مۇشىتلىشىش جەريانىدىكى قوغدۇنۇش دەرسلىكى .
6- قىسىم : يەكمۇ- يەك ئېلىشىش جەريانىدا بىرلەشمە ھەرىكەت بىلەن رەقىبىنى يىقىلدۇرۇپ ھۇجۇم قىلىش ،
مەزكۇر فېلىم دەرسلىكى پۈتۈنلەي MMA مۇسابىقىسىنىڭ نىڭ بىرلەشمە ھۇجۇم قىلىش مۇسابىقە قائىدىسى بۇيىچە ئىنگىلىزچە سۆزلەنگەن . بىراق ھېچقىسى يوق سىز تەپسىلى كۈرسىڭىزلا ناھايىتى ئاسان چۈشۈنەلەيسىز ،
مەزكۇر دەرسلىكنى كۈرۈش بىلەن بىرگە ئائىلىدە بىخەتەرلىكىڭىزگە دىققەت قىلغان ئاساستا نەزەرىيە بىلىمى تەرتىپى بۇيىچە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ ئۆزلەشتۈرۈپ تۇرۇڭ ...
دەرس سۆزلۈگۈچى : MMA مۇسابىقىسىنىڭ داڭلىق مۇشلاشچىسى { دان خېندېرسون }
دەرستىن كىيىن تۆۋەندىكى MMA مۇسابىقىسى جەريانىدىكى ماھىرلارنىڭ رەقىبلىرىگە ئېلىپ بارغان قالتىس KOھۇجۇملىرى كۈرۈنۈش قىلىنغان قىسقا فېلىمنى كۈرۈپ باقايلى . دەرسلىكنى تەپسىلى كۈرۈپ بولۇپ بۇ فىلىمنى كۈرۈڭ .
ئەسكەرتىش : مەزكۇر دەرسلىكلەرنىڭ ئەمەلىيچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى بۇلۇپ بۇ دەرسلىكلەر ئامېرىكا ئالاھىدە خادىملىرىنىڭ مەشىق قىلىش كۈن تەرتىبىگە كىرگۈزۈلگەن . شۇڭا دەرسلىك تەرتىبى بۇيىچە ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ مۇۋاپىق مەشىق قىلىپ بەرسىڭىزلا چۇقۇم ئۈنۈمىنى كۈرەلەيسىز ...
بۇ دەرسلىكلەرنى يوللاپ تۇرۇشۇم ھەرگىزمۇ مەشىق قىلىپ باشقىلار بىلەن ئۇرۇش جىدەل قىلىپ تۇرۇڭ دىگىنىم ئەمەس ،
كىشىلىك تۇرمۇشتىكى بەزى مەسىلىلەرگە يەنىلا سۇغۇق قانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى ئۈگىنىۋېلىڭ
ئەگەرداۋاملىق يوللىنىۋاتقان بۇ دەرسلىكلەرنى سىز ئۆزلەشتۈرۈش جەريانىدا ئازراق بولسىمۇ ئۈنۈمۈنى كۆرگەنلىكىڭىزنى ھىس قىلغان بولسىڭىز دەرسلىكنىڭ ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىپ تۇرىدۇ .
دەرسىمىزنىڭ 7 - قىسمىدا UFC ئەمەلىي مۇسابىقسسى جەريانىدىكى ماھىرلارنىڭ رەقىبىگە قانداق ھۇجۇم قىلىش ۋە قانداق مۇداپىيەدە تۇرۇش ھەركەتلىرىنى مۇسابىقىنى توختۇتۇپ تۇرۇپ بەلگە قۇيۇپ چۈشەندۈرۈش كۈرۈنۈش قىلىنغان ئەڭ يىڭى شۇنداقلا ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان بىر تۈرلۈك دەرسلىك خەنزۇچە تىلدا سۆزلىنىدۇ .....
ئەگەر سىز بۇ دەرسلىكلەرگە ھەقىقەتەن قىززىقىپ مەشىق قىلىپ ئۈگىنىشنى تاللىغان بولسىڭىز، شۇنداقلا دەرسلىكلەرنى كۈرۈش جەريانىدا بەزى مەسىلىلەرنى چۈشۈنەلمىگەن بولسىڭىز ماڭا ئۇچۇر قىلىڭ . مەن سىزگە كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە چۈشەندۈرۈپ قۇيىمەن ....
ھەممىڭلارغا ئامەت تىلەيمەن ....
مەنبە : ئۈزۈم ساقلاۋاتقان دەرسلىكلەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-5 08:35 PM