|
|
|
|
ئىككى گۈل
ئابدۇرېھىم مۇھەممەد سەھرايى
باغ گۈلى بىلەن تاغ گۈلى ئۆز ئەۋزەللىكىدە بەسلىشىپ قالدى .
باغ گۈلى دېدى :
- قاتمۇقات پەرۋىشلەردە ئۆسۈپ يىتىلىمەن ، پۇرايدىغانلار ، قىسىدىغانلار ، ئۈزىدىغانلار ، كۆرىدىغانلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئەتىۋارلىقمەن . قەھرىتان قىشنى ئىسسىق نەمتۇپراقتا ئۆتكۈزىمەن . باغ تاملىرىنىڭ ھىمايىسىدە جۇدۇن چاپقۇنلاردىن خالىيمەن . بۇ نەقەدەر بەخىتلىك ياشاش - ھە ! ... ئىچىڭ ئاداۋاتامدىغاندۇ !؟
تاغ گۈلى دېدى :
- سوغوق سۇنىڭ لەززىتى تۇمۇزنىڭ تەپتىگە باغلىق ، مۇشەققەتسىز ئېرىشكەن بەخىت ۋە قەدىر- قىممەتنىڭ قانچىلىك ھۇزۇرى بولسۇن ؟ مەزگىلىمدە غۇنچىلاپ ، پەيتى يەتسە توزۇيمەن . دېۋەيلەپ تۇرىدىغان قوللارمۇ يوق . ساماغا تاقاشقان چوققىلاردا قاتتىق تاشلارغا يىلتىز تارتىپ ، قار - شىۋىرغان ، ئاچچىق سوغوقلاردا ئېچىلىپ باھار يىتىپ بارالمايدىغان ئاشۇ يىراق ۋە يۇچۇن ماكانلارغا گۈزەللىك ئاتا قىلىش ھەممە گۈلنىڭ قولىدىن كىلىۋەرمەيدۇ ، كۆچۈپ كەلگۈڭ كېلەمدىغاندۇ !؟...
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتىدىن ئېلىندى.
|
|
|
|
|
|