|
|
|
|
مـەن، سـەن، رېـئـالـلـىـق
ئەي يىگىت، مەن شۇ تاپتا سېنى خاتا بايقاپ قالغىنىمغا راستىنلا ئىشىنىۋاتىمەن. ئۇزۇن -ئۇزۇن تۈنلەرنى، ئايلارنى ئۆتمۈشكە ئايلاندۇرىۋاتقان يىللارنى سىنى سېغىنىشى بىلەن، سېنى كۈتۈش بىلەن ئۆتكۈزدۈم.
سەن قەلبىڭنى ئاشكارىلاشنى خالىمايتتىڭ، ئوبرازىڭنىڭ قەلبىمدە مەڭگۈ ئىلاھتەك،جاۋاپسىز تېپىشماقتەك سىرلىق قېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتىڭ، تولىمۇ ئەپسۇس، تۇيغۇلىرىم سىنىڭ مەخپىيەتلىكىىڭنى ھامان ئۇقىۋالاتتى، ئويلىرىڭ قەلبىمدە كۈندۈزدىنمۇ روشەن ئىدى.
راست، مەن سىنى خاتا تۇنۇپ قالغان ئىدىم. سەن مۇھاببەتلىك قەلبىمدە پارلاپ تۇرىدىغان ھارارەتلىك قۇياش ئىدىڭ، مەن ئۇنىڭ يالقۇنىدا كۈيەتتىم، سەن سۇلىرى سۈپسۈزۈك بىر بۇلاق ئىدىڭ، مەن ساڭا داۋاملىق ئىنتىلەتتىم؛ سەن قەلبىمدە سۆيگۈگە باي، ھەممىگە قادىر يىگىت ئىدىڭ. مەن ساڭا كېچە-كۈندۈز چۇقۇناتتىم، سەن بىر پاراسەتلىك ئۇستاز ئىدىڭ، مەن سىنى چەكسىز، چەكسىز ھۆرمەت قىلاتتىم.............
شۇ تاپتا سېنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر تورىدا تىپىرلاۋاتقان شەخسىيەتچىلىكىڭ، قۇرۇق شۆھرەتكە باي بىچارە ،مەغرۇرلۇقۇڭ سىنى ماڭا قايتا ئۇقۇپ بىرىۋاتاتتى... تەغدىر مىنى مەسخىرە قىلىۋاتاتتى. سۆيگۈ ئۈچۈن تۆلەنگەن بىھۇدە بەدەللەر مىنى باشقا بىر ئادەم قىلىپ چىققانىدى. مەن ياش يۇقى كۆزلىرىم بىلەن ھەممە نەرسىنى ئۆز پېتى كۆرەلەيدىغان بولغانىدىم.
قان-ياشلىرىم بىلەن كۈتىۋېلىنغان تۈنلەر، مۇھاببەتلىك يۈرىكىم بىلەن يوللىرىڭغا تەلمۈرگەن تالاي كۈنلەر سىنىڭ ۋاپاسىزلىقىڭنى شۇنداق تۇيۇقسىز، شۇنداق تاسادىپىي ھالدا ماڭا ئېيتىپ بەردى.
مەن سەن بىلەن يۈكسەك چوققىلارغا چىقماقچى ئىدىم.
مەن سەن بىلەن نۇرلۇق تاڭلارنى كۈتىۋالماقچى ئىدىم.
مەن سەن بىلەن زىمىنغا تالاي - تالاي تۆھپە قىسسىلىرىنى يازماقچى ئىدىم.
.....................
سىنىڭ رىئاللىقىڭ ئاخىرى ماڭا ھەممىنى، ھەممىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
سەن مەن بىلەن يۈرۈشكە ماجالسىز ئىدىڭ.
مەن سىنى تالاي يىگىتلەر ئارىسىدىن تاللىۋالغان ئىدىم، مىنىڭ كۈتۈشلىرىم شۇ قەدەر پاك، غۇبارسىز كۈتۈش ئىدى.
بىراق، رىئاللىق ماڭا شۇنى تۇنۇتتى؛ سەن بۇلارغا ئەرزىمەيتتىڭ.
مەن ساڭا قاراپ ئۈنسىز شىۋىرلىدىم؛
دۇنيادا ئۇلۇغلىغان ئادىمىڭنىڭ ھالاكىتىنى كۈرۈپ قېلىشتىنمۇ ئارتۇق ئازاپلىق ئىش بولمىسا كېرەك.
...............
مەن، سەن ، رىئاللىق.
بىز ئۈچىمىز بىر-بىرىمىزگە قارىدۇق، سەن مىنى كۆردۈڭ، مەن سەن ئۈچۈن ناتۇنۇش ئىدىم، رىئاللىق سىنىڭ ئارخىپىڭ ئىدى، سەن مەن كۈڭۈل بەرگەن ھالاكەت غارى ئىدىڭ.
مەن سىنى ھەقىقەتەن خاتا تۇنۇپ قالغان ئىدىم، سەن شۇ تاپتا مىڭ پارە بولغان ئۇلۇغلۇقۇڭ بىلەن ئالدىمدا بىچارىلاچە چېچىلىپ ياتاتتىڭ، سېنىڭ قۇرۇق ھاكاۋۇرلۇقۇڭ بىلەن سىرلانغان رېئاللىقىڭ ماڭا ھەممىنى ئېيتىپ بەرمەكتە ئىدى.
مەنبە : << شىنجاڭ ياشلىرى >> ژۇرنىلدىن ئېلىندى. كومپىيوتېر ئالدىدا : لەيلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kapsizparixta تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-4 01:23 PM
|
|
|
|
|
|