2-يانىۋار جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابەتچىسى رومىنىي لورا ئىشتاتىدا قوللىغۇچىلىرى بىلەن قول ئىلىشىپ كۆرۇشمەكتە
يېڭى يىل ئەمدىلا كىرىشى بىلەن ئامېرىكا چوڭ سايلىمى يىلىنىڭ دۇمبىقىمۇ رەسمىي چېلىندى.1-ئاينىڭ 3-كۈنى،جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى لوۋا ئىشتاتىدا ئالدىنقى قاراۋۇلۇق ئۇرۇشىغا ئاتلاندى.
لوۋا ئىشتاتى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ،ئادەتتە نامى چىقمىغان ئىشتات.ئەمما ھەر نۆۋەتلىك چوڭ سايلام يىلىدا بۇ جاي ئەڭ قىزىق نوقتىغا ئايلىنىدۇ.
پارتىيەلەر رىقابەت سايلىمى ۋە زۇڭتۇڭ سايلىنىڭ بىرىنچى قارارلىق سايلىمىنىڭ ھەممىسى لوۋا ئىشتاتىدا باشلىنىدۇ،ئادەتتە باشقا ئىشتاتلارغا قارىغاندا بىر ھەپتە بۇرۇن ئېلىپ بېرىلىدۇ.ئاق سارايدىكى مۇسابىقە يولىدا بۇ يەر تۈنجى ئايلانما مۇسابىقە مەيدانى ھېسابلىنىدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن تېكساس ئىشتاتىدىكى پارلامېت ئەزاسى لوئىن باۋلودىن باشقا يەنە ماسساچۇسېت ئىشتاتىنىڭ سابىق باشلىقى رومىنىي،سابىق پالاتا باشلىقى كىنلىچى قاتارلىق ئەڭ ئۈمىدلىك جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،2012-يىللىق يېڭى يىلدا بۇلارنىڭ ھەممىسى لوۋا ئىشتاتىغا باردى.
يېڭى يىل كېچىسى كىنلىچى ۋە ئۇنىڭ خانىمى ئاددىي كوچىدىكى سايلام رىقابەت پۈنكىتىغا كېلىپ ئىچىملىك تارقىتىش مۇلازىمىتى قىلدى،ئايال پارلامېنت ئەزاسى باخىمان مەكتەپلەرگە كىرىپ بالىلار بىلەن بىرلىكتە ئۇسۇل ئوينىدى،رومىنىي قىسمەن پىلانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ چاقماق تېزلىكىدە ئىئوۋا شىتاتىغا قايتتى.
2-دېكابىر رومىنىي يەنە تۆت مەيدا شۇ يەردىكى نامايىش پائالىيىتىگە قاتىشىپ ئىئوۋا شىتاتىنىڭ شەربىي شىمالىي قسىمىدا ئۇ ئەڭ يۇقىرى ساھەنىڭ كۆپرەك كۆڭۇل بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئەل رايىنى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا نۆۋەتتە رومىنىي 24 پىرسەنتلىك قوللاش نىسپىتىگە ئېرىشىپ،بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.تېكساس شىتاتىدىن كەلگەن پارلامىنېت ئەزاسى لوئىن باۋلۇ 22 پىرسەنتلىك قوللاشقا ئېرىشىپ 2-ئورۇندا تۇرغان، كونسېرۋاتىپلار گۇرۇھىدىكى سايلامغا قاتناشقۇچى رېك سانتولۇمۇ 15 پىرسەنتلىك قوللاشقا ئېرىشىپ 3-ئورۇندا تۇرغان.
نۆۋەتتە ھازىرىغا قەدەر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ داسلەپكى سايلىمى قالايمىقانچىلىق باسقۇچىدا تۇرۋاتىدۇ.ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ قېتىمقى دەسلەپكى سايلامنى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە نىسپەتەن 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى ئەڭ كەسكىن،ئەڭ دراماتىك بولغان سايلام ئۇرۇشى بولدى،-دەپ خەۋەر بەردى.
سايلام باشلىنىش بىلەنلا رومىنىي يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ ئەڭ ئالدىدا ماڭدى.ئەمما ئۇنىڭ مەيدانى باشتىن-ئاخىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى ئىچىدىكى كونسېرۋاتىپلارنىڭ گۇمان نەزىرى بىلەن قارىشىغا ئۈچرىدى.شۇ سەۋەپتىن بۇلتۇر 8-ئايدا لوۋا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن دەسلەپكى سايلام ئەل رايىنى تەكشۇرۇشتە باخىمان بىرىنچىلىك ئورنىنى تارتىپ كەتكەن.
رېك پېلىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى رۇمىنىينىڭ نەزىرىدە ئەڭ چوڭ تەھتىت دەپ قارىلىپ كەلدى،ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئەڭ چوڭ رىقابەت بۇ ئىككى كىشى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلماستىن بەلكى سودىگەر خىمان كەيئىن ‹‹9-9-9››باج يىغىش لايىھىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ بىر مەزگىل رومىنىينى بېسىپ كەتتى،ئەمما 12-ئايدا جىنسى سەتچىلىك خەۋىرى تۈپەيلىدىن سايلام رىقابىتىدىن چېكىنىپ چىقتى.
بەزى ئانالىزچىلار مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە نىسپەتەن بۇ قېتىملىق سايلام ئەڭ كەسكىن بولغان تۈنجى سايلام ھېسابلىنىدۇ،لايىقىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان نامزاتنى چىقىرىپ ھازىرىقى زۇڭتۇڭ ئوباماغا رىقابەت ئىلان قىلىشىنىڭ بىر قەدەر قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ.
ئامېرىكا بروكىنگىس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىساد ئالىمى،ئامېرىكا پارلامنېتى خامچوت ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى ئەيلىس مۇنۇلارنى كۆرسەتتى:ئامېرىكا ئىقتىسادىي مەسىلىسى ئۇزۇن مەزگىلدىن بۇيان پەيدا بولغان،بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئوباما كۈچىنىو يېتىشىچە تىرىشتى،ئەگەر يەنىمۇ بىر قەدەم ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىش قەدىمىنى مۇقىملاشتۇرسا ئوبامانىڭ قايتا زۇڭتۇڭلۇققا سايلىنىشىدىن ئۈمىد بار.
مەنبە:
www.cnr.cn