مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6048|ئىنكاس: 55

ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68231
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2207
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 09:37:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار

( دىلناز ئاي)


تور ئارلاۋېتىپ كۆرۈپ قالدىم، بەك ياقتۇرۇپ قالغاچقا مىسرانىمغىمۇ يوللاپ قويدۇم...







ئامانىساخان


u=3766186749,1529677782&fm=0&gp=0.jpg


ئامانىساخان (1534_1567) ئاتاقلىق مۇقامشۇناس ، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇرشېتخاننىڭ خانىشى . ئۇ مەھمۇد ئىسىملىك ئوتۇنچىنىڭ قىزى بولۇپ، دادىسى ئۇنى كىچىكىدىن بىلىملىك قىلىپ تەربىيلىگەنىدى. ئۇ شائىرە ،سازەندە ھەم خەتتات ئىدى. ئامانىساخان 33 يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان.
ئامانىساخان مۇشۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا «دىۋان نەفىسە»،«ئەخلاقى جەمىلە»(گۈزەل ئەخلاق)،«شۇرۇھۇلقۇلۇپ»(قەلبلەر شەرھى)قاتارلىق كىتابلارنى يازغان،ئۇ يەنە «ئىشرەت ئەنگىز»(شادلىق قوزغىغۇچى)ناملىق مۇقامنىمۇ ئىجاد قىلغان.ئۇ ئوردىدا 12 مۇقامنى رەتلەش، قېلىپلاشتۇرۇش ئىشلېرىغا باش بولغان.ئۇيۈۇر 12 مۇقامنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە بۈگۈنگە ساقلىنىپ قېلىشىنى ئامانىساخاننىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.


رىزۋانگۈل

رىزۋانگۈل- (1925-1945) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەھرىمان قىزى، شەپقەت ھەمشىرىسى رىزۋانگۈل قازاقسىتاننىڭ ئالمائاتا ئوبلاستى چېلەك رايونىدا تۇغۇلغان. 1932-يىلى غۇلجىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئىلغار ئىدىيىدىكىلەرنىڭ تەسىرىدە ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، كۆپلىگەن كوماندىر-جەڭچىلەرنى قۇتقۇزغان. 1945-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى بولغان ھەرەمباغ ئۇرۇشىدا يامغۇردەك چۈشۈۋاتقان ئوقلار ئارىسىدا يارىدار جەڭچىلەرنى قۇتقۇزۇۋاتقاندا بېشىغا ئوق تېگىپ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.


مايسىخان


    مايسىخان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ باشچىسى. 1765-يىل2-ئاينىڭ 14-كۈنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئۈچتۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى (جىگدە يېغىلىقى)پارتىلدى. قوزغىلاڭغا رەخمىتۇللا بەگ ۋە ئەسمىتۇللا بەگ ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن باشچىلىق قىلدى. مايسىخان شۇ ئىككەيلەننىڭ سىڭلىسى ئىدى. ئۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتناشتى. قوزغىلاڭ 8-ئايدا پاجىئەلىك مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، چىڭ قوشۇنلېرى قوزغىلاڭچىلارنى دەھشەتلىك تۈردە باستۇرغان ھەم ئىلىغا سۈرگۈن قىلغان. مايسىخان چىڭ قوشۇنلېرىنىڭ ياۋۇزلىقىدىن قىلچە قورقۇپ قالماي ،100دىن ئارتۇق ئەر-ئايالنى تەشكىللەپ ، تاغ-تۇرا، ئورمان،جاڭگاللاردا يوشۇرۇنۇپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى ئۈچ ئاي داۋاملاشتۇرغان. ئاخىرىدا مايسىخان باشلىق يەتتە ئايال قوزغىلاڭچى قورشاۋدا قېلىپ، دۈشمەنگە باش ئەگمەي، تاغدىن سەكرەپ شېھىت بولغان. قوزغىلاڭنىڭ داۋامى بولغان بۇ جەڭ «مايسىخان جېڭى» دەپ ئاتالغان . ئۈچتۇرپان خەلقى مايسىخان باشلىق يەتتە قەھرىمان قىزغا ئۇلار قۇربان بولغان ئاقتوقاي تاغ تىزمىسى باغرىدا ھەيۋەتلىك قەبرە ياساپ، ئۇنى «يەتتە قىزلېرىم»دەپ ئاتاپ،ئۆزلېرىنىڭ قەھرىمان قىزلېرىنى ياد ئېتىپ كەلمەكتە.

نۇزۇگۇم


نۇزۇگۇم (1808_1827) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەيسەر جەڭچىسى ھەم ماھىر قوشاقچىسى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل بولۇپ ، قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. موللا بىلال نازىمنىڭ شېئىرىي تەسۋىرىگە قارىغاندا ، ئۇ ئوقۇغان ، بىلىملىك قىز بولۇپ ،بۇغداي ئۆڭ، قارا كۆز ،قارا قاشلىق ، نازۇك بەدەن بولغاچقا ،قەشقەر خەلقى ئۇنى نۇزۇگۇم دەپ ئاتىغان.
نۇزۇگۇم 1826-يىلىدىكى مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ،قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ،ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئىلىدا مۇڭغۇل ئەمەلدارى ئۇنى مەجبۇرلاپ خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغاندا ، نۇزۇگۇم توي كېچىسى بۇ ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كەتكەن. قۇمۇشلۇقتا ئالتە ئاي يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا چېرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. ئۇ زىنداندا ئۈچ ئاي سولانغاندىن كېيىن ، قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
نۇزۇگۇم ئۆزىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلېرى ، قايغۇسى، مۇھاببەت-نەپرىتى ۋە ئارزۇ -ئۈمۈدلېرىنى ئىپادىلەپ نۇرغۇن قوشاق توقىغان. خەلق ئۇنىڭ قوشاقلېرىنى تا بۈگۈنگىچە ئوقۇپ كەلمەكتە.


مايىمخان


مايىمخان (1812_1830)غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى دادامتۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇ ئەقىللىق ، ناخشىخۇمار ، قوشاقچى قىز ئىدى. ئۇ زالىم ۋە ئەكسىيەتچىل ئەمەلدارلارنىڭ خەلققە سالغان زۇلۇملېرىنى پاش قىلىدىغان نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان ھەم ئاۋام يىغىلغان سورۇنلاردا ناخشا قىلىپ ئېيتقان. خەلق مايىمخاننىڭ قوشاقلېرىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمىگەن . زالىم يۈز بېشى ھامۇت بەگ بۇنى ئاڭلاپ ئۇنى ۋەھشىيلارچە قىيناپ سوراق قىلغان. ئەمما ، مايىمخان پىسەنتمۇ قىلماي ، زالىم ئەمەلدارلارغا قارشى قوشاقلارنى توختاتمىغان. ئۇ يامۇلغا سولىنىپ ، بىر يىلدىن كېيىن 1830-يىلى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

راھىلە خانىم


راھىلە خانىم-شىنجاڭ يېڭى مائارىپ تارىخدىكى تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى. ئۇ 1860-يىلى ئۈستۈنئاتۇش يېزىسىنىڭ ئېكساق كەنتىدە مەرىپەتپەرۋەر ، تەرەققىيپەرۋەر، ھاللىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى مۇھەممەت سۇلتان خەلپىتىم ئوقۇمۇشلۇق، بىلىملىك كىشى بولغاچقا ، قىزىنى ياخشى تەربىيلىگەن. راھىلە دىنىي ھەم پەننىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلىگەن. مەرىپەتپەرۋەر ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇپلار 1885-يىلى ئېكساقتا قۇرغان يېڭى مەكتەپ «ھۈسەينىيە مەكتىپى»نىڭ قىزلار سىنىپىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان. فېئودالىزىم دەۋرىدە قىز-ئاياللاردىن پەن- بىلىملەرنى ئىگىلىشى ھەم ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىشى تەس ئىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا ،راھىلە مائارىپ سېپىدە 32 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بىردىنبىر ئايال سەركەردىسىگە ئايلانغان ھەم ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىلېرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.

ئايخان ئانا


ئۇ _ مەرىپەتپەرۋەر ئانا،يېڭى زامان تارىخىمىزدىكى تۆھپىكار شەخسلەرنىڭ بىرى . ئايخان ئانا 1885- يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان، غۇلجىدا پەننىي ۋە دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان.1933 -،1934- يىللىرى دادىسى ۋە يولدىشىدىن قالغان مىراس تەئەللۇقاتىنى سەرپ قىلىپ، غۇلجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە يېتىم بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپ سالدۇرغان. بۇ مەكتەپ «غۇلجا خەيرىيەت مەكتىپى»دەپ ئاتالغان. لېكىن جامائەتچىلىك بۇ مەكتەپكە كېيىن «ئايخان ئانا مەكتىپى» دەپ نام بەرگەن . ئوقۇغۇچى سانى بارا-بارا 300 گە يەتكەن. بالىلارنىڭ پۈتۈن تەمىناتىنى ئايخان ئانا ئۈستىگە ئالغان. ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ فورمىسى كىيگۈزگەن. بۇ مەكتەپ ھازىرغىچە 70 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ قالدى.



ئىپارخان

ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر قىزلېرىنىڭ گۈلى بولغان ئىپارخان چىڭ سۇلالىسى خانى چىيئەنلۇڭ خان تەرىپىدىن ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ ، چىيئەنلۇڭ خان ئۇنىڭغا ئاتاپ مەخسۇس ئۇيغۇرچە باغ،قەسىر،مەھەللە بىنا قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ،ئەمما ئىپارخان بۇنداق ئالىي ھىممەتلەرنى ئانا يۇرتىغا بولغان مۇھەببەت ئالدىدا بىر تىيىنگە تەڭ قىلمىغان .ئۇ چىيئەنلۇڭ خاننىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىنى قەتئىي رەت قىلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ(1733_1788)ئالەمدىن ئۆتكەن.


گۈلەندەم ئاۋۇستەي

(1889-1973) ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر يېڭى مائارىپىنىڭ ئايال مەنىۋى ئىنژىنېرى دەپ نام ئالغان گۈلەندەم ئاۋۇستەي ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەقىقىي مەرىپەت باغۋىنى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلاپ ، بۇ يولدا ئۆچمەس سەھىپە ياراتقان. شۇڭا ئۇ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ «سۆيۈملۈك ئانىسى»دەپ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ھەمدە خەلقىمىز قەلبىدە ئۇنىڭ ئوبرازى مەڭگۈ پارلاق نۇر چاچىدۇ.



ئاخۇن ئاغىچا

19-ئەسىرنىڭ ئوتۇرلېرىدا ئۆتكەن شائىرە .ئۇ، 1860-يىلى خوتەندە زۇلۇمغا قارشى پارتىلغان خەلق ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىسى ئابدىراخمان خان غوجا (1833_1863)نىڭ ئانىسى بولۇپ .ئۇ ئوغلى ئابدىراخمان خان غوجا قۇربان بولغاندا ، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنى مەدھىيلەپ ۋە زامان كۈلپەتلېرىدىن زارلىنىپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقىغان .



مەنبە:  مۇنازىرە مۇنبەرلىرى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-4 01:58 AM  


u=1648831350,414735811&fm=0&gp=0.jpg

ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش

زامانى بۇ ئىنكاسنى 17-قەۋەتتە يوللىغان  تۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈش

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
maymah + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

دىلنازئاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68231
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2207
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 09:39:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   
   ھازىرمۇ مۇشۇنداق قەھرىمانلىق روھىغا ئىگە تۆھپىكار قىزلىرىمىز بار بولۇپ، جاسارەتتە ئوغۇللارنىمۇ بېسىپ چۈشەلەيدۇ...

دىلنازئاي

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1593
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10344
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7739 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 10:06:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز-ئوغۇللار ئارىسىدا  بۇنداق  جاسارەتلىك  غەيرەتلىك  يىگىت-قىزلىرىمىز بار ... لىكىن ھازىر ئانچە كۆپ ئەمەسمىكى ...

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

بۈگۈن خىزمەتتە ت

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69868
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 548
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2011-12-12
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 10:07:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ئاياللاردىنمۇ ئەدىپلىرىمىز خېلى كۆپ كەن ھە، ھازىرقى بەزىبىر قىزلىرىمىزمۇ مۇشۇ ئانىلىرىمىزنى تارتقان بولسا نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە.

مەجنۇنتال قەددىنى ئىگىپ مۇلايىم، سۇبەرگەن ئۆستەڭگە قىلىدۇ تازىم. سۈت بېرىپ ئۆستۈرگەن ئانا ئالدىدا، ئەجرىمىز قانچىلىك ئويلايلى دائىم.

ئۆلۈم ھايات جۈمل

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13361
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6936
تۆھپە نۇمۇرى: 260
توردا: 1752 سائەت
تىزىم: 2010-10-10
ئاخىرقى: 2012-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 10:12:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇئەلەيكۈم:
مەنمۇ مۇشۇ مەۋسۈم بېشىدا كونا مۇنبەرداش ناۋال ئىسىملىك ھەدەم تۈزۈپ چىققان يۇلتۇزلار قەسىرى(ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئاياللارنىڭ قىسقىچە تارىخى) دىگەن كىتابىنى ئوقۇپ چىققان ئىدىم. شۇ كىتاپتىن ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدا بىزگە ئۈلگە بولىدىغان خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئاز ئەمەسلىكىنى قايتىدىن چوڭقۇر ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدىم. ئۇلۇغ ئاللاھ ھازىرقى زاماندىمۇ ئەنە شۇنداق ئىسىل خانىم-قىزلىرىمىزنى كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىشىغا نىسىپ قىلغاي ئامىن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38458
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 797
تۆھپە نۇمۇرى: 33
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2012-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 10:13:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىز-ئوغۇللار ئارىسىدا  بۇنداق  جاسارەتلىك  غەيرەتلىك  يىگىت-قىزلىرىمىز بار
لىكىن ئۇلاردىن ساناقلىقلا قالدى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70054
يازما سانى: 23
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2011-12-13
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 10:17:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ئاز بولسمۇ بار، اللا خالسا يەنە چىقدۇ  ئېسل ئۇيغۇر ئاياللارىمىز  

~ئويغان*_*ئۇيغۇر~

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18939
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3563
تۆھپە نۇمۇرى: 212
توردا: 1410 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2012-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 10:18:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەتتە قىزلىرىم قاپتۇغۇ؟؟

ئوغۇل بول شوخ بول، بولمىسا يوق بول. قىز بول تاتلىق بول، بولمىسا ياتلىق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68231
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2207
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 173 سائەت
تىزىم: 2011-12-3
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 10:28:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  
  مەن يوللىغاندىن باشقىلارنى بىلسەك يوللاپ قويايلى، توپلام قىلىپ ساقلاپ قويارمىز...

دىلنازئاي

مىسكىن قىز

تىرىشچان ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38349
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2114
تۆھپە نۇمۇرى: 165
توردا: 322 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2012-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 10:32:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ   ياخشى  تىمىكەن        تىما  ئىگىسىگە  رەھمەت     بىزنىڭ پەخرىمىزدە بۇلار

www.kaqkuz.comسىلەرنى قارشى ئالىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش