داۋالاش زىيىنى ماجراسىنىڭ ھوقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنىدا قوللىنىشى توغرىسدا
«ھوقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى» 2009 – يىلى 12 – ئاينىڭ 26 – كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتى تەرىپىدىن ماقۇللىنىپ 2010 – يىلى 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى . بۇ قانۇننى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىدىغان بولساق ، ئۇنىڭدىكى نۇرغۇن بەلگىلىمىلەرنىڭ ھازىر يولغا قويۇلىۋاتقان يەككە قانۇن ياكى مەمۇرى قانۇن – نىزام ، ئەدلىيىلىك ئېزاھاتلاردىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇ . بىراق داۋالاش زىيىنى جاۋاپكارلىقىغا ئائىت بولغان قىسمى پۈتۈنلەي يېڭى مەزمۇندىن ئىبارەت . ئىلگىرىكى داۋالاش زىيىنى ھوقۇققا چىقىلىش ماجرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە ، تەدبىقلىنىدىغان قانۇن ، نىزاملار ئاساسلىقى «ھەق تەلەپ قانۇنى ئومومى قائىدىسى» ، « جىسمانىي زىيان تۆلىمى ماجرالىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەدبىقلاشقا ئائىت ئەدلىيلىك ئېزاھات» ۋە گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان « داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى» دىن ئىبارەت ئىدى . «ھوقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ، ئۇنى داۋالاش زىيىنى ھوقۇققا چىقىلىش ماجرالىرى دىلولىرىدا تەدبىقلاش نۆۋەتتىكى ئەدلىيە ئەمەلىيىتى يولۇققان ئەمەلىي مەسىلىگە ئايلاندى . تۆۋەندە مەن بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، كەسىپداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بىقىشنى لايىق تاپتىم :
بىرىنچى ، «داۋالاش ھادىسىسى ماجرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى» بىلەن «ھوقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى» دا تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەردە زىدىيەتلىك مەۋجۈت :
1. تۆلەم جاۋاپكارلىقىنىڭ شەكىللىنىش شەرتلىرى . «داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى» نىڭ 49 – ماددىسىدا : داۋالاش ھادىسىسى تۆلىمىدە ، تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئويلىشىپ ، كونكېرت تۆلەم سوممىسىنى بىكىتىش كېرەك : (1) داۋالاش ھادىسىسى دەرىجىسى ؛ (2) داۋالاش سەۋەنلىكى ھەركىتىنىڭ داۋالاش ھادىسىسى زىيانلىق ئاقىۋىتى ئوتتۇرىسىدىكى مەسئۇلىيەت دەرىجىسى ؛ (3) داۋالاش ھادىسىسى زىيانلىق ئاقىۋىتى بىلەن بىمارنىڭ ئەسلىدە بار بولغان كىسەللىك ئەھۋالى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت . داۋالاش ھادىسىسىگە تەۋە بولمىغانلىرىدا ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ ، دەپ بەلگىلەنگەن . بىراق «ھوقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى» نىڭ 54 – ماددىسىدا : دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشتا بىمارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدا داۋالاش ئاپپاراتى ۋە ئۇنىڭ تىببىي خادىملىرىنىڭ خاتالىقى بولسا ، داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ ، دەپ بەلگىلەنگەن . « داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى » دا پەقەت داۋالاش ھادىسىسى شەكىللەنگەندىلا دوختۇرخانا ئاندىن تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن . بىراق « ھوقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى » دا پەقەت دوختۇرخانا بىلەن بىمار ئوتتۇرىسىدا دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مۇناسىۋىتى مەۋجۈت بولۇپ ، بىمار دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش پائالىيىتى جەريانىدا زىيانغا ئۇچرىغان بولسا ھەمدە داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ سەۋەنلىكى بولسىلا ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى بەلگىلەندى .
2. داۋالاش ھادىسىسىنى باھالاش . « داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى» داۋالاش ھادىسىسى شەكىللىنىدىغان – شەكىللەنمەيدىغانلىقىنى چوقۇم تىببىي ئىلىم جەمئىيىتىنىڭ داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاشى ئارقىلىق بىكىتىدىغان بولۇپ ، شۇ ئارقىلىق داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغان – ئالمايدىغانلىقى بىكىتىلىدۇ . بىراق « ھوقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى » دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتىدە چوقۇم داۋالاش ھادىسىسى شەكىللىنىشى تەلەپ قىلىنمىغان بولۇپ ، داۋالاش ھادىسىسىنى تېخنىكىلىق باھالاش ئىلىپ بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق .
3. داۋالاش زىيان تۆلىمىنىڭ دائىرىسى ۋە ئۆلچىمى . « داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى» نىڭ 50 - ، 51 – ماددىلىرىدا ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنى تۆلەم تۈرىنىڭ قاتارىغا كىرگۈزمەيلا قالماي يەنە «نىزام» دىكى تۆلەم دائىرىسى بىر قەدەر تار ، تۆلەم سوممىسى بىر قەدەر تۆۋەن . ئېنىقكى ، داۋالاش ھادىسىسى شەكىللەنگەنلىرىنىڭ ھەممىسى داۋالاش زىيانلىرىدىكى بىر قەدەر ئېغىر بولغان قىسمى بولۇپ ، بىراق ئۆلۈپ كەتكەن بىمارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ئالىدىغان تۆلەم داۋالاش ھادىسىسى بولمىغان داۋالاش زىيىنى سەۋەبىدىن ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەھۋالغا سىلىشتۇرغاندا ئاز بولۇپ ، بۇ ئېنىقلا قانۇن نەزەرىيىسىگە خېلاپ بولۇپ ، روشەن ئادىللىقىنى يوقاتقان . بىراق « ھوقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى » نىڭ 16 – ماددىسىدا : باشقىلارغا زىيان – زەخمەت يەتكۈزۈپ جىسمانىي زىيان سالغانلار داۋالاش خىراجىتى ، قاراش خىراجىتى ، قاتناش خىراجىتى قاتارلىق داۋالاشقا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە چىقارغان مۇۋاپىق خىراجەتنى ، شۇنىڭدەك ئىشتىن قىلىپ كىمىيىپ كەتكەن كىرىمنى تۆلىشى كېرەك . مېيىپ قىلىپ قويغانلار مېيىپلەرنىڭ تۇرمۇش قوشۇمچە قۇرال ھەققى ۋە مېيىپلىك تۆلەم پۇلىنىمۇ تۆلىشى كېرەك . ئۆلتۈرۈپ قويغانلار دەپنە خىراجىتى ۋە ئۆلۈم تۆلەم پۇلىنىمۇ تۆلىشى كېرەك ، دەپ بەلگىلەنگەن . كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ، « ھوقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى » دا ئۆلۈم تۆلەم پۇلى بەلگىلەنگەن بولۇپ ، تۆلەم تۈرى ۋە ئۆلچىمىنىڭ نىسپىتى «نىزام» دىكى بەلگىلىمىلەرگە سىلىشتۇرغاندا تېخىمۇ مۇۋاپىق ، ئادىل بولغان .
« داۋالاش ھادىسىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى» گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان مەمۇرى نىزام بولۇپ ، تۆۋەن ئورۇندىكى قانۇن ، كونا قانۇن ھېسابلىنىدۇ ، ھالبۇكى « ھوقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى » مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمى كومىتېتى ماقۇللىغان قانۇن بولۇپ ئۈستۈن ئورۇندىكى قانۇن ، يېڭى قانۇن ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا ئۈستۈن ئورۇندىكى قانۇن تۆۋەن ئورۇندىكى قانۇندىن ئەۋزەل بولۇش ، يېڭى قانۇن كونا قانۇندىن ئەۋزەل بولۇش قانۇن تەدبىقلاش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ، يۇقارقىدەك توقۇنۇشلار مەۋجۈت بولغاندا چوقۇم « ھوقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى » دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تەدبىقلاش لازىم .
ئىككىنچى ، داۋالاش ئاپپاراتلىرى جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئالمايدىغان بەلگىلىمىلەر .
« ھوقۇققا چىقىلىش جاۋاپكارلىقى قانۇنى » نىڭ 60 – ماددىسىدا : بىمارلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە ، داۋالاش ئاپپاراتى تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ : (1) بىمار ياكى ئۇنىڭ يېقىن تۇققانلىرى داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش قائىدىسىگە ئۇيغۇن دىياگنوز قويۇشى ۋە داۋالىشىغا ماسلاشمىغان بولسا ؛ (2) تىببىي خادىملار ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە قالغان بىمارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددى ئەھۋاللاردا مۇۋاپىق دىياگىنوز قويۇش ۋە داۋالاش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان بولسا ؛ (3) شۇ چاغدىكى داۋالاش سەۋىيىسى شۇنچىلىك بولغانلىقتىن ، دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تەس بولسا ، دەپ بەلگىلەنگەن . ئالدىنقى تارماقنىڭ (1) تارماقچىسىدىكى ئەھۋالدا داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇنىڭ تىببىي خادىملىرى خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىرىگىمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ، دەپ بەلگىلەنگەن . بۇ ماددىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدىغان ئۈچ خىل قانۇندا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار بار .
بىمار ۋە ئۇنىڭ يېقىن تۇققانلىرىنىڭ داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش قائىدىسىگە ئۇيغۇن دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالىشىغا ماسلاشمىغانلىقىنى قانداق بىكىتىش كېرەك ؟ بۇ توغرىسىدا 60 – ماددىدا ئېنىق بولغان ئېنىقلىما بىرىلمىگەن ، بۇنىڭغا قارىتا ئەدلىيىلىك ئېزاھاتتا مىسال كەلتۈرۈپ بەلگىلىمە چىقىرىش زۆرۈر . ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا ، تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ماسلاشمىغان دەپ قاراشقا بولىدۇ : بىمارنىڭ سەۋەبىدىن دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش كىچىككەن بولسا ؛ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلەتمىگەن ياكى ئۆز ئالدىغا دورا ئىشلەتكەن بولسا ؛ كىسەللىك ئەھۋالىنى ئەينەن مەلۇم قىلمىغان بولسا ؛ تىببىي خادىملارنىڭ مۇۋاپىق داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوبۇل قىلماي ، تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىگە بەك بالدۇر قاتناشقان بولسا ؛ ئوپراتسىيىدىن كېيىن بەك بالدۇر غىزالانغان ، ئۆز مەيلىچە سىرتلارغا چىققان قاتارلىق ئەھۋاللار .
شۇ چاغدىكى داۋالاش سەۋىيىسىنىڭ شۇنچىلىك بولغانلىقتىن ، دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تەس بولۇش ئەھۋاللىرىنىڭ چېگىرىسىنى قانداق ئايرىش كېرەك ؟ ئەدلىيىلىك ئېزاھات چىقىشتىن بۇرۇن ، ئەمەلىيەت جەريانىدا بۇنى قوللىنىش بىر قەدەر تەسكە توختايدۇ . چۈنكى ھازىرقى زاماندىكى تىببىي ئىلىمنىڭ تەرەققىياتى گەرچە ناھايىتى تىز بولسىمۇ ، بىراق كىشىلەر تىببىي پەن ساھەسىدىكى نۇرغۇنلىغان كىسەللىكلەرنىڭ قائىدىلىرىگە قارىتا تولۇپ تونۇش ھاسىل قىلىپ كىتىپ بولالمىدى ، ھازىرقى دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش تېخنىكىسىمۇ ھەممە كىسەلنى سەللىمازا ساقايتىپ كىتىدىغان سەۋىيىگە بارمىدى . شۇ سەۋەپتىن كىلىپ چىققان زىيانلىق ئاقىۋەتنىڭ ھەممىسىگە داۋالاش ئاپپاراتلىرى جاۋاپكارلىقنىڭ جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئىلىشىمۇ ئادىل بولمايدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، داۋالاش پائالىيىتىدە بىمارنىڭ ئۆزىدىكى ئالاھىدە بەدەن سۈپىتى سەۋەبىدىن يۈز بىرىدىغان كۈتۈلمىگەن داۋالاش ھەركىتىمۇ دائىم يۈز بىرىپ تۇرىدىغان بولۇپ ، بۇ خىل ئەھۋاللارنى داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە تىببىي خادىملار ئالدىن كۆرەلمايدۇ ، ساقلىنالمايدۇ . بۇنىڭغا قارىتا ئۇلارنى تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدۇرۇلسا مۇۋاپىق ۋە ئادىل بولمايدۇ .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
http://www.kanunblog.com/