۆرۈپ باقاي، ۋاي بۇ سىزمۇ ئاچا ،بۇ مىنىڭ تۇلۇقسىزدىكى ساۋاقدىشىم يېقىن ئاغىنەمنىڭ ئادرىسىكەنغۇ،نىمىشقا ئۇدۇل ماڭىلاتېلىفۇن قىلمىغانسىز.
-سىزنى ئاۋارە قىلغۇم كەلمىدى بالام،خۇدايىم ئىشىمنى ئاسان قىلدى سىزگە ئۇچراشتۇرۇپ، سىزنى كۆرۈپ ئوغلۇمنى كۆرگەندەك بولدۇم....
ئانام ئۇنىڭ باش كۆزىنى سىلاشقا باشلىدى ئەمدىلا قۇرىغان كۆز يېشى يەنە ئېقىشقا باشلىغانىدى......


-شۇنداق قىلىپ خالتىنى سېلىۋەتتىم بالام،ۋاقتىداتاپشۇرۇپ ئېلىۋالارسىز.
-ۋاي ئانا ،بۇنچە جاپادا سالغۇچە سالمىسىڭىز بولماسمىدى،باشقىلارنىڭ ئالدىدا يىغلىغۇچە...
-ھېچقىسى يوق بالام، ھەنىم بولسا ۋاقتىداسېلىۋالدىم،ھې...ھې...ھەر كۈنى ئەتتىگەندە گۈلقەنت يىيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ....
-ئانا، جېنىم ئانا،،،،،
  گېپىمنىڭ ئاخىرىنى دىيەلمىدىم،ئىچ-ئىچىمدىن ئېتىلىپ چىققان يېغا گىپىمنى توختىتىشقا مەجبۇرقىلدى،كۆز ياشلىرىم سەلدەك ئاقماقتا،يۈرىكىم پۇچۇلۇنۇپ ئېچىشماقتا،ساقال-بۇرتۇمدىن ساقىۋاتقان ياشلىرىم تېلېفون تۇتقان قۇلۇمغا چۈشمەكتە،قولۇم سۇس تىترەۋاتاتتى....
-بالام ئەمىسە ئاللاغا ئامانەت ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ ،ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن بالام.
-ئاللاغا ئامانەت ئانا.-دېيەلىدىم ئارانلا.
ئانام كۈلمەكتە مەن بولسام ئىچ-ئىچىمدىن پۇچۇلۇنۇپ يىغلىماقتا ئىدىم.ئۈنسىز ھالدا ئاللاغا ئىلتىجا قىلاتتىم:
ئېھ مېھرىبان ،قۇدرەتلىك ئاللاھ،ئاجىز ئانامنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن تېنىنى ساغلام قىلغايلا،پۇتىنى يۇيۇپ چېچىنى تاراپ ،ئايىغىدا پايپىتەك بولۇپ خىزمىتىنى قىلىدىغان كۈنلەرگە تىزراق ئىرىشتۈرگەيلا......

  مەنبە:ئۆزۈم
  ئەسكەرتىش:ھەقىيقى بولغان ئىشلارنى ئەينەن يازغان بولغاچقا ھېكايىدەك تىلى گۈزەل ،يېقىملىق چىقماسلىقى مۇمكىن،توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .

2012-1-5.شەھرى گۇاڭجۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-5 11:17 PM  


پــىــيــاز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6038
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 888 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 10:42:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىڭىزغا سالامەتلىك ۋە ئۆمۇر تىلەيمەن ، سىزنىڭ ئوقۇشنى تاماملاپ ياراملىق ئادەم بولشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن !! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   peyaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-5 10:43 PM  


پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ئۇلۇغ ئاللاھتىن

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50822
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19356
تۆھپە نۇمۇرى: 1358
توردا: 2844 سائەت
تىزىم: 2011-1-7
ئاخىرقى: 2012-2-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 10:51:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىڭىز بەك يامانكەن ، ھەرھالداپوچتىدىن  ياندۇرۋىتىدىغان نەرسىلەرنى سالالىپتۇ . ئانا مىھرى چەكسىزدۇر .

  مەنمۇ ئۆتكەندە يولدىشىمغا پوچتىدىن شۇنداق نەرسىلەرنى سېلىۋەتكىلى ئەكىرسەم ياندۇرۋەتكەنتى ، ئۆيگە كىلىپ مەنمۇ يېغلىغان .

ئۆمرۈمنى ئاللاھقا قۇلچىلىق قىلىش بىلەن بىرگە ، يولدىشىمنى رازى قىلىپ ، ئۈچ ئوغلۇمنى ئىسلام ئىچىدە تەربىيلەپ ، ئاتا _ ئانامنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىسام دەيمەن .

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5492
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4585 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 10:54:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ، ئاچچىق يىغا تۇتۇپ كەتتى، ئانىڭىز ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل، مىھىرى ئاتەش ئانا ئىكەن، ئانىڭىزنىڭ ئاشۇ ئەجىرىنى قايتۇرغۇچە سىزگە ئىنساپ، ئانىڭىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن، شۇنداق ياخشى يېزىپسىز، شۇنداق چىن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

要么忍,要么残忍

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1654
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 1389 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 11:24:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇپ بولغىچە كۆزلىرىمگە ئسسىق ياش كەلدى...ئاللا ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن....

ئېگىلگەنگە ئېگىلگىن بېشىڭ يەرگە تەككىچە ، غادايغانغا غادايغىن بېشىڭ كۆككە يەتكىچە  .

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4524
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 11:39:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70054
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2011-12-13
ئاخىرقى: 2012-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 12:25:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللا ئەڭ ئۇلۇغ ئانا ئەڭ مىھرىبان . اللا بارلىق ئانلارنىڭ ئۆمۇرنى ئۇزۇن قىلسۇن!

قايىل قىلىش قۇرق

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 601
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9215
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 4755 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 12:33:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز گۇاڭجۇدا قايتا تەربىيلىنىۋاتقان زىيالىمۇ ؟

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5514
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 116577
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6764 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 12:51:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆزلىرىمدىن ياشلىرىمنى سۈرتۈپ تۇرۇپ ئوقۇپ چىقتىم . اللە ئانىڭىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلسۇن . ھەم سىزنىڭمۇ ئۈگۈنىشىڭىزنى ئىلگىرى قىلسۇن . ئۇزۇن ئۆمۈر ، ئىمان ھەم سالامەتلىك مىھرىبان ئانىلىرىمىزغا يار بولسۇن!

يۈرۈگۈم نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇقتۇرغىن!

ئاي نۇرلۇق بولغى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13677
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6137
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 5175 سائەت
تىزىم: 2010-10-12
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 10:59:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nurjula يوللىغان ۋاقتى  2012-1-5 10:54 PM
شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ، ئاچچىق يىغا تۇتۇپ كەتتى، ئا ...

ئاللاھ خالىسا چۇقۇم شۇنداق قىلىمەن،ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە يۈز مىڭلاپ رەھمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش