مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1291|ئىنكاس: 15

ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32654
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1201
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 11:42:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتى ئىقتىسادىي جەھەتتە ئالاھىدە قوللىغان ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ›› كەڭ تورداشلار ۋە بلوگگېرلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە، ئومۇمەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلدى. ئىزدىنىش، بىلىك، مىسرانىم، نۇرقۇت، كروران قاتارلىق 5 نوپۇزلۇق مۇنبەر مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن ئادىل بېلەت تاشلاش سورۇنى ھازىرىلاپ بەردى( خۇشاللىنارلىق يېرى شۇكى، يۇقىرىقى مۇنبەرلەرنىڭ تېخنىكىلىق جەھەتتە كۈچلۈك قوللىشى نەتىجىسىدە بۇ قېتىم 1 مۇ ساختا بېلەت تاشلانماي، پائالىيەتنىڭ ئادىل ۋە چىن بولۇشى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇلدى ). ھەرقايسى بلوگلار ، ئۇلۇغ – ئۇششاق تور بېكەتلەر مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئۆز چامىلىرىنىڭ يېتىشىچە مۇناسىپ جاي بېرىشتى. ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر پائالىيەتنى قوللىغان بارلىق تورداشلار ۋە تور بېكەت – بلوگلارغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز! مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتلىرىنى ئاجرىتىپ، مىننەتسىز تەر تۆككەن ئالىم ئەھەت، قىسمەت، كۆككەپتەر، مىسرانىم، ئوسمانجان نوھ بىلىگيار، كروران، جۇلالىق قاتارلىق باھالاش ھەيئەتلىرىگە ئېھتراملار بولسۇن!
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىدا جەمئىي 20 بلوگ نامزاتلىققا تاللىنىپ، تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشىگە قويۇلغان ئىدى. جەمئىي 2548 نەپەر تورداش بېلەت تاشلىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 78 پارچە بېلەت تەكرار تاشلانغان بېلەت ( يەنى ئوخشاش ئىسىمدىكى 1 كىشى 5 مۇنبەردە 5 بېلەت تاشلىغان بولسا پەقەت 1 بېلەت دەپ ھېسابلاندى) دەپ قارىلىپ، ئۈنۈملۈك بېلەت 2470 پارچە بويىچە ھېسابلاندى. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ھەرقايسى بلوگلار ئېرىشكەن بېلەتنىڭ جىق – ئازلىقىغا قاراپ چىقىرىلدى. تۆۋەندە، ناھايىتى قايناق ھاياجان بىلەن << ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ >> شەرىپىگە ئېرىشكەن بلوگلارنى ئېلان قىلىمىز:

ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ

دەرىجىسى

بىلوگ ئىسمى

تور مەنزىلى

ئىرىشكەن بىلەت سانى

1

80خالتا بلوگى

http://www.80halta.com

303

2

ئالىم ئەھەت بلوگى

http://www.alimahat.com

275

3

تورخۇمار بلوگى

http://www.torhumar.com

187

4

شاھ ئۇيغۇر بىلوگى

http://shahblog.net

185

5

جېك بلوگى

http://jeckblog.com

172

6

تەدبىركار بلوگى

http://www.tedbirkar.net

164

7

ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى

http://www.uyghurbeg.net

161

8

ئىلقۇت بلوگى

http://blog.ilqut.com

122

9

ۋەتەن بلوگى

http://weten.me

120

10

كروران بلوگى

http://blog.kroran.net/

98




10 چوڭ بلوگنى مۇكاپاتلاش خۇسۇسىدا1. مەزكۇر پائالىيەتتە بىرىنچى ۋە ئىككىنچى بولۇپ باھالانغان 80 خالتا  بىلەن ئالىم ئەھەت  بلوگىغا ئوخشاش ھالدا بىلكان شىركىتى تەمىنلىگەن تۆۋەندىكى بىلكانپەد مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.
بىرىنچى باھالانغان بلوگ ئۈچۈن: 8 دىيۇيملىق بىلكان پەد ( WiFi نەشرى). باھاسى: 2398 يۈەن.
ئىككىنچى باھالانغان بىلوگ ئۈچۈن: 8 دىيۇيملىق بىلكان پەد ( WiFi نەشرى). باھاسى: 2398 يۈەن.
2. قالغان بلوگلارغا  ئەلداۋا ساغلاملىق تورى قاتار بويىچە، ئۈچىنچى بولغان تورخۇمار بلوگىغا 500 يۈەن، تۆتىنچى بولغان شاھ ئۇيغۇر بلوگىغا 400 يۈەن، بەشىنچى بولغان جېك بلوگىغا 300 يۈەن، قالغان 5 بلوگنىڭ ھەر بىرىگە 100 يۈەندىن نەقپۇلنى مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىدۇ.
مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ۋاقىتى
مۇكاپات بارلىق بلوگلارغا 1-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن باشلاپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. نەقپۇلنىڭ ۋاقىت سۈرۈكى 3 كۈن، بىلكانپەدنىڭ 2 ھەپتە.
ئاخىرقى سۆز2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىمىز ئاجايىپ تېز يۈكسەلگەن بىر يىل بولدى. ئۇلۇغ-ئۇششاق تاراتقۇلارنىڭ نەزىرى بۇ ساھەگە تىكىلدى. ئارقا-ئارقىدىن سۆھبەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى، فىلىملەر ئىشلەندى. بۇقايناق مەنزىرىنى كۆرۈپ ئۆزىنى باسالمىغان يۈكسەلمۇ «ئاڭلا جاھان، 2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگ يىلىدۇر ! » دەپ ئەلگە چوقان توۋلىغان ئىدى.
ئۇيغۇر بلوگچىلىقى يۇقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ،نۇرغۇن ئوي – دوڭغۇللارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بلوگگىرلار قوشۇنى زورايماقتا، بارغانسېرى تاۋلانماقتا، بلوگلار بارغانسېرى پىشىپ يېتىلمەكتە، سەرخىللاشماقتا. ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئوينايدىغان رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. جۈملىدىن ئۇيغۇر تور ئاممىسىنىڭ دىققەت – نەزىرى بارغانسېرى ئۇيغۇر تور ئاسمىنىدىكى بلوگدىن ئىبارەت بۇ يورۇق يۇلتۇزغا ئاغدۇرۇلماقتا. ئەل بلوگگىرلاردىن يېڭى نەتىجىلەرنى كۈتمەكتە…
ئەڭ ئاخىرىدا، << ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش >> پائالىيىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى بولغان يۈكسەل بلوگى ۋە باھالاش ھەيئەت گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالار يۇقىرىدا جاكارلانغان << ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ >> شەرىپىگە ئېرىشكەن ھەرقايسى بلوگلارنى قىزغىن قۇتلۇقلايدۇ ۋە ئۇلارغا يېڭى يىلدا يەنىمۇ زور نەتىجىلەرنى تىلەيدۇ.
بۈگۈن سىلەر ئۆزۈڭلاردىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق! بۈگۈن ئەلنىڭ ئالقىشى پەقەت سىلەر ئۈچۈن!!! ھارمىغايسىلەر ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى ھارماس تۇلپارلار !

============================================

مۇناسىۋەتلىك باشقا يازمىلار:

10 چوڭ بلوگنى باھالاش توغرىسىدىكى غەلدى-غەشتى پاراڭلاربىلكان شىركىتىنىڭ 10 چوڭ بلوگنى مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى باياننامىسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-4 03:54 PM  


يۈكسەل بلوگى http://www.yuksel.me/

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 779
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13284
تۆھپە نۇمۇرى: 264
توردا: 3719 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:23:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلكان شىركىتىنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن ماددى جەھەتتىن ياردەمدە بولغانلىقىغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرمىز.
يېقىندا ئۇيغۇر سەنئەتكارلىرى ئەزا بولۇپ،ئۆزلىرىنىڭ مىكرو بىلوگىنى ئاچقان،80مىڭ ئەتراپىدا
ئەزاسى بولغان مىكرو بىلوگ تورىنىڭ ئىسمى كۆرۈنمەيدىغۇ؟رادىئودىن ئاخىرىنى ئاڭلاپتىمەن،تور نامىنى يۈكسەل دەپ ئاڭلىدىممۇ ئىشقىلىپ.شۇنداق چوڭ بىر تور بېكىتىنىڭ بارلىغىنى ئاڭلىۋىدىم.

كەڭ قورساق بولۇش مەدىنيەت جۈملىسىدىندۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 865
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5259
تۆھپە نۇمۇرى: 411
توردا: 1106 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:29:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر ئىچىدە يۈكسەل ئەپەندىمۇ بولغاچقا يۈكسەل بلوگى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىدى.

كروران تور بېكىتىنىڭ ئادرېسى: http://www.kroran.Net

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2059
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7297
تۆھپە نۇمۇرى: 872
توردا: 248 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:42:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن!  داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.:qiray121:qiray121

ئىمان روھنىڭ قاراۋۇلى،ئەخلاق ئىززەتنىڭ سەرمايىسى.

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 17294
تۆھپە نۇمۇرى: 1248
توردا: 2939 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 01:14:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Suchi يوللىغان ۋاقتى  2012-1-4 12:23 PM
بىلكان شىركىتىنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن م ...

ئەلكۈيى تورى مىكرو بىلوگى

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 852
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 17294
تۆھپە نۇمۇرى: 1248
توردا: 2939 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 01:20:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىش بەك ئەھمىيەتلىك بولدى ، مەن بىلەت تاشلىغان ئىككى بىلوگ 1ۋە2بوپتۇ ، بىلوگ ۋە ئۇيغۇر تورلىرى بارغانسىرى ئۆزىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ مېڭىۋاتىدۇ ، ئەلكان شىركىتى بىر ساخاۋەتلىك ئىش قىلدى ، مىللىتىنى سۆيىدىغان كىشىلىرى ئۈزۈلمىگەن مىللەت ھامان بىر كۈن مۆجىزىلەرچە باش  كۆتۈرىدۇ ، ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ داۋاملىق ئىلگىرلىشىگە تىلەكداشمىز ، ئاندىن يەنە بىر ئۆمۈد قىلىدىغىنىم ئۇيغۇر خاككىرلىرى بىر مۇنتىزىم قوشۇن بولۇپ شەكىللەنگەن بولسا ،  قابىليىتى يىتىدىغانلار ئىنجىل تورى دىگەندەك ئۇيغۇرچە تورلارنىڭ  ئۆلۈم خېتىنى قولىغا تۇتقۇزغان بولساڭلار !

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 360
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2441
تۆھپە نۇمۇرى: 449
توردا: 985 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 01:43:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك!!!!!!!!!!!

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.

باشقىلارغا تەبە

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6082
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 5845 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 01:47:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ ئىشتىن بەك سۆيۈندۈم.

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

غۇرۇر ،ۋىجدانىڭنى يۇقاتما!

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 431
يازما سانى: 554
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9364
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 693 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 02:18:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپسۇس مەن بۇ پائالىيەتگە بىلەت تاشلىيالمىدىم .  ھەي !!!

爱你不是我的错遇到你才我的错

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69463
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2011-12-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 03:03:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
EnQa يوللىغان ۋاقتى  2012-1-4 12:29 PM
پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەر ئىچىدە يۈكسەل ئەپەندىمۇ  ...

يا خشى بوپتۇ داۋاملاشتۇرغايسلەر!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش