كانادادا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزىغا
قىزنىڭ شىئېرى
15 يېشىمدا دوپپام بېشىمدا،
18 يېشىمدا يار يوق قېشىمدا.
ھىجران ئىچىمدە،خەندان تېشىمدا،
ھىجران ئۆچمىدى،ئاققان يېشىمدا.
بىلمەيمەن قانداق قىسمەت بېشىمدا.
پاك دىل
يارسىز دىمە!
سەن ئۆزۈڭنى يارسىز دىمە،قانچە چەكسەڭ رىيازەت،
بىلىم ئېلىش ئىنسان ئۈچۈن بىرىلگەن چوڭ ئامانەت.
بىلىملىكتە: ئەخلاق، ھايا، گۈزەللىك ھەم لاتاپەت.
بىلىمسىزدە: بىخۇتلۇق، زاۋاللىق ھەم زالالەت.
سۈت ئۇيقۇدا ياتارمىزمۇ قۇچاق ،ئاچسا ھەر ئاپەت.
يىگىتلىرىمىز ۋەتىنىڭدە سۈرمەك بۇلۇپ ھالاۋەت،
ئاق چىكەرمەن،ئىچەرمەن بۇلۇپ كەتتى ئالامەت.
قىزلىرىمىز دىبادا مەس يۈرۈيدۇ شۇ سائەت.
بەربات بولدى تۇزىدى ئەڭ گۈزەل شۇ بالاغەت.
مەھەللىدە ئەيشى- ئىشرەت كۆرۈنمەيدۇ سانائەت.
يۈكسەلمىسە گەر مائارىپ،يوقۇلىدۇ دالالەت،
ھەق-ھوقۇقنى،ئىززەتنىمۇ تاپالمايدۇ ئادالەت.
ئىلىم ئالماي ساقىيارمۇ بۇ بىزدىكى جاراھەت.
ئىلىم ئالغان ئىللىتىدۇ، بىرەلەيدۇ ھارارەت.
تولا يىغلاپ قۇرۇپ كەتتى تارىم بۇلۇپ بىتاقەت.
قانات قېقىپ دېڭىز ئاتلاش بىر قىز ئۈچۈن كارامەت،
ھىجراننى يەڭ كۆز ياشلىما ھەم قىلمىغىن قانائەت.
ئاللاھ بەرسۇن ھەر ئىشىڭغايار-يۈلەك ھەم شاپائەت.
شاپائەتكە لايىق ئۈچۈن سەندە بولسۇن "شاھادەت".
شۇندا سەنمۇ، ۋەتەنمۇ تاپقىسىدۇر " سائادەت".
يالغۇز ئەمەس سەن غەم يىمە،كۆرۈشەرمىز نىھايەت،
پات يېقىندا مەن بارۇرمەن سىنى قىلىپ زىيارەت.
مەن سورايمەن:شۇ دەقىقە "ماڭا بارمۇ ئىجازەت!؟".
-جەم بۇلۇپ ئەل غېمىدەگەر كۆرسەكمۇ مۇشاققەت.
-سىردىشىڭ بوپ ئۆتەي دەيمەن تاكەلگىچە قىيامەت!.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dalalat.1933 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-4 11:48 AM