ئىزلىگىن ئۆزۈڭدىن ھەممىنى ئاۋۋال
ئىشتىن چۈشۈپ مەھەللىگە كېلىشىمگە،ئاز قالغاندا يىقىن دوستۇم تېلفۇن قىلدى.تېلفۇننى ئەپ بولغۇچە ئۇ يىغلاپلا كەتتى...نىمىش بولغىنىنى ئاڭقىرالمايلا قالدىم،ئۇ ئاران يىغىسنى توختىتىپ،<<مىنىڭ ئۆيۈمگە ئۇدۇل كەلسەك ساڭا دەيدىغان مۇھىم گىپىم باتتى>>-دېدى.ئۆيۈمگە تېلفۇن ئۇرۇپ قۇيۇپ،يۇلۇمنى ئۆزگەرتىپلا ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم.
ئىشىك قوڭقىرقىنى بېسىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگۈچە ئارلىقتا،يۈرگۈم رىتىمسىز سۇقۇپ كەتتى...نىمىشقا بۇنداق بۇلۇپ قالدىغاندىمەن...! دەپ،تۆتىنچى قەۋەتكە چىققۇچە ئۆز-ئۆزۈمگە سۆزلەپلا چىقتىم.ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ئازراق چاي ئوتلىۋالغاندىن كىيىن،يۈركىمنىڭ بايىقى رېتىمسىز جىددى سۇقۇشى سەل پەسەيدى.
-ئاداش،نىمىش بولدى، بايا يىغلاپ مىنى بەك قورقىتىۋەتتىڭغۇ؟دەپ سوراپ بولغۇچە ئاران تۇرغان قىز يىغىسنى يەنە باشلىدى.ئاياللارنىڭ ئاسان يىغلايدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان،ئەمما ھېچ بىر گەپنى باشلىماي تۇرۇپ يىغلىسا ئادەمنى سەل بىزار قىلىپ قۇيىدىكەن. ئۆزۈمنىڭمۇ بۇرۇن كۆزۈمدىن شۇنداق ئاسان ياش چىقاتتى.
ئەمما كۆپ قىسىملىق بىر كىنونى كۆرۈش جەريانىدا بۇ كىنودىكى باش قەھرىمان قىزنىڭ،يىغىستىن شۇنداق بىزار بولغان ئىدىم.بۇ قىز كىنونىڭ بېشىدا مۇھەببەتنىڭ خۇشلىقىدا يىغلىسا ،كىيىن ئايرىلىش ئازاۋىدىن يىغلايدىكەن.بۇ كىنو بولسىمۇ قىزغا ئىچ-ئىچىمدىن ھىسداشلىق قىلدىم،ئەمما يىغىستىن بەك بىزار بولغان ئىدىم.
ماڭا تەسىر قىلغان يەنى بىر كىنونى كۆرۈپ،بۇ كىنودىكى باش قەھرىمان قىزغا ئاپرىن ئېيتتىم،بۇ قىزنىڭ بېشىغا شۇنداق ئېغىر كۈلپەت كەلسىمۇ ،كۆزىدىن نەچچە تامچە ياشنى ئاققۇزۇۋېتىپ،يەنە شۇنداق قەيسەرلىك بىلەن ياشايدىكەن.مەن بۇ قىزنىڭ بۇ جاسارىتىدىن ئۆگىنىپ ھەر قانچە ئازاپ چەكسەممۇ يىغلىمايمەن...ئەمدى ،-دېدىم.شۇڭا ئالدىمدا بىرەرسى توختىماي يىغلىسا،بىردەم تەسەللى بىرىمەن،يەنە توختىمىسا سەل ئاچچىقىم كىلىدۇ.
-ئۇف،ئاداش ماۋۇ تۈگىمەس يىغاڭنى بىر توختىتىپ،نىمىش بولغىنىنى بىر دېگىنە...؟-دىدىم.ناھايىتى تەخرسىز ھالدا...!
ئۇ گەپ باشلاپ يولدىشىنىڭ،بىر تالاي يامان گىپىنى قىلدى.
-ئاداش،سەن دەردىمنى چۈشەنمەيسەن قارا...! سېنىڭ يولدۇشۇڭ بەك ياخشى،ئارتۇق تۈشۈك ئىشى يوق،چەكمەيدۇ،ئىچمەيدۇ. سىرىتلاردا قىمار ئوينايدىغان ياكى باشقا يولدىن چىققان ئىشلىرىمۇ يوق.ئەمما مىنىڭ يولدۇشۇم،مىنى بەك قاخشىتىۋەتتى...ھۈ...ھۈ...ھۈ...
-ئۇف،يەنە يىغىنى باشلىدىڭمۇ؟-دېدىم.
ئۇمۇ يىغىسنى توختىتىپ سۆزلەشكە باشلىدى.
-ئاداش ،قارا ئىككى بالىنىڭ دادىسى بۇلۇپ قالغاندىمۇ،قىمار سورۇنىدىن كىرەلمىسە،ئالغان مائاشىنىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك ئوتتارغاننى ئاز دەپ،نەچچە مىڭ يىۋەن مۇكاپاتنىمۇ ئۆيگە ئەكىرمەي ئۇتتۇرۋېتىپتۇ؟بۇنىڭغا ئاچچىقىم كىلىپ ئىككى ئېغىز سۆزلەپ بولغۇچە،<<ئەجەپمۇ بىزار بولدۇم>>دەپ ئۆينى تاشلاپ چىكەتسە،قانداق قىلىمەن.بۇ ئۆينى نەچچە يۈز مىڭ يۋەن قەرىز ئېلىپ ،ئالغىنىمىزنى بىلىسەن.ئاتا-ئانىسى تېخى ياشىنىپ قالدى.باللارمۇ كۈنسايىن چوڭ بۇلىۋاتىدۇ.ئەمما بۇ مىنىڭ يولدۇشۇم قاچانمۇ،ئادەم بۇلا؟دەپ قايناپلا كەتتى.
مەن سەل ئۆزۈمنى بېسۋالغاندىن كىيىن بۇ دوستۇمغا سۆزلەشكە باشلىدىم.
-دوستۇم قارا كونىلارنىڭ بىر گىپى بارغۇ؟<<دوس يىغلىتىپ ئېيتار،دۈشمەن كۈلدۈرۈپ>>دەيدېغان.مەندىن رەنجىسەڭمۇ سىنىڭ سەۋەنلىكلىرىڭنى ،يولدۇشۇڭنىڭ باللىرىڭنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكىڭنى سۆزلەي،ئۆزەڭنى زەن سەپ بىر كۆرۈپ باققىن دېدىم.
سىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىڭ،ھەر ئاينىڭ 10 دىن باشلاپ چاي دەپ ماڭساڭ،25 چىسلاغىچە تۈگىمەس چېيىڭ بار،بۇنىڭغا سىنىڭ يولدۇشۇڭ چىدىغان بىلەن مىنىڭ يولدۇشۇم ھەر گىز چىدىمايدۇ.ھەر قېتىم باللىرمىزنى ئوينىتىپ كىلەيلى دېسەم،باللىرىڭنىڭ <<ئاپام ئۆيدە يوق چايغا>> كەتتى.دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلايمەن.بىچچارە باللىرىڭ سۇغۇق تاماق يەپ ئۆيدە يالغۇز قالىدۇ.سەن ئۇنداق ئۆيدە ئولتۇرماي،كۈندۈز خىزمەت دەپ،كەچتە چاي،توي دەپ ماڭغىلى تۇرساڭ قانداق بىر ئەر كىشى چىدايدۇ.ھېلىمۇ سېنىڭ يولدۇشۇڭ،بەك-بەك كەڭ قۇرساق،سەن ھەممە ئىشنى يولدۇشۇڭدىن كۆرمەي،ئۆزەڭنىڭ يۈركىگە ئوبدان قول سېلىپ كۆرۈپ باق.
