مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 784|ئىنكاس: 17

يېتىمنىڭ ئېگىسى ئاللاھ(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

بسْــــــــــــ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50601
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 483
تۆھپە نۇمۇرى: 247
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 06:16:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېتىمنىڭ ئېگىسى ئاللاھ(ھېكايە)

  

«ئەگەر بىر قىز بولسا رەسىدە،

پەتىۋاسى باردۇر ھەدىستە...»


قىز بۇ مىسرالارنى نەدە ئۇچراتقىنىنى ئەسلىيەلمىدى. نېمىشقىدۇر بۇ مىسرالار ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىۋالغانىدى. ئون ئالتە-ئون يەتتە ياش ۋاقىتلىرىدا قوشاق شەكىلدە مىسرالارنى يازغىنى، ئەتىرگۈلنى قۇلىقىغا قىسىۋالغىنى ئېسىدە. توسقۇنسىز بىر مۇزىكا ئۇنىڭ ھاياتىغا بۆسۈپ كىرگەنىدى. بۇ خىل تۇيغۇلارغا ھاياتتىكى ھېچ نەرسە، ئەڭ رەزىل كۆرۈنۈشلەرمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيتتى. بۇ دەل كۆكنىڭ قەرىدە كۆكنى يېرىپ ئۇچۇۋاتقان راكېتا ياشلىق ئىدى...ئۇ بالىسىنى پەپىلەپ قويدى، بالىسىنىڭ قونچاقتەك كۆزلىرى مىت قىلماي ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى، ھەرقانداق بوۋاق قەغىشلىك قىلىدۇ، لېكىن بۇ بوۋاقنىڭ كۈلۈمسېرەپ تۇرغىنى تۇرغان ئىدى. بىر قېتىممۇ يىغلاپ باقمايتتى... قىز ئۈچ كوچا دوقمۇشىدا ئوڭغا بۇرۇلۇشنى يا ئۇدۇلغا مېڭىشنى بىلەلمىدى. ئۇدۇلدا چوڭ مازارلىق بار ئىدى. ئۇ يەر بىر قەدەر جىمجىت ئىدى... شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ئاكىسىغا:« ئاكا، مەن سەندە ئوقۇيمەن، ساڭا ئوخشاش بىلىملىك بولىمەن!» دېگەنىدى. ئاكىسىغا كۈندۈلۈك خاتىرىلىرىنى، شېئىرلىرىنى كۆرسەتكەنىدى...قىز ئۇدۇلىغا قاراپ ماڭدى، مازارنىڭ توپىسى ئۇنىڭ ھوشۇقىغىچە كەلدى، بالىسىنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى. بوۋاقلار شۇنداق غەمسىز بولامدىكىن؟...ئۇ يەنە غەلىتە خىياللارغا پاتتى. ئاچىسى دائىم: «ئانام ھايات   ۋاقىتتا دادامغا، نېمە كۆرسەڭ مۇشۇ قىزىڭدىن كۆرىسەن دېگەن» دەپ ئۇنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ قوياتتى. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئەسلىسىلا ئۆزىنىڭ مەڭگۈ بۇ دۇنيادا خۇشھال بولالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ھاياتتا نېمىگە ئېرىشكىنىنى بىلەلمىدى. ئۇ تۇغۇلۇپلا يوقىتىپ كېلىۋاتاتتى؛ قەرزگە بوغۇلۇپ كېلىۋاتاتتى... قەۋرىلەر دۈمچەك-دۈمچەك كۆرۈندى... ئۇ يەكشەنبە كۈنىنىڭ كېلىشىدىن ئەنسېرەيتتى. يېزىلاردا يەكشەنبىدە قىز قېينىئانىسىنىڭكىدىن چوڭ ئۆيىگە كېلىدىغان ئادەت بار. ھەر يەكشەنبە كۈنى ئۇنىڭ ئۆگەي ئاپىسى قەستەنمۇ ياكى مەلۇم ئىش بىلەنمۇ ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ كېتىپ قالاتتى. ئۇ گەپكە قېلىشتىن قورقۇپ، ئىشىكنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ كېلەتتى. يوغان قۇلۇپ سېلىنغان ئىشىك ئالدىدا ئۇزاقتىن-ئۇزاق بالىسىنى كۆتۈرۈپ ساقلايتتى... ئۇ ئاكىسىنى سېغىندى. ئاكىسىلا ئۇنى بىر قەدەر ياخشى چۈشىنەتتى. ئۇنىڭ توي ئىشىدا ئاكىسى: «قوشۇلمايمەن، قوشۇلمايمەن!» دېگەنىدى...ئۇ بالىسىنى مەھكەم باغرىغا باستى... «ئاھ، بالام!...»

ئۇنىڭ ئەمدىلا ئون سەككىزگە كىرگەن ۋاقتى. تۇرمۇشنىڭ، ھاياتنىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيتتى، تۇيۇقسىز ئاچىسى ئۇنىڭ تويىنى قىلىدىغانلىقىنى   دېدى، ئاچىسىنىڭ كۆز قارىشىچە، مۇشۇ ئۆيدىن-ئۆگەي ئاپىسىنىڭ يېنىدىن بىر مىنۇت بولسىمۇ بالدۇر كەتسە ھاياتتىكى ئەڭ زور بەخت شۇ ئىمىش... ئۇ بەكلا تېڭىرقىدى، بۇنداق بولۇشىنى ئەسلا خىيالىغا كەلتۈرمىگەنىدى، ئاكسىغا تېلېفۇن قىلغۇسى كەلدى. لېكىن قېرىشقاندەك ئاكىسىنىڭ تېلېفۇنى ئۇلانماي كەتتى. ئۇنىڭ بوغۇلۇپ يىغلىغۇسى كەلدى. چۈنكى، ئۇنى ياتلىق قىلماقچى بولغان يېگىت ئۇنىڭدىن توپتوغرا ئون ياش چوڭ ئىدى...قىز بالىسىغا قاراپ يەنە تارام-تارام يىغلىدى، ئانىسىنىڭ قەبرىسىگە گۈل قويغۇسى كەلدى... ئۇ دوستلىرىدىن ئۇ بالىنىڭ نەشە چېكىدىغانلىقىنى، ئويۇن-تاماشىلاردىن نېرى بولالمايدىغانلىقىنى   ئاڭلاپ قالغانىدى، ئۇ بۇلارنى دەپ چوڭلارنى ھەرقانچە قىلىپ قايىل قىلالمىغانىدى، ئاكىسىغا تېلېفۇن ئۇلانغان بولسا كۆڭلىنى بىر بوشۇتۇۋالغان بولاتتى. لېكىن قاغىش تەگكۈر تېلېفۇن ئۇلانمايۋاتاتتى...     

     قىز   ئاددىيلا تويىنى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلارنى ئويلىغۇسى كەلمىدى. ئانىسىنىڭ قەۋرىسىنىڭ يېنىغىلا كېلىپ قالدى، بوۋاق بالىسىغا قارىدى، ئۇ يەنىلا شۇنداق كۆزلىرىنى پىلدىرلىتىپ تۇراتتى. ئاھ، بوۋاق بالىلار، سىلەر نەقەدەر غوبارسىز-ھە! ئانىسىنىڭ قوينىدا، بوۋاقلىق ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتسىمۇ بولۇدىكەن كىشى! شۇنداق بولسا جەننەتكە كىرەلەرمىزمۇ؟


...ئۇنىڭ قورسىقى خېلىلا ئېغىرلاپ قالغانىدى، بەلكىم تۇغۇشىغا بىر ھەپتە قالغانىدى، ئۇ يەڭگىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىن كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ چوڭ ئۆيگە بېرىپ كېلەي دەپ كەلگەنىدى، يەڭگىسى بىلەن سالاملىشا-سالاملاشمايلا:

-ھېلىتىن تۇغۇمەن دەپ كېلىۋالدىڭما؟ بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ كەلسەڭمۇ بولاتتى، نېمانچە ئالدىراپ كېتىدىغانسەن! –دېدى ئۆگەي ئاپىسى زېمىستاندىكى سوغۇق مۇزدەك. شۇندىمۇ ئۇ كۆڭلىنى ئۈستۈن تۇتۇشقا تىرىشتى. يەڭگىسى بىلەن ئۇزۇن پاراڭلارنى قىلىشتى.


ئەتىسى ئۇنىڭ تولغىقى تۇيۇقسىز تۇتتى، خۇددى گۈلدۈرمامىدەك، چاقماق چاققاندەك، بوران گۈلدۈرلىگەندەك. «ۋايجان، ۋاي ئاللاھ!» ئۇنىڭ كاللىسىدا باشقىلارنىڭ «تۇنجى تۇغۇتتا  يا بالا چىقىدۇ، يا جان چىقىدۇ» دېگەن گېپى ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئاھۇ-زارى زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋاتاتتى. ئېغىر ئاياق يەڭگىسى تىپىرلاپ كەتتى:

-قانداق قىلىمىز، ئۇ بولالمايۋاتىدۇ...! دادام ماشىنىسى بىلەن دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويسا بولارمىكىن؟


-دادىڭىز قانداق نومۇس قىلماي دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ قويىدۇ؟ دوختۇرخانىغا تاكسى چاقىرىپ ئاپىرىڭلار...!- بۇ خوتۇن كالپۇكلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ شۇنداق دېدى-دە، ئۇزۇن لېچەكلىرىنى ئاۋايلاپ سېلىپ، جايناماز ئۈستىدە دۇرۇد ئوقۇشقا باشلىدى. بۇ، ئۇنىڭ ناماز بامداتتىن كېيىنكى ئىككىنچى نامىزى- چاشگاھ نامىزى ئىدى...


كېلىنچەك ئامالسىز تاكسىغا تېلېفۇن قىلدى، ئۇنىڭغىچىلىك قىزنىڭ تولغاق زارى ئۇنى بەكلا تەمتىرىتىۋەتتى، «مەنمۇ شۇنداق بولارمەنمۇ؟»دېدى ئۇ كۆڭلىدە. «ۋايجان!... ۋاي، ئاللاھ!» قىز بولسا  ئازابنىڭ دەستىدە ئۆزىنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى ئۇلىيالمايۋاتاتتى. بەلكىم ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئاكىسىنى ئەسلىگەندۇ؟ ئۇنىڭدىن باشقا كىمنى ئەسلەيدۇ، نېمىنى ئەسلەيدۇ؟ بەلكىم خۇدانى، ئۆلۈمنى ئويلىغاندۇ؟ بىر نەچچە دەقىقە بەكمۇ ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتى، بىر ئەسىردەك بىلىنگەن ۋاقىتتا تاكسى يېتىپ كەلدى، ئاۋايلاپ قىزنى تاكسىغا چىقاردى-دە، دوختۇرخانىغا يۈرۈپ كەتتى. لېكىن قىزنىڭ ئاھۇ-زارىغا قارىغاندا ئۇنى دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈش قىيىن ئىدى، ئامالسىز ئۇنى ئاچىسىنىڭ ئۆيىگە ئەكىردى، ئاچىسى تېخى يېقىندىلا قاتناش ۋەقەسىگە يولۇققان، پۇتى ئەمدى سەل ياخشىلىنىپ قولتۇق تاياق بىلەن ماڭالايدىغان بولغانىدى. ئۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ساراسىمىگە چۈشتى، سىڭلىسىنى ئاۋايلاپ ياتقۇزدى، ئاندىن ئىككى يېڭىنى تۈرۈپ خۇداغا ئىلتىجا قىلدى:


-ئى ئاللاھ! ئى يېتىملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھ! يېتىمگە ئۆزۈڭ ئىگىسەن!...

...


  

قىز ئانىسىنىڭ قەۋرىسى ئالدىدا ئۇزۇن تۇردى، ئاندىن دۇئاغا قول كۆتۈردى؛ بالىسى بولغاچقا دۇئاغا قول كۆتۈرەلمەيتتى، پەقەت ئىشارە قىلدى، دۇئادىن كېيىن ئوماققىنە بالىسىغا قارىدى، كۆزلىرىگە لۆممىدە ياش ئالدى، بالىسىغا قاراپ تۇرۇپ شۇنداق پىچىرلايتتى: «يېتىملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھ! يېتىملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھ!!!» بۇ ۋاقىتتا بوۋاق ئانىسىنىڭ كۆز يېشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەيتتى، دادىسىنىڭمۇ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغانىلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ تۇغۇلۇپ ئۇزاق بولماي يېتىم بولغانلىقىنى بىلمەيتتى.


ئەمدى بىز بۇ ھېكايىنى مۇشۇ يەردە قويۇپ قويۇپ بۇ شېئىرنى ئوقۇيلى:


ئەگەر بىر قىز بولسا رەسىدە،

ئەسىر بىلەن ناماز شام ئارىسىدا

پەتىۋاسى باردۇر ھەدىستە،

ئەسىر ۋاجىپ

يا ۋاجىپ ئەمەس.

ئەسىر بىلەن ناماز شام ئارىسىدا

بىر غۇنچىنى پۈۋلىدى ئاللاھ.

ئەسىر بىلەن ناماز شام  ئارىسىدا

نېمە قىلسا قىلغاي قىز بالا.

چۈنكى بولدى بىر قىز چىرايلىق،

ئاسمان بېغى چېچەكلەيدۇ لىق.

  .

( مىسرالار ئادىل تۇنىيازنىڭ )

  




قايغۇرما دۇنيا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64415
يازما سانى: 405
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4412
تۆھپە نۇمۇرى: 409
توردا: 648 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2012-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 06:51:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇمىسام بولوپتىكەن ئەسلى.

ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا بەل قويىۋىتىش،مەغلوبىيەتنىڭ ئىككى ھەسسىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

ئۆلۈم ھايات جۈمل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13361
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6576
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 1729 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2012-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 06:51:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                        سىز يىتىم ئەمەس!!!
      ئەسىىلامۇئەلەيكۈم:

     ياخشىمۇسىلەر مۇنبەر ئەھىلى؟! بۈگۈن بۇ قەلىمىم يەنە ماڭا بويسۇنماي قەغەز يۈزىدە ئوينايمەن دەپ بەكلا جىم تۇرالماي مىنى قاقشىتىۋىتىپ بارىدۇ.شۇ سەۋەپ يەنە بۇ كاساپەت،كەپسىز قەلىمىمنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋەتتىم.سىلەرنى زىرىكتۈرۋەتسىمۇ ئازراق سەۋىر قىلىپ بۇ كەپسىزىمنى ئىختىيارىغا قويۇۋىتىشىمگە روخسەت قىلغايسىلەر.بىلىمەن،خىلى بۇرۇندىنلا ماڭا ۋە بۇ ھەمراھىمغا رۇخسەت قىلىپ بىزنى ئەركىن قويۇۋىتىپ بارىسىلەر.بۇنىڭ ئۈچۈن مەن تولىمۇ خۇشال.بۇ كەپسىز شۇمتەكمۇ ئۆزىنى بىلەلمەي تىخىمۇ شوخلىشىپ قاچاندا قارىسا قەغەز ئاغىنەم بىلەن ئوينايمەنلا دەپ تۇرۋالىدۇ.سەل ئىختىدارى بولسا بۇنىڭدىنمۇ بەكرەك كەپسىزلىك قىلىدىغان ئوخشايدۇ.
    يىقىندىن بىرى مەن ‹يىتىم›سۆزىگە ئائىت ئەھۋاللارنى كۆپ ئۇچرىتىپ كىتىۋاتىمەنغۇ ھىچ ئۇقمىدىم.باشقىلار ئاغزىدىن ۋە تورلاردىنمۇ كۆپ ئاڭلاپ كىتىۋاتىمەن.قايسى كۈنى مەكتەپداشلار تورىنى چىڭداۋېتىپ ‹يىتىملەر دىگەن ئۆزبىكچە ناخشىنى ئاڭلاپ بۇ ‹يىتىم›ئۇقۇمى توغرىسىدا مۇنبەرداشلار بىلەن پىكىرلەشكۈم كەلدى.ئۆزۈممۇ ھەيران ماڭا مانا مۇشۇنداق بىرەر تەرەپ تەسىر قىلپ ئويلىنىشقا تۈرتكە بولسا بۇ ئىش بىر قانچە كۈن كاللامغا كىرۋىلىپ شۇ تىما توغرىسىدا كۆپ ئويلىنىپ كىتىمەن. بولسا بىرەرى بىلەن شۇ ئويلىرىم توغرىسىدا پىكىرلىشىۋەتسەم ۋە ياكى مانا مۇشۇنداق قەغەز يۈزىگە جىجىلىۋەتمىسەم ئاندىن ئارامىمغا چۈشىدىكەنمەن.قىنى ئەمسە بۈگۈن بۇ بىر قانچە كۈندىن بىرى ئويلىنىۋاتقان تىما ئۈستىدە مەن بىلەن ئورتاق پىكىردە بولىشىپ بەرسەڭلار....
    يىتىم دىگەن زادى قانداق بولىدۇ؟! قانداق ئەھۋالدا قالغانلار يىتىم تۈرىگە كىرگۈزىمىز؟! سىز يىتىممۇ؟!......<يىتىم>بۇ ئۇقۇم ئاڭلانسا قەدىردانلىرى بولغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىلسى يوق ياكى بىرى ھەرخىل سەۋەپلەر بىلەن يوق ،ھامىيسىز قالغان ئىچ ئاغرىتىشقا،كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە تەسەللىگە مۇھتاج بولغان كىشلەرنى مۇشۇ تۈرگە كىرىدۇ دەپ قارىساق كىرەك.شەخسەن بۇرۇن بۇ تىما ئۈستىدە ئۇنچە تەپسىلى پىكىر يۈرگۈزمىگەندە شۇنداق ئويلاپ قالاتتىم لىكىن ھازىرقى ئويۇمدا بولسا ھەقىقىي يىتىم ئەنە شۇ قەدىردانلىرى بار تۇرۇپ روھىيىتى ۋە مەنىۋىيتىدىن،ئىتقاتىدىن ئايرىلىپ قالغانلار ھەققىي تىرىك يىتىم ئىكەن.ئارىمىزدا ھەقىقەتەن ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان بىزنىڭ دەسلەپكى ئىڭىمىزدىكى يىتىم تۈرىگە كىرىدىغانلار ئاز ئەمەس.مەنمۇ ئەتراپىمدا بىرقانچە قىرىنداشلارنى ئۇچراتتىم ھەم يەنە شۇ قىرىنداشلىرىمغا مەسلىكىممۇ كەلدى.نىمە ئۈچۈن دەمسىلەر؟! سىلەرگە دىسەم مۇشۇ تۈردىكى بىر قىسىم قىرىنداشلىرىم مەن ۋە سىزنىڭكىدەك ئاتا-ئانىمىز ھايات،يىنىمىزدا تۇرۇپمۇ ئۇلاردىكى جاسارەتكە،غەيرەت چىدامچانلىق ۋە مەنىۋىيىتىگە ۋاقتى كەلسە سىز،مەن تەڭ كىلەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.
    مەن بۇ يەردە ئارتۇق گەپ قىلىپ ئولتۇرۇشنى توغرا كۆرمىدىم چۈنكى بۇ تەرەپلەرنى دەپ ئولتۇرمىساممۇ قىرىنداشلارنىڭ كۆڭلىگە نىمە دىمەكچى بولغانلىرىم ئايان دەپ قارىدىم.پەقەت ئەنە شۇنداق ئۆزىنى يىتىم دەپ باشقىلار ئالدىدا بوينىنى قىسىۋاتقان،ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتە ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ قويىۋاتقان،ئىچكى دۇنيارىدىمۇ ئۆزىنى يىتىم قالدۇرۋاتقان،يوقىتىپ قويۋاتقان قىرىنداشلىرىمغا بىرقانچە يۈرەك سۆزۈم بار:
قىرىندىشىم سىز يىتىم ئەمەس،چۈنكى سىزگە تۇغۇلىشىڭىزدىنلا ئاللانىڭ رەھمىتى يېغىپ مانا مۇشۇنداق مۇسۇلمان توپى ئارىسىدا ياراتتى.
قىرىندىشىم سىز يىتىم ئەمەس،چۈنكى يەنە سىزگە ئاللانىڭ رەھمىتى يېغىپ سىزنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەنە شۇنداق تاشقى دۇنيادىكى يىتىملىك سىنىقىنى ئاتا قىلدى.(پەيخەمبەر ئەلەيھىسسالام قايسى كىشى بەك سىنىلىدۇ دىگەن سۇئالغا مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: پەيخەمبەرلەر ئەڭ قاتتىق سىنىلىدۇ،ئاندىن تۆۋەندىكىلەر،ئۇلاردىن قالسا تۆۋەندىكىلەر،ئۇلاردىن قالسا تىخىمۇ تۆۋەندىكىلەر،ئادەم ئۆ‍ز دىنىغا قاراپ سىنىلىدۇ،ئەگەر دىندا مۇستەھكەم ئادەم بولسا قاتتىق سىناققا ئۇچرايدۇ،بوش ئادەم بولسا بوشراق سىنىلىدۇ.ئاللا ئادەمنى دىنىغا قاراپ سىنايدۇ.بەندە يەر زىمىن ئۈستىدە مېڭىپلا تۇرىدىكەن،ئۇنىڭ گۇناھى بولمىسىمۇ بالادىن خالىي بولالمايدۇ.تىرمىزى رىۋايىتى.)
قىرىندىشىم سىز يىتىم ئەمەس،چۈنكى سىز مىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەڭ سۈيۈملۈك،سىرداش،ھالىغا مۇڭ بولىدىغان،كۆڭلىنى چۈشىنىدىغان ھەم شۇنداق ئىچكى دۇنيارىدا تىرىك يىتىم قالغانلارغا ياخشى ئوزۇق بىرەلەيدىغان قىرىندىشىمىزسىز.
قىرىندىشىم سىز يىتىم ئەمەس،چۈنكى سىزگىمۇ ئۆزىڭىزگە يارىشا ئاللادىن ئاتا قىلىنماقچى بولغان ھازىرقى ۋە كەلگۈسى گۈزەل ئىستىقبال،بەخىتلىك تۇرمۇش،ياخشى ئاقىۋەتلەر،رىسىقلار كۈتۈپ تۇرۋاتىدۇ.
قىرىندىشىم سىز يىتىم ئەمەس،چۈنكى سىز مەندىن جۈملىدىن ئەڭ كۈچلۈكلەر ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلىكىسىز.يەنە چۈنكى سىزدە بۇرۇنلا روھىي جەھەتتىنكى كۈچلۈكلۈك يىتىپ بولغان،ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا سىز شۇ تاشقى دۇنيادىكى يىتىم بولغان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىڭىزدىلا ئۆزىڭىزنى تۈگەشتۈرۈپ ھازىرغا قەدەر مۇشۇنداق بەردەم تۇرالمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن ئىدى.
قىرىندىشىم سىز يىتىم ئەمەس،چۈنكى سىز مىنىڭ ۋە ئۇنىڭ سىزگە بۇ تەرىپىڭىزدىن ئىچ ئاغرىتىپ تۇرۇپ ئاتا قىلغان كۆيىنىش ۋە مۇھەببىتىگە مۇھتاج بولماستىن چىن قەلبىدىن ئاتا قىلغان ساپ ۋە سەمىمىي مۇھەبببىتىگە مۇھتاج بولغان ھەم ئىچ ئاغرىتىش ئاساسىدا كەلگەن مۇھەببەتنى قوبۇل قىلىشنى چىن كۆڭلىدىن خالىمايدىغان روھىيىتى تولىمۇ مول ۋە ئەڭ كۈچلۈك قەدىرلەشكە تىگىشلىك كىشىدۇرسىز.

مەنبە: ئەنجۈرە خاتىرىسىدىن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   anjura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-5 06:53 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
saray1 + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ۋاقىت ھەممىگە ھۆ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21672
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5075
تۆھپە نۇمۇرى: 361
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2010-12-10
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 07:24:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئى ئاللاھ! ئى يېتىملەرنىڭ ئىگىسى ئاللاھ! يېتىمگە ئۆزۈڭ ئىگىسەن!...

ئوشۇق سۆزلەشنى لايىق كۆرمىدىم ...

تەختىرىڭدىن زارلانما ئۇ گۇناسىز ...

يىراقنى كۆرگۈم ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 18313
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 3533 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 07:40:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىتىمنىڭ يارى <<اللە>> ، ھەي يىتىملەر غىمىڭلارنى <<اللە>> قىلىدۇ.

يىللارنى ئۆتكۈزدۈم لىۋىمنى تامچىپ، ئايلارنى سانىماق تەس ئىكەن ئاندىن. ھەپتىلەر كەلگەندە خىيالچان بولۇپ، مىنۇتلار كەلگەندە ئۇيقۇدىن قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36767
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1598 سائەت
تىزىم: 2011-4-7
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 08:24:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن شۇنداق يىتىمنىڭ ئىگسى ئاللاھ بۇ  دۇنيادا  يىتىم  بولمايدىغان  كىم با

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20496
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2595 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 10:16:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بەك يىرىم بولدى . ئانامنى سىغىندىم .

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئۇلۇغ اللاھتىن ك

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 4456
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى : 59044
تۆھپە نۇمۇرى: 2896
توردا: 1824 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 10:21:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى بۇ تېمىنى ئوقۇۋېتىپ،يېتىمنىڭ بېشىنى مېھرىبان اللاھ ئۆزى سىلايدۇ....

مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.

بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتدۇ

دائىملىق ئــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28086
يازما سانى: 1346
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11465
تۆھپە نۇمۇرى: 1357
توردا: 4492 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 11:03:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىتىمنڭ  ئىگىسى بىر ياراتقۇچى ئاللاھدۇر

قەدىرلىگىن قەدىرىڭىنى بىلگەن قەدىرلىگڭىنى ،قەدىرلىمىگىن قەدىرىڭىنى بىلمىگەن قەدىرسىزنى ،ئالدىڭغا كەلگەن سۆيگۈنى قەدىرلە ،كىشى ئالدىغا سۆيگۈ تىلەپ بارما .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72367
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2012-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 12:44:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىتىمنڭ  ئىگىسى يەككە-يىگانە  ياراتقۇچى ئاللاھدۇر

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش