|
|
|
|
بۈگۈن مەن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايمەن
بۈگۈن مەن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايمەن ، مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى ، ئادەم ئەمەلىيەتتە ئۆز ئىدىيەسىنىڭ بېقىندىسى ئىكەن . شۇڭا مەن ئۆز ئىدىيەمنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپ ، ئىدىيەمنى شادلىققا ۋە ئۈمىدكە تولدۇرىمەن . تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك قولايسىزلىقلاردىن خاپىغان بولماي ، تۇرۋاتقان مۇھىتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەي ،
غەم - خاپىلىقنى كاللامدىن نېرى قىلىپ ، ئۈمىدۋارلىقنى ئۆزۈمگە ھەمراھ ، مۇۋەپپەقىيەتنى ئۆزۈمگە بەلگە قىلىمەن .
بۈگۈن مەن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايمەن . مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى ، ۋاقىت ئەڭ قىممەتلىك بايلىق ئىكەن . شۇڭا مەن كېلىدىغان ھەربىر كۈننى ، ھەربىر مىنۇتنى
قەدىرلەپ ، قانائەتسىزلىك ، خاپىغانلىق ، بىزارلىق ، ھورۇنلۇققا ئوخشاش ناھار ئىللەتلەرنىڭ قەلبىمنى چىرمىۋېلىشىغا يول قويمايمەن .
بۈگۈن مەن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايمەن . مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى ، بۈگۈن بىرلا قېتىم كېلىدىكەن ، ئۇ كەتسە مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىكەن . شۇڭا مەن بالىلارچە
خۇشاللىق ۋە باتۇرلارچە جاسارەت بىلەن بۈگۈننى چىڭ تۇتۇپ ، ئۇنى ھاياتىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈندەك قەدىرلەپ ، ئۇ تېخى قولۇمدىن كەتمەستە سۆيگۈ - مۇھەببەت بىلەن ئۇنى بېزەيمەن .
بۈگۈن مەن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايمەن . مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى ، يىقىلىش قورقۇنۇچلۇق ئەمەسكەن . قورقۇنۇچلۇقى ئورنىدىن قايتا تۇرالماسلىق ئىكەن . شۇڭا مەن ھاياتىم ئىبرەت بىلەن تولغان تەقدىردىمۇ ،ئىلگىرىكى سەۋەنلىكلىرىم بىلەن ئۆزۈمنى چۈشەپ قويمايمەن . تۇرمۇشۇمدا مەغلۇبىيەت سايە تاشلاپ تۇرغان تەقدىردىمۇ ،
ئىلگىرىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرىم بىلەن ئۆزۈمنى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ قويمايمەن . بەلكى ئۇلاردىن ساۋاق ئېلىپ ، كەمچىلىكلىرىمنى تۈزىتىمەن .
بۈگۈن مەن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايمەن ! مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى ، مۇھەببەتسىز ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولغان تەقدىردىمۇ ھامان نامرات بولىدىكەن ؛ مۇھەببەتلىك
ئادەم گاداي بولغان تەقدىردىمۇ ، يەنىلا باي ھېسابلىنىدىكەن . شۇڭا ، مەن ئۆزۈم سۆيگەن ۋە مېنى سۆيگەنلەرگە جاۋاب قايتۇرىمەن . ھېرىپ - چارچىساممۇ ئۆيۈمدىكىلەرگە ھەمراھ بولىمەن . ئىشىم ئالدىراش بولسىمۇ ، ۋاقىت چىقىرىپ دوستلىرىم ، خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىردەم - يېرىمدەم مۇڭدىشىمەن ، ئەسرالىشىمەن ...
قىسقىسى ، بۈگۈن مەن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايمەن !
2010-يىللىق 5- سان ‹‹ ھاياتلىق ›› ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋا بېتىدىن ئېلىندى.
كومپىيوتىر ئالدىدا : لەيلى
|
|
|
|
|
|