بۇ ئايدا ئون نەچچە مىڭ يىۋەنلىك چاپان ئېلىپ،ئەمدى ئۆزۈمنى بېسۋالاي دىمەي،يەنە پالانچى ئۇنى ئاپتىكەن،مەنمۇ ئالدىم دەپ ،خەق بىلەن بەسلىشىپ ئېلىۋەرسەڭ،ئاۋۇ كىچىنى-كىچە دىمەي ماۋۇ خەنلەرنىڭ ئارسىدا ،ئۆزىنىڭ قابىلىيتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھالال قان تەرى بىلەن ئىشلىگەن يولدۇشۇڭنىڭ ئاچچىقى كەلمەمدۇ؟پۇل غەچلىگەنغىغۇ ئاچچىقى كەلمەس،ئەمما سېنىڭ كۈندە ئۆيدە ئولتۇرماي،چاي-چاي دەپ سۇكۇلداپ مېڭىشلىرىڭغا،يانچۇقتا پۇل تۈگەندە <<پۇل تۈگىدى ئەمدى قانداق قىلىمىز،بىر ئامال قىلىڭە>> دىسەڭ يولدۇشۇڭ،قانداق قىلىپ بىرىدۇ.سەنمۇ يولدۇشۇڭنىڭ ھالىغا يىتىپ قوي،ئىشتىن ھېرىپ-ئېچىپ كەلگەندە ئالدىغا خۇش-تەبەسسۇم بىلەن چىقىپ،ئىللىق چىراي كۈتىۋال،ئىدارىنىڭ تاماقلىرىنى يەپ بىزار بولغان يولدۇشۇڭغا ،ئوخشىتىپ ئىسسىق تاماق ئىتىپ بەر،قېنى شۇ چاغدا يەنە ئۆيدە ئولتۇرماي قىمار سورۇنىغا ماڭامدۇ،يوق.دەپ بىر تالاي سۆزلەرنى قىلدىم.ئۇمۇ سۆزۈمنى قۇبۇللىغاندەك باش لىڭشىتتى.
ھەر ئادەمنىڭ تۇتقان يۇلى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمما كاللىسى سەگەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار ئادەم،ئۆزىنىڭ قايسى يەرگە بىرىش قايسىغا بارماسلىقنى،ئائىيلىدىكى مەسئۇلىيتىنى،ئۆزىنىڭ ئائىيلە ئەزالىرغا قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلىدۇ.شۇڭا ھەر قانداق ئىشتا ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن بىر سوراپ،<<مەن نېمە قىلىپ بىرەلىدىم،ئاغرىنسام بۇلامدۇ يوق >>دېگەننى ئويلىشىمىز لازىم.مەيلى ئايال ياكى ئەر بولسۇن،ئۆز مەجبۇريىتىنى ئادا قىلماي تۇرۇپ،بىرسى-بىرسىدىن ئاغرىنىش ياخشى ئەمەس .
قاخشىدۇق ئەرنىڭ كەينىدىن توختىماي،
ئەر ئەرگە ئوخشىماي قالدى دەپ پەقەت.
بىز ئايال ئايالدەك بولمىساق خۇشخۇي،
ئەرلەر يۈرەمدۇ سىرىتتا مەس ئەجەپ.
ھەممە گۇناھنى ئەرگە قويماي بىزمۇ ،
ئىزلەيلى ھەممىنى ئۆزمىزدىن ئاۋۋال.
خۇشاللىق ھىس قىلسا ئەرلەر ئۆيدىن،
تالادا يۈرمەيدۇ چىقىرىپ نە شامال.
ئەرمۇ ئەردەك يۈرسۇن ۋىجدانى بىلەن،
ئايال-ئايالدەك بولسۇن ئەخلاقى بىلەن.
روناق تاپسۇن ئائىيلە بەخت ئىلكىدە،
پەرزەنىت كۈلسۇن مېھرىگە قېنىپ تەڭ.
مەنبە قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-5 06:40 PM