مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 10616|ئىنكاس: 103

مۇھەببەت ھېكايىسى (ھېكايە )   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 105
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1992
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 1614 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 04:18:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇھەببەت ھېكايىسى

(ھېكايە )

قەلەمدە : ئىرپان

يىگىت قىزنى بەك ياخشى كۆرەتتى ، قىز ....

يىگىت بىلەن قىز بىر مەھەلىدە چوڭ بولدى ،يىگىتنىڭ  ئۆيى مەھەلە يولىنىڭ غەربىدە ، قىزنىڭ  شەرقىدە ئۇنىڭ ئۆيىدىن ئىككى ئۆي تۆۋەندە ئىدى .يىگىت تۇغۇلۇپ ئۈچ ياش بولغاندا  قاتتىق قىزىدى ، دوختۇرغا ئاپىرىشتى .يانپاشتىن ئۇرۇلغان بىر ئوكۇل بىلەن ئۇنىڭ بىر پۇتى مېيىپ بوپ قالدى. يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ يىگىت غەمگىن بوپ قالدى .ئۇلار تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۇتتۇرگۇچە يەنە بىللە ئوقۇدى .قىز تولىمۇ شوخ ، ئەمما كۆڭلى تۇز قىز ئىدى . شوخلىقى چىرايلىق كۆزلىرىدىن ،ھەر بىر ھەركىتىدىن بىلىنىپ تۇراتتى . قىز شوخلىقىدىنمۇ ياكى تۇز كۆڭۇللىكىدىنمۇ ئۇنى دائىم بوزەك قىلاتتى، ئەمما قەستەن ئەمەس قېرىشىپ شۇنداق قىلاتتى . ئويناۋاتقان چاغلىرىدە بەزىدە ئۇنى چىدىماي ئىتتىرۋېتەتتى ، يىگىت يىقىلىپ چۇشسە قىز قورقۇپ قېچىپ كېتەتتى ، بەزىدە ناكا پۇتىنى تىلغا ئېلىپ تىللاپ كېتەتتى يىگىت ئىچىگە ئېلىپ جىم بوپ قالسا قىز يەنە كېچىپ كېتەتتى ،بۇنداق بولغان چاغلاردا قىز يېرىم سائەتلەردە ئۇلارنىڭ دەرۋازىسىدا پەيدا بولۇپ ئاستا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا بىر تال ئالما ياكى بىر بەچچە تال كەمپۇت قوياتتى –دە ، ئۇچقاندەك يۇگرەپ چىقىپ كېتەتتى .مەكتەپتە بىرەرى ئۇنى بۆزەك قىلسا قىز كىم بولىشىدىن قەتئىي نەزەر ئالدىغا چىقاتتى ، بۇنداق چاغدا ئۇ ئوغۇللاردىنمۇ قورقۇپ قالمايتتى .

ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا قىز تەنتەكلىكتىن خېلى قالدى،ئەمما شوخلىقىنى يەنىلا يوقاتمىدى.يىگىتنىڭمۇ ئىچىگە تىنىدىغان جىمغۇرلىقى مانا مۇشۇ چاغدىن باشلاندى. چۈنكى باشقا بالىلار يۇگۇرىشىپ ئويناپ يۇرگەندە ،مەيداندا پۇتبول ئوينىغاندا ئۇنىڭ ئەڭ ئازاپلىنىدىغان چاغلىرى ئىدى.بۇنداق چاغدا ئۇ جىممىدە سىنىپقا كىرىپ كېتەتتى، تەنتەربىيە دەرسىدە مۇئەللىممۇ بىر نەرسە دېمەيتتى .مۇنداق چاغلاردا سىنىپىدىكى مۇلايىم ،كەمسۆز بىر قىز دائىم ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ھەمرا بولاتتى . مەيدان سىرتىدا تۇرسا ، جىممىدە كېلىپ ئۇنىڭ يېنىدا تۇراتتى ، سىنىپقا كىرىپ كەتسە بىر نەرسىلەرنى بانا قىلىپ سىنىپقا كىرىپ كىتاپ كۆرەتتى ياكى ياكى تاپشۇرۇق ئىشلەيتتىى . مەكتەپتىن يانغاندا ئۇ قىز بەزىدە ئۇنىڭدىن ئۇنى- بۇنى سورىغان بولۇپ مەكتەپتىن بىللە ياناتتى . قىز بۇنى كۆرۇپ بەزىدە خۇيلىنىپ ئۇنىڭغا نەچچە كۈنلەرگىچە گەپ قىلمايتتى. بۇنداق بولسا يىگىتنىڭ ئىچى ئاچچىق بوپ قالاتتى .بەزىدە قىزمۇ ئوغۇل ساۋاقداشلىرىنىڭ ۋەلسىپىتىنىڭ كەينىگە ئولتۇرۇۋېلىپ ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەندە قەستەنگە كۈلۈپ ۋاقىراپ ئوتۇپ كېتەتتى .

تولۇقسىز ئۈچۈنجى يىللىقنى پۇتتۇرگەندە يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭ بەش – ئالتە كىلومېتېر جايغا كۈندە بېرىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى دەپ مەكتەپتىن چىقىرىۋالدى .ئەمدىلا بۈرۈتى خەت تارتقان يىگىتكە بۇ ئىش تولىمۇ ئەلەم بولدى.ئىچىگە تىندى ،ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئويلىدى ‹ چۈنكى مەن مېيىپ ..› ھاياتىدا تۇنجى قېتىم جىسمانىي ئەيىپداقلقنىڭ ھايات يوللىرىغا توساق بولىۋاتقانلىقنى ھېس قىلدى .قىز كۈندە ۋەلسىپىت بىلەن شەھەردىكى مەكتەپكە كىرەتتى.ياز كۈنلىرى چۇشتە قايتىپ كېلەتتى ، قىش كۈنلىرى ئەتتىگەن كىرىپ كەتسە كەچتە چىقاتتى . يىگىتگە  قىزنىڭ قايسى ۋاقىتتا مەكتەپتىن كېلىدىغان ۋاقتى يادقا بولۇپ كەتكەن ئىدى . بەزىدە دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ قىزنىڭ كېلىشنى كۈتەتتى ، قىز مەھەلىگە قايرىلغاندا ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرۇۋېلىپلا ئاستا ئۆيىگە كىرىپ كېتەتتى.بەزىدە قىز ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ مەكتەپتىكى قىزىق ئىشلارنى سۆزلەپ ئولتۇرۇپ چىقىپ كېتەتتى .ئۇ ئىشلارنى تولىمۇ قىززىق قىلىپ سۆزلەيتتى .بەزىدە سىنىپىدا كىم كىم بىلەن يۇرۇۋاتىدۇ ، كىم كىمنى ياخشى كۆرىدۇ،نېملەر دېدى ھەممىنى دەپ بېرەتتى .يىگىت نەچچە قېتىم ‹ سېنىڭمۇ يۇرگىنىڭ بارمۇ ؟ › دەپ سورىماقچى بولدى –يۇ،   ئۆزىمۇ ‹ ھە  › دېگەن جاۋاپنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن قورقۇپ گېپىنى ئىچىگە يۇتۇۋېتەتتى .قىزغا شەھەردىكى مەكتەپ ياراشتىمۇ ياكى گۇزەللىك يېشىغا كەلدىمۇ ،مۇرىسىگە چۇشۇپ تۇرغان بۇدرە چاچلىرى،خوشاللىق تۆكۇلۇپ تۇرىدىغان شوخ كۆزلىرى ،زامانغا لايىق كىيىملىرى بىلەن تولىمۇ چىرايلىق بوپ كەتكەن ئىدى.يىگىتنىڭ يۈرىكى قارت قىپ قالاتتى- يۇ ، يەنە قانداق بىر خىياللار بىلەن يۈرۈكىدە يانغان ھەسەتتەك بىر ئوتتىن پۇچۇلىناتتى.ھېىلىقى مۇلايىم قىزمۇ ئايدا بىر – ئىككى قېتىم ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ كېتەتتى ، ھەر كەلگەندە ئۇنىڭغا ھېكايىلەر توپلىمى ياكى رومان ئالغاچ كېلەتتى.ئۆزى بىلىپ ئۇنىڭ ئۆيلىرىنى سۇپۇرۇپ تازلاپ پاكىزە قىلىپ بېرىپ كېتەتتى.

يىگىت كېيىن مەھەلىدە بۇرۇن ئېلىكتىر سايمانلىرى دۇكىنى ئاچقان ،ھازىر باشقا ئىش قىلىۋاتقان ئۇستىدىن شۇ ھۇنەرنى ئۆگەندى .بىر يىل ئۆگەنگندىن كېيىن، ئەمدى ئۆيىنىلا دۇكان قىلىۋالدى.ساۋاقداشلرى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىقلىرىغا  چۈشكەندە ئۇنىڭمۇ يۈرۈكىنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشىپ قولىغا ئىش بارمىدى.ئەمدى ئۇزۇنغا قالماي ئۇنى كۆرەلمەيدۇ، ئۇ يىراقلارغا كېتىدۇ،كىم بىلىدۇ شۇ كەتكەنچە چوڭ شەھەرلەردە تۇرۇپ قالامدۇ .

ئىمتىھان تۇگەپ ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشى قايناپ كەتتى.يىگىتمۇ بەزىدە باراتتى.ھەممىسنىڭ چىرايىدا كەلگۇسىگە بولغان گۈزەل تۇرمۇشنىڭ نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدۇ .

ئۇ ئۆتەلمەپتۇ ،بۇنى ئاڭلاپ يىگىتنىڭ يۈرىكى قارت قىلىپ قالدى،بۇ ، قىزنىڭ يەنە بۇ يەردىن قالىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان خوشاللىقىدىنمۇ ياكى ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىرىنىڭ ئازاۋىنى تەڭ تارتىشمۇ بۇنى ئۆزىمۇ بىلمەي قالدى .مۇلايىم قىز دوختۇرلۇققا ئۆتكەن ئىدى.

قىز خېلى كۈنلەرگىچە كۆرۇنمىدى . يىگىت نەچچە قېتىم قىزنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۇپ ھۆيلىغا قارىدى ، ھۆيلا ئىچى جىمجىت .يىگىتكە پۇتۇن مەھەلە جىمىپ كەتكەندەك بىلىنمەكتە ئىدى.بىر كۈنى يىگىت ئىشىكتىن چىقىپ قىزنى ھۆيلا ئالدىدىكى سۇپىدا ئولتۇرغان ھالىتىدە كۆرۇپ خۇددى يامان ئىشنى كۆرۇپ قالغاندەك ئەندىكىپ كەتتى.قىز شۇنچە سۇلغۇن ئىدى،ئۆزىنى تاشلاپ تامغا يۆلەنگۇنىچە چوڭقۇر خىيالغا پاتقان ئىدى .يۈرۈكى ئېچىشتى ، بېرىپ تەسەللى بەرگۇسى كەلدى،لېكىن جۇرئەت قىلالمىدى.شۇ كۈندىن باشلاپ قىز كۈندە شۇ يەردە ئولتۇردىغان بولىۋالدى.چىدىمىغان يىگىت بىر كۈنى قىزلار ياخشى كۆرۇدىغان نەرسىلەردىن ئېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى ، قىز ئۇ يېنىغا كەلگەنلىكىمۇ سەزمىگەندەك ئۇنسىز قاراپ ئولتۇراتتى .قولىدىكى نەرسىنى قىزغا ئۇزاتتى قىز كۆزلىرىنى يات كىشىگە باققاندەك ھەيرانلىق بىلەن ئۇنىڭغا تىكتى .ئوڭ قولىنى كۆتۇرۇپ يىگىت ئۇزاتقان نەرسىلەرنى غەزەپ بىلەن ئۇردى، نەرسىلەر يەرگە چېچىلىپ كەتتى.

ـ مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ ، يوقال ـ قىز ئەسەبىلىك بىلەن ۋاقىردى.يىگىت چېكە تومۇرلىرى چىڭقىلىپ بىردەم داڭ قاتقانچە تۇردى –دە ،كەينىگە ئۆرۇلۇپ ئېغىرلاشقان ئوڭ پۇتىنى سۆرەپ ئۆيىگە قاراپ ماڭدى .كەينىدىن قىزنىڭ يۈرەكنى ئەزگۇدەك يىغىسى ئاڭلاندى .ئەتىسى قىز تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇن – تۇنسىز جىممىدە ئولتۇردى . بىر ھازاغىچە گەپمۇ چىقمىدى ،يىگىت ئاخىرى چىدىماي :

ـ ئۇنداق قىلمىغىن ـ دېدى .قىز باش لىڭشىتتى ، ئىككى قولىنى يۇزىگە چاپلاپ ئۇن چىقارماي يۇم – يۇم يىغلىدى.يىگىت كۆز چاناقلىرىغا پاتماي قالغان ياشلىرىنى توسۇپ بارماقلىرى بىلەن كۆزىنى بېسىۋالدى.

يىگىت شەھەرگە كىرىپ قىزغا ئاتاپ كۆرۇنىشى  چىرايلىق رادىئودىن بىرنى سېتىۋېلىپ قىزغا سوۋغا قىلدى.قىز ھازىرغىچە باشقىلار بەرگەن  تۇنجى ئەتىۋالىق سوۋغام ،دەپ يىگىتنى ئالەمچە خۇش قىلىپ ئالدى.قىزنىڭ بۇرۇنقى كەيپىياتى ئەسلىگە كېلىۋاتاتتى ، قىز ئۇنىڭ يېنىغا پات –پات كىرىدىغان ،ئاڭلىغانلىرىنى ئۇنىڭغا قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بېرىدىغان  ،دۇكىنىنى سۇپۇرۇپ تازلاپ پاكىزە قىلىپ بېرىدىغان بولدى .شۇنداق قىلىپ قىشمۇ چىقتى.قىشنىڭ ئېغىر سوغاقلىرىدىن قۇتۇلۇپ يەر كۆكۆرۇشكە باشلىغاندا ، قىزدىمۇ بىر ئىش قىلىش نىيەتلىرى بىخ ئۇرغان ئىدى.

قىز يىگىتكە رادىئودىن شەھەردىكى بىر تورتخانىنىڭ شاگىرت ئالىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانقىنى ، شۇ يەردە ھازىرچە ئۆگۇنۇپ كيىنچە ئايرىم دۇكان ئېچىش خىيالى بارلىقىى ئېيتتى.يىگىت ئىقتىساد جەھەتتىن ئاز بولسىمۇ، كېرەك بولسا ياردەم قىلغىانلىقىنى ئېيتتى.

قىز ئەمدى ئالدىراش بوپ كەتكەن ئىدى ،بەزىدە ھېلىلا كىرىپ قالىدىغاندەك يىگىت ئىشىككە قاراتتى.لېكىن بۇنداق چاغلاردا قىز ئۇستىسىنىڭ ھەر بىر ھۇنىرىنى كۇزۇتۇپ تۇرغان چاغلار ئىدى.

بىر كۈنى قىز ئۆز قولۇم بىلەن پىشۇرۇپ ساڭا ئەپ كەلدىم دەپ ئۇنىڭغا پېچىنە – پېرەنىك ئېلىپ كەلدى.يىگىت ئۆزىگە ئاتاپ ئەكەلگەن بۇ سوۋغىدىن بەك خۇش بولدى.

شۇنداق قىلىپ قىز بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتى.يىگىت ئەمدى نەچچە كۈنگۇچە ئۇنىڭ قارىسىنى كۆرەلمەيدىغان بوپ قالغان ئىدى.

بەزىدە ئۇنى كىمدۇر بىرى موتۇتسېكىلىتقا ئولتاغۇزۇپ ئەكەپ قوياتتى. قىز ئۇنىڭ بىلەن كۈلۈشۈپ ،چاقچاقلىشىپ خوشلىشاتتى .يىگىتنىڭ قەلبىدە يەنە شۇ سۆز ياڭراشقا باشلىدى ‹ چۈنكى مەن مېيىپ ...› .. مۇنداق بولمىغان بولسام ئۇنىڭغا مۇھەببىتىمنى ئىزھار قىلار ئىدىم، ،ئۇنى ئۆيىگە ئەكەپ قويغان ئۇ ئەمەس مەن بولغان بولاتتى ......سانسىز پەرەزلەرگە سانسىز جاۋاپلار بېرىلەتتى .

بىر كۈنى قىز ئۇنىڭغا ئاتاپ ئەكەلگەن نەرسىلەرنى كۆتۇرۇپ كىرىپ كەلدى،نېمىشقىدۇر خىيالچان كۆرۇنەتتى،تاغدىن – باغدىن پاراڭ قىلىىشپ بىردەم ئولتۇردى.قىز ئۇھسىنىپ قوياتتى.

-    سەن مېنى چوقۇم ، ئەسكى بوپ كەتتى دەپ ئويلايسەن شۇنداقمۇ ؟ - كۈتمىگەن سۇئالدىن يىگىت نېمە دىيىشىنى بىلمەي قالدى – مېنى دائىم ئاچىقىپ قويغان بالا بىلەن يۇرۇۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭ ھە !؟

ئۇنىڭ ئۆزىنى بىر يولدا ئىكەنمىز مەن سىزنى ئاپىرىپ قوياي دېگەلىكىنى ، ئۆزىنىڭ بۇنى ئۇنىڭ ياخشى كۆڭلى دەپ بىلىپ شۇنداق قىلغانلىقىنى ،ئەمما ئۇ تۇنۇگۇن تۇيۇقسىز ئۇنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقىنى دېگەنلىكىنى ،ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقاندا ئۇنىڭ خاپىلاپ بىرمۇنچە سەت گەپ قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرگەنلىكىنى دەپ بەردى .

-    مەن بىرلا كىشىنى ياخشى كۆرىمەن ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمنى ياخشى كۆرمەيمەن – دېدى .

يىگىتنىڭ يۈرىكى قارت قىلىپ قالدى.ئۇنىڭ راسلا ياخشى كۆرگىنى باركەن- دە .

-    سەن كىمنى ياخشى كۆرىسەن ؟ ھېلىقىنىمۇ يا ؟ - ئۇ مۇلايىم قىزنى دەۋاتاتتى  - سېنىڭ بىرەرىنى ياخشى كۆرىمەن دېگىنىڭنى ياكى بىرەرىگە تەلەپ قويۇپتۇ دېگەننى ئاڭلاپ باقمىدىم .

-    - مەنمۇ سەندك بىرسىنىلا ياخشى كۆرىمەن – يىگىت ئەمدى يوشۇرمىدى .

-    كىمنى ؟ - سورىدى قىز بوش ئاۋازدا .

-    سېنى ... – دېدى .

-    راس گەپ قىل ..- قىز قۇلاقلىرىغا ئىشەنمەي قالغان ئىدى .

-    راس ، مەن سېنىلا ياخشى كۆرىمەن، سەندىن باشقا ھېچكىمنى كۆڭلۇمگە سىغدۇرمۇدۇم ھەم سىغدۇرالمايدىكەنمەن.

-    نېمىشقا دېمەيسەن ؟ - قىزنىڭ ئاۋازى شۇنچىلىك مۇلايىم چىقتى، يىگىت ئۇنى خاپىلاپ قالامدىكېن دەپ ئويلىغان ئىدى.   

-    چۈنكى مەن مېيىپ .... – يىگىت شۇ گەپنى دېيىشىگە قىز خاپىلاپ ۋاقىراپ كەتتى .

-    ساراڭ  ، كىم سېنى مېيىپ دېدى ، مەن دېدىممۇ ، ئۇ شۇنداق دېدىمۇ ؟ ئېيتە مەن سېنى شۇنداق دېدىممۇ ، بالىلىقتا ، تەنتەكلىكتە دەپ سالغان گەپلىرىمنى چىڭ تۇتۇۋالدىڭمۇ ؟– قىزنىڭ ئاۋازى تىترەپ يىغا ئۇلاشماقتا ئىدى- مەنمۇ سېنىلا ياخشى كۆرىمەن، شۇنچە يىلدىن ياخشى كۆرۇپ كەلدىم ، قىزلىق نومۇسۇم بىلەن ساڭا دىيەلمەي كەلدىم –قىز ئاستا كېلىپ يىگىتنىڭ پۇتىغا بېشىنى قويدى  - ئۆتۇنەي ئەمدى ئۇنداق دېمىگىن ، يۈرۈگۇمنى ئەزمىگىن بولامدۇ ؟ - يىگىت تىترەپ تۇرغان قوللىرىنى قىزنىڭ چاچلىرى ئۇستىگە قويدى،‹ ماقۇل ›دېدى يىگىت ، سەلدەك يامراپ كەلگەن كۆز ياشلىرى ئۇستىگە بارماقلىرىنى باسمىدى .

ئەتىسى قىز ئىشقا ماڭىدىغان چاغدا يىگىتكە خوش ئېيتىپ كىردى،ماڭىدىغان چاغدا يىگىتنىڭ مەڭزىگە بىرنى سۆيۇپ قويۇپ شۇ ئادەت بويىچە ئۇچقاندەك يۇگرەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى،سىرتتىن ئۇنىڭ  ‹خوش ھە › دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى .يىگىت ئەڭ بەختلىك ئادەمنىڭ چېھرىدە بولىدىغان كۈلكىدە كۈلدى .

