ئانا تىل
تىل ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىقتىدارى-تەپەككۇرنىڭ ئاساسى ماتىرىيالى ۋە ئىپادىلىنىش شەكلىدىن ئىبارەت.
-<<قاتلاملىق ئىستىتىكا>>
ئىنسانىيەت تىل ۋاستىسى بىلەن ھايۋانات دۇنياسىدىن ئايرىلغانلىقىنى،يېڭى ئىجتىماھىي مۇناسىۋەت تۈرىنى شەكىللەندۈرۈشكە قەدەم قويغانلىقىنى كۆرسەتتى.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل -تەپەككۇر ئېقىمى،تەپەككۇرنىڭ سىرتىلىشىشى،تەپەككۇر تىلىنىڭ بۇلىقى،تىلنىڭ ماھىيىتى،تىل غايە،ھېس -تۇيغۇ ۋە تەپەككۇرنىڭ ئېسىل قەسىرى.
ئۆز تىلىنى ئۆز قەلبى بىلەن بىرلەشتۈرۈش-ئىنسان ئىقتىدارىدىكى مۇھىم كامالەت.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
ئېغىزىدا بىرخىل،ئەمەلدە بىر خىل،ئالدىدا بىرخىل،كەينىدە بىرخىل بۇلۇش،بۇلۇپمۇ قىزىل كۆزلۈك،كاززاپلىق،مۇناپىقلىق قەلبى خۇنۈكلىكنىڭ ئىپادىسى.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل-مىللەتنىڭ بايلىقى،تىل-مىللەتنىڭ مۇھىم،ھەتتا ئۇزاق تارىخىي دەۋرلەر داۋامىدا شەكىللەنگەن،كۆپ باسقۇچلۇق تىل تەرەقىياتى ئارقىلىقلا بېيىغان تۈپ ئالامىتى.مىللىي روھىيەت ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ نۇپۇزلۇق قورغىنى ۋە خەزىنىسى.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل-مىللەتنىڭ ئالدىنقى بۇغۇنلىرى تۇپراققا كىرگەندىمۇ مىللىي مەدەنىيەتنى كەلگۈسى ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئۇلۇغ ئۇچۇر قانىلى.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل-مىللەتنىڭ ئۆتمۈش ئەجدادلىرى ياراتقان مەدەنىيەتنى،ھازىرقى كىشىلىرى يارىتىۋاتقان مەدەنىيەتنى كەلگۈسى ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئۇلۇغ ئۇچۇر قانىلى.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل-ئەسىرلەر داۋامىدا تىرىك پالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مىللەتنىڭ يۈرىكى،قېنى ۋە جېنى.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل-مىللەت تارىخنىڭ تىغى،مىللىي مەدەنىيەتنىڭ راۋان دەرياسى،مىللىي تۇرمۇشنىڭ تىنىقى ۋە يىمرىلمەس سېپى.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
ھەر مىللەت تىلى خۇددى شۇ مىللەت ياشىغان ئانا زېمىنىدىن ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان دەريادەك شۇ مىللەت ھاياتىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى،تارىخىي مەنزىرىسىنىڭ باي ۋە رەڭگارەڭ ‹‹مېنىرال››لېرى بىلەن تۇيۇنغان بولىدۇ.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل-يېزىققا ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم.
‹‹ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىلاسىك مۇزىكىسى 12مۇقام ھەققىدە››
مىللىي تىل-شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى ۋەتىنى سۈپىتىدە مۇقەددەس.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل ئۆلگەن جايدا مىللەتنىڭ ھاياتى خازان بولغان بولىدۇ.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل-مىللەتنىڭ قەلبى.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تارىخ تېخى مىللىي تىللاردىن مۇستەسنا بىرەر مەدەنىيەت ‹‹ئەلئېھرامى››ئۇچراتقان ئەمەس!مەيلى ئېغىز -نۇتۇق تىلى،خەلق ئېغىز ئەدەبىاتى ژانىرلىرىنىڭ تىلى ياكى يازما ئەدەبىيات ۋە شېئىرىيەت تىلى،ھەتتا مۇزىكا تىلى،ئۇسسۇل تىلى بولسۇن،ئۇ ئالدى بىلەن ئۆز مىللىتگە خاس،يېقىملىق ۋە ئىپتىخارلىق.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىلنى بىلمەي تۇرۇپ ئېلىنى بىلىمەن دېيىسنى،تىلنى سۆيمەي تۇرۇپ ئېلىنى سۆيۈشنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىلنىڭ ھاياتى ئۇنىڭ ئىشلىتىلىشىدە،ھەر قانداق مىللىي تىلنىڭ ئېغىزىدىن قېلىشى،بۇلۇپمۇ قىزلار ۋە ئانىلار،يىگىتلەر ۋە ئانىلار،يىگىتلەر ۋە ئاتىلار ئېغىزىدىن قېلىشى،ئۇقۇتۇش ۋە يېزىقچىلىقتىن قېلىشى ۋە ئۇنىڭ ئەجىلىدىن ئىبارەت.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
ھەر قانداق باشقا جانلىق شەيئىگە ئوخشاش،ھەرىكەتتىن توختاش تىلنىڭ ھالاكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ۋە ھالەنكى،تىل ھالاكىتى مىللەتنىڭ ھالاكىتىدۇر.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
مىللىي تىلشۇناس تەپەككۇرلارغا مۇھتاج.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
مىللىي تىل ناتىقلارغا ئوقۇتقۇچى،شائىر،ئادۇۋكات،يازغۇچى،سۇرۇن باشقۇرغىچىلارغا موھتاج.تىل نەققاشى-ناتىق يالغۇز سۆزلەش ماھىرىلا ئەمەس،ئەڭ ئالدى بىلەن ئىلىم ۋە ھېكمەتنى بىلگۈچى دانالار بۇلۇشى،ۋەزخانلارلا ئەمەس،خەلق روھىيىتدىكى تەربىيلەيدىغان مەدەنىيەت جەڭچىلىرى بۇلۇشى لازىم.ئۇلار تىلدا ئۈلگە كۆرسىتىشى لازىم.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل تەلىم تەربىيەنىڭ مۇھىم ۋاستىسى،شۇنىڭدەك تىلشۇناسلىققا ئائىت ھەر دەرىجىلىك كەسپىي تەربىيە -خەلق مائارىپىنىڭ ،مىللىي مائارىپىنىڭ دائىمىي غوللۇق بىر مەزمۇنى.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل-بىلىم مۇقەددىمىسى،شۇنىڭدەك بىلىم قەسىرى.
تىل-ھەربىر شەخسكە ئىلىم،مەدەنىيەت،ئەخلاق،سەنئەت نۇرىنى بېغىشلايدىغان ئاڭ،پىكىر مەشئىلى.
تىل-ھېسىيات،ھېسىداشلىق،جشقۇن روھىيەت يېتىشتۈرىدىغان باغۋەن،تىل بايلىقى،تىل مەدەنىيىتى،تىل نۇپۇزى ھەربىر مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسى،تارىخىي ئۇتۇقلار جۇغلانمىسى.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
مىللىي تىل-پۈتكۈل نەشرىيات-ئاخبارات،ئىجتىماھىي،ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى ساھە،تارماقلىرىدا تەبىئىي ۋە زۆرۈر ئىشلىتىش نۇپۇزى ۋە ئىقتىدارىغا مۇيەسسەر بۇلۇشى لازىم.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
باشقا مىللەت ۋە باشقا دۆلەت تىللىرىنى قانچە ياخشى ۋە قانچە كۆپ بىلسە،ئۇ خۇددى كۆپ خىل چالغۇ قوراللىرىدىن خەۋەردار بولغان،ھەرخىل قۇلۇپلاردىن ئېچىشقا لازىملىق ئاچقۇچلىرى بولغان كىشىدەك مەنپەئەتلىك ئىش.كۆپ تىل بىلىش كۆپ قورالنى ئىگىلەش دېمەكتۇر.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
ئۆز ئانا تىلىغا مۇھەببەت قانچە كۈچلۈك بولسا،ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىگىمۇ سۆيگۈسى كۈچلۈك بولىدۇ.
‹‹ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى››
تىل-ئىنسان قەلبىنىڭ ئەلچىسى،ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ شاھىدى.تىلنىڭ بېزىكى-ئەلچى ۋە شاھىدىغا مۇناسىپ روشەنلىكتىن ئىبارەت.
تىل-ئاۋاز چىقىرىش ئۈچۈنلا ئەمەس،بەلكى تەپەككۇر ۋە ھېسىياتنىڭ سۈرىتىنى سىزىش ئۈچۈن ئىجتىماھىي ئالاقىگە كىرگەن،بۇ سۈرەت توغرا تەلەپپۇز ۋە مەنە روشەنلىكى بىلەن دەلمۇ دەل نۇتۇق ئۇچۇرىغىلا ئايلانغاندىلا،ئىجتىماھىي ئالاقە قورالى رولىنى جارى قىلالايدۇ.مۇنداق تىل قۇدرەتلىك قوماندانلىق نۇپۇزىنى تىكلەپ،ئاڭ ۋە ھەرىكىتىمىزنى تېزگىنلەيدۇ.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىلنىڭ توغرا تەلەپپۇز قىلىنىشى ۋە مەنىلىك روشەنلىكى تەپەككۇر دەلىللىكى ۋە تەپەككۇر روشەنلىكىدىن ھاسىل بولىدۇ.
‹‹غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى››
مىللىي تىلنىڭ توغرا تەلەپپۇز قىلىنىشى ۋە روشەنلىكى-تىلشۇناسلىقنىڭ خۇددى تەپەككۇر ئىلمىدىكى ‹‹شەكلەن لوگىكا››غا ئوخشاش ئەڭ ئېلېمېنتار،ئەڭ ئەقەللىي كەسپىي تەلىپى ۋە شەرتى.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىلشۇناسلىقنىڭ پەلسەپىۋى قىممىتى مىللىي تىلنىڭ مەنە-تەپەككۇر سالمىقىنى،ۋەزىندارلىقىنى ۋە مىللىي تىلنىڭ گۈزەل ئەخلاقىي تەسىرىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق،مىللەتنىڭ مەنىۋى ساپاسى ۋە مەنىۋى قىياپىتىنى كامالەتكە داۋاملىق يۈزلەندۈرۈشكە گەۋدىلىنىدۇ.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىلنىڭ ئەزمىلىكى،يەڭگىلتەكلىكى،تېتىقسىزلىقى،مەنىسىزن،ۋەزىنسىز،پۇچەكلىكى سۆزلىگۈچىنىڭ ئەقلىي ساپاسىنىڭ تۆۋەن،تەپەككۇر قابىلىيىتىنىڭ ئېچىلمىغانلىقىدىن ئۇنىڭ سۆزى ئارقىلىق ئۇچۇر بېرىدۇ.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
بىرەر مىللەتنىڭ ئاساسىي ئاھالىسى تىلىدا ئەرزىمەس،ئۇششاق-چۈشەك مەزمۇنلاردىن باشقا ئىلمىي،مەدەنىيەت،سەنئەت تەپەككۇرىنىڭ مەنىلەر دۇردانىلىرى ئاز بولسا،بۇ مىللەت تېخى زامانىۋى ئاڭ ۋە مەدەنىيەتتىن چەتتە قالغان مىللەت بۇلۇپ چىقىدۇ.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تەپەككۇر دىيارىنىڭ شەھەر قەلئە دەرۋازىسىدىن جاۋاھىر كارۋانلىرىمۇ،ئەبگاھ دىۋانىمۇ ئۆتىدۇ.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل تولىمۇ سېھىرلىك كۈچ،ئۇ ئىبارىلەر تەختىدە مەنىلەر مەلىكىسىنى كۆتۈرۈپ،كىشىلەر قەلبىنى ھەقىقەت نۇرى بىلەن بېزەيدۇ.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىلنىڭ مەنە ۋەزىندارلىقى دەل تەپەككۇر دىيارىغا كىرگەن جاۋاھىر ئارتقان كارۋانغا ئوخشاش.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
سۆز گۈزەللىكى قەلب گۈزەللىكىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئۇچۇر.‹‹سۆز قەلبنىڭ ساداسى››دېگەن سۆز بار.شەخسنىڭ ئىدىيە ھېسىياتى،پوزىتسىيە ۋە كەيپىياتى،مەدەنىيەت سەۋىيىسى سۆز ئارقىلىق ئاڭ شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل-قەلب ئىزھارچىسى،قەبلەرنىڭ ئەخلاقىي سۈپەتلىرى سەۋەبىدىن ئىنسان ئەدەبلىك تىل ۋە ئەدەبسىز تىلنى ئىزھار قىلىشىدۇ.بۇ شەخسكە بىۋاستە،شۇ ئىجتىماھىي مۇھىتقا ۋاستىلىك ئالاقىدار بولىدۇ.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل-يالغۇز تىل تەلەپپۇزى مەدەنىيىتىنى،تىل مەنە بايلىقى-تىلغا يىغىنچاقلانغان ئەقلىي كامالەت مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە يانداشتۇرۇپ قالماستىن،يەنە تىلنىڭ ئەخلاقىي مەدەنىيىتنى ئۆزىگە شەرت قىلىدۇ.تىل ئەخلاقى ھەربىر شەخسنىڭ ۋە مىللەتنىڭ كامالىتىنى ئىپادىلەيدۇ.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
ھەربىر كىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ تىل ئەقلى ۋە تىل ئەخلاقىنىڭ قانداق بۇلۇشى ئۇنىڭ ئۈچۈن تەقدىر بېكىتكۈچىدۇر.ئوخشاشلا.تىل بوستانىدا ئەقىل مېۋىلىرى يېتىشتۈرەلىگەن مىللەت بىلەن تىل قورالىدىن يانغىن چاچراتقان مىللەتنىڭ تەقدىر -قىسمىتىمۇ تامامەن باشقا-باشقىچە بولىدۇ.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل ئەخلاقى ماھىيەتتە قەلب ئەخلاقىدىن ئىبارەت.
‹‹قاتلاملىق ئىستىتىكا››
پەقەت تىل ئەخلاقى پاك كىشىلەرلا ئۆزىنىڭ پاك قەلبىنى گەۋدىلەندۈرەلەيدۇ.ئادەم خارەكتىرى ئۇنىڭ سۆز -ھەرىكىتىدە ئاشكارىلىنىپ،كىشىلەرنىڭ ھۆرمەت ۋە نەپرىتىنى قوزغايدۇ.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
پىكىر مۇنازىرىدىن خالىي ئەمەس.بۇخىل مۇنازىرە مۇخالىپ زىدىيىتى بۇلۇپ قالماسلىقى،بەلكى تەپەككۇر مۇنازىرىسى بۇلۇشى لازىم.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
مۇنازىرىدە ئەقىل غەلبىسى بىلەن ئەخلاق تەنتەنىسى بىرلىككە ئېرىشكەن كىشى ئالىيجاناپ ۋە دانا كىشىدۇر.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل گۈزەللىكى ئۇنىڭ چىنلىقى ۋە ئىزگۈلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىللە،يەنە تىلنىڭ بىر قاتار گۈزەللىك ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن بۇلۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
قوپال سۆز -ئەقلىي،ئەخلاقىي،روھىي گادايلىقنىڭ ئىپادىسى.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
گەپتە ئۇتقانلىق،يىرىك گەپلەر بىلەن بېسىم ئىشلەتكەنلىك غەلىبە ۋە شۆھرەت ئەمەس.ھەقىقىي غەلىبە ھەقىقەتنىڭ غەلىبىسى،گۈزەللىكنىڭ غەلبىسى،كىشىلەر قەلبىنىڭ غەلبىسى.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
تىل-ئىنسانىيەتنىڭ قۇدرەتلىك قورالى،ئۇ ئىنسان ئەقلى ۋە پەزىلىتىنىڭ تەڭداشسىز خەزىنىسى.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
ھەرىكەت گۈزەللىكى -سۆز بىلەن ئەمەلىي پالىيەتنىڭ بىردەكلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.ئۇ قەلب گۈزەللىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىپادىسى ۋە ھەقىقىي ئسپاتىدىن ئىبارەت.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
شۇنى دېيىش كېرەككى،ئىنسان سۆزلىگەننى ئەمەلدە كۆرسىتىشى،ئەمەلدە كۆرسىتەلەيدىغان سۆزنى سۆزلىشى كېرەك.
‹‹قاتلاملىق ئېستىتىكا››
مەنبە:ئىبراھىم ئالىپ تېكىن تۈزگەن ‹‹ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ھېكمەتلىرى››دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-5 04:39 AM