2011-يىلى手机小米 بۇ سۆز يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ،توردىكى ئەڭ ئاۋات ھالقىلىق سۆز بولۇپ قالدى. نۆۋەتتە بەيدۇ تورى تەمىنلىگەن ئىزدىلىش دەرىجىسى يانفونلار تۈرىنىڭ 5- نەتىجىسى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.قانداق بىر كۈچ بۇنى بارلىققا كەلتۈردى؟ بىز بۈگۈن小米手机 بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز:
手机小米 بولسا 小米 شىركىتى (تولۇق نامى بېيجىڭ شىياۋمى پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى) نىڭ تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بىر يۈرۈش يۇقىرى ئىقتىدارلىق قىززىتما دەرىجىسىدىكى ئاندروئىد سېستىمىسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى.سېستىمىسى ھەپتىدە بىر قېتىم يېڭىلىنىدۇ.ئابونتلار ئىشلىتىش داۋامىدا بايقىغان مەسىلىلەر ھەل قىلىنىدۇ.(قىززىتما دىگەن نىمە؟بۇنى بۇ يانفوننىڭ قاتتىق دېتال سەپلىمىسىنى كۆرسىڭىز چۈشىنىپ قالىسىز.)
بۇ يانفون 2011-يىلى 8-ئايدا ئېلان قىلىنغان،سېتىلىش باھاسى ئاران 1999 يۈەن. يۈزلىنىش ئوبىيىكتى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى ئىشلىتىشكە ئامراق ئابونتلار.توردا سېتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ،دۇنيادىكى تۇنجى يۈرۈش قوش يادرولۇق 1.5 گىگاھېرتىس مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ھېسابلىنىدۇ.
ئاساسلىق سەپلىمىلىرى:
يانفون تىپى : MI-ONE
بازارغا چىققان ۋاقتى : 2011-يىلى 10-ئاي
مەھسۇلات تۈرى: 3g يانفونى
لايىھەلىنىش ئۇسلۇبى : تۈز لايىھە
ئىكران رەزمىسى: 4 سۇڭ
ئىكران ماتېرىيالى :Sharp ئىكرانى
ئىكران رەڭ سانى : 16 مىليون
مەشخۇلات سېستىمىسى : miui ( يەرلىكلەشتۈرۈلگەن ئاندروئىد سېستىمىسى) ۋە ئەسلى ئاندروئىد سېستىمىسى.
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ: يۇقىرى سۈرئەتلىكMSM 8260
مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچ تۈرى: ماس قەدەمسىز قوش يادرو
يانفونROM : تۆت گىگابايت
سېستىما RAM : بىر گىگا بايت
ئەڭ يۇقىرى قوللايدىغان سىغىمى : 32 گىگابايت
باتارىيە :1930mAh نىئونلۇق باتارىيە( ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ناھايىتى چىدايدىكەن)
ئالدى تېلىكامېرا : يوق
كەينى تېلىكامېرا : بار ، 8 مىليون پېكسىل
تېلىكامېرا چاقناتما چىرىغى : بار. LED
ئېغىرلىق كۈچى سەزگۈچ : بار
ئاپپارات فوكۇس نۇقتىسى : بار
كۆك چىش : قوللايدۇ
wifi: قوللايدۇ
ئىندۇكتور: ئېغىرلىق كۈچى ئىندۇكتورى،نۇر ئىندۇكتورى،ئارىلىق ئىندۇكتورى،تېمپۇراتورا ئىندۇكتورى
ئادەم يۈزى پەرقلەندۈرۈش: بار
بارماق ئىزى پەرقلەندۈرۈش: يوق
GPS ئىقتىدارى : بار
يۇقارقى سەپلىمىلەردىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى بۇ ياسىلىشى ئىنتايىن ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون.قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە شۇنچە داڭ قازىنىشى مۇشۇ سەپلىمىلىرى بىلەن دىسەك يىرىم توغرا گەپ قىلغان بولىمىز،ئۇنداقتا قالغان يېرىم توغرا گەپ قايسى؟ دەل بۇ يانفونى بارلىققا كەلتۈرگەن شىركەت قۇرغۇچىلىرىنىڭ كىملەر ئىكەنلىكى.قىنى بىز ئۇلار بىلەنمۇ تونۇشۇپ باقايلى:
باش قۇرغۇچى لېي جۈن،ئىلگىرىكى جىنشەن يۇمشاق دىتال شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىلىيە ئەمەلدارى،پەرىزات سۈپەت مەبلەغ سالغۇچى دىگەن نامىمۇ بار. ئۇ uc يانفون تور كۆرگۈسى،UCWEB قاتارلىقلارغا مەبلەغ سالغان.ئەينى ۋاقىتتا تېڭشۈن شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ماخۇاتېڭ جىنشەنگە كېلىپ تېڭشۈننى سېتىۋىلىشنى ئۆتۈنگەندە رەت قىلغان ئادەم مۇشۇ شۇ.
لىن بىن ئەسلىدىكى گوگېل جوڭگو تەتقىقات ئاكادىمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن ئاكادىمىيە باشلىقى.
جوۋگۇاڭپىڭ ئەسلىدىكى Motorola شىركىتى جوڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي نازارەتچىسى.
لىيۇدې ئەسلىدىكى جوڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ فاكولتېت مۇدىرى.
لىن ۋەنچىياڭ ئەسلىدىكى金山词霸 شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورى.
خۇاڭ جىياجى ئەسلىدىكى مىكروسوفت جوڭگو تەتقىقات ئاكادىمىيىسىنىڭ باش نازارەتچىسى.
قارايدىغان بولساق بۇ قۇرغۇچىلارمۇ ئاددىي كىشىلەر ئەمەسكەن،ھە؟
小米 شىركىتى 2011-يىلى 10-ئايدىن تارتىپ ئالدىن زاكاس قىلغان 300 مىڭ ئابونتقا يانفوننى سېتىشنى باشلىغان.بۇنى تاكى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىگىچە داۋاملاشتۇردى. مۇشۇ ئارىلىقتا ئۇلار زاكاس تىزىملىكىدە يوق بىر قىسىم تەلەيلىك ئابونتلارغا دەرھال سېتىۋالغىلى بولىدىغان F نۇمۇرى تارقاتتى.بۇ نۇمۇرنىڭ ئۆزىلا ئەينى ۋاقىتتا تاۋباۋ تورىدا 300 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە سېتىلدى.سېتىۋالغانلارمۇ خېلى كۆپ.
12-ئاينىڭ 18-كۈنى رەسمىي سېتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.نەچچە يۈزمىڭ تورداش 12-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچتىن باشلاپ بۇ شىركەتنىڭ تور بىكىتىنى ئۆزلۈكسىز چوتكىلاپ تۇردى.شۇلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ بار. 23:50 ئۆتكەندە بەت ئۆزگەرتىلىۋاتىدۇ دىگەن ئۇچۇر چىقىپ نەچچە مىنۇتتىن كېيىن ساراڭلارچە سېتىۋىلىش دولقۇنى قوزغالدى. ئورگان تەرەپ شۇ كۈنى 3 سائەتتە 100 مىڭ دانە يانفون سېتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.ئويلاپ بېقىڭ بىر يانفون 2000 يۈەن بولسا 100 مىڭ دانە يانفون قانچە پۇل؟ بەزىلەر بۇنى يالغان دەپمۇ ئۈلگۈردى. بىراق يەنە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ يانفوننى سېتىۋالالمىغانلىقى توغرىسىدا قاقشاپ يېزىلغان ئىنكاسلىرىدىن بۇنىڭ ھەرگىز يالغان ئەمەسلىكىگە ئىشەندىم.مەن مۇشۇ 100 مىڭ يۈرۈش يانفوندىن ئاران بىرنىلا سېتىۋالالىدىم.ئايالىمغا ئالالمىدىم.
小米 شىركىتىدىكىلەرنىڭ 100 مىڭ يۈرۈش يانفوننى 3 سائەتتە سېتىپ بولغاندىن كېيىنكى ھاياجانلىق كۆرۈنۈشى
جوڭگو لىيەنتوڭ شىركىتىمۇ گۈرۈچفوننى كىرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.ھەمدە يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت ئاساسىدا سېتىشقا باشلىدى.
بۇ يانفون 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى يەنە سېتىلىشقا باشلايدۇ.
بىكىتىمىزدىكى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەر:
مېنى چېكىڭ
ئەلۋەتتە بۇنداق كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار نەرسىنىڭ كەمچىللىكلىرىمۇ سادىر بولۇشقا باشلىدى.بەزىلەر يانفونىنىڭ ئىكرانىدا ئاق چىكىتلەرنىڭ بارلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى.بەزىلەر سەۋەپسىزلا قايتا-قايتا قوزغىلىپ كېتىدىغانلىقىنى،بەزىلەر باتارىيىسىنىڭ ئۇنچە چىداملىق ئەمەسلىكىنى،بەزىلەر قىززىپ كىتىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى.مېنىڭ بىر خەنزۇ تونۇشۇممۇ ئايرىم سېتىۋالغان ئارقا قاپنىڭ تازا چىڭ چۈشمەيدىغانلىقىنى،نائۇشنىكنىڭ بىرسىدە ئاۋاز يوقلۇقىنى ئېيتتى. بىراق 400 مىڭ يانفوندىن 4000 يانفوننىڭ بۇنداق چىقىپ قىلىشى مۇقەررەرلىك.
گۈرۈچفوننىڭ ھەرقايسى جايلاردا مەخسۇس سېتىش رېمونت قىلىش دۇككىنى يوق،بۇمۇ ئابونتلارنى ئىككىلەندۈرۈۋاتقان ۋە ئەندىشە قىلدۇرۇۋاتقان بىر مەسىلە.
بۇ يەردە قۇتيار مۇنبىرىدىكى بىر تورداشنىڭ ئەمەلىي ئىشلىتىش كەچۈرمىشى بايان قىلىنىپتۇ،بۇنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ.
مېنىڭ چېكىڭ
مەن شەخسەن ئازراق چىقىم بىلەن يۇقىرى ئىقتىدارلىق يانفون سېتىۋالماقچى بولغان دوستلارغا مۇشۇ يانفوننى تەۋسىيە قىلىمەن.
كېيىنكى قېتىمدا گۈرۈچفوننىڭ miui سېستىمىسى ۋە ھازىرقى جوڭگو بازىرىدا پۇت تېپىشىۋاتقان مېيزو يانفونى بىلەن 手机小米نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق،ئارتۇقچىلىق ۋە يېتەرسىزلىكىنى تونۇشتۇرىمەن،نەزەرىڭىزدە بولسۇن.
--------------------------------
مەزكۇر خەۋەر ياخشىمۇسىز IT خەۋەرلىرى تور بېكىتىدىن ئېلىندى.
http://www.yahximusiz.com
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-3 04:30 PM