   كېيىن قىز بىلەن يىگىت بىر جۇپ قول تېلفون سېتىۋېلىشتى يىگىتنىڭ قارا ، قىزنىڭ قىزىل ئىدى. دوستلار يىغىلىشى ئۈچۈن شەھەرگە كىرەتتى ، يانغان چاغدا قىز يىگىتنى ساقلاپ تۇرغىن دەپ ، ئىشىك باقارنىڭ قارشى تۇرۇشىغا قارىماي تاكسىنى رېستۇراننىڭ پەلەمپاي ئالدىغا ئەكەپ يىگىتنى ئاۋايلاپ يولەپ پەلەمپەيدىن چۇشۇرۇپ ماشىنىغا سېلىپ ئېلىپ كېتەتتى .

تۇرمۇش ئەنە شۇنداق رەڭدار. سەن ئۇنى قايسى خىلدا قوبۇل قىلساڭ ئۇ ساڭا شۇ يېقىدا قارايدۇ.ئۆزەڭنى بەختسىز ساناپ يۇرسەڭ ھۇما قۇش بېشىڭدىن كەتمەيدۇ،بەخت ئىچىدە يۇردۇم دەپ بەخت چاپىنىنى كىيىپ، بەخت يوتقانلىرىغا پۇركۇنۇپ ياتقىنىڭدا ،تەغدىرنىڭ سىناق چاقچاقلىرى ساڭا كەپسىز قوللىرىنى سۇنۇپ سېنى نوقۇپ تۇرىدۇ .

قىز بىلەن يىگىت ئەنە شۇنداق بەخت ئىچىدە يۇرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، قىزنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا ئېسىل پىكاپلار كېلىپ توختايدىغان بولۇپ قالدى.يىگىت باشتا تۇققانلىرى بولسا كېرەك دەپ ئېرەن قىلمىدى.كېيىن ئۆيدىكىلەردىن قىزغا ئەلچى كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدى.قىز، كەلسە كېلىۋەرسۇن بەرىبىر بىكارغا ماڭىدۇ ئۇلار ،سەندىن باشقىسىغا مەيلىم يوق دەپ يىگىتنى خاتىرجەم قىلدى .لېكىن يىگىتنىڭ كۆڭلى تەشۋىشتىن خالى ئەمەس ئىدى .شۇ گەپلەر بولۇپ بىر ئاي بولاي دېگەندە قىزمۇ قانداق قىلىشنى بىلمەي قالغانلىقىنى ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۇنى بەك زورلاۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى.يىگىتنىڭ ئاخىرقى ئۇمۇت شاملىرى ئۆچۇشكە باشلىماقتا ئىدى .

توي بولىدىغانلىقىنى، قىز تەرەپنىڭ تويلۇقنى ئەپ بولغانلىقىنى ئۆيىدىكىلەردىن ئاڭلىدى.يىگىت پىقىرىتىپ قويۇۋەتكەن ئادەمدەك نېمە قىلىشىنى بىلمىدى.قىزغا تېلفون قىلدى ئالمىدى .ئۇچۇر قىلدى قايتۇرمىدى.ئۇنىڭغا تېرەك بولىۋاتقان ھەممە نەرسە تەگسىز ھاڭغا يىقىلىپ چۇشمەكتە ئىدى. ئۇ كارۋاتقا چاپلىشىپلا قالدى ، ئېھتىياجىتىن باشقا چاغدا ئورنىدىن تۇرمايتتى.بىچارە ئاپىسىنىڭ يېلىنىش – يالۋۇرىشىمۇ كار قىلمىدى.قىز تەلتوكۇس يوقاتقان ئاشۇ نىدالار پۇتۇن قەلبىنى ئىگىلەپ ياڭراشقا باشلىدى. تويغا ئۈچ كۈن قالغاندا ئىشىكنى ئىچىدىن ئىلپ ھېچكىمنى ئۆيگە كىرگۇزمىدى ، ئاپىسىنىڭ يىغىسغا ‹ خاتىرجەم بول ،ياخشى بوپ قالىمەن › دەپ جاۋاپ قىلدى .ئانىمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولۇپ سەل پەسكويغا چۇشتى . ئەتىسى چۈشتىن كېيىن ئىشىك يېنىك چېكىلدى، كەينىدىن ‹ بۇ مەن، ئىشىكنى ئاچقىن › بۇ قىز ئىدى .يىگىتكە جان كىردى ئورنىدىن ئىختىيارسىز تۇرۇپ كەتتى .لېكىن   يەنە ئۆزىنى كەينىگە ئېتىپ يېتىۋالدى .قىز ئىشىكنى قاتتىق ئۇردى ،يېلىندى ئىشىكنى ئاچمىدى ، ئۆزىنى كەچۇرىشىنى بۇ ئۇنىڭ خايىشى بىلەن بولمىغانلىقىنى ئېيتىپ ئەپۇ سورىدى .بىر چاغدا قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر كىرىپ ئۇنى ئاچىقىپ كېتىشتى .

بۈگۈن توي . ناخشا ئاۋازى ئۇنىڭغا خۇددى ماتەم ئاۋازىدەك ئاڭلانماقتا ، ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنىمۇ ئۇنتۇغان ئىدى .چۇشكە يېققىن ناغرا – سۇناينىڭ ئاۋازى پۇتۇن مەھەلىنى بىر ئېلىپ چېلىنىشقا باشلىدى.قىز بۇ مەھەلىدىن ، ئۇنىڭ يېنىدىن مەڭگۇلۈك كېتىدىغان ۋاقىت يېققىنلاپ قالغان ئىدى . يىگىتنىڭ ۋۇجۇدىدا شۇنداق زور بىر كۈچ پەيدا بولدىكى ، ھەممىنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ قىزنى ئۇ مەلئۇنلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالدى .ئۇ يەنىلا خىيال ئىچىدە ياتاتتى .ناغرا – سۇناي ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى . قىز كۆچۇرۇش باشلانغان ئىدى.ئاۋاز بارا –بارا يىراقلاشقا باشلىدى ، ئاخىرى غايىپ بولدى .

قىز ماشىنىغا چىقتى. ئۆكسۇپ – ئۆسۇپ  بىر نەرسىگە تارتىشقاندەك يىغلىدى.ئانىسى خوشلىشىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ يىغلىدى ، لېكىن قىز ئاپىسىغا ئېسىلمىدى  پەقەتلا يىغلايتتى.ئانا سۈتىدىن رازىلىق ئېلىپ ‹رازى بول › دېمىدى . ماشىنا ئاسفالىت يولغا چىققاندا قىز يېنىدىكى دوستىغا بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى دەپ ئۇنىڭ بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇپ ئوتتۇرىدىن يانغا كېلىۋالدى.ماشىنا ئالدىدىكى ناغرا ماشىنىغا ئەگىشىپ نورمال سۇرئەتتە كېتەپ باراتتى .قىزنىڭ قوللىرى كىرىشەتتى ، چوڭقۇر ئۇھسىناتتى .قىز قولىنى ماشىنىڭ تۇتقۇچىغا قويدى، ئىشىكنى كۇچەپ تارتىپ ئاچتى –دە ،بار كۈچى بىلەن كەينىگە ئىتەردى. قىزلار نېمە بولغىنى بىلىپ بولغۇچە قىز ئۆزىنى ماشىنىنىڭ سىرتىغا ئاتتى .قىز ئىپلاس ئالقاندا مىجىلغان گۈلدەك تولغۇنۇپ  - تولغۇنۇپ يولنىڭ ئون مېتېر نېرىغا دۇمۇلاپ بېرىپ جىم بولدى .قىزلار قورقۇپ يىغلاشقا باشلىدى ، كەينىدىن كېلىۋاتقان ماشىنىدىكىلەر ھەممىسى ئۆرە – توپە بولۇشۇپ قىزغا قاراپ يۇگۇرۇشتى .

بايىلا توي نەغمىسى ياڭرىغان مەھەلىدىن بىرىدىنلا يىغا –زارە كۆتۇرۇلدى .ئاياللارنىڭ يىغىسى ، ئەرلەرنىڭ ئۇيان – بۇيان ئالدىراپ يۇگۇرگەن ئاياق تىۋىشى ئاۋۇپ كېتىۋاتاتتى .يىگىت سەگەكلەشتى قىزىنىڭ ئاپىسىنىڭ يىغىسى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئىدى .يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ ھۆيلىغا چىقتى دادىسغا پىچىرلاپ جىىدى بىر ئىشنى دەۋاتقان ئاپىسى ئۇنى كۆرۇپ جىم بوپ قالدى.دەرۋازا ئالدىغا چىقتى، قىزنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا كىشىلەر جىددىلىشىپ ئۆرە- توپە بولۇپ كەتكەن ئىدى.ماشىغا چىقىشىپ نەگىدۇر مېڭىشتى.قايتىپ كىرىپ ئاپىسىدىن نېمە بولغانلىقىنى سورىدى ، ئاپىسى ھېچ ئىش بولمىغانلىقىنى ئېيتتى ،شۇنداق ئۇلار مېنى ئاياۋاتىدۇ .ئاپىسى چاي ئەكەلدى ، يىگىت ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىپ ئاندىن سورىسا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ بىر پارچە نان بىلەن بىر چىنە چاي ئىچتى .ئۇزاق سۈكۈتتىن كېيىن زادى نېمە بولغانلىقىنى سورىدى ، ئاپىسى يىغلاپ تۇرۇپ بولغان ئىشنى دەپ بەردى ، ئۇنىڭ ھازىر قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.يىگىت ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا قاراپ ماڭدى.خېلى ئۇزاق مېڭىپ مەھەلە بېشىغا كەلدى .بىردىنلا تاكسىچى دوستى ئېسىگە كېلىپ ئۇنىڭغا تېلفون قىلدى ،ئەھۋالنى ئېيتىپ ياردەم قىلشىنى ئۆتۇندى، ئۇ مۇشۇ يول بىر مېڭىۋېتىپ ئۇنىڭ يېنىغا بارىدىغانلىقى ئېيتتى .ئۇلار پۇتۇن شەھەردىكى دوختۇرخانىلارنى ئىزدەپ ئاخىرى قىزنى ئەكەلگەن دوختۇرخانىنى تاپتى.

يىگىت شۇ كېچىنى قىز ياتقان ياتاقتىن يىراق بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاڭغا ئۇلىدى.قىزنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ يېنىغا بارالمايتتى.قىزنىڭ ياتىقىدىن چىققان بىر سېستىرادىن قىزنىڭ ھېچنېمە بولمىغانلىقى بىلىپ خاتىرجەم بولدى .

قىز ھەپتە ياتقاندىن كېيىن دوختۇردىن قايتىپ چىقتى.ئاپىسىدىن قىزنى يوقلاپ كىرگەندە ھېچكىم بىلەن كۆرۇشمەي بىر ئۆيدە ياتقانلىقىنى ئاڭلىدى.قىز دوختۇردىن چىقىپ دەل ئون كۈن بولغان گۇگۇم ۋاقتىدا يىگىتنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى.يىگىت تەمتىرەپ قالدى ،ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى .قىز :

-    بولدى تۇرما ـ دېدى بوش ئاۋازدا ،قىز ئۈششۈك تەككەن ياپراقتەك مىسكىن بوپ قالغان ئىدى .قىز ئورۇندۇقتىن بىرنى ئېلىپ كېلىپ يىگىتنىڭ ئورۇندۇقىغا تەككۇزۇپ قويدى.قىز ئولتۇرۇپ يىگىتنىڭ مۇرىسىگە بېشىنى قويدى

-    مېنى كەچۇرگىن ، ماڭا سەن بولمىساڭ بولمايدۇ – دېدى .تېنى سۇس تىترەشكە باشلىدى – ئەمدى سەندىن ئايرىلمايمەن ،كىم مېنى سەندىن ئايرىماقچى بولىدىكەن جېنىنى ئالىمەن ...

*********           *********         *********

ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا خاتىرەمگە يېزىلغان بۇ ھېكايە مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشقان ئىدى. ئەڭ ئاخىرقى سۆزنى قىز راس دېدىمۇ ياكى سۆزلەپ بەرگۇچى قوشۇپ قويدىمۇ بىلمەيمەن ،ئەمما شۇ چاغدا بۇ ھېكايىنى ئاڭلىغان ھەممىمىز بۇ سۆزدىن بىر – بىرىمىزگە قاراشقان ئىدۇق.ماڭىمۇ بۇ سۆز قاتتىق تەسىر قىلغاچقا بىر قىزنىڭ ئاغزىدىن چىققانلىقىغا ھەيران بولساممۇ شۇ پېتى يېزىپ قويغان ئىدىم.

بۈگۈن يۇز بەرگەن تۇيۇقسىز ئۇچرىشىپ  قېلىش بۇ خاتىرىنى قايتا ۋاراقلاشقا سەۋەپ بولغان ئىدى.چۈشتە ئالدىراش ئىشقا كېتىپ باراتتىم ،تېلفونىم سايراپ قالدى ، توختاپ تېلفوننى ئالدىم.سۆزلەشكەچ ئالدىمدىكى دۇكاننىڭ ۋېۋىسكىسىغا دېققەت قىلدىم ئوخشاش ئىسىملىك  ئەمما بىرىگە ‹... تورتخانىسى › ،يەنە بىرىگە ‹ ... كومپيۇتېر مۇلازىمەتخانىسى › دەپ يېزىلغان يانمۇ – يان دۇكانغا كۆزۇم چۈشتى.بىردىنلا دۇكان ئىچىدىن ئوڭ پۇتىنى سۆرەپ دۇكان سىرتىغا ماڭغان  بىر يىگىتنى كۆرۇپ ‹سەل تۇرۇپ تېلفون قىلاي › ئۆزەممۇ سەزمىگەن ھالدا قارشى تەرەپنىڭ خوش دېيىشىنى كۇتمەيلا تېلفوننى قويۇۋەتتىم . بۇ تاسادىپى كۆرۇۇشتىن ھايران بولسام،  يەنە بىر تەرەپتىن جىددىلىپ كېتىۋاتاتتىم.يىگىت ئىشىك ئالدىغا كەلگۇچە ياندىكى دۇكاندىن يارىشىملىق ھىجاپ كەيگەن يۈزلىرى نۇرلۇق ، كۆزلىرىدىن خوشاللىق چاقناپ تۇرغان ياش ئايال ئالدىراپ پەلەمپەيدىن چۇشۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى.پەلەمپەيدىن چۇششۇشىدىن ئۇلارنىڭ بۇ ئادەتكەن خېلى كۆنۇپ قالغانلىقى چىقىپ تۇراتتى .ئۇلار پەلەمچەيدىن چۇشۇشىگە دۇكان ئىچىدىن ئىككى ياشلار چامىسدىكى چىرايلىق بىر قىز ‹ دادا › دەپ يۇگرەپ چىقتى ، ئايال بالىنى قولىغا ئېلىپ دادىسىنىڭ يېنىغا ئاپاردى قىز  دادىسىنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ ئىككى مەڭزىگە سۆيدى .

-    دادىڭىز ئولتۇرۇپ سىزنى كۆتەرسۇن ھە ، بىردەم ساقلاڭ قىزىم – ئايال بالىنى دۇكان ئالدىغا  قويۇپ ، يولدىشىنى يەنە ئەپلىككىنە يولەپ پەلەمپەيدىن چىقىرىپ دۇكان ئىچىگە كىرىپ كەتتى .

ئۆڭۇممۇ چۇشۇممۇ بىلمەي داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالغان ئىدىم .  

‹پاق › قىلىپ قاتتىق يېپىلغان ماشىنا ئىشىكى ئاۋازىدىن خىيالىمدىن چۆچۇپ كەينىمگە قارىدىم .

-    ھەي ساراڭ، ئاستا ياپمامسەن – رول ئالدىدا ئولتۇرغان ئەر غۇلاچقا چىداپ ، غېرىچقا چىدىماي كىيىم كىيىۋالغان دىقماققىنە ئايالغا ۋاقىردى .

-    سېلىنىڭمىتى ماشىنا مەنمۇ كۈچ چىقارغان جۇمۇ – ئۇيقۇ قانمىغان كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ ئەرگە ۋاقىردى .

تېلېفون جىرىڭلاپ كەتتى .دىقماق خوتۇننىڭ تېخىمۇ ئاچچىقى كەلدى

-    ئاشناڭدىن تېلېفون كەلدى ماڭا گەپ قىلغۇچە تېلېفونىڭنى ئالە – دېدى دېقماق خوتۇن .

-    ماۋۇ كوچا تولا ئەزمەيلىمە ھە ، ھېلى بىكا ئۆيگە  بارغاندا – ئەر سەل ئەرەۋاھى ئۆرلەپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ توختاپ قالدى.دىقماق خوتۇن كەينىگە ئۆرۇلۇپلا پىنگىۋىن مېڭىشىدا ماڭغانچە كېتىپ قالدى . ئەر تېلېفوننى ‹ ھە › دەپلا ئالدى .بىردەم ئاڭلاپ تۇرغاندىن كېيىن چىرايىغا كۈلكە ياغدۇرۇپ ‹ ياق، ئۇنداق ئەمەس ما ساراڭ ئاچچقىمنى كەلتۇرۇپ › ئەر سەل تۇرۇپ تېلېفون قىلىدىغانلىقىننى ئېيتىپ ماشىنىسىنى ھەيدەپ كېتىپ قالدى .

مەن توت كوچا ئاغزىغا كېلىپ قالغان ئادەمدەك ئۇزۇنغىچە تۇرۇپ قالدىم .   

   

     

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-3 04:24 PM  


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mosajan0997 + 50 بەك تەسىرلىك يىزىلىپت.
kayguluk + 97 يۇرەككە تەككۈدەك ھېسس.
بەرگى + 50 ماختاشقا تېگىشلىك
gulbaxikar + 200 بەك تەسىرلىك يېزىلىپت.
zulayha + 200 اللە ئاسان قىلسۇن
musilina + 100
باياۋان + 50 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 747   باھا خاتىرىسى

ھەر بىر كۈن ئىنس

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 802
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7582
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 6878 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 04:58:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدىگەن تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىسى بۇ ؛ قەلەم كۈچىڭىزگە قول قويدۇم . ھەممىمىزگە ھېكايىدىكىدەك مېھىر-مۇھەببەت ئاتا قىلسۇن ! ( نادىرلاشقا تېگىشلىك ھېكايىكەن )
قەلىمىڭىزگە داۋاملىق ئۇتۇق يار بولسۇن !

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55818
يازما سانى: 296
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2089
تۆھپە نۇمۇرى: 448
توردا: 1099 سائەت
تىزىم: 2011-9-10
ئاخىرقى: 2012-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 05:00:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇنجى ئىنكاسنى مەن يازىدىغان بولدۇم........ئوقۇپ تاماملىدىم........  ئېچىنىشلىق ھىكايىكەن........سۈيۈش-سۈيۈلۈش بار يەردە ئىناق ئائىلە بولىدىكەن....ئەڭ ئاخىردىكى سېلىشتۇرۇشمۇ قانداق؟ مەن شۇنداق چۈشەندىم....قىسقىغىنا دىئالوگ ئارقىلىق ئىككى ئائىلە سېلىشتۇرلۇپتۇ دەپ ئويلۇدۇم........
   ياخشى چىقىپتۇ............

ئەسلىدىنلا ئۆزى مەتو خەق ئىدى،
پىتلارنىمۇ تېرىپ-تېرىپ يەر ئىدى.
ئەمدى دەيدۇ بىز خەقلەرنى مەتو دەپ،
ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇپ قالغان پەس ئىدى.

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4524
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 05:07:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نادىرلاشقا تېگىشلىك ھېكايىكەن

كۆرگىنىڭدىن كۆپ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 492
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 356 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 05:10:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىزگە دەت كەلمىسۇن رەخمەت

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

مۇزلىماقتىمەن.....

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69195
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 928
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 05:10:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ھىكايە.. قىز بەك ئالىيجاناپكەن ھە.. نۇرغۇن قىزلار ھېلغۇ بىر مېيىپ يىگىتكەن،پۇلى يوق بۇلۇپ قالسا بېجرىم يىگىتلەرگىمۇ ئۇنچە قىمايدۇ..
  ئەمما يىگىتنى ياخشى كۈردىغان ھېلىقى مۇلايىم قىز نەگە كەتتىكىنە، ئۇ قايتا چىقمىدۇغۇ..

ئۈزى ئۈچۈن ياشاركەن ھەركىم،
      شۇ كويدىمەن مەنمۇ ھەم بەلكىم.

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5492
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 4585 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 05:24:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمانداق ياخشى ، بەك تاتلىق ئاخىرلشىپتۇ، قىز ھەقىقەتەن بەك ئالىيجاناپ ئىكەن!

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەردە خ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32640
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1000
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 05:50:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان جىقكەن ،ساقلىۋىلىپ  ئوقۇي.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36142
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1341
تۆھپە نۇمۇرى: 214
توردا: 2529 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 06:07:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلەم ھارمىغاي~~

ھايات مەخسەت ئەمەس ،بىر جەريان.

مىھرى-مۇھەببەت ئ

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2802
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5808
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 474 سائەت
تىزىم: 2010-6-16
ئاخىرقى: 2012-1-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 06:47:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئالىجاناپ قىز -يىگىتلەر ئارىمىزدا بارمىدۇ ؟
ئوقۇپ كىتىۋېتىپ ،خوددى فانتازىيىلىك كىنو كۆرگەندەك ھىس قىلدىم .
تولىمۇ ياخشى يىزىپسىز ! مۇنداق ھۈنەرلەرنى بىلمەي يۈرۈپتۇق ئەمەسمۇ ....
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن !

پىكىر قىلىۋاتىمەن ،دىمەك مەۋجۇتمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش