مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1459|ئىنكاس: 9

زوراۋان ۋە ئەخلاقسىزلىقنىڭ دوستى---ئەخلەت يىمەكلىك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46753
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 375
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2011-7-5
ئاخىرقى: 2012-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 11:47:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلەت يىمەكلىكلەر قايسىلار ؟


1.ياغدا پىشۇرۇلغان يىمەكلىكلەر
ياغدا پىشۇرۇلغان يىمەكلىكلەر قان تومۇر كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەركىبىدە راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلار بار. ۋىتامىننى بۇزۇپ،ئاقسىلنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.

2.تۇزلانغان يىمەكلىكلەر
تۇزلانغان يىمەكلىكلەر يۇقىرى قان بېسىمنى،بۇرۇن راكىنى پەيدا قىلىدۇ،بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ.شىلىمشىق پەردە سېستىمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ (ئاشقازان،ئۈچەيگە زىيانلىق).ئاسان يارا ۋە ياللۇغ پەيدا قىلىدۇ.

3.پىششىقلانغان گۆش يىمەكلىكلىرى (كولباسا قاتارلىقلار)
ئامېرىكىدا ئېچىلغان راكقا قارشى تۇرۇش يىغىنىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىدا دەلىللىنىشىچە،كولباسا ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن گۆش يىمەكلىكلىرىنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ئاشقازان ئاستى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تېزلىتىۋېتىدىكەن.بۇ خىل يىمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە راك پەيدا قىلىدىغان ئۈچ چوڭ ماددىنىڭ بىرى _ نىترىتوئىد (چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە رەڭنى روشەنلەشتۈرۈش رولىغا ئىگە) ۋە چىرىتمەس دورا (جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرېۋىتىدۇ) لار بار ئىكەن.

4.پېچىنە تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر
بۇ خىل يىمەكلىكلەر ۋىتامىننى ئېغىر دەرىجىدە بۇزىدۇ. ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى،ئوزۇقلۇق تەركىبى تۆۋەن.

5.گازلىق سۇ،كولا تۈرىدىكى ئىچىملىكلەر
تەركىبىدە فوسفورىك كىسلاتا ۋە كاربونىك كىسلاتا بولۇپ،ئادەم بەدىنىدىكى ئاقسىلنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قەنت مىقدارى يۇقىرى. بۇ خىل ئىچىملىكلەرنى ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن،قورساقنى كۆپتۈرۈپ،ئىشتىھاغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

6.تەييار يىمەكلىكلەر (تەييار چۆپ ۋە كۆپتۈرۈلگەن يىمەكلىكلەر)
بۇ خىل يىمەكلىكلەردە تۇزنىڭ مىقدارى يۇقىرى بۇلۇپ، تەركىبىدە چىرىتمەس دورا، مۇئەتتەر(جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ) بار. ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ئوزۇقلۇق قىممىتى يوق.

7. كونسېرۋا تىپىدىكى يىمەكلىكلەر (گۆش،بېلىق ۋە مېۋە كونسېرۋاسى)
ۋىتامىننى بۇزىدۇ،ئاقسىلنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ.ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى، ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن.

8.بالقاق تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر
تەركىبىدە راك پەيدا قىلىدىغان ئۈچ چوڭ ماددىنىڭ بىرى_نىترىتوئىد ، چىرىمەس دورا ۋە مۇئەتتەر بار، تۇزنىڭ مىقدارى يۇقىرى.

9.ماروژنى تۈرىدىكى يىمەكلىكلەر
تەركىبىدە بەدەننى سەمىرىتىدىغان ئاقماي بار،قەنت مىقدارى يۇقىرى،نورمال غىزالىنىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

مەنبە:‹‹شىنجاڭ مائارىپى››ژورنىلى

ئەخلەت يېمەكلىك دېگەن نېمە؟ .
  
  

      ئەخلەت يېمەكلىك دېگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلايمىز. بۇ سۆز گەرچە ئىستېمالىمىزدا كۆپ ئىشلىتىلسىمۇ لېكىن ھېچبىر لۇغەتتىن ئورۇن ئالمىغان، يەنى قېلىپلاشمىغان بىر ئاتىلىشتۇر. ئۇنداق بولسا قانداق يېمەكلىكلەرنى ئەخلەت يېمەكلىك دەپ ئاتايمىز؟
   ئەخلەت يېمەكلىك ئادەتتە كالورىيىسى يۇقىرى، تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىنتايىن ئاز ياكى تامامەن بولمىغان، يېمەكلىك تالاسى قاتارلىق بەدەنگە زۆرۈر ماددىلار بولمىغان، بۇلار بولغان تەقدىردىمۇ بەدەنگە زىيانلىق تەركىبلەر ئارىلىشىپ كەلگەن يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
    ئادەتتە تەركىبىدە شېكەر مىقدارى كۆپ، مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات تەركىبى تۆۋەن ياكى زادىلا بولمىغان، تويۇنغان ماي ۋە تۇز مىقدارى زىيادە كۆپ بولغان، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن كەمپۈت، بەرەڭگە ياپراقچىسى، بەرەڭگە قەلەمچىسى، ياغدا پىشۇرغان يېمەكلىكلەر، سېغىز كەمپۈت، كاربونلۇق ئىچىملىكلەر، كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر، تاتلىق-تۇرۇملەر بار.
   ئەخلەت يېمەكلىك دېگەن بۇ ئۇقۇمنى كىشىلەر ئاڭلىغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، تاكى يېقىنقى يىللارغا قەدەر ئۇنىڭ زىيىنىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلمىگەن. 2006-يىلى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى نۇرغۇن تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن قارار ماقۇللاپ، بالىلار يېمەكلىكلىرىنىڭ ھەقىقىي ساغلام يېمەكلىك بولمىغان ئەھۋالدا ھېچقانداق ئاممىۋى مېدىيالاردا، ھەرقانداق بىر شەكىلدە ئېلان بېرىشىنى چەكلىگەندىن كېيىن بۇ ئۇقۇم كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى.  
  
ئەخلەت يېمەكلىك سالامەتلىككە زادى قانچىلىك دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ؟
بۇ توغرىدا تەتقىقاتچىلار تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجلىق. چۈنكى ئادەمنىڭ ھەربىر كۈنلۈك كەيپىياتى، ئادەمنىڭ ھېسسىياتى، ئەقلىي قابىلىيىتى، جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بارلىقىنى مەيلى ئۇيغۇر تىبابىتى بولسۇن، مەيلى غەرب تىبابىتى بولسۇن ھەممىسىلا ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىنساننىڭ كۈندە يەۋاتقان يېمەكلىكىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بىر قاراشتۇر.
   ئەخلەت يېمەكلىك ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، ئەخلەت يېمەكلىكنى كۆپ دەرىجىدە ئىستېمال قىلىش چوڭ مېڭىنى ئېغىر دەرىجىدە غىدىقلايدىكەن، بۇخىل غىدىقلاش كوكايىن ۋە خىروئىننىڭ مېڭىنى غىدىقلىشىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن. پول جونسون ۋە پول كېننى ئىسىملىك ئىككى ئالىم بىر گۇرۇپپا چاشقانلارغا ئەخلەت يېمەكلىك يېگۈزۈپ تەجرىبە ئىشلىگەن. ئۇدا بىر قانچە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى بېرىپ باققاندىن كېيىن، چاشقانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى خوشاللىق رايونى ناركوزلىنىشقا، سىرتتىن كەلگەن ھەرقانداق ئۇچۇرنى قوبۇل قىلماسلىققا باشلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەخلەت يېمەكلىكنىڭ ئورنىغا ساغلام يېمەكلىكلەر بىلەن بېقىشقا باشلىغان. لېكىن چاشقانلار بولسا ئىككى ھەپتىگىچە ھېچقانداق نەرسە يېيىشنى خالىمىغان.
    يەنە بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
  ھايات قىممەتلىك، ساغلام، پاكىز نەرسىلەرنى يەپ ئۆتەيلى.
  بولسا مۇشۇ تېمىمىزنىڭ ئاخىرىدا يېمەكلىك ئادىتىمىزدىكى ساغلاملىققا پايدىلىق بولمىغان تەرەپلەرنى دېيىشسەك، قانداق قىلغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمىزنى تەمى ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلغان ھالدا، ساغلام يېمەكلىكلەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، شۇ ھەقتىمۇ پاراڭلىشىپ باقساقكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن.  
ئەخلەت يىمەكلىكلەر بالىلىرىمىزنىڭ ئەقلىنى بۇلغىمىسۇن

مەن بىر يېزا ئوقۇتقۇچىسى ، ھەر كۈنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرىستىن چۈشۈپلا مەكتەپ ئالدىدىكى دۇكانلاردىن پارچە-پۇرات يىمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىۋاتقانلىقنى كۆرۈپ تۇرىمەن، بەلكىم كۆپ قىسىم كىشىلەر بالىلار تېىخى كىچىك، ئۇششاق يىمەكلىىكلەرنى يېيىشىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارىشى مۇمكىن، بىراق كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ يەۋەتقىنىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلسە ئىدى ، شۇ ھامان قاپاقلىرىى تۈرۈلۈپ قالاتتى، ھەتتا كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇۋېتىشى مۇمكىن، باھاسى ئىنتايىن ئەرزان،سۈپىتى ئىنتايىن ناچار، ئورىلىشى سۈپەتسىز، ھېچقانداق سۈپەت كاپالىتى يوق……… بۇ ئۇششاق يىمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبىنى دىمەي تۇرايلى، ھەتتا ئەڭ ئاددىيسى بىخەتەرلىكتىنمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
ئەنخۈي ئۆلكىسى ۋۇۋېي ناھىيەسىدە ئىلگىرى مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن، 13 ياشلىق بالا 13خالتا 1 خالتىسى 1 موچەنلىك ”گۆش“ (大刀肉) يىگەنلىكتىن ئۆلۈپ قالغان. بىر نارىسىدىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ”گۆش“ مۇشۇ شۇ

1خالتىسى 1 موچەنلىك زادى قانداق گۆش؟ ئويلغانسىرى ئادەمنىڭ چىكىسىنى تەر باسىدۇ، مۇشۇنداق مەھسۇلاتنىڭ ھازىرمۇ بازاردا سېتىلىۋاتقانلىقىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، تېخى مەخسۇس بالىلار ئۈچۈنلا ياسىلىدۇ! ”ئەخلەت يىمەكلىك“لەر يېزىلارغا ھۇجۇم قىلدى، يېزا بالىلىرى ئائىلە ئىقتىسادى چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ، خەجلەيدىغان پارچە پۇلىمۇ چەكلىك بولىدۇ، ئەزەلدىن باھاسى يۇقۇرراق بولغان ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارغا يېزىلاردا بازار يوق، بالىلارمۇ ئامالسىز سۈپىتى ناچار ، باھاسى ئەرزان ئۇششاق يىمەكلىلەرنى يىشىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
چۈنكى بالىلارنىڭ پەرىق ئىتىش ئىقتىدارى ۋە ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى چەكلىك بولغاچقا، ئۆزى سېتىۋالماقچى بولغان مەھسۇلاتنىڭ ياخشى ياكى ناچارلىقنى پەرىق ئىتەلمەيدۇ.  يېزىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارغا قىلغان نەسىھەتلىرىمۇ ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولغان بالىلارنىڭ ئوڭ قۇلقىدىن كىرىپ ،سول قۇلقىدىن چىقىپ كىتىدۇ.  ئەگەر ، مەمىلكىتىمىزدە شەھەر بىلەن يېزىلار ئارسىدا پەرىق مەۋجۇت دىسەك، يىمەكلىك بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش جەھەتتى بۇ پەرىق تېخىمۇ روشەن، شەھەرلەردە يىمەكلىك بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش تورلىرى دىگەندەك مۇكەممەل بولمىسىمۇ ، ھېچ بولمىسا باشقۇرغۇچى تارماقلار بار، سودىگەرلەر خالىغانچە ھەددىدىن ئاشالمايدۇ، بىراق كەڭ يېزىلار بولسا نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بۇلۇڭ خالاس، يىمەكلىك بىخەتەرلىك مەسىللىرى ماڭدامدا بىر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
يېزا باللىرىمۇ ئوخشاشلا دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ، مىللەتنىڭ ئۈمۈدى، ئۇلارمۇ شەھەردىكى بالىلارغا ئوخشاش، مىھرىبانلىق ۋە كۆيۈنۈشكە مۇھتاج. سۈپىتى ناچار مەھسۇلاتلار خالىغانچە يېزا باللىرىنىڭ سالامەتلىكىگە تاجاۋۇز قىلسا بولمايدۇ.
ئەنخۈي ئۆلكىسى چۈەنجىياۋ ناھىيسدىن جىن شۆ(يېزا ئوقۇتقۇچىسى)
———————————————————————————————-
بۇ ئىچكىردىكى بىر يېزا مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ ھېس قىلغانلىرى ، بىز ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، رايونىمىزدىمۇ مۇشۇنىغا ئوخشاش مەسىلە ناھايتى ئېغىر.
ئاشۇنداق بىر خالتىسى 1 موچەنلكىك ”ئاچچىق“لارنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەس-بەستە سېتىۋېلىپ، ھەتتا سىنىپلاردا تەنەپپۇس ۋاقتىدا يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، ئۇ نەرسىلەرنىڭ پۇرىقىنىڭ سېسىقلىقىدىن سىنىپنى بىر ئالىدۇ، ھەتتا پۈتۈن ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ھاۋاسىنىمۇ بۇزىۋېتىدۇ. ھازىر چوڭ بولىۋاتقان بالىلىرىمىز ئاشۇنداق ”ئاچچىق“لارنى يەپ چوڭ بولىۋاتقاچقا بارغانسرى دۆت، گەپ ئاڭلىمايدىغان ياغاچ قۇلاق بولۇپ كىتىپ بارامدىكىن دەيمەن.
بۇنداق يىمەكلىلەردە يىمەكلىك ئىجازەتنامىسى، سەھىيە ئىجازەتنامىسى، سۈپەت بىخەتەرلىك بەلگىسى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى دىگەندەكلەر بولمايدۇ،قېتىلغان خۇرۇچلارغا ئۆزى خالىغانچە ئۇنىڭ ئىچىدە يوق بولغان تەركىبلەرنى يېزىپ قويىدۇ، ئۇنىڭ نىمىدىن ياسالغانلىقىنى ياسىغۇچى ئۆزىلا بىلسە كىرەك.
بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلايدىغان بولساق ئادەمنىڭ تىنى شۈركىنىدۇ.
ئەخلەت يىمەكلىكلەر زوراۋان ۋە ئەخلاقسىز بىر ئەۋلاتلارنى يىتۈشتۈرىدۇ .
ئەنگىلىيە ئوكسىفورت ئونۋىرسىتىدىكى تەتقىقاتچىلار16 ياشتىن 21 ياشقىچە بولغان ئىككى گۇرۇپپىغا  مۇنداق تەجرىبە ئېلىپ بارغان.بىر گۇرۇپپىدىكىلەرگە ئوزۇقلۇقنى
ئىلمى ئۇسسولدا تەڭشەپ تۇرغان .يەنە بىر گۇرپپىدىكىلەرگە مايدا پۈشۇرۇلغان توخو
گۆشى،ياڭيو دىگەندەك ئەخلەت يىمەكلىكلەر بىرىلگەن .تەتقىقاتچىلار بىر يىل
ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولدىكى ساغلام تاماقلانغان گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ
كەيپىياتى تۇراقلىق ۋە ئەخلاقلىق بولۇپ چىققان .ئەكسىنچە ئەخلەت يىمەكلىك
يىگۈچى يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر بولسا ئاسانلا ئاچچىقلىنىدىغان،چاتاق چىقىرىش
خائىشى ئالاھىدە كۈچلۈك ،زوراۋان ۋە قالايمىقان جىنسى ھەۋەسكە ئىنتىلدىغان
بولۇپ چىققان .بۇ تەجرىبىنىڭ بەزى نەتىجىلىرى تېخى ئاشكارىلانمىغان .
بۇنى خەلىق تورى قىسقارتىپ خەۋەر بەرگەن
http://health.people.com.cn/GB/200501/14556380.html
ئەخلەت يىمەكلىك بالىڭىزنىڭ ئەخلاقسىز بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .مانا بۇ گەپنى يەنە شۇ ئوكسىفورت ئونۋىرسىتىدىكى رىچارتسون ئەپەندىم ئۆسمۈرلەرگە ئۈچ ئايلىق ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشئارقىلىق خەلقاراغا جاكالىغان .
مەنبە :
http://www.dailymail.co.uk/healt ... -badly-behaved.html
ئەڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى جەڭ مەيدانىدا جەڭچىلەرنىڭ شۇ قەدەر قەبىھ بولىشىدا كونسىرۋا يىمەكلىكلىرى ۋە تىز قىزدۇرۇلغان يىمەكلىكلەر ئالاھىدە رول ئوينايدىكەن .قەبىھلىك ۋە ياۋۇزلۇق ھۆكۈم سۈرىدىغان بىرىنچى ۋە ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشىداكونسىرۋا يىمەكلىكلىرى ۋە قۇرۇتۇلغان يىمەكلىكلەر ئالاھىدە جىق ئىشلىتىلگەن . ئەھۋالدىن قارىغاندا غەرىپ ھۆكۈمەتلىرى بۇ ئىشلاردىن ئالدىن خەۋەردار ئوخشايدۇ .
    يەنە بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
  ھايات قىممەتلىك، ساغلام، پاكىز نەرسىلەرنى يەپ ئۆتەيلى.
  بولسا مۇشۇ تېمىمىزنىڭ ئاخىرىدا يېمەكلىك ئادىتىمىزدىكى ساغلاملىققا پايدىلىق بولمىغان تەرەپلەرنى دېيىشسەك، قانداق قىلغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمىزنى تەمى ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلغان ھالدا، ساغلام يېمەكلىكلەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، شۇ ھەقتىمۇ پاراڭلىشىپ باقساقكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن.  
  

ئاخىرقى يۈرەك سۆز

مةن ئويلايمةن بۈگۈنكص بصزنصڭ روھصيصتصمصزنص بولغاۋاتقان مۇھصم مةسصلصلةرنصڭ بصرص -يصمةكلصك.بصز ئصلگصرص ھصچنةرسة بصلةن كارصمصز يوق نةرقصنص سورصماي يصدۇق ياكص ئصچتۇق.تةن بۇلغاندص قةلصب بۇزۇلدص  تةپةككۇر يۇقالدص.قانچصلصغان ئصلصم ئةھلصللصرصنصڭ بةرگةن بصشارةتلصرص كۈچصنص كۆرسصتةلمصدص.سةۋةپ،روھصمصز كصسةل.دةۋصرنصڭ چاقص ئايلصنصپ بۈگۈنگة كةلگةندة،ئاللاھقا شۈكۈرلةر بولسۇن بةزصلةر پةقةت ئاللاھنصڭ ئصنايصتص بصلةن ئۈزصنص تاپتص.چۈنكص ئۇلار ئاللاھقا قايتصپ ھصدايةت تاپقان ئصدص.ئةمما  ئۆزلۈك ئېڭص ئويغانمصغان  بصر قصسصم كصشلةر يةنصلا كصسةل باسقان قةلصب بصلةن بةخصرامان ياشاپ پةرزةنصتلصرص بصلةن كارص بولماي ئۆز ئةۋلادلصرصنص ئۆز قۇلص بصلةن بۇلغاپ يۈرمةكتة،بۇلارنصڭ كةلگۈسص قانداق بۇلاركصن ؟ئاللاھ بصلصدۇ.
نۇرمۇھةممةد ئۆمةر ئۇچقۇنص( روھصيةتنصڭ قاتلصرصنص ۋاراقلاپ )دصگةن كصتابصدا؛(بصزلةر تاماقنصڭ كصمنصڭ قۇلصدصن،قانداق ھالةتتة،قانداق خۇرۇچلار سصلصنصپ تةييارلصنصشص بصلةن پةرۋايصمصز پةلةك،ئصشصمصز بۈلةك ھالدا قاچصغا دۈم چۈشكةن.بصزلةر ئۈچۈن قۇرساق تويسصلا بولغصنص  بصلةن بةزصلةر ئۈچۈن نصمصدة،كصمنصڭ قۇلصدصن ،قانداق چصققان تاماقنص قانداق يصيصشمۇ ئصنتايصن مۇھصم ئصدص.بايقصماي يصيصش ئةقصلنصمۇ ،تةننصمۇ ،روھنصمۇ ،ئصماننصمۇ كاردصن چصقصرصدۇ)دصگةن ئصدص. مانا بۈگۈنكص بصزنصڭ پةرزةنصتلصرصمصزنصڭ خالصغان نةرسصلةرنص بايقصماي  يصيشص ،بصزلةرنصڭ مةسئۇلصيةتسصزلصكصمصز، ھةممة-ھةممة نةرسصللصرصمصزنص يۇقتۇپ قۇيصشصمصزنصڭ ئاساسص بۇلۇپ قصلصۋاتصدۇ.بۈگۈنكص كۈندة ئةۋلادلصرصمصزنص ئاسراش بةك مۇھصم مةسصلة بۇلۇپ قالدص
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   warwar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-5 11:47 AM  


پــىــيــاز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6038
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 888 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 01:07:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە يىسەك بولار ئەمدى ؟ ، تۇزلۇقنى يسەك يۇقىرى قان بېسىمنى،بۇرۇن راكىنى پەيدا قىلىدۇ،بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىۋېتىدۇ ، تۇسىزنى يىسەك يۇد ماددىسى كام بولغان .

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

تۈمەن ئۆركىشى

مەستانە ئـــەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 1626
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13970
تۆھپە نۇمۇرى: 1083
توردا: 9728 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 01:46:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوقالسۇن ئېزىز يۇرتىمىزدىن موشۇنداق ئەخلەتلەر !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 24321
تۆھپە نۇمۇرى: 2766
توردا: 3971 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 02:16:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ بارار جايى يەنىلا ئەخلەتخانا.

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 427
يازما سانى: 1570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3131
تۆھپە نۇمۇرى: 455
توردا: 9335 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 02:24:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە   ھامبۇرۇك بولكىسى ، ياڭيۇ قەلەمچىسى قاتارلىقلار

ھەسەل يىغاي دېسەڭ ، ھەرە كۆنىكىنى بۇزىۋەتمە.

بىر قوشۇق تۇز  ب

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18074
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6938
تۆھپە نۇمۇرى: 283
توردا: 2200 سائەت
تىزىم: 2010-11-19
ئاخىرقى: 2012-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 02:51:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى يېمەكلىكلىرى  ئادەمنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە تەن قۇرۇلۇش-سۈپىتىگە ناھايىتى پايدىلىق ئىدى...
      ئەمما يېڭى پەيدا بولغان يېمەكلىك تۈرلىرى ۋە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپلە يېيىلىشى بىلەن مىللىتىمىز كىشىلىرىنىڭ بەدەن ساپاسى ۋە ئەقىل قۇرۇلمىسىدا قىسمەن ئۆزگىرىش ۋە چېكىنىشلەر بولدى..بۇنى ھېس قىلىپ يەتكەن كىشىلەر قانچىلىك باركىن

بىر قوشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېىتىيدۇ.

تۇزنى تۆكمە، قىز

تەجىربىلىك ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 4878
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31330
تۆھپە نۇمۇرى: 527
توردا: 6361 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 02:59:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنىلا ئەنئەنىۋى تامىقىمىز ئىسىل، بالىلارغا تەربىيەنى كۈچۈيتىش بەكمۇ زۆرۇر.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10128
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7639 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 03:15:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇندا  دىگىلى تۇساق  ھىچنەسە يىمەي  ئۆزىمىز  تكىپ ئۇندۈرۈپ  يىسەك بولدا ... بىر كۇنى ياغلىق يىسەك بىر كۇنى ياغسىز دىگەندەك قىلىپ  تەڭشەش  ئەڭ زۆرۇر دەپ قارايمەن ... بۇنداق  پايدا زىياننى ئارىپ يۇرسەك  كۇننىڭ راھەت-ئازابى بولدۇ ... قاتتىق  يۇمشىقى بولدۇ ...

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە ئاخىرلىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72283
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 979
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 172 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 03:38:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىيانلىقلىغى ئېنىق ، بۇ توغرىسىدا ئىنكاسلاردا يەنە دېگەننى يەنە دەپ تەكرار تەكرار قاقشاۋىرىشنىڭ پايدىسى يوق ... ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك ؟بۇ جەھەتتە نېمە ئىشلارنى قىلىش كېرەك ؟ دېگەن سوئال ئاساسىدا پىكىرلىرىمىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساق بولىدۇ .

بەرىــــبـىر قىلغـــاندىن كىيــــىن ، ياخشــــــى قىلىـــــــش كېــــرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 46753
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 375
تۆھپە نۇمۇرى: 149
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2011-7-5
ئاخىرقى: 2012-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-5 05:38:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى ئەتراپلىق يېزىشتىكى مەقسەت كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تېخىمۇ تارتىش .
يازمىدىمۇ قانداق قىلىش توغرىلىق خېلى نەرسىلەرنى يازدۇق .
بۇ يازمىنى يېزىشتىكى مەقسەتمۇ كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ھەمدە ئۆزى قانداق قىلىۋاتىدۇ
بىلىپ بېقىش ۋە ياخشى ئۇسوللارنى تەشۋىق قىلىش

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش