ئوقىمىسىڭىز يۈرۈكۈمنى يار
ئوقىمىسىڭىز يۈرۈكۈمنى يار،
چىقىرۋەتكۈم يوق ئۇنى نەشىردىن.
سالمىسىڭىزكەن شاھى لىباسنى،
سىز شاھ بولغان كۆڭلۈم قەسىردىن.
ە
ھەر بىر قۇرىدا سۆيگۈم ئاشكارە،
ئوقىمىسىڭىز يۈرۈكۈمنى يار.
سېغىنىشىڭىز تۈپلەنگەن ئاڭا،
ۋىسالىڭىزغا بولغاچ بەكمۇ زار.
ە
يىگانەمدۇر سىز كۆڭلۈم بېغىدا،
مۇھەببەت ئەجرىم سىزگىلا تالىق،
ئوقىمىسىڭىز يۈرۈكۈمنى يار.
بۇ پاك سۆيگۈمگە بىر سىزلا لايىق.
ە
ئىشەنچ ۋاپاغا تولسۇن قەلبىمىز،
شۈبىھىگە ئورۇن بەرمەيلى زىنھار.
سۆيگىڭىزدىن ئەيمىنسۇن سۆيگۈم،
ئوقۇمىسىڭىز يۈرۈكۈمنى يار.
ە
چەشمەزۇلال
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Yurtum07 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-4 01:23 PM