مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4926|ئىنكاس: 54

چۈنكى بىز ئۇيغۇر   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەر ئىشقا ئىمكان بار.

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 207
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12329
تۆھپە نۇمۇرى: 863
توردا: 2252 سائەت
تىزىم: 2010-5-21
ئاخىرقى: 2014-7-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:23:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!
ئەسلى بۇ تېمىنى يازمايمۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم, ئەمما بىزنىڭ بەزى چەكتىن ئېشىپ كېتىپ بارغان بايرىمىمىزغا ئىچىم سىيرىلىپ كېتىپ بارىدۇ. شۇڭا تورداشلارنىڭ كاللىسىنى بىر سىلكىۋېتىپ ياخشىراق ئويلىنىپ بېقىشى ئۈچۈن يېزىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

ئارىمىزدا روژىستىۋا بايرىمى، يېڭى يىل بايرىمى. يېڭى يىل ھارپىسى دىگەندەك نۇرغۇنلىغان چەتئەلنىڭ بايراملىرى سىڭىپ كەتتى. ئەلۋەتتە چاغان دىگەندەك بايراملارغۇ تەبىيلا ئىش بولۇپ قالدى. بۇنى توغرا چۈشىنەي، چۈنكى بىز ئۇيغۇر

لىكىن بىزنىڭ ئەنئەنىمىزدە ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان روژىستىۋا بايرىمى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دىگەندەكلەرنى ئۆتكۈزىشىمىزنىڭ ئەسلا ئورنى قىممىتى يوق دەپ قارايمەن. ئەمما خەلقىمىز ئارىسىغا تېز سۈرئەتتە سىڭىپ كىرىپ كېتىۋاتقان مىللى ئەنئەنىمىزگە يىقىنمۇ كەلمەيدىغان مۇشۇنداق بايراملارنى بىز ھەشەمەتلىك كاتتا ئۆتكۈزىمىز. ئاشۇنداق يوللاردا ئىسراپ بولۇپ كەتكەن ئىقدىسادىمىزنى ئاجىز، مېيىپ، يالغۇز ئادەملەرنىغۇ دىمەيلا قوياي. بەزىلىرىمىز ھەتتا ئاتا-ئانىلىرىمىزغا، بالا-جاقىلىرىمىزغا، نىكاھلاپپ ئالغان سادىق ھەمرالىرىمىزغا خەجلەشنىمۇ ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويىۋاتىمىز. چۈنكى بىز ئويغۇر

بىز يېڭى يىل بايرىمىنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشنى ئويلايمىز. لىكىن مۇشۇ ئۆتۈپ كېتىپ بارغان ۋاقتىمىزدا نىمە ئىشلارنى قىلدۇق، ئەتە نىمىلەرنى قىلمەن، دىگەندەكلەرنى ئېسىمىزگە ئېلىپمۇ قويمايمىز. چۈنكى بىز ئۇيغۇر.

بىز تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈشنى ئېسىل ئىش دەپ ئويلايمىز، يەنە تۇغۇلغان كۈننى كاتتا رېستۇران ياكى كۇلۇپ (دىبا)لاردا ئۆتكۈزىمىز. لىكىن ئۆتۈپ كېتىپ بارغان ھەر بىر كۈنىمىز ھەر بىر سائەت، ھەر بىر مىنۇتىمىزنىڭ شۇ قەدەر مۇھىملىقىنى، سىزنى تۇغۇپ بېقىپ مۇشۇنچىلىك چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىلىرىمىزنى ئېسىمىزدىن چىقىرىپ قويىمىز. چۈنكى بىز ئۇيغۇر.

ئۇنىڭسىزمۇ بىزلەردە مەرىكە دىگەن ئاجايىپ كۆپ. بارماي دىسە يامانلايدۇ. باراي دىسىڭىز، بىر ئايدا ئون توي چايغا بارغاندىن كېيىن ئەمدى نىمە يەرمەن دەپ غەم بىلەن ئۆتىمىز. ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى بىزلەردە ھەشەمەتچىلىك، بەسلەشخورلۇق، ئىچى تارلىق، ھەسەتخورلۇق دىگەن ئەۋجىگە چىقىپ كەتتى. بىز نىمىنى ئويلايمىز. ھەي مىنىڭ ئاۋۇ پىسپاستىن قالغۇدەك نىمەم كەمتى؟ مانا مۇشۇنى ئويلايمىز. لىكىن ئاۋۇ مۇنداق تىرىشچانلىقلارنى قىلىپ مۇشۇ نەتىجىگە ئېرىشتى دىگەنلەرنى ئويلىمايمىز. چۈنكى بىز ئۇيغۇر.

ئادەم دىگەن يىراققا نەزەر تاشلىيالىشىى كېرەك. بىرسى سىزدىن ئېشىپ كەتمەكچى بولسا سىزمۇ تىرىشىپ كۆرۈڭ. ئەمما ئېشىپ كەتمەكچى بولغان قېرىندىشىڭىزنىڭ ئورىسىنى كولىماڭ، بىز سىز ئۈچۈنمۇ، قېرىندىشىڭىز ئۈچۈنمۇ، بىز ئۈچۈنمۇ ياخشى بولمايدۇ. چۈنكى بىز ئۇيغۇر.

جىدەل دىسە ھەممىدىن ئاۋال قوپۇپ يۈگىرەيدىغانلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. ھەتتا ئۆلتۈرۋېتىشتىنمۇ يانمايمىز. بىز ئۇرماقچى بولغان ئادەمنىڭ كىملىكى، نىمە سەۋەپتىن ئۇرماقچى، دىگەنلەرنى ئويلايدىغانلىرىمىز ئىنتايىن ئاز. مەسىلىنى تىنىچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئەسلا خىيالىمىزغا كەلتۈرۈپ باقمايمىز. چۈنكى بىز ئۇيغۇر.

بىزلەردە چۈشىنىش ۋە كۈيىنىش ئىنتايىن كەمچىل، ماۋۇ خىزمەتدىشىمنىڭ بۈگۈن مىجەزى يوق ئىكەن، ئىشىنى مەن قىلىۋىتەيچۇ، ئاۋۇ خىزمەتدىشىمىزنىڭ مۇھىم ئىشى چىقىپ قاپتىكەن، بوپتۇلا ئىشىنى تۈگىتىۋالسۇنچۇ، مەن بىردەم جاپا تارتىپ تۇراي، ماۋۇ خىزمەتدىشىمىز نەچچە ۋاقىتتىن بېرى بەك جاپا تارتىپ كەتتى. بىر كۈن ئارام ئېلىۋالسۇن. ... دەپ ئويلايدىغانلىرىمىزمۇ بار ئەمما ئويلىمايدىغانلىرىمىز كۆپرەك نىسبەتنى ئىگەللەپ كېتىمىز. چۈنكى بىز ئۇيغۇر.

مەن دىمەكچى ئوينىماڭ ئەمەس. ئەمما ئوينايدىغان ئويۇننى، ئورۇننى. ۋاقىتنى توغرا تاللاڭ دىمەكچى. بىھۇدە ئىسراپ بولىۋاتقان يىمەكلىكلەر، بىھۇدە ئىسراپ بولىۋاتقان ئىقدىساد، ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايۋاتقان بالىلار، كېسەل سەۋەبىدىن داۋالىنىشقا قۇربى يەتمەي ئۆلۈپ كېتىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز، يالغۇزلۇق تارتىپ مۈكچىيىپ كەتكەن ئاتا-ئانىلىرىمىزنى ئېسىمىزدىن چىقارمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئويناڭ. سىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ ئوينىتىشىڭىزنى كۈتىۋاتقان باللىرىڭىز ۋە سىزنى تاماققا ساقلاپ تۇرغان سادىق ھەمرايىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئويناڭ. ئۆزىڭىزنىڭ نىمە ئىش قىلغىنىڭىزنى، نىمە ئىش قىلىش كېرەكلىكىنى، نىمە ئىش قىلىدىغىنىڭىزنى ئۇنتۇپ قالمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئويناڭ. مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىسىنى، غۇرۇرىنى يەرگە ئۇرمىغان، دەپسەندە قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئويناڭ.چۈنكى بىز ئۇيغۇر.



ئەمدى ئارتۇق سۆزلىسەم خاتالىشىپ كېتمەن. چۈنكى مەنمۇ ئۇيغۇر.



مەنبە: جەمىيىتىمىزنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-4 05:00 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
muhammatkusu + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
vincent + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
مەتو + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 210   باھا خاتىرىسى

ياخشى كۆرگەن گۇناھ ئەمەس، ئەمما شاللاقلىق گۇناھ؛ياخشى كۆرمەسلىك گۇناھ ئەمەس، ئەمما ئالداش گۇناھ.

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 3011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15429
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3323 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 01:03:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىنايلى قېرىنداشلار  !

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 2209
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14029
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7877 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 01:08:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  ئويلىشىشقا  تىگىشلىك ئىشلار... جەمىيىتىمىز مۇشۇنداق  باشقا مىلەتنىڭ  بايراملىرىنى  بۇنداق  قوبۇل قىلىۋەسە  ئەتە ئۆگۈن  ئۆزىمىزنىڭكىنى  ھىسابقا  ئالمايدىغان بولۇپ قالغۇدەكمىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5572
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 01:22:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىشۇ، يىشۇ..............بىردەم ئارام ئالايلى ھە....ئەمدى ئويناۋەرمەي...........بىرەر ئامال تېپىڭە؟:qiray11

ئۆزۈمنىڭ شورى ..........................................................................

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5639
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 01:48:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق بىز ئۇيغۇر!

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71016
يازما سانى: 111
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3795
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 518 سائەت
تىزىم: 2011-12-19
ئاخىرقى: 2013-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 01:57:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلارمۇ ئوينايلى،خەقنىڭكىنى ئەمەس ئۆزىمىزنىڭكىنى ئوينايلى.
ئىشنى تۈگىتىپ ئوينايلى،ئويناش كەسىپ ئەمەس،ئىشتىن كېيىن ئوينايلى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5069
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3087 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 02:06:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېسـەلگـە ياخشى دېئاگنوز قويۇپسىز بۇ نىڭ داۋاسى بولسا دىندۇر! ئىنساننى ئىنسان ھـەقىقىي چـەكلىيـەلمـەيدۇ ئىنسان ئـەڭ قۇدرەتلىك كۈچ ئالدىدا ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئاجىز مـەخلۇق ئىكـەنلىكىنى تولۇق ھېس قىلغىنىدا ئۇ قۇدرەتلىك كۈچكـە ئۆز ئىختىيارلىقىنى تاپشۇرىدۇ ۋە قىلغان ھـەربىر ئىش ھـەرىكىتىنى ياراتقۇچىنىڭ ئۆلچىمىگـە سالىدۇ بۇنداق كىشىلـەر تولىمۇ گۈزەل سۈپـەت بولۇپ ئۇيغۇر + مۇسۇلمان = ئالىيجاناب بولۇپ ئاپتورىمىز سۈپـەتلىگـەن ئۇيغۇردىكى سۈپـەتلـەر كۆرۈلمـەيدۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izdinish تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-4 02:10 PM  


راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72512
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3016
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2012-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 02:16:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرغا خاس خىسلەتنى، پەزىلەتنى يىتىلدۇرۇشتە ئەلۋەتتە ئىماننى كامىل قىلىش زۇرۇر........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72224
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3509
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2012-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 03:06:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق،بىز بەك كۆپ ئويلاندۇق ھەم كۆپ ئويلىنايلى! لېكىن چېكى بولسۇن.
ياشلىقنى قەدىرلەش مەن ئۈچۈن پەرھىز،
  خىيالغا قىلىمەن شۇنداق بىر ئەرىز.
-ئېپقاچما مىنىڭكى ئەزىز ۋاقتىمنى،
مەن قاچان  تاپشۇراي ۋەتەنگە قەرىز ؟!.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 71698
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3245
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 20 سائەت
تىزىم: 2011-12-24
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 04:34:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرغا خاس خىسلەتنى، پەزىلەتنى يىتىلدۇرۇشتە ئەلۋەتتە ئىماننى كامىل قىلىش زۇرۇر........                           قۇشىلىمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش