|
|
|
|
قىسقىچە قىلىپ، مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ،
ئاددىي بلوگ - بلوگ ۋە مىكرو بلوگ ئوتتۇرىسىدىكى تور مۇلازىمەت شەكلى.يەنى،
بلوگ ‹-› ئاددىي بلوگ ‹-› مىكرو بلوگ
قىسقىچە چۈشەنچە ۋە تارىخ
بلوگ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق، Wordpressتە دائىم سېپىللار سوقۇپ تۇرىمىز. (پرېستان، 80خالتا، يۈكسەل)
مىكرو بلوگ ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق guduk.com قاتارلىقلار. (twitter ، سىنا)
ئاددىي بلوگقا كەلسەك، ئاددىي بلوگ ئەڭ ئاۋۋال 2007-يىلى ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن، ئىنگىلىزچە نامى «تۇمبال » tumblr،
ئادرېسى: www.tumblr.com
ئۇ شۇ يىللىرىدىن تارتىپ 2009-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پىشىپ يېتىلىش ھالىتىدە بولۇپ، مۇكەممەل مۇلازىمەت شەكلىنى ئوتتۇرىغا قويغىچە خېلى بىر مەزگىل مۇشۇ خىل ھالەتتە ئاددىي بلوگ مۇلازىمەت شەكلى ھەققىدە ئىزدەنگەن. 2010-يىلىدىن باشلاپ، تورمۇلازىمەت شەكلى بارغانسېرى تۇراقلىشىپ، 2010-يىلى 8-ئايدا ئەزا سانى 7مىليون 200مىڭغا يەتكەن، 2010-يىل ئاخىرىدا 11مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن.
سوخۇ، ئاۋام (رېنرېن) قاتارلىق ئادەم سانى زور توربېكەتلەرگە ئاساسلىق پروگراممىر يېتەكچىلىك (ئۆزىمۇ يازىدۇ) قىلىدىغان شۇچاۋجۇن ئاددىي بلوگ تور مۇلازىمىتىنىڭ بازار يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرۈپ يەتتى بولغاي، شېڭدادىن چېكىنىپ چىقىپ، ئۆزئالدىغا مەبلەغ توپلاپ 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۆزىنىڭ «چەك-چەك» (دىيەن-دىيەن) تورىنى ئېلان قىلدى، شۇنداق قىلىپ، مۇشۇ كۈندە، ئاددىي بلوگ تور مۇلازىمىتى جۇڭگوغا رەسمىي كىردى.
ئادرېسى: www.diandian.com
2011-يىلىنىڭ 11-ئايلىرىغا كەلگەندە، ئاددىي بلوگ تور مۇلازىمىتىنى ئىشلىتىۋاتقان ئەزالارنىڭ سانى wordpress جەمئىي 8يىلدا يىغقان، wordpressنى ئىشلىتىدىغان 27مىليون ئەزادىن ئېشىپ كەتتى، دەل مۇشۇ پەيتلەردە، ئۇيغۇرچە ئاددىي بلوگ تورمۇلازىمىتى «ئاددى بلوگ»مۇ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
ئادرېسى: www.addiblog.com
تەپسىلىي چۈشەنچە
ئاددىي بلوگ مىكروبلوگقا ئوخشاش يوللىنىدىغان خەت سانى 140 ھەرپ بىلەن چەكلەنمەيدۇ، بلوگ بىلەن سېلىشتۇرىدىغان بولساق، بلوگنىڭ خۇسۇسىي داچىغا ئوخشاش بېكىنمىلىكىنى تاشلىغان. ئىنچىكە ئارتۇقچىلىقلىرىدىن، ئۇنىڭدا ئۇزۇن رومان يازالايسىز، كۆپ رەسىمنى بىر بەتكە قىستۇرۇشقا بولىدۇ، يەنە كىلىپ ئەسلى كودنى قوللايدۇ، ئۆزىڭىزنى بلوگىمۇ بولىدۇ، ئەمما بلوگقا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ تاللىشىڭىز بار، مىكرو بلوگقا قارىغاندا چەكلىمىڭىز ئاز بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تىز تارقىتىش مەقسىتىنىمۇ ئىشقا ئاشۇرالايسىز.
ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارايدىغان بولساق، كۆپ سانلىق تورداش شەخسىي بەت – مۇنبەر – بلوگ – مىكرو بلوگلار ئىچىدە مۇنبەرنى تاللىغان، يەنە شۇنىڭدەك نۇرغۇن شەخسىي بلوگلارغىمۇ ھەم ئىشق باغلىغان، خېلى بىرقىسىم ياش تورداشلىرىمىز شەخسىي بەتنى (مۇزىكا شەخسىي بەتلىرى ۋەھاكازالار) تاللىغان، يەنە ئاز بىرقىسىم تورداشلىرىمىز ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە مىكرو بلوگلاردا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ۋە پايدىلىق ئۇچۇرلارغا ئېرىشىپ كەلمەكتە. تورداشلارنىڭ ئومۇمىي يۆلىنىشى بولسا مىكرو بلوگقا ئاز-ئازدىن ئاقماقتا، ئەمما ئاددىي بلوگنىڭ ئۇيغۇر تورداشلار ئىچىگە سىڭىپ كىرىشى نۆۋەتتىكى تۇرغۇنلۇقنى بۇزۇپ تاشلىشى ئېھتىمالغا يېقىن، چۈنكى ئاددىي بلوگتا شەخسىي بەت (بلوگتىكى خاسلىق)، مۇنبەر (ھەربىر يازما، رەسىملىك-ئاۋازلىق-سىنلىق تېمىلارغا باھا قالدۇرغىلى ۋە باھالارغا ئىنكاس قايتۇرغىلى بولىدۇ)، بلوگ ۋە مىكرو بلوگلارنىڭ ئەڭ يارقىن، تەلەپلىك ئىقتىدارلىرى بار. ئاددىي بلوگنى شەخسىي بەت كۆرسىڭىزمۇ، بلوگ ياكى مىكرو بلوگ كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئاددىي بلوگدا بىرخىل زاماننىڭ ئىختىيارىي كەيپىياتى باردەك قىلىدۇ.
دىمەك، ئاددىي بلوگ تورمۇلازىمىتى يۇرتىمىز ۋە ياكى پۈتۈن يەرشارىدا بولسۇن، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئىدىيە-خاھىشلىرىنى پىكىرلىشىدىغان، ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھرلىيەلەيدىغان، قىممەتلىك مەزمۇنلارنى كۆپچىلىككە سۇنۇشتا قولايلىق، كەيپىياتى ئىختىيارىي ئەڭ يېڭى تور مۇلازىمەت سۇپىسى بولۇپ قالغۇسى.
ئېنتېرنىت دېڭىزى فېيسىبۇكتىن تىۋىتتېرغا، تىۋىتتېردىن تۇمبالغا ئېقىۋاتقان مۇشۇنداق پەيتلەردە، ئۇيغۇر تورچىلىقىدىمۇ ئاددى بلوگقا ئوخشاش يېڭى-يېڭى تورلارنىڭ ئېچىلىشى ۋە گۈللىنىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، تور مۇلازىمەت سۇپىسى شەكىللىرىنىڭمۇ سەرخىللىشىشىغا ئىشتىياق باغلاپ، كەمىنە خىيالىدىن.
|
|
|
|
|
|