  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					ئۆتۈنۈپ بىرىشكە بولمايدىغان ئۆيلەر قايسىلار ؟ 
ئۆي زېمىننى ئۆتۈنۈپ بىرىش دېگىنىمىز ئۆي زېمىننىڭ مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىگىدارلىقىدىكى ئۆي – زېمىننى باشقىلارغا سېتىشنى ، ھەدىيە قىلىشنى ياكى باشقا قانۇنى ئۇسۇللار بىلەن بىرىشنى كۆرسىتىدۇ . «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەھەر ئۆي – زېمىنىنى باشقۇرۇش قانۇنى» نىڭ 38 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۆي – زېمىننى ئۆتۈنۈپ بىرىشكە بولمايدۇ : (1) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئاساسەن ئىرىشىلگەن ، مۇشۇ قانۇننىڭ 39 – ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلار ؛ (2) قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورگانلار ياكى مەمۇرى ئورگانلارنىڭ قانۇن بويىچە كىسىم قىلىشى ، قارار قىلىشى بىلەن ئۆي – زېمىن پىچەتلەنگەن ياكى ئۆي زېمىن ھوقۇقىغا باشقا ئۇسۇلدا چەك قويۇلغانلار ؛ (3) يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قانۇن بويىچە قايتۇرىۋىلىنغانلار ؛ (4) ئورتاق ئىگىدارلىقتىكى ئۆي – زېمىندىن باشقا ئورتاق ئىگىدارلىق قىلغۇچىلارنىڭ يازما ماقۇللىقىدىن ئۆتمىگەنلەر ؛ (5) ھوقۇق تەۋەلىكى تالاش – تارتىشتا قالغانلار ؛ (6) ھوقۇق تەۋەلىكى گۇۋاھنامىسى قانۇن بويىچە تىزىملىتىلمىغانلار ؛ (7) قانۇن ، مەمۇرى نىزاملاردا ئۆتۈنۈپ بىرىش مەنئى قىلىنىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار .  تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى  http://www.kanunblog.com/ قانۇندىن مەسىلىھەت سورىماقچى ياكى قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز قانۇن بلوگىمىزغا مەرھەمەت قىلىڭ .  
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |