نېمىشقا مۇشۇ خىلدىكى تىمىلارنى يازىدىغانلىقىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ، باشقا بىرەر مەزمۇندا نەرسە يېزىپ باقاي دەپ كومپىيۇتېر ئالدىغا كىلىمەن يۇ لىكىن يازغانلىرىم يەنىلا مۇشۇنداق باش ئاخىرى يوق پارچىلارغا بۆلۈنۈپ كىتىدۇ ،
قىشنىڭ يېرىمى كەتتى ، يەنە يېرىمىغا بۇ جانلار چىدامۇ ؟ ئىسسىق ئۆيدىكىلەرگىغۇ ھىچ گەپ ئەمەس ئەمما غېرىبانە كەپىلەردە ئۈمىد قۇچاقلاپ ئولتۇرغان ، ئىشىك - دىرىزىلەرنىڭ يۇچۇقلىرىدىن كىرىۋاتقان ئاچچىق سوغۇقلارغا ھومىيىپ قاراپ تۇرغان بەندىلەر ئۈچۈن بۇ يېرىم قىش يېرىم يىلدەك تۇيۇلىدۇ . تازا قېلىن كىيىنىپ قار ئېتىشىپ ئويناۋاتقان چاغلىرىمىزدا مۇزلاپ قىزىرىپ كەتكەن قولىنى يۇشۇرىدىغان يەر تاپالماي قىلىۋاتقان كىشلىرىمىز بىزگە زوقلىنىش نەزىرى بىلەن ئەمەس ھەۋىسى كىلىپ قارايدۇ . كوچىدا كىتىپ بېرىپ كىشلەرنىڭ ئەرمەك ھايۋانلىرىغا كىيىم كىيگۈزۈپ قويغىنىغا قاراپ كۈلۈپ قويىمەن ، قەھىرتان قىشتا كالتە يوپكا كىيىپ يوتىسىنى ئېچىپ قويغانلارغىمۇ كۈلۈپ قويىمەن ، ئەمما قىشقا لايىق كىيىم كىيەلمىگەنلەرنى كۆرگەندە كۈلەلمەيمەن . ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ ، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاچ- يالاڭاچ يۈرگەنلىرىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مىھىرلىك قولىمىزنى سۇنمىغانلىقىمىزغا ئېچىنىمەن ، ئۆزۈمنىڭ گۇناھقا پېتىۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلىمەن .
كۆكتە ئاق قار قانات قېقىپ ئوينايدۇ ئۇسسۇل ،
يەردە مىھىر قازا تاپتى ، توڭلايدۇ ئۇيغۇر.
كونا يىلنىمۇ ئۆز يولى بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدۇق ، كىملەرگە قەرىز بولدۇق ، كىملەرنى قەرىز قىلدۇق بۇنىڭ ھىسابىنى يىڭى يىلدا بىر بىرلەپ ئالىمىز ، يىڭى يىلغا قانچىمىز مەس كىردۇق ، قانچىمىز ساق بۇنىڭغا قۇرۇقدالغان بوتۇلكىلار بىلەن ئا يارەي! گە توۋلىغان تاڭلار جاۋاب بەرسۇن . ئەمەليەتتىغۇ يىل ئۆرۈلسە ھىچقانداق نەرسە ئۆزگەرمەيدىكەن ، قوياش يەنە شۇ شەرىقتىن چىقىدىكەن ، كىچە بولىدىكەن ، قىش يەنىلا سوغۇق پىتى تۇرىدىكەن ، ماشىنىلارغا بېنزىن قۇيۇپ ماڭدۇرىدىكەن ، ئەمما..... يىڭى يىل كەلسە كۆپ نەرسىلەر ئۆزگىرىپ كىتىدىكەن . يىڭى -يىڭى نىشانلار پەيدا بولىدىكەن . يېشىمىزغا بىر ياش قېتىلىدىكەن ، نۇرغۇن ياشلىرىمىز ئەمدى 18 ياش دەپ ئاتالمايدىكەن ، رېستۇران ، تانسىخانىدىكى جوزىلارنىڭ باھاسى بۇرۇنقىدىن قىممەتلىشىپ كىتىدىكەن راست. يەنە بەلكىم يىراق سەھرادىكى ئاپامنىڭ چىكىسىگە يەنە بىر نەچچە تال ئاق چاچ قېتىلغاندۇ ، دادامنىڭ پىشانىسىدىكى تۈرۈلمىلەر ئارسىغا يەنە بىر سىزىقچە پەيدا بولغاندۇ . بەلكىم...
ئون سەككىز ياش ، ئۆتكەن يىلدا قالدى ياش تۆكۈپ،
خەيىر ياشلىق ، ئۇخلاپ قاندىم ، كىتەي دەس تۇرۇپ.
مەندە مۇنبەر خۇمارى بار ، بەلكىم سىزدىمۇ باردۇ ، خىزمىتىم قانچە ئالدىراش بولسىمۇ مۇنبەرنى بىر ئېچىپ كۆرىۋالىمەن خۇددى مەن كۆرمىسەم بولمايدىغاندەك ، يېقىندىن ياقى نەگىلا قارىسا پىسخىك سوئاللار تاشلانغان تىمىلار < ئەتىڭىزنى دەپ بىرىمەن > ، < سىزنى كىمنى ياخشى كۆرىسىز؟> .< ئۆگۈنلۈككە پۇل تېپىۋالامسىز؟> دىگەندەك تور پالچىلىرىنىڭ نەلەردىن تىرىپ كەلگەن ، كىشىگە بىر تىيىنلىك پايدىسى يوق جۆيلۈشلىرى ... چۈشىۋاتقان ئىنكاسلارنىڭ كۆپلىكى ھاي.. ھاي ... ساناپ بولغىلى بولمايدۇ . ئېغىزدا ئاللاھنىڭ بۇيرىقىسىز قىل تاۋرىمەيدۇ دەپ تۇرىدۇ يۇ شۇ قىلنى تەۋرەتمەكچى بولىشىدۇ ، نىكاھ ئوقۇلىدىغان چاغدا قارىم كەلىمە شاھادەتنى ئوقۇپ بىرىڭ دىسە تىلىنى چايناپ تۇرغانلارنىمۇ كۆردۇق ، شۇنى يوللىغاننىڭ ئورىنىغا بىر نەچچە سۈرە يوللىغان بولسا نەچچە يۈز ئىنكاسنىڭ ئورىنىغا نەچچە يۈز كىشىنىڭ دۇئاسىنى ئالغان بولاتتى ئەمەسمۇ . كەلگۈسىنى بىلىشكە ئالدىرمايلى ، كەلگۈسىگە يۈز كىلىش ئۈچۈن تىرىشايلى . بىز كىيىم -كىچەك ساتىدىغان دۇكانلاردىكى جانسىز مودىل ئەمەس بەلكى ئەۋلادلارغا < كىيىم > تىكىدىغان تىككۈچى...
دىل ياش تۆكسىمۇ تۆكسۈن جايىدا ،
قۇلاق يېقىپ قويايلى مىللەت زارىغا .
خىلى كۈنلەر بولۇپ قاپتىكەن ، غۇلجىدىكى خەنزۇ بازىرىنى ئايلىنىپ باقمىغىلى ، بۈگۈن ئاتايىتەن قەدىردان ، تىرىشچان كىشلىرىمىزنى كۆرگىلى باردىم ، 5-6 يىلنىڭ ئالدىدا ئۆزۈم كىچىك ھارۋىنى سۆرەپ يۈرۈپ سودا قىلغان جايغا كىلىپ توختىدىم ، بۇ يەردە بىر نەچچە ئاكىلىرىم بولىدىغان چىھرىدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان ، بەزى چاغلاردا ماللىرىنى ماڭا قارىتىپ قويۇپ تاماقلانغىلى كىتىپ قالاتتى ، ھاۋا سوغۇق بولغاچقىمۇ ياكى بۇ بازار رەتلەنگەچكىمۇ ئۇ نۇر يۈزلۈكلەرنى ئۇچىراتمىدىم ، تىرىكچىلىك ئەمەسمۇ ياكى ئادەم كۆپىرەك ئولىشىدىغان يەرلەرگە ماللىرىنى سۆرىشىپ كىتىپ قالغاندۇ ، ھايات بىردە ئىسسىق بىردە سوغۇق ، تەر ئاققۇزسا بىر كويغا ئېچىملىك ئىچمەيدىغان ، توڭلاتسا نەچچە ئون سوم خەجلەپ ئىسسىق شورپا ئىچمەيدىغان شۇ بەندىلەر ئائىلىنى دەپ ياشاپ كىتىپ بارىدۇ ، خەنزۇ بازىرىدىن سەل يۇقىرغا ئۆرلىسەك قايماقچى ئانىلىرىمىز قاتار ئولتۇرشۇپ كىتىدۇ ، مىنىڭ تۇتقان ئۆيۈم بولمىسىمۇ قايتاشىمدا شۇ ئانىلارنىڭ قايماقلىرىدىن ئاز تولا ئېلىپ كەتتىم . بالدۇراق سېتىپ بولسا ئۆيگە بالدۇراق قايتارمىكىن دەپ ئويلىغاچ.... ئۆتكەن يىلدىمۇ مۇشۇ گەپنى قىلغان ئىدىم ، شۇنداق پارچە -پۇرات ئوقەت قىلىدىغانلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئېلىپ قويۇڭلا ، باھا تالاشماڭلا ، ئۇيغۇرغا قىلغان ياخشى ئىشىڭىز بولۇپ قالسۇن ......
كۈن ئۆتمەكتە ، ئاي ئۆتمەكتە ، يىلمۇ ئۆتمەكتە ،
ياشاش ئۈچۈن ئاقباش ئاتا بىلەك تۈرمەكتە .
بۇ يەرنىڭ سەھىرى جىمجىت دەپ بىر كىنۇ بولىدىغان ، ئىسمىنى كۆپ ئاڭلىغىنىم بىلەن مەزمۇنى ئېسىمدە يوق . قانداق يەردۇ ئۇ جىمجىت بولىدىغان ، ئەمما بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ سەھىرى قالايمىقان . ئۇۋىسى چۇۋۇلغان بىنالاردىن ئالدىراش چىقىۋاتقان كىشلەر تاكسى تورىيالماي سۇغۇقتا تىتىرەپ تۇرۇپ كىتىدۇ ، كىچىچە ئۆيگە كىرمىگەن ياش باللىرىمىز نەلەلەردىندۇ چىقىشىپ ئۆيلىرىگە ئالدىرىشىدۇ ، ئونىۋىرسىت ياتاق بىناسى ئالدىدا ئىشىكنى ئاچمامسە دەپ قېرى خەنزۇنى قاقشىتىدۇ ، كۆزلىرىدە لىق ئۇيقۇ بەلكىم كىچىدىن ياقى ئوينىغان تور ئويىنىنىڭ سەۋەبى بولسا كىرەك .
بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ سەھىرى قالايمىقان ،نەچچە كۈندىن ياقى يىڭى -يىل ئويناپ چارچاپ قالغان ئاتا-ئانىلار چالا تويغۇزۇپ ئۆيدىن چىقىرىپ قويغان بالىلار بىر قولىدا تەييار يىمەكلىك يەنە بىر قولىدا تىخى تولۇق كىيىپ بولالمىغان كىيىمى بىلەن بىلىم بۇلىقىغا ئالدىراش يۈگرىشىدۇ . بىنا ئۆينىڭ بالكونىدىن بېشىنى چىقىرىپ :" چۈشتە مەكتەپنىڭ ئالدىدىن تاماق يە ھە ، بىز ئۆيدە يوق " دەپ ۋاقىرغان ئانىنىڭ ئاۋازى پۇتۇن ئولتۇراق رايۇننى بىر ئالىدۇ ،
بىزنىڭ بۇ يەرنىڭ سەھىرى قالايمىقان ، سۈت ساتقۇچى بالىلار ئۈچ چاقلىق موتۇلىرىنى بىنا ئالدىغا توختىتىپ ۋاقىرايدۇ ،مىۋە -چىۋە توپ تارقىتىش بازارلىرىدا ماشىنىدىن يىڭى كەلگەن ماللارنى بۇلاپ -تالاپ دىگۈدەك چۈشۈرۈپ ھارۋىلارغا بېسىشىدۇ ، بىر -بىرىنى تىللىشىپمۇ كىتىدۇ تىخى ، كىچىك كوچىلاردىكى ئاشخانىلاردىن ئوزۇقلانغان بويتاق ، يىرىم بويتاق ، ئۆزى بولىۋالغان بويتاقلار ئېغىز بۇنىلىرىنى ئېتىشىپ چىقىپ كىلىشىدۇ ، پارچە تىجارەت قىلىدىغانلار ئېغىر ھارۋىلىرىنى سۆرىشىپ بازارغا مېڭىشىدۇ ...
شۇنداق بۇ يەرنىڭ سەھىرى قالايمىقان . بىراۋلار ياش تۆكىدۇ ، بىراۋلار ئىسسىق يوتقانلاردىن ئېرىنچەكلىك بىلەن سۇغۇرلۇپ چىقدۇ ، بىراۋلار چاڭ -توزانلار ئارسىدا قولىدا سۈپۈرگە تۇتقان ھالدا كۈندۈلۈك خىزمىتىگە كىرىشىپ كىتىدۇ ، يەنە بىراۋلار ئالماي -تالمان ۋاقىراپ ئەتتىگەندىلا قېقىۋالىدۇ .
تاڭ ئۆز نۆۋىتىدە ئېتىۋىرىدىكەن ،
ئىنسان ئۆمىرىنى سېتىۋىرىدىكەن...
شۇنداق ، يەرشارىنىڭ بىر بۈرجىگىدە بىر توپ كىشلەر كۈلىۋاتىدۇ ، يىغلاۋاتىدۇ ، ئۇخلاۋاتىدۇ ، ياكى يۈگرەۋاتىدۇ ، ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتىدۇ ياكى ئۈگىتىۋاتىدۇ ، شۇنداق ، يەرشارىنىڭ مۇشۇ بۈرجىكىدە بىر قەۋىم ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەش قىلىۋاتىدۇ ، ئۇيغۇر ئەتىسى ئۈچۈن ، كەلگۈسى ئۈچۈن ، ئەجدادى ، ئەۋلادى ئۈچۈن بىلەكلىرنى تۈرۈپ نىشان ، ئارزۇ -ئارمانلىرىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ تىرىشىۋاتىدۇ ، بىر بىرىگە مىھىر يەتكۈزىۋاتىدۇ .......
ئاشكار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا axkar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-5 11:17 AM