("كورتلار ۋادىسى پۇسۇ" دەپ ئەينى ئېلىشىم بىرىنچىدىن كۆرۈرمەلىرىمىزگە شۇنداق سىڭىپ كەتكەن ئىككىنچىدىن فىلىمنىڭ ھۆرمىتى)
شۇنداق قىلىپ بەزى بىر ئارمانلار بىلەن پۇسۇنى تەرجىمە قىلماقچىمۇ بولدۇق،دەسلەپ ئۆگىنىش ۋە ئىقتىسادىمىزنى ئۆزىمىز ئازراق بولسىمۇ قامداپ يىڭى تىل ئۆگىنۋاتقانلار ئۈچۈن قىزغىن كەيپىيات يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئازاراق ھەق بىلەن باشلىماقچى بولغان ئىشىمىز ئۇيغۇر كىنو مەستانىلىرى (پۇسۇ مەستانىلىرى) ئىچىدە خېلى غۇل-غۇلا قوزغىغانمۇ بولدى،خېلى كۆپ قوللىغۇچىلار بىزگە مىنەتتارلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئاپئاق تىلەكلىرى بىلەن بىزگە ئامەت تىلىدى. يەنى بىر قىسىم تۈرۈكچىنى ياخشى بىلدىغان دوستلىرىمىز بىزگە يېقىندىن ياردەمدە بولماقچىمۇ بولدى،ئۇلارنىڭ شەرتى بىلەن فىلىمنى پۈتۈنلەي ھەقسىز تەرجىمە قىلىپ تارقاتماقچىمۇ بولدۇق.كەمىنە بۇ يەردە قوللىغىچىلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .
تەشۋىق فىلىمى يوللىنىپ بولغاندىن كىيىنكى تەسىرات ۋە خىياللىرىم :
1 مەزكۇر فىلىمنىڭ كۆرۈرمەنلىرىنىڭ قىزغىنلىقى مىنى ھەيران قالدۇردى ھەم بەزى ئورۇنلاردا ھەقىقەتەن ئەپسۇسلاندۇردى.
2.تەرجىمان دوستلىرىمىزنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە ئالىي جاناپ ئاكلىرىمىز ئۆزىنىڭ فىلىمغا بولغان ئىشتىياقى بىلەن بىزگە ياردەم قىلماقچى بولسىمۇ لېكىن تەرجىمانلار يەنىلا كەمچىل ،بەزىلىرى ھەقسىز تەرجىمە دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ ئۆزىنى قاچۇردى.
3.فىلىم سودىگەرلىرى مەسىلسى ھەر ۋاقىت بىزنى ئەنسىرەتمەكتە.
4.مۇكەممەل ئادەم بولمىغىنىدەك بلوگ جەھەتتىكى بىلىمىمنىڭ بەكلا يۈزەكى بۇلۇشى تۈپەيلى ،بلوگىمنى ئازراق بىزەي دەپ ئۇيان ئۆتۈپ بۇيان ئۆتۈپ بىر قانچە بلوگكېر ئۇستازلارنىڭ ئالدىغا بارغانمۇ بولدۇم ،ئۇلار بىلەن فىلىمدە ئۇلارنىڭ تور بېتىنى تەشۋىق قىلدىغان ۋە ئۇلارنى تەشۋىق فىلىم بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىمنى ئېتتىم"100 يۈەن " "200 يۈەن" دىگەن سۆزلەردىن تەسىرلىنىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن قايتىم ، مەن تەرجىمانلىق بىلەن شوغىلىنۋاتقان ئادەم پەرزىمچە مەزكۇر فىلىمنى بىرەر كەسىپ ئىگىسىگە تۇتقازسا 200 يۈەندىن كەم پۈتمەيدۇ. بلوگكېرلىقتىن خەۋرىم يوق دىسەممۇ لېكىن ئۇلارنىڭمۇ خېلى ۋاقتىنى سەرپ قىلدىغانلىقدىنمۇ خەۋرىم بار ، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئەمگىكى ئەمگەك بىزنىڭ بولسا بىكاچىلقتا ئىچىمىز سىقىلىپ قېلىپ قىلۋاتقاندەك ، ھەقسىز تارقىتىشنى تەشۋىق قىلغانلار ھەم شۇلار ئەمدى بۇنى كۆترۈپ نەدە يۈرەي،مانا ئەمسە دەپ ھەقلىق قىلىپ تارقىتىپ 200 ئەمەس 400 گە تور بېتىمنى پېچەت قىلۋەتسەم تىللاپ تىقىپلاۋېتە مېنى. قاچانغىچە شۇئار توۋلاپلا يۈرەرمىز.
5.ھەركىمنىڭ ۋاقتى ئوخشاشلا قەدىرلىك سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزنىڭ غەلبىگە باسقان قەدىمىمىز.
مانا يۇقارقىلار مەزكۇر فىلىمنىڭ تەشۋىق فىلىمىدىن ئاچچىق ۋە تاتلىق ھېسلار.
ئەمدىكىسى ھەقسىز ئەمەس .
1.تەرجىمان 5 نەپەر .
2. بلوگكېر ئۇستىسى بىر نەپەر.
تىن خەۋرى بارلار ئىككى نەپەر. Photoshop3.
4. كومپيوتېرغا خەت .ئۇرغۇچى سانى چەكلەنمەيدۇ.
5 تەھرىر ئىككى نەپەر .
6. ۋاقىت خاتىرلىگۈچى 10 نەپەر .
7.خەتلىك فىلىم ئۇستىسى بىر نەپەر.
تەمىناتى :
1.سىزگە بىر تالانتڭىزنى نامايەندە قىلدىغان ۋە ئۆگىنىش سەھنىسى ھازىرلاپ بېرىمىز .
2. شەخسىي بلوگى ۋە تور بېتى بارلارنىڭ تور بېتىنى تەشۋىق قىلمىز ۋە تەشۋىقات فىلىمى بىلەن تەمىنلەيمىز.
3. نەتىجىسى كۆرىنەرلىك بولغانلارنى فارابى تىلماچ گۇرۇپپىمىزغا تەكلىپ بىلەن قوشۇپ ئىشتىن سىرتقى خىزمەت بىلەن تەمىنلەيمىز.
4. بلوگدىن مەخسۇس سەھىپە ئاجرىتىپ نەتىجىسى كۆرىنەرلىك كىشلەرنى خالىسا ئەسلى سالاھىيىتى بىلەن بولمىسا تور تەخەللۇسى ياكى نامى بىلەن تەرجىمھالىنى يوللاپ رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
5.ھەر ۋاقىت سىلەرگە ئۇيغۇر كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئوتلۇق سالىمىنى يوللايمىز.
ئەگەر ئىشلىرىمىز ئۇتۇقلۇق بولۇپ قالسا كۆرۈرمەنلەرنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن تەربىيۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئېتقادىمىزغا زىت بولمىغان فىلىملەر بولسا ھەقسىز تەرجىمە قىلىمىز.
ئەگەر تەرجىمە مۇۋاپىقىيەتلىك يۈرۈشمىسە تامام، كۆرۈرمەنلەر مەندىن رەنجىمەڭلەر مېنىڭمۇ قۇلۇمدىن كېلدىغىنى شۇنچىلىك .
يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ ..؟
ئاۋۋال مانا بۇ كىچىك ئىشتا ئۇيىشايلى ئاندىن باشقىدىن سۆز ئاچامىز.
يازما ئادرىسى :تىلماچ بلوگى