مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1860|ئىنكاس: 7

ئوقۇغۇچىلار تەتىل تۇرمۇشىنى قانداق ئۆتكۈزۈشى كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30135
يازما سانى: 962
نادىر تېمىسى: 9
مۇنبەر پۇلى : 45714
تۆھپە نۇمۇرى: 2387
توردا: 6571 سائەت
تىزىم: 2011-2-12
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:21:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئوقۇغۇچىلار تەتىل تۇرمۇشىنى قانداق ئۆتكۈزۈشى كېرەك


تەتىل تىلغا ئېلىنسىلا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىغا نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۆزلىرى تېزراق يېتىپ كېلىشىنى زارىقىپ كۈتكەن خوشال مىنوتلار كېلىدۇ-دە، ئۇلارنىڭ ئېڭىدا «تەتىلنى چوقۇم مەنىلىك ھەم ياخشى ئۆتكۈزىمەن» دەيدىغان قاراش پەيدا بولىدۇ. دېمىسىمۇ، تەتىل ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن قانغىچە ئارام ئالىدىغان، ئۆزلىرى خالىغان جايلارغا بېرىپ، ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرگە سەيلى- ساياھەت قىلىپ كۆڭلىنى ئاچىدىغان، ئۆزلىرى ئوقۇش ۋە كۆرۈشنى خالىغان تۈرلۈك كىتاب-ماتېرىياللار ۋە كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى قانغىچە كۆرەلەيدىغان، قىسقىسى، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى نېمە ئىش قىلغۇسى كەلسە، ئەركىن ھالدا شۇنى بىمالال قىلالايدىغان ئۆزلىرىنىڭ ئەركىن ۋاقتى. شۇڭا تەتىل ۋاقتى يېتىپ كەلسىلا، ھەممە ئوقۇغۇچىلار تولىمۇ خوشال بولىدۇ. دەرۋەقە، تەتىل  ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بېرىلگەن ئازادە دەم ئېلىش ۋاقتى بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى تەتىل كۈنلىرىدە ياخشى ئارام ئېلىپ، تەتىل كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشنى ئويلايدۇ. لېكىن ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قىزىقىش-ھەۋەسلىرى پەرقلىق بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەتىلدە قىلىشقا پىلانلاپ قويغان ئىشلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ-دە، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تەتىلنى ئۆتكۈزۈشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، ئوقۇغۇچىلا ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى تەتىلنى نوقۇللا دەم ئېلىش ۋاقتى دەپ قاراپ، تەتىلنى پەقەت ئويناپ-كۈلۈش بىلەنلا ئۆتكۈزىۋەتسە، بۇ تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش بولىدۇ. چۈنكى ئوقۇغۇچىلار ئۆسۈپ-يېتىلىش، بىلىم – مەرىپەت ئىگىلەپ، يېقىن كەلگۈسىدە گۈزەل كېلەچەكنىڭ خوجايىنلىرى بولۇش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئۈمىد ۋارىسلىرىمىز بولغاچقا، ئۇلار ئۆگىنىش ۋە بىلىم ئېلىشنىڭ  ئالتۇندىنمۇ  قىممەتلىك  بۇ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويسا، مۇشۇنداق مەنىسىز ئۆتكۈزۈپ قويغان كۈنلىرى ئۈچۈن چوقۇم بىر كۈنى ئۆكۈنمەي قالمايدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ، ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ ھەم ئاتا-ئانىلىرىنىڭ كۆرسەتمىسىنى قوبۇل قىلغان ئاساستا، ھەم دەم ئېلىش ھەم ئۆگىنىش قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەتىلللىك تۇرمۇشىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن يەنىلا ئەتراپلىق ئويلىنىشى كېرەك. ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا، ئوقۇغۇچىلار تەتىلنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدۇ؟ مېنىڭچە، ئوقۇغۇچىلار تەتىلنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن چوقۇم تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
1. ھەر بىر ئوقۇغۇچىدا مۇئەييەن مەقسەتتە سېستىمىلىق تۈزۈلگەن پىلان بولۇشى كېرەك
ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەتىللىك ئۆگىنىش ھەم دەم ئېلىش پىلانىنى تۈزىۋېلىشى،ئەمما بۇ پىلاننى مۇقىم رامكىلانغان قائىدىگە ئايلاندۇرىۋالماي،  تەتىل جەريانىدا قىلماقچى بولغانلىرىنى ئۆز كۆڭلىدە ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىپ، تەتىلنىڭ مەنىسىز ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىى كېرەك. بىزدە:«پىلانسىز ئىش، قېلىپسىز خىش»، «پىلانلىق ئىش بۇزۇلماس»،«ئېغىزنىڭ سىرتىدا چىش يوق، پىلاننىڭ سىرتىدا ئىش»  دەيدىغان ئەجدادلار ھېكمەتلىرى بار. ئادەتتە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك نۆۋەتتە  بىر تۇتاش تەتىللىق تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. شۇڭا، ئوقۇغۇچىلار ھەر كۈنى مۇئەييەن ۋاقىت ئاجرىتىپ تەتىللىك تاپشۇرۇقنى تەلەپ بويىچە ئۆزى مۇستەقىل ياكى ساۋاقداشلار بىر يەرگە جەم بولۇپ ئىشلەشنى كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشى، ئۆتۈپ بولۇنغان دەرسلەرنى قاراتمىلىق ۋە سېستىمىلىق تەكرارلاپ تۇرۇشى، ئەگەر قولىدا دەرسلىك ماتېرىياللار بار بولسا، كېيىنكى مەۋسۈمدە ئۆتۈلمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى ئالدىن كۆرۈپ قويۇشى كېرەك.
2.ئارام ئېلىش بىلەن ئۆگىنىش قىلىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش كېرەك
تەتىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارام ئېلىشى ئۈچۈن  مەخسۇس ئاجرىتىلغان ئالاھىدە ۋاقىت. شۇڭا تەتىلدە ئارام ئېلىش ئاساس قىلىنىشى كېرەك. ئەمما ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ئىستىقبال مەنزىلىگە قاراپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ئىلىم-مەرىپەت يولىدىكى كارۋانلار بولغاچقا، ئۇلار ئەنە شۇ پارلاق مەنزىلىگە يېتىشى ئۈچۈن بىلىمدىن ئۆز ۋۇجۇدىغا كۈچ-قۇۋۋەت توپلىشى، يېڭىلمەس بۇ كۈچ-قۇۋۋەت ۋە جاسارەتنى كىتابتىن، ئەتراپىدىكى رېئال ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن، تېلېۋىزور ۋە ئېنتېرنېتتىن، ئەل-ئاغىنە، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە بوۋا-مومىلىرىدىن خۇددى ھەسەل ھەرىلىرى ھەر خىل گۈل-گىياھلاردىن شېرىن شىرنىلەرنى يىغقىنىغا ئوخشاش بىر بىرلەپ يىغىپ توپلىشى كېرەك. چۈنكى ئۆگىنىش-ئىزچىللىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئەقلىي پائالىيەت. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىلار  تەتىل جەريانىدا ئۆگىنىشتىن ئىبارەت بىر مەركىزىي نىشاننى چۆرىدىگەن ئاساستا ئىختىيارىي، ئەمما نىشانلىق ھالدا ئۆزىنىڭ بىلىم خەزىنىسىدىكى مەنىۋىي بايلىقلىرىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن خۇددىي ئىشچان چۆمۈلىلەرگە ئوخشاش دەۋرىي ھالدىكى بىلىم مەنزىلىگە قاراپ تاشلىغان قۇتلۇق قەدەملىرىنى توختىتىپ قويماسلىقى كېرەك.                                                                     
ئوقۇغۇچىلاردا بىر مەۋسۇملۇق  جاپالىق جىددىي ئۆگىنىش قىلىش، دەرس ئاڭلاش، تاپشۇرۇق ئىشلەش، دەرس تەكرارلاش، ئىمتىھان بېرىش، تازىلىق قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئەقلىي ۋە جىسمانىي پائالىيەتلەر سەۋەبىدىن ئۇلاردا چارچاش، ھارغىنلىق، روھىي بېسىم ۋە ئىمونېتىت كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىق تۈرلۈك پىسخىك ۋە جىسمانىي ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. تەتىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنپ، مۇشۇنداق روھىي بېسىم، تۇراقسىز كەيپىيات ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى تۈرلۈك ھارغىنلىق ھەم نورمالسىزلىقلارنى تۈگىتىپ، كېيىنكى مەۋسۇمدىكى ئۆگىنىش ئۈچۈن ساغلام كەيپىيات، جۇشقۇن روھ، قىزغىن ئىرادە ھازىرلايدىغان، ئۇلارنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بېيىتىپ، ئەقىل-ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتېرىدىغان، رېئال ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىشىلىك ئالاقە مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كېيىنكى تۇرمۇش، خىزمەت ۋە باشقا ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئەتراپلىق ئىجتىمائىي ئاساس ۋە ئەمەلىي شەرت-شارائىت ھازىرلايدىغان ياخشى پەيت. شۇنداق بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار تەتىلدە ئارام ئېلىش بىلەن  ئۆگىنىش قىلىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.
ئارام ئېلىش جەھەتتە  تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش لازىم:
1) تەتىل قويۇپ بېرىلىپ بىرەر ھەپتە ئىچىدە ئوقۇغۇچىلار قانغىچە ئۇخلاپ، چارچىغان كاللىسىنى ئارام ئالدۇرۇشى، بۇ جەھەتتە ئۇلار  مەيلى ئۇخلاش، تېلېۋىزور كۆرۈش، دوستلىرى بىلەن پاراڭلىشىش، ئويناش بولامدۇ، مەيلى كۈتۈپخانا، كىتابخانىلارغا ياكى باغچىلارغا بېرىش بولامدۇ، ئىشقىلىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئارام ئېلىش ۋاستىسىنى تاللاپ چارچىغان مېڭىسىنىڭ ئەركىن قويۇپ بېرىلىشىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئادەمنىڭ مېڭىسى ئۇزۇن مۇددەت چارچاش ھالىتىدە تۇرغاندا، ئاسانلا مېڭە ۋە مېڭە ھۈجەيرىلىرىنىڭ  بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما ھورۇنلۇق قىلىپ ئۇخلاشقىلا بېرىلىپ كېتىپ، ئۇيقۇنى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىش-پائالىيەتلىرى داۋامىدىكى ئۆزىنىڭ خاراكتېرى قىلىۋېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىشى، يېتىش ۋە ئورنىدىن تۇرۇش ۋاقتىنى نىسبىي مۇقىم ھالەتتىكى ۋاقىت بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈشى لازىم. كېيىنكى كۈنلەرنى ئالدىن تۈزىۋالغان پىلان بويىچە ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلىنىشى، ئەمما تۈزگەن پىلاننى چوقۇم ئەمەلگە تولۇق ئاشۇرمىسا قەتئىي بولمايدىغان ھەرىكەت مىزانىغا ئايلاندۇرىۋالماسلىقى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ئوقۇغۇچىلاردىكى روھىي بېسىم يەنىلا تۆۋەنلىمەي، كېيىنكى مەۋسۈمگە يەنىلا روھىي چۈشكۈن ھەم ھارغىن ھالدا قەدەم باسىدۇ-دە، ئۆگىنىشتە كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتكىلى بولماي قالىدۇ. نېمىلا بولمىسۇن، تەتىل ئارام ئېلىش ئاساس قىلىنغان ۋاقىت بولغاچقا، ئارام ئېلىش  ئاساسىي مەقسەت قىلىنىشى، بۇنىڭدىن ئاتا-ئانىلار تەشۋىشلەنمەسلىكى كېرەك. چۈنكى ئۇلۇغ پرولىتارىيات ئۇستازى لېنىنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا: «ئارام ئېلىشنى بىلمىگەن ئادەم ئۆگىنىش ۋە خىزمەت قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ»، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ قۇرغۇچىسى يولداش ماۋزېدوڭنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندىمۇ:«بىز ئارام ئېلىۋاتقاندا ۋاقىت قولدىن كېتىدۇ، ئەمما ئەتىكى خىزمەت ئۈچۈن ئېنىرگىيە توپلىنىدۇ». شۇنداق بولغاچقا، تەتىل مەزگىلىدە ئارام ئېلىش بىلەن  ئۆگىنىش قىلىشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈش تولىمۇ زۆرۈر.
2) ئۆز ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى تاللاپ  كۆرۈشى، كىتاب ۋە گېزىت- ژۇرناللارنى ئوقۇشى، كۆرگەنلىرىدىن خاتىرە يېزىشنى داۋملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يېزىقچە ئىپادىلەش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتېرىشكە ئاساس سېلىشى، دوستىلىرى بىلەن يىغىلىپ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلغان ھالدا ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ئەمەلىي بىلىمگە ئىگە بولۇشى، كۈتۈپخانا، كىتابخانا، كۆرگەزمىخانىلارغا بېرىپ، بىلىمىنى مۇستەھكەملىشىشى،ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈستىىدە ئەركىن مۇنازىرىلىشىشى كېرەك.
3)ئائىلىسىدە پەرزەنت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاتا-ئانىلىرىنىڭ، خۇلۇم- قوشنىلىرىنىڭ ئائىلە، سودا-سېتىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىشى، ئۇلارنىڭ دەردىگە ئاز-تولا بولسىمۇ دەرمان بولۇش ئۈچۈن  قىزلار ئاش-تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش،  گۈل كەشتىلەش، ئۆيلەرنى تۈزەشتۈرۈش، ئوغۇللار ئاتا- ئانىلىرىنىڭ ھۈنەر- كەسپىنى ئۆگىنىش، ئوتۇن يېرىش، سۇ تۇشۇش، ئۇلاغ- ئۈلمەكلىرىنى بېقىشىپ بېرىشى،  ئىنى-سىڭىللىرىنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ، ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىش، باشقا مەكتپلەردە ئوقۇپ تەتىل قىلىپ كەلگەن دوست-بۇرادەر ۋە ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۆگىنىش ۋە ئۆزلىرىگە پايدىلىق بولغان باشقا ئىشلار ئۈستىدە ئەركىن-ئازادە پىكىرلىشىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇشتەك ئۆزىنىڭ چامى يېتىدىغان ۋە شەرت-شارائىتىلىرى   يار بېرىدىغان تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق  باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى قەدىرلەش، ھاياتلىق يولىدا قانداق قىلىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، جەمئىيەت ئۈچۈن قانداق ئادەم بولۇش ئاڭلقلىقى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى، نەچچە ۋاقىتتىن كۆرۈشەلمىگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ئارقىلىق ئۇلار بىلەن ئۆزلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ، تەۋەرۈك بوۋا-مومىلىرىدىن قىزىقارلىق ھېكايە-چۆچەكلەرنى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىد-ئىستەك ۋە يۈرەك سۆزلىرىنى، قىزىقارلىق چۆچەك، ھېكايە ۋە ئەپسانىلارنى ئاڭلىشى، ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۇلارغا كەڭ-كۇشادە ئېيتىپ بېرىشى، ئۇلارغا روھىي تەسەللىي بېرىشى، ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئۇلارنىڭ ئەمەلىي سەرگۈزەشتىلىرى ۋە مول تەجرىبە-ساۋاقلىرى ئارقىلىق يەكۈنلىگەن ئەمەلىي بىلىملىرىنى ئاڭلاپ، خاتىرىلەپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى ھاياتلىق مۇساپىسى ئۈچۈن توغرا تاللاپ يولىنى تېپىۋېلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.
4)تەتىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرس تەكرارلىشىنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىپ، تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنى ئەتراپلىق چۈشىنىشىنىڭمۇ ياخشى پۇرسىتى. دەرۋەقە، تەتىل قىسقا ۋاقىت. ئەمما ئۇ ئۆز ئەركىمىزدىكى قىممەتلىك ۋاقىت. ۋاقىتنى قەدىرلەيدىغان كىشىلەر ئۈچۈن بىر-ئىككى ئايلىق تەتىل ۋاقتى ئاز ۋاقىت ئەمەس. ئۇنى قەدىرلەپ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش تامامەن ئۆزىمىزگە باغلىق. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار شەرت-شارائىتى يار بەرسە، ئائىلىسىدىكىلىرى بىلەن مەنزىرىلىك گۈزەل سەيلە-ساياھەت ئورۇنلىرىغا بېرىشى، مۇبادا ساياھەتكە چىقالمىسۇ، يېزا-قىشلاقلاردىكى دوستلىرى، تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە، ئېتىز-ئېرىق بويلىرى، مەنزىرىسى گۈزەل، ھاۋاسى ساپ، مۇھىتى تىنىچ  باغ-ۋارانلىرىغا بېرىپ، تەبىئەتتىن قانغىچە ھوزۇرلىنىشى، چارچىغان مېڭىسىنى ياخشى ئارام ئالدۇرۇشى، تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى، يەرلىك مىللىي ئويۇنلارنى ئوينىشى، مەشرەپلەرگە قاتنىشىشى، بۇ ئارقىلىق يېزا تۇرمۇشى بىلەن  ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى روشەن پەرقلەرنى سېلىشتۇرۇپ تېپىپ چىقىپ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ، بۈگۈنكىدەك بەختىيار دەۋراننىڭ قەدرىگە يېتىشى، گۈزەل مىللىي ئەنئەنە ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنى  ئۆگىنىشى، چۈشىنىشى، ئۆزىنىڭ نەزەرىيە جەھەتتە ئۆگەنگەنلىرىنى رېئال ئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەك.
5) ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدىكى پائالىيەت دائىرىسى چوقۇم قىزىقىش-ئالاھىدىكى بويىچە كۆپ خىل ۋە رەڭدار بولۇشى، ئەمما قانۇن-نىزام ۋە ئەخلاق دائىرىسىدىن قەتئىي چەتنەپ كەتمەسلىكى، ئۆزلىرىنىڭ سالاھىتىگە ماس كەلمەيدىغان دىسكوخانا، قاۋاقخانا، تورخانا، ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇقخانا ۋە رېستۇران قاتارلىق جايلارغا بارماسلىقى، شەكلى ئۆزگەرگەن قىمارلارنى ئوينىماسلىقى، ئۆزى  خالىغانچە سىرتلارغا يالغۇز كېتىپ قالماسلىقى، جەمئىيەتتىكى ناچار قىلمىشلارنى يۇقتۇرىۋالماسلىقى، يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالماسلىقى، ئوت، سۇ، توكتىن مۇدائىپىئىلىنىشى، قاتناش قائىدىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، مەيلى نەدە، نېمە قىلمىسۇن چوقۇم ئاتا-ئانىسىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى،تەتىل جەريانىدىكى بىخەتەرلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. ھازىر ئائىلىلەردە ئاساسەن دېگۈدەك كومپىيوتېر ۋە تور بار. شۇنداق بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلار تورغا چىقىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىزىقىش-ئالاھىدىلىكى بويىچە توردىن ئۆزى ئېھتىياجىلىق بولغان ماتېرىياللارنى ئىزدەپ پايدىلانسا، قىزىقارلىق ئويۇنلارنى چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەي ئوينىسا بولىدۇ. ئەمما تورغا چىققاندا تور بىخەتەرلىكىگە، ۋاقىتقا، كۆرىدىغان مەزمۇنلارنىڭ ساغلام بولۇشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، قانۇنغا خىلاپ، چاكىنا ۋە شەھۋانى مەزمۇنلارنى كۆرمەسلىكى ۋە يوللىماسلىقى كېرەك. بولمىسا ئۇلار قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشى تۇرغانلا گەپ. ھەر يىلى دېگۈدەك بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار يازلىق تەتىل مەزگىلىدە سەگىدەش ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى دەريا-كۆللەرگە سۇغا چۆمۈلگىلى بېرىش، كاتور،كېمە-قولۋاقلارغا چىقىپ سەيلى-تاماشا قىلىش، موتسېكلېت مىنگىشىپ باغلارغا، تاغلارغا، دالىلارغا  توپلىشىپ ئوينىغىلى بېرىش، مېۋە يېيىش ۋە قۇش ئۇۋىلىرىنى چۇۋۇپ ئويناش ئۈچۈن ئۈجمە، ئۈرۈك، شاپتۇل-توغاچ قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرگە ۋە باشقا دەرەخلەرگە يامىشىپ چىقىش، تاشيول، تۆمۈر يول ۋە باشقا يول ئېغىزلىرىدا يۈگۈرۈشۈپ ئويناش قاتارلىق ئاسانلا كۈتۈلمىگەن ۋەقە-ھادىسىلەر يۈز بېرىش ئېھتىمالى زور بولغان  ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ، سۇغا چۆكۈپ كېتىش، تۇنجۇقۇپ قېلىش، سۇ ئېقىتىپ كېتىش، زەخمىلىنىپ يارىلىنىش، ھەتتا ئون گۈلىنىڭ بىرىمۇ ئېچىلماي تۇرۇپلا ئۆلۈپ كېتىشتەك پاجىئەلىك ئەھۋاللار دائىم دېگۈدەك ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە چوقۇم سەزگۈر، ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك.
6) ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتقان يۇقىرى يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى ئىمتىھان بېرىدىغان رەسىم، ئۇسسۇل، مۇزىكا، تەنتەربىيە تۈرلىرى قاتارلىق كەسىپلەر بويىچە چارچاپ زېرىكىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان  نورمال ھالەتتە ئۆزى قىزىقىدىغان كەسىپلەر بويىچە ئېچىلغان تەربىيەلەش كۇرۇسلىرىغا قاتنىشىپ بۇ جەھەتتىكى بىلىمىنى مۇستەھكەملىشى، شۇنداقلا مەلۇم پەنلەردا ئاساسى ئاجىز بولغاچقا، باشقا ساۋاقداشلىرى قاتارىدا يېتىشىپ ماڭالمايۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزىگە بېسىم قىلىۋالمىغان ئاساستا تەكرارلاش كۇرۇسلىرىغا قاتناشسا بولىدۇ. لېكىن شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى،  ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى زورلاپ مەجبۇرىي ھالدا ھەر خىل كۇرسلارغا ئاپىرىپ بېرىش، بېسىم ئاستىدا تاپشۇرۇق ئىشلىتىش قاتارلىق ناچار قىلمىشلاردىن قاتتىق ساقلىنىشى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىلىش، بىلىم ئېلىشتىن بىزار بولۇش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ قويۇشتىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك. چۈنكى گۈلمۇ ۋاقتى-سائىتى كەلمىسە ئېچىلمىغىنىغا ئوخشاش ئوقۇغۇچىلارمۇ مەلۇم بىر باسقۇچقا يەتكەندە، ئۆزى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىلىملەرنى چوقۇم تەبىئىيلا رەۋىشە ئاسان قوبۇل قىلىۋالالايدۇ. شۇڭا، ھەرگىزمۇ« مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرمەسلىك كېرەك». ئەگەر بۇنداق بولغاندا، ئوقۇغۇچىلاردا ئاسانلا ئوقۇشتىن بىزار بولۇش، مەكتەپتىن قېچىش، ئۆگىنىشكە قىزىقماسلىق، بۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ-دە، نەتىجىدە بالىلار ئۆگىنىشتىن ئۈنۈم يارىتالمايلا قالماستىن، بەلكى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەردىن، پەرزەنتلەر ئاتا-ئانىلاردىن نارازى بولىدىغان ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىش-ئالاھىدىلىكى ئاساس قىلىنىشى، ئوقۇغۇچىلارغا بۇ جەھەتتە بەلگىلىك تاللاش، ئارام ئېلىش ۋە ئەركىن تەسەۋۋۇر قىلىش ئەركىنلىكى بېرىلىشى كېرەك.  بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلاردا تەتىل جەريانىدا كۈن بويى دېگۈدەك قولىغا تەتىللىك تاپشۇرۇقلارنى ئېلىپمۇ قويماستىن ئويناپ يۈرۈپ كۈن ئۆتكۈزۈپ، مەكتەپكە يىغىلىشقا بىر-ئىككى كۈن قالغاندىلا ئالۋاڭ ئۈچۈن «تاپشۇرۇق ئىشلەش» ئەھۋاللىرىمۇ يوق ئەمەس. شۇڭا، بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانىلارمۇ ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىنىڭ ئائىلىدىكى نازارەتچىسى ۋە يېقىن  ياردەمچىسى بولۇپ، پەرزەنتلىرىنىڭ شان-شەرەپ، زەپەر مارشىنى ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ قولى بىلەن ئۆز قولىنى بىرلەشتۈرۈپ، چاۋاك ئارقىلىق بىللە تەنتەنە قىلىدىغان ھالەتنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشلىرى كېرەك. بۇمۇ نۆۋەتتە ئومۇمىي يۈزلۈك يولغا قويىلىۋاتقان يېڭى دەرسلىك ئىسلاھاتىنىڭ تۈپكى تەلەپلىرىدىن بىرى.
سەبىي پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئاران كەلگەن تەتىلىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۇلارنى نامى ئۇلۇغ، سۇپرىسى قۇرۇق ھەر خىل كۇرسلارغا بىر نەچچە ۋاقىت ئەۋەرتىپ« تەربىيەلەش» ئارقىلىق قىسقا مۇددەتتە ئۇنداق تېزلا دەۋرگە ياراملىق ئىختىساسلىق خادىم قىلىپ تەربىيەلەپ بولالمايمىز.  شۇنى ئالاھىدە قىستۇرۇپ ئۆتكۈم كېلىۋاتىدۇ: مەن مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقان يېقىنقى كۈنلىرىمىنىڭ بىرىدە مەلۇم بىر تور بېكىتىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەتىل مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە يېغىۋېلىپ، دەرس تولۇقلاپ ئۆتۈشنى چەكلەش،  ئوقۇغۇچىلارغا خاتىرجەم ھالدا  تەتىل ئۆتكۈزۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش توغرىسىدىكى ئاخباراتىنى كۆرۈپ، دەسلەپ شۇنچىلىك شادلانغان بولساممۇ، لېكىن بۇ  بەلگىلىمىلەرنىڭ روھىدىن قىلچىىمۇ خەۋەرسىز ھالدا بەزى جايلاردىكى «يىراقنى كۆرۈپ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ غېمىدە» تېنىمسىز باش قاتۇرۇپ،  ئاتالمىش « تەتىلدىمۇ تولۇق ئوقۇپ،  سۈپەتنى يۇقىرى كۆتېرىپ،  ئوقۇغۇچىلارغا گۈزەل ئىستىقبال، مەكتەپكە شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىش» بايرىقىنى لەرزان لەپىلدىتىۋاتقان بىر قىسىم رەھبەرلەر قەلب كارتىنامدىن غىل-پال ئۆتتى-دە، شەرت-شارائىتى ئانچە ياخشى بولۇپ كەتمىگەن  بەزى يېزا-قىشلاقلاردىكى قىسمەن مەكتەپلەردە  زىمىستاننىڭ جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇقىدا گەرچە ئۆزى سىنىپتا بولسىمۇ، ئەمما  غال  - غال تىتىرىگىنىچە  سەبىي خىيالىدا  بىلىم ئېلىشنى ئەمەس، تەتىلدە بولسىمۇ ئوبدانراق ئارام ئېلىۋېلىشنى ئويلاۋاتقان، قايتا تەكرارلانمايدىغان سەبىي بالىلىق كۈنلىرىنى ۋە گۈزەل تەتىل مەزگىلىنى  ئائىلىسىدىكىلىرى ۋە دوستلىرى بىلەن خوشال-خورام  ئۆتكۈزۈشنى تەقەززالىق بىلەن ئويلاۋاتقان سانسىز يۈرەك پارىلىرىمىزنىڭ سىيماسى كۆز ئالدىمدىن زادىلا نېرى كەتمىدى.
  بىلىمىز:  بىلىم قانداقتۇر، بالىلار سىنىپتا مۇقىم  ئولتۇرۇپ، دۇنيانى خىيالىي تەھلىل قىلىشتىنلا ياكى ئوقۇتقۇچىلار سۆزلەپ بەرگەن ياكى يازدۇرۇپ قويغانلىرىنى شاتۇتىدەك يادىلاش ئارقىلىقلا ئەمەس ، بەلكى ئوقۇغۇچىلار، جۈملىدىن بارلىق ئىنسانلار گۈزەل تەبىئەتكە چۆكۈش ، دوست-بۇرادەرلىرى، پىكىرداشلىرى بىلەن خاتىرجەم ھالدا كۆڭۈللۈك جەم بولۇپ،  ھەر خىل تېمىلاردا ئازادە پىكىرلىشىش، ئەركىن مۇنازىرىلىشىش، تەبىئەت، جەمئىيەت ۋە باشقا تۈرلۈك-تۈمەن شەيئىلەرنى كۈزىتىش قاتارلىق  ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىقمۇ  تەدرىجىي ھالدا جۇغلىنىدۇ. ماۋزېدوڭنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندىمۇ« ئادەمنىڭ توغرا ئىدىيىسى ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ» . ئۈمىدىم شۇكى، قىشلىق تەتىلنىڭ يىتىپ كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن شۇ بىغۇبار پەرزەنتلەر ئەمدىلا ئۇھ دەپ ھاردۇقىنى چىقارماقچى بولغاندا، بىز ئۇلارنى بوينىدىن باغلاپ دېگۈدەك يەنە «ئاقىللارنى تەربىيەلەپ، تېز يېتىلدۈرۈش مەزكەزلىرى»گە زورلاپ ئاپىرىپ بەرمەيلى!  ھارغان، چارچىغان، يىل بويى دېگۈدەك سىنىپقا بىكىنىپ، تەبىئەتتىكى ھەممە شەيئىي ئورتاق بەھىرلىنىدىغان شۇ سېخىي  قۇياش نۇرىدىن بولسىمۇ تۈزۈكرەك بەھىرلىنەلمىگەن سەبىي پەرزەنتلىرىمىزمۇ  يىلدا ئاران ئىككى قېتىم يېتىپ كېلىدىغان تەتىلدىن ئازراق بولسىمۇ بەھرىمان بولۇپ، مۇشۇ مەزگىلدە بولسىمۇ ئۆگىنىش بېسىمىدىن خالىي بولسۇن . ئۇلارمۇ كۆپ چارچىدى، قانغۇچە ئۇخلاپ ئارام ئالسۇن! ئۇلارنىڭ يۇمران كاللىسىغا مەجبۇرلاپ ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا ئەمەلىي ئەسقاتىدىغان، ئۇلار خالاپ قوبۇل قىلىدىغان بىلىملەرنى ئۇلارغا مەجبۇرلاپ ئەمەس، تەبىئىي رەۋىشتە خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدۇرايلى، ئۇلار بىزنىڭ چېكىدىن ئاشقان بېسىملىرىمىز بىلەن ئۆز ئەركىنى يوقىتىپ، قوماندانىمىز بويىچە ئىستىخىيىلىك ھالدا ھەرىكەت قىلىشنىلا بىلىدىغان كۆزلىرى خۇنۈك، روھى زەيىپ ھالدىكى«زامانىۋىي ماشىنا ئادەم» لەردىن بولۇپ قالمىسۇن! ئۇلار قىسقا مۇددەتلىك مۇشۇ پۇرسەتتە ئارام ئالسۇن، ئۇرۇق – تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن جەم بولسۇن، يۇمران قەلبى خوشاللىققا تولسۇن. كېيىنكى مەۋسۈملۈك ئۆگىنىش ئۈچۈن ئېنىرگىيە توپلىسۇن!
قىسقىسى، مەكتەپ-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ- يېتىلىشىدىكى ئەڭ بىخەتەر  ۋە ئەڭ ئىشەنچلىك ياخشى جاي. چۈنكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە بىلىم ئالىدۇ، قانداق ئادەم بولۇشنى ئۆگىنىدۇ . بۇ مەنىدىن ئالغاندا، ھەر قانداق بىر ئوقۇغۇچى  مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ، ئۆز ئارزۇسىدىكىدەك ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن كۈن بويى مەكتەپتە تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ، ئىزدىنىدۇ، چارچايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر مەۋسۈمنىڭ تېزرەك ئاخىرلىشىپ تەتىل بولۇشىنى، تەتىلدە چارچىغان مېڭىسىنى ئارام ئالدۇرۇشنى تەقەززالىق بىلەن  كۈتىدۇ. چۈنكى تەتىل ھەر قانداق بىر ئوقۇغۇچى ئۈچۈن كۈنلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بويىچە ئەركىن ئۆتىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، كېلەچەكنىڭ خوجاجىنلىرى، يۈرەكلىرىمىزنىڭ پارىسى، كۆزلىرىمىزنىڭ قارچۇقى، گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلىرىمىزنىڭ ئىجراچىلىرى بولغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەتىلنى  بىخەتەر، خاتىرجەم، مەنىلىك ۋە ئۆز ئارزۇسىدىكىدەك ئۆتكۈزۈشىنى  كاپالەتكە ئىگە قىلىش-بىز بارلىق مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ، بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ، جۈملىدىن پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قەتئىي باش تارتىپ بولماس مۇقەددەس بۇرچى. چۈنكى بالىلار تېخى سەبىي، بالىلار تېخى گۆدەك، بالىلا تېخى بىزنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىشلەپ توغرا يولغا باشلىشىمىزغا، ھەر ۋاقىت ئاسراپ-كۆيۈنۈپ چەكسىز مېھرىمىز بىلەن پەرۋىشلىشىمىزگە بىر ئۆمۈر دېگۈدەك تولىمۇ ئېھتىياجىلىق! شۇنداق بولغاچقا، بىز بۇ جاپالىق ئەمما شەرەپلىك ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىن تولۇق چىقىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىشىمىزغا، ئۇلار ئۈچۈن ھەقىقىي ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. شۇندىلا، ئوقۇغۇچىلار-پەرزەنتلىرىمىز تەتىل تۇرمۇشىنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئەتىكى نۇرانە ئىستىقبالى ئۈچۈن چاپتۇرىۋاتقان ئىلم-ھېكمەت ساماسىدىكى دۇلدۇللىرىنى ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرالايدۇ!


( مەنبە: ئەركزات «مائارىپ، مەنىۋىيەت ۋە مەۋجۇدىيەت» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-4 07:45 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13446
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5938 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:34:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك مەزمۇن يوللاپسىز!
يۇقارقىلاردىن تاشقىرى -ئۇنۋېرىستىتلاردا ئوقۇۋاتقان سىتۇدىنىتلار مىنىڭچە بولسا كەلگۇسىدە ئۆزى ئىشلىمەكچى بولغان سېىستىمىلاردا تەتىل مەزگىللىك ئىشلەشنى قولغا كەلتۇرۇپ خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگەللىسىمۇ كەلگۇسىگە يەنى كادىرلىق ئىمتىھانىسىغا پايدىلىق.

ھەر بىر مىنۇتنىڭ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52340
يازما سانى: 1535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8948
تۆھپە نۇمۇرى: 894
توردا: 3165 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:42:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇغۇچىلارنڭ  ئارمانلىرى كۆپ چۇنكى ئۇلار بىر ئوت

كۆپرەك  دوستۇم بولسا

نۆلدىن باشلىنىپ نۆلدە ئاخىرلىش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72283
يازما سانى: 578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4962
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 342 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:51:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تەتىلدە ئۇلار كومپىيۇتىر ئوينايمەن دەپ ئادەمگە پۇتلاشماسلىغى كېرەك .:qiray10

بەرىبىر قىلغاندىن كىيىن ، ياخشى قىلىش كېرەك .

قايغۇرما دۇنيا

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64415
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6462
تۆھپە نۇمۇرى: 499
توردا: 695 سائەت
تىزىم: 2011-11-10
ئاخىرقى: 2013-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 01:16:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
10كۈن تازا قانغۇدەك ئۇخلاپ ،تۇققان يوقلاپ .ئاداشلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ قالغان كۈنلىرى دەم ئالاتتىم ھا ھا ھاھ

ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا بەل قويىۋىتىش،مەغلوبىيەتنىڭ ئىككى ھەسسىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26148
تۆھپە نۇمۇرى: 1454
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2010-5-17
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 05:14:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپسۇسلىنارلىقى بۇنداق ياخشى ماقالىلەر قەغەز يۈزىدىلا قالىدۇ-دە

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8969
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36588
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7239 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:30:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە بولسا سىتودېنتىلار شىركەتلەردە ياكى ئۆزىنىڭ كەسپىگە ماس كېلدىغان ئورۇنلاردا ئىشلەپ خىزمەت تەجىربىسى توپلىغاچ تۇرسا ياخشى.
ئۇششاق ئوماقلار تازا ئوينىۋالسۇن!( تاپشۇرۇقى جىقتە لىكىن) بالام تەتىلدە ئاللاھ بۇيرىسا يىگىتلىككە قەدەم قۇيۇپ،  خەتنە قىلىنغان چۇچىقىغا قاراپ سۈيۈنۈپ كەتسۇن.:qiray18 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zapar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-4 12:30 PM  


باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

مۇھاببەت ئۈلۈمنىڭ يەنە بىر ئىس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65194
يازما سانى: 383
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5639
تۆھپە نۇمۇرى: 539
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-11-15
ئاخىرقى: 2013-11-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 01:57:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا دەم ئېلىش يوقتە

مەن قاچان ئەخمەق بۇلىدىكەنمە، قىزلارغا ئالدىنىپ قالىمە.قىزلار قاچان ئەقلىدىن ئازىدىكەن، ماڭا ئىشىنىپ قالىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش