ئىجادتىن جاۋاب (‹يىللارغا جاۋاب›نى ئوقۇپ) روھزات
ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،① تۇرىدۇ مىنۇتقا ئەسىر توغرىلاپ. يۇتسىمۇ شۇ يىللار قوينىدا سېنى ، كېتەلمەس «جاۋاب»②نى مەڭگۈ ئوغرىلاپ. كۈرەش باياۋىنىدا قالمىدىڭ ھېرىپ، ئاتىدىڭ قەلەمنى جەڭنىڭ قوينىغا. ئۆركەشلىك ئىلھاملار مىنىپ يۈرىدۇ، ھېلىھەم شۇ غالجىر يىللار بوينىغا. لۇتۇن دەپ توۋلايدۇ تارىخ بەتلىرى، يىللار كۈلسىمۇ كۆرەڭ قاقاقلاپ. كۈرەش نەۋرىلىرى تاپار ئىسمىڭنى، ئىجادىڭ بەتلىرىنى بىر كۈن ۋاراقلاپ. يىللارنى قېرىتقان ئىجادلىرىڭدىن، تۇيغۇلار ئالىدۇ يېڭىچە ئىلھام. كۆزۈمدىن ئۆتىدۇ ۋاقىت ئالدىراپ، قېرى يىل چاپىدۇ يەنىلا ئىلدام. . مىسرايىڭ ئىچىدە قالغان ئىزلىرىڭ، كۆزۈمنىڭ نۇرىغا كېتەر قوشۇلۇپ. كۈرەشچان يىللارنىڭ قوينىدىن ئۆزۈڭ، كېلىسەن چاقنىغان نۇر يۇلتۇز بولۇپ. . سەن ئۆزۈڭ كۈرەشنىڭ يالقۇنلۇق ئوغلى، تولىمۇ ئالدىراپ كەتتىڭغۇ بىراق. قەلىمىڭ كۈرەشنىڭ مەشئىلى بولۇپ، ياقىدۇ يالقۇندىن يېڭى بىر چىراق. يۇتماقچى بولسىمۇ دۇنيانى يىللار، ئىجادچان نەۋرىلەر تۇرمايدۇ قاراپ. قېرىغان يىللارمۇ كۈرەش قوينىدا، بىر كۈنى ئۆلۈمگە قالىدۇ ياراپ. كەلمەكنىڭ كەتمىكى تەقدىر ئەزەلدە، قالدۇردۇڭ قەلەمدىن تۈمەنمىڭ سەترە. سۆيىمەن كۆزۈمدە نۇردەك سىمانى، ياشلىقنىڭ گۈللىرى ئېچىلغان قەبرە. ئەسلەيمەن «يىللارغا جاۋاب»تىن سېنى، كۈرەشچان ئىزىڭدىن ئالىمەن ساۋاق. كۆزلىرىم تىكىلىپ ئۆتمۈش كۆزىگە، غەزەپتە چاقىدۇ مىڭ ئالتۇن تاۋاق. . كالېندار ۋارىقى ئۆرۈلدى بۈگۈن، شۇ يىللار ھۆركىرەپ كەلمەكتە يەنە. جەڭ ئۈچۈن ئاتىغان ئوغلۇڭ، قارىغىن، بۇرۇتى خەت تارتىپ چوڭ بولدى ئەنە. . يىللارنى قوغلايدۇ جەڭگىۋار بالا، قەلبىدە يادلىنار خىيالچان تىلەك. جىملىقنىڭ ئىچىدە قاينايدۇ ئۆركەش، گاڭ مىسال، يەڭلىرى تۈرۈلگەن بىلەك. يىللار كەلمەكتە ھەم يىللار كەتمەكتە، ئەمما يىل ئىجادنى قىلالماس خاراب. ئەسىرنىڭ ۋەزنىدەك ئېغىر سوراققا، بىر كۈنى كۈرەشتىن بېرىمىز جاۋاب.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا روھزاد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-5 11:14 AM
|