مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2312|ئىنكاس: 27

«يەنە بىر بوتۇلكا كەلتۈرۈلسۇن» دىن ئويلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70767
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 204
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 120 سائەت
تىزىم: 2011-12-18
ئاخىرقى: 2012-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 04:13:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«يەنە بىر بوتۇلكا كەلتۈرۈلسۇن » دىن ئويلار

دىلو ئەھۋالى :

نۇربىيە 2011 – يىلى 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنى مەلۇم بىر تاللا بازىرىدا بىر بوتۇلكا «كاڭ ئۇستام» ماركىلىق يىشىل چاي سېتىۋىلىپ ئۆيگە ئاپىرىپ بوتۇلكا ئېغىزىنى ئاچقاندىن كېيىن ، بوتۇلكا ئېغىزىدا : «يەنە بىر بوتۇلكا كەلتۈرۈلسۇن ، مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش مۇددىتى 2011 – يىلى 9 – ئاينىڭ 30 – كۈنىگىچە » دېگەن خەتلەرنىڭ يىزىلغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئەتىسى بوتۇلكا ، بوتۇلكا ئېغىزى ۋە مال سېتىۋىلىش تالونىنى ئىلىپ شۇ تاللا بازىرىغا بىرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ . تاللا بازىرى خادىملىرى مەزكۇر تاللا بازىرىدا بۇ تۈردىكى مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش كەسپىنىڭ يوقلىنى ئېيتىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشنى رەت قىلىدۇ .

مەزكۇر دىلوغا قارىتا ئىككى خىل قاراش شەكىللەندى :

بىرىنچى  خىل قاراشتىكىلەر : تاللا بازىرى بىلەن نۇربىيە ئوتتۇرىسىدا ئىلىم – سېتىم توختام مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن بولۇپ ، تەرەپلەر توختامنى ئادا قىلىپ بولدى ، ( يەنى نۇربىيە تاللا بازىرىغا يىشىل چاينىڭ پۇلىنى تۆلەپ بولدى ، تاللا بازىرى نۇربىيەگە يىشىل چاينى تاپشۇرۇپ بولدى دەپ قاراپ ) تاللا بازىرىنىڭ نۇربىيەگە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش قانۇنى مەجبۇرىيىتى يوق ، دەپ قارىدى .

ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر : تاللا بازىرى نۇربىيەگە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بىرىشى كېرەك ، چۈنكى بۇ تەرەپلەرنىڭ ئىلىم – سېتىم توختام قانۇن مۇناسىۋىتىدىكى قوشۇمچە مەجبۇرىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . شۇڭا تاللا بازىرىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن قوشۇمچە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك ، دەپ قارىدى .

تەھلىل :

مەزكۇر دىلودا تالاش – تارتىش قىلىنىۋاتقان نۇقتا تاللا بازىرىنىڭ نۇربىيەگە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بىرىش مەجبۇرىيىتى بارمۇ – يوق ؟ ئەگەر تاللا بازىرىنىڭ بۇ خىلدىكى مەجبۇرىيىتى بولسا بۇ خىل مەجبۇرىيەتنىڭ خارەكتىرىنى قانداق بىكىتىش كېرەك ؟ دېگەن نۇقتىلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .

1. دۆلىتىمىز «توختام قانۇنى» نىڭ 60 – ماددىسىدا : توختاملاشقۇچى تەرەپلەر ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيىتىنن پۈتۈم بويىچە تولۇق ئادا قىلىشى شەرت . توختاملاشقۇچىلار سەمىمى بولۇش – لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى ، توختامنىڭ خارەكتىرى ، توختامدىكى مۇددىئا ۋە سودا – سېتىق ئادىتىگە ئاساسەن ۋاقىپلاندۇرۇپ ، ھەمكارلىشىش ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى شەرت . دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ ، قانۇن چىقىرىش نۇقتىسىدىن توختامنىڭ قوشۇمچە مەجبۇرىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن . نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا ، توختامنىڭ قوشۇمچە مەجبۇرىيىتى دېگىنىمىز توختامدىكى مەجبۇرىيەتنىڭ كىڭەيتىلىشى بولۇپ ، توختاملاشقۇچى تەرەپلەر پۈتۈم بويىچە ئۆزىنىڭ بىرىم مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە ۋاقىپلاندۇرۇپ ، ھەمكارلىشىش ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قاتارلىق توختامغا ئالاقىدار مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك . توختامدىكى قوشۇمچە مەجبۇرىيەت دەل سەمىمى بولۇش – لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ ، توختامنىڭ خارەكتىرى ، توختامدىكى مۇددىئا ۋە سودا – سېتىق ئادىتىگە ئاساسەن ئادا قىلىنىدىغان مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدۇ . ئاساسى ھەقدارلىققا ئەگىشىدىغان قوشۇمچە مەجبۇرىيەت ھېسابلىنىدۇ . بۇ مەجبۇرىيەتلەر جەزمەن قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى تەۋە بولۇشى ، مەيلى توختامدا پۈتۈشكەن بولۇش – بولماسلىقىدىن قەتئىنەزەر ، بۇ مەجبۇرىيەتنىڭ ئادا بولۇشىغا چەكلىمە بولمايدۇ . توختاملاشقۇچى تەرەپلەر بۇ بەلگىلىمىگە خېلاپلىق قىلىپ قارشى تەرەپكە زىيان سالسا چوقۇم مۇناسىپ تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئىلىشى كېرەك . ئادەتتە ، توختامدىكى مەجبۇرىيەتلەر ئادا قىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن ، توختاملاشقۇچى تەرەپلەرنىڭ ھوقۇق – مەجبۇرىيىتى تاماملاندى ، دەپ قارىلىدۇ . بىراق توختامدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيەتلەر تۈگىگەندىن كېيىن ، سەمىمى بولۇش – لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپى، سودا – سېتىق ئادىتى ئاساسەن يەنىلا ۋاقىپلاندۇرۇپ ، ھەمكارلىشىش ، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەك . بۇ مەجبۇرىيەت دەل ئادا قىلىشتىن كېيىن قوشۇمچە مەجبۇرىيەتكە مەنسۇپ بولىدۇ . بۇ مەجبۇرىيەت ئادەتتە ئاساسلىق مەجبۇرىيەت ئادا بولۇپ بولغاندىن كېيىن پەيدا بولىدۇ . ئاساسلىق مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىنكى قوشۇمچە مەجبۇرىيەت ھەم قانۇندا ئالاھىدە بەلگىلىگەن بولغان بولىدۇ ھەم تەرەپلەر پۈتۈمىگە ئاساسەن بولغان بولىدۇ .

2. مەزكۇر دىلودا ، نۇربىيە بىلەن تاللا بازىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىلىم – سېتىم توختامى ئادا قىلىنىپ بولۇنغان بولسىمۇ ، نۇربىيەگە مۇكاپاتنىڭ چىقىشى بىلەن نۇربىيە بىلەن تاللا بازىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق – مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنىڭ پۈتۈنلەي تاماملانمىدى . تاللا بازىرى سەمىمى بولۇش – لەۋزىدە تۇرۇش پىرىنسىپى ياكى سودا – سېتىق ئادىتىگە ئاساسەن ئىستىمالچىلارغا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بىرىش مەجبۇرىيىتى بار بولغان بولىدۇ . گەرچە بۇ خىل مەجبۇرىيەت تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىق پۈتۈشۈلمىگەن بولسىمۇ ، بىراق تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىلىم – سېتىم توختامىنىڭ تۈزۈلىشىدىن باشلاپ ، بۇ خىل ئىلىم – سېتىم توختامىدىن پەيدا بولىدىغان مەجبۇرىيەت ئىلىم – سېتىم توختامىنىڭ تۈزۈلىشى بىلەنلا پەيدا بولۇپ بولغان . ئۇنىڭدىن باشقا ، تاللا بازىرى تاۋارنى ساتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن تاۋارنى ئىشلەپچىقارغۇچى ، تەمىنلەپ بەرگۈچىلەر بىلەن تېخىمۇ زىچ مۇناسىۋىتى بار . بىراق نۇربىيە ئىستىمالچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇشۇ تاۋارنىڭ سېتىلىشىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ھالقىسى بولۇپ ، مۇشۇ تاۋارنى ئىشلەپچىقارغۇچى ، تەمىنلەپ بەرگۈچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تاللا بازىرىغا سىلىشتۇرغاندا ئاجىز ئورۇندا دەپ قاراشقا بولىدۇ .

3. يۇقارقىلار يىغىنچاقلىغاندا ، تاللا بازىرىنىڭ نۇربىيەگە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بىرىشى تاللا بازىرى بىلەن نۇربىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىلىم – سېتىم توختامىدىكى قوشۇمچە مەجبۇرىيەت بولۇپ ، تاللا بازىرى نۇربىيەگە چوقۇم مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بىرىشى كېرەك .


تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى


http://www.kanunblog.com/

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-3 04:18 PM  


قانۇندىن مەسلىھەت سوراش تېلېفونى : 13999275440

ھەر بىر كۈن ئىنس

ئاكتىپ ئەزا

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3912
يازما سانى: 802
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7582
تۆھپە نۇمۇرى: 797
توردا: 6878 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2012-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 04:48:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوقۇم نەخلەشتۈرۈشى كېرەك . بۇ بىر ئاددىي ساۋاتقا ئايلىنىپ قالدىغۇ ھازىر .

كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5082
تۆھپە نۇمۇرى: 1049
توردا: 1734 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 04:52:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەقلەشتۈرىشى كېرەك ئەلۋەتتە، چۈنكى مۇكاپات چىققان قۇتا ئېغىزىغا قاراپ، زاۋۇت تەرەپ پارچە ساتقۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىدۇ.

گۇناھ ئوغول بالى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29188
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5147
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 2282 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 04:53:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر قاپ كاڭ ئۇستام ماركىلىق يىشىل چاي= 30يۈەن  ( توپ باھاسى )
بىر قۇتا كاڭ ئۇستام ماركىلىق يىشىپ چاي=3 يۈەن  ( پارچە باھاسى )
مۇكاپاتنى نەق مەيداندا ئاچمىسا، مال سىتىۋىلىپ ئەتىسى كەلسە بولمايدۇ.
نۇربىيەنىڭ تاللا بازىرىدىن مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بىرىشنى تەلەپ قىلىشى يوللۇق بولسىمۇ، ساتقۇچى بىر قۇتا يىشىل چاينى 3 يۈەنگە ساتقاندىن كىيىن، نۇربىيە بىلەن تاللا بازىرى ئوتتورىسىكى سودا مۇناسىۋىتى تۈگىگەن ھىساپلىنىدۇ.
لىكىن تاللا بازىرى يىشىل چاينىڭ ھەقىقىي ۋاكالەتچىىسى بولغان بولسا، ئاندىن نۇربىيەگە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈپ بەرسە، ھەم نۇربىيە تەلەپ قىلىشقا ھوقوقلۇق.
ئەگەر تاللا بازىرى ۋاكالەتچىىلكنى ئۈستىگە ئالمايدىغان پارچە ساتقۇچى بولسا، نۇربىيەنىڭ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بىرىشنى تەلەپ قىلىشنى قوللىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى پارچە سىتىشتا مالنى سىتىۋالغاندىن كىيىن، چىققان مۇكاپاتنى چوقوم ( شەھەر ) ناھىيدىكى بىۋاستە ۋاكالەتچىنى ئىزدەش كىرەك.
يەككە ھالەتتىكى پارچە سىتىش دۇكانلىرىغا نىسبەتەن، سىتىۋالغۇچىنىڭ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بىرىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋىلىشى يولسىزلىق ھىساپلىنىدۇ. نىمىشقا دىگەندە مۇكاپاتى يەككە تىجارەتچىلەرگە ئالدىن بىرىلمەيدۇ،  

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەسلىمە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-3 04:55 PM  


ئۇچقۇن: باشقىلارنىڭ رىزقىغا قول سىلىشتىن بۇرۇن، ئەتە قانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئويلىنىڭ باقدىڭمۇ ؟ مەن ھامان بىر كۈنى قىزلىق قىساسىنى ئالىمەن.  سىنىڭ قىزىڭنىڭمۇ ھەم ئىرىنىڭمۇ، قۇتلۇق توي كىچىسى ناھايىتى ئازابقا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4524
تۆھپە نۇمۇرى: 309
توردا: 681 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2012-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 05:01:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تاللا بازىرى نۇربىيەگە چوقۇم مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈپ بىرىشى كېرەك ، چۈنكى مۇكاپات ئېلىش ۋاقتى ئىچىدە ئاغزى ئېچىلغان

گۇناھ ئوغول بالى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29188
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5147
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 2282 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 05:01:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



نەقلەشتۈرىشى كېرەك ئەلۋەتتە، چۈنكى مۇكاپات چىققان قۇتا ئېغىزىغا قاراپ، زاۋۇت تەرەپ پارچە ساتقۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىدۇ.


ھازىر مالنىڭ توپ سىتىۋىلىش باھاسى كۈندىن- كۈنگە تىجارەتچىلەرگە ئۆسۆۋاتىدۇ، لىكىن پارچە ساتقاندا يەنىلا بۇرۇنقى باھادا سىتىۋاتىدۇ.
چوقوم نەقلەشتۈرۈپ بىرىش كىرەك دىيىلگەندە: توپ ساتقۇچىلار يەككە تىجارەتچىلەرگە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرمىسە، پارچا ساتىدىغان يەككە تىجارەتچىگە زىيان بولىدۇ.

ئۇچقۇن: باشقىلارنىڭ رىزقىغا قول سىلىشتىن بۇرۇن، ئەتە قانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئويلىنىڭ باقدىڭمۇ ؟ مەن ھامان بىر كۈنى قىزلىق قىساسىنى ئالىمەن.  سىنىڭ قىزىڭنىڭمۇ ھەم ئىرىنىڭمۇ، قۇتلۇق توي كىچىسى ناھايىتى ئازابقا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەردە خ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32640
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1000
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2012-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 05:12:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نەقلەشتۈرىشى كېرەك..

ئالاھىدە ئىلگىرلەش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1049
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8483
تۆھپە نۇمۇرى: 619
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 05:19:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلىسام يىڭى يىلدىن باشلاپ يەنە بىر بوتۇلكا كەلتۇرۇلسۇننى  ئەمەلدىن قالدۇرۋىتىدۇ دەپ ئاڭلىدىمغۇ بۇ راسمۇ.

دۇنيادا ھىچقانداق ئادەم ياش تۆكۈشۈڭگە ئەرزىمەيدۇ .ئەرزىيدىغان ئادەم سىنى ياش تۆككۈزمەيدۇ.

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10135
تۆھپە نۇمۇرى: 592
توردا: 7640 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2012-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 05:31:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنىڭغىمۇ سوت ئاچسا  چوڭ ئىشلاغا نۆۋەت تەگمەسمىكى ... باشقا يەگە باسىمۇ ئالماشتۇرۇپ بىرىىدۇ بولمىسا ...

ئىسلامىي رەسىملەر ئامبىرىغا مەھەممەت
بىر كىچىك تاش ئەينەكنى سۇندۇرۇشقا يىتەرلىك،
بىر ئىغىز گەپ يۈرەكنى ئاغرىتىشقا يىتەرلىك،
بىر نەچچە سىكونت ياخشى كۈرۈشكە يىتەرلىك.
بىر خاتا چۇشەنچە دوسلۇقنىڭ بۇزۇلىشىغا.

گۇناھ ئوغول بالى

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29188
يازما سانى: 863
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5147
تۆھپە نۇمۇرى: 252
توردا: 2282 سائەت
تىزىم: 2011-2-5
ئاخىرقى: 2012-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 06:11:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭ دۇكىنىمدىن سىتىۋالغان ئىچىملىك سۇدىن، مۇكاپات چىقىپ قالسا، مەن قەتئىي بەرمەيمەن. چۈنكى مەن بەرگىنىم بىلەن قۇتا ئىغىزىنى توپ دۇكىنىغا ئاپارسام، بەرگىلى ئۇنىمىدى ئەمەسمۇ؟

ئۇچقۇن: باشقىلارنىڭ رىزقىغا قول سىلىشتىن بۇرۇن، ئەتە قانداق ئىشنىڭ يۈز بىرىدىغانلىقىنى ئويلىنىڭ باقدىڭمۇ ؟ مەن ھامان بىر كۈنى قىزلىق قىساسىنى ئالىمەن.  سىنىڭ قىزىڭنىڭمۇ ھەم ئىرىنىڭمۇ، قۇتلۇق توي كىچىسى ناھايىتى ئازابقا قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدىڭمۇ؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش