مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 153|ئىنكاس: 7

چېچەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش] تەلەي +1

بسْــــــــــــ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50601
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 483
تۆھپە نۇمۇرى: 247
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2011-8-5
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 06:06:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەندىن رەنجىپ قالدىم



سەندىن رەنجىپ قالدىم. زارىقىپ كۈتكىنىمدە كەلمىگىنىڭ ئۈچۈن، خىياللىرىمدىن كەت دېسەممۇ كەتمىگىنىڭ ئۈچۈن، يىغلىسام  ياشلىرىمنى بىرەر رەتمۇ سۈرتمىگىنىڭ ئۈچۈن .

گۈل تىزىپ كەلگەنلەر ئارسىدا سەن يوق. سەلكىنلەر ئېلىپ كەلگەن سالاملاردا سېنىڭ ئاۋازىڭ يوق. ئاق بوز ئاتىڭمۇ كىشنەپ باقمىدى...

ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ باقمىدىم. تەققاسلاپ باقىمەن، شاماللارنىڭ تاتلىق شىۋىرلاشلىرىغا، چاقماقلارنىڭ قەھىرلىك چېقىلىشلىرىغا ... ئۇ ھەممىسى سېنىڭ ئاۋازىڭ.

نەي ئاۋازىنى نېمانچە  ياخشى كۆرىدىغاندىمەن. ئۇنىڭدا مېنىڭ  نەچچە مىڭ يىل ياشىغانلىق داستانىم بار. ھەجەپمۇ ئۇزاق ياشىدىم ھە مۇشۇ تەنھالىقىم بىلەن. نەينى سەنمۇ ياخشى كۆرىسەن، ئازاپلىرىمنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىيالىغىنىڭ ئۈچۈن.

تېنچ كېچىدە ئاسمانغا  قارىدىڭمۇ جېنىم؟! ئاي چىققان كېچىدە پەقەت بىرلا قېتىم ئايغا  قارىغىن. ئايدىكى قاراقلىرىڭ ماڭا قالسۇن...

چېچەك



مەستخۇش ھېدلىرىڭدىن بىھۇش بولۇپ، ساڭا ئاستا يېقىن كەلدىم .
كىرپىكىمدە لەيلەپ قالغان بىر تامچە يېشىم، ماڭا  ئاتا  قىلغان  ھېدىڭ تەپتىدە قارچۇقۇمغا سىڭىپ كەتتى. لەۋلىرىمدە ئەگىپ يۈرگەن تەبەسسۇم بەرگىڭگە لەۋ سوزغاندا، ھال رەڭ تونىڭ ئۈستىگە يېپىلغان شەبنەم زەم-زەم كەبى تەشنا دىلىمغا ھوزۇر ئاتا قىلدى. قۇرغاق، مېھىرسىرىغان ھۇجۇدۇمغا بەخشەندە ئەتكەن ئىللىقلىق باغرىڭدا، تۇيغۇمغا خىرە بىر سىيما سايە تاشلىدى. پىنھانىمدا تىپىرلىغان ئازاب ئۇچقۇنلىرى، قەلبىم قەھرىدە گۈركىرىگەن بورانلاردا لاۋىلداپ يانغىنغا ئايلاندى. ئېھ، چېچەك! مېنى يۇتۇپ كەتكىن، مەن باغرىڭغا سىڭىپ كېتەي. سېنى بىراۋلار تەسۋىرلىگەن «چېچەك  پەسلىڭ» گە سىڭىپ كېتەي. بەرگىڭدە لەيلەپ يۈرگەن شەبنەملىرىڭ بىلەن، خاتىرەمنى   يۇيىۋەتكىن. مەن كۈلگىن ئەتەم بىلەن روھىمنىڭ ئەڭ  پاك جىلۋىسىدە  سېنى باغاشلاي...




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-5 06:27 PM  


تىلەيمەن جەڭدىكى ئۈلۈمنى.

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71539
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 210
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2011-12-23
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 07:21:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ چىن ھىسىيات بىلەن يېزلىپتۇ .

توۋا .ھەمما ئادەم يازالايدىكەن .دىيەلەيدىكەن .ئاڭلاپ تەپەككۇر قىلالايدىكەن نىمىشقىمۇ ئەمەل قىللامايدىغاندۇ..ئازىراق بولسىمۇ ئەمەل قىلغان بولسا ئىدى .؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53619
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 460
تۆھپە نۇمۇرى: 60
توردا: 218 سائەت
تىزىم: 2011-8-28
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 07:27:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئازاپلىرىم،مېنى

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10299
يازما سانى: 598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11698
تۆھپە نۇمۇرى: 301
توردا: 8780 سائەت
تىزىم: 2010-9-14
ئاخىرقى: 2012-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 07:33:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋزۇسىنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلىمەن....:(چاقچاق)
لىرىكلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي...

شامال ئېيتىدۇ:ئەقىدەڭنى ماڭا بەر.

يىراقنى كۆرگۈم ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 18313
تۆھپە نۇمۇرى: 492
توردا: 3533 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2012-1-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 07:53:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق نەسىرلەرنى ئوقۇغۇم كىلىدۇ ، بەلكىم بالىلىقنى سىغنىغان بولۇشۇم مۈمكىن.

يىللارنى ئۆتكۈزدۈم لىۋىمنى تامچىپ، ئايلارنى سانىماق تەس ئىكەن ئاندىن. ھەپتىلەر كەلگەندە خىيالچان بولۇپ، مىنۇتلار كەلگەندە ئۇيقۇدىن قالدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20381
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10213
تۆھپە نۇمۇرى: 3211
توردا: 1698 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 10:18:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
روھىمنىڭ ئەڭ  پاك جىلۋىسىدە  سېنى باغاشلاي

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20496
تۆھپە نۇمۇرى: 1221
توردا: 2595 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2012-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 10:34:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ھىسسىياتلىق ئىكەن .

چۈشتىن بۇرۇن ھاۋا ئوچۇق ئىدى ،كۈن كۈلۈپ تۇراتتى ،پۈتۈن جاھان كۈلگەندەك تەبىئەت يىقىملىق ئىدى ،چۈشتىن كىيىنلا ھاۋا تۇتۇلدى ، كۈننىمۇ كۆرگىلى بولمىدى . سوغۇق جاندىن ئۆتتى .
پەقەت ئىسسىق ئۆيۈملا ۋۇجۇدۇمنى ئىللىتتى .

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 5157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 124941
تۆھپە نۇمۇرى: 2593
توردا: 6591 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2012-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-6 01:50:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تېمىنىڭ ئاپتاپ كەبى دىلىمنى ئىللىتقىنىدىن سۆيۈندۈم .

توۋا قىلدىم بۈگۈن ئۆزۈمگە،

ھىسلىرىمغا سالالماي قۇلۇپ.

يىغلىدىممەن ئۈنۈم پۈتكىچە،

مەن ئەسلىمنى تاپالماي تۇرۇپ.

~

مۇزلىغان يۈرەكتە بىرلا سېغىنىش،

ئەلۋىدا دەپ بولۇپ،مەندىكى نە ئىش.

بولدى قىل يۈرۈگۈم يىغلىما ئەمدى،

بوپ قالسا مەيلى، قەلبىڭ مەزگىل قىش.

~

تىلىگىن بەختىڭنى اللە دىن ئۆزۈڭ،

يىغلىما بىر كۈلگىن ئايىغىن ئۆزۈڭ.

ھەممىگە ئاياندۇر ئۆزۈڭگە ئىشەن،

مەڭگۈگە ، يەنىلا يۇرۇقتۇر يۈزۈڭ.


يۈرۈگۈ م نىمىنى تەلەپ قىلىسەن؟  ماڭا ئۇختۇرغىن ، اللە نىڭ نامى بىلەن ئۇختۇرغىن!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش