بىر ئاتىنىڭ تىلىدىن .

<<بالام >>...دەپ ياشايمەن دۇنيادا ،بالام ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟
بىر سەندىن يوق ئۆزگە مىنىڭدە كالام ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

تۆرەلدىڭ دۇنياغا، شاتلاندىم چەكسىز ،
پەرزەنت ئۇ ئىنساننىڭ دىل بېغى ، شەكسىز .
ئالقاندا ئۆستۈڭسەن ئەركە ۋە كەپسىز ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

بوينۇمغا مىندۈردۈم ، يەسلىگە چاپتىم ،
سەن ئۈچۈن كەڭ قوللۇق مۇرەببە تاپتىم .
ھەرجايدا ماختاندىم، ئەيىبىڭنى ياپتىم ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

كۈنلەرنى ئۆتكۈزدۈم سەندىن يەپ ۋايىم ،
يىقىلساڭ يۈلىدىم ئەنسىز مەن دائىم .
سايەمدە ياشنىدىڭ،كۈلدى مۇرادىم ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

مەكتەپكە تەڭ باردىم،جىلتاڭنى ئېسىپ ،
ساقلىدىم تالادا بوينۇمنى قىسىپ .
ئاناڭمۇ تەڭ كەلدى ئىزىمنى بېسىپ ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

مەكتەپتىن ئۆمچىيىپ كەلسەڭ ،مەن تاشتىم،
سەن ئۈچۈن تالايلار بىلەن تاقاشتىم .
ھەتتاكى ئۇستازىڭ بىلەن مۇشتلاشتىم ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

ئىمتاھان باشلانسا مەن سەنچۈن بىدار ،
ھەل قىلدىم پۇل بىلەن بولسا ، نەدىشۋار .
سۇئالغا جاۋاپلار قىلدىم ھەم تەييار ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

ھاشاردەك تۈگەتتىڭ ئالىي مەكتەپنى ،
بەش يىلدا تارتتىم مەن ئۆمۈرلۈك دەرتنى .
دىپلومسىز قايتساڭمۇ چوڭ قىلدىم گەپنى ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

خىزمىتىڭ بولمىسا كىلەمدۇ ئۇيقۇم ،
ئوخشىدى پىداكار جەڭچىگە تۇرقۇم.
رەھبەرنىڭ يۇلىدا كۈندە پوس تۇردۇم...
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن؟

ھەل بولدى ئاقىۋەت خىزمەتمۇ ساڭا ،
يار بولدى ياش تۇرۇپ پىنسىيە ماڭا .
نە ئىشلار كىلەركىن بۇندىن كىيىن تاڭا !
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

پۈتەمدۇ شۇ بىلەن غەملىرىڭ تېخى ،
ئاناڭنىڭ ئارمىنى - تۇيۇڭ خوشلۇقى .
ئېلىندى سەن ئۈچۈن قوشنامنىڭ بېغى ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

چىرايلىق ئۆي سالدىم تۇيۇڭغا ئاتاپ ،
بىزىدى ھوجراڭنى ئاناڭ پايپاسلاپ .
ھەركىمگە يالۋۇردۇم قەرىز سۇراقلاپ ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

تېپىپسەن بىكارچى جۆرىدىن بىرنى ،
(ئاۋۋال قوي ، تويدىن سوڭ بورىدىن بىرنى ).
ئېيتايمۇ دەرتلەرنىڭ مىڭدىن بىرىنى ...
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

تۇيۇڭنى قىپقويدۇق دۆڭگە - داراستا ،
ئاقىۋەت يۆگىنىپ قالدۇق پالاسقا .
قەرىزنىغۇ تۈلەرمىز جان بولسا،ئاستا ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

نەۋرىمۇ قۇچتۇق بىز ، ئارمانغا يىتىپ ،
باقىمىز ھاپاشلاپ،يا تە-تە ئىتىپ .
غېمىڭدە يەنە بىز ، ئۇيقۇسىز يېتىپ ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

سىناقتىن ئۈتەلمەي <<ئىشسىز >> بوپ كەتسەڭ ،
مەن قانداق كۆز يۇماي ، رىيازەت چەكسەڭ .
ئاناڭغۇ يىغلايدۇ <<مەن بالدۇر كەتسەم>> ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

زامانغا باب ئىنسان بۇلالمىدىڭ سەن ،
تۈگىتىپ بىر كىتاب ئۇقالمىدىڭ سەن .
يارىتىپ بىر ئىشنى قىلالمىدىڭ سەن ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

ئەقىل تاپ ئوغلۇم ،بۇ ھەسرەتنامىدىن ،
رۇسلىنىپ ، ئاتاڭنى خالاس ئەت غەمدىن .
كۈتەرمەن يىڭىچە خىسلەت نەۋرەمدىن ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

بالام دەپ ياشىدىم دۇنيادا ،بالام ،
غېمىڭدىن يوق ئۆزگە ئاتاڭدا كالام .
ئويلىسام كۆپ ئىكەن باشتىلا چالام ،
مىنىڭدىن ئايرىلساڭ قانداق قىلارسەن ؟

مەنبە : جۇڭگۇ مىللەتلىرى ژورنىلى .