بېھىشت ۋە دوۋزەخ
بېھىشت-دوۋزەخ تالاشۇر،تالاشماقتا بايان بار،
دوۋزەخ ئېيتۇر: مەن ئارتۇق مەندە فىرئون ھامان بار.
بېھىشت ئېيتۇر:نەدە سەن سۆزنى بىلمەي ئېتۇرسەن،
سەندە فىرئون بۇلۇرسە مەندە يۈسۈپ كەنئان بار.
دوۋزەخ ئېيتۇر:مەن ئارتۇق بېخىل قۇللار مەندە بار،
بېخىلالارنىڭ بوينىدا ئوتلۇق زەنجىر كىشەن بار.
بېھىشت ئېيتۇر:مەن .ئارتۇق پەيغەمبەرلەر مەندە بار،
پەيغەمبەرلەر ئالدىدا كەۋسەر ھۇر غۇلمان بار.
دوۋەخ ئېيتۇر:مەن ئارتۇق تەرسا،جوھۇت مەندە بار،
جوھۇت تەرسا ئالدىدا تۈرلۈك ئازاپ سۇزات(كۆيدۈرگۈچى) بار.
بېھىشت ئېيتۇر:مەن ئارتۇق مۆمىن قۇللار مەندە بار،
مۆمىنلەرنىڭ ئالدىدا تۈرلۈك نېئمەت ئەلۋان بار.
دوۋەخ ئېيتۇر:مەن ئارتۇق زالىم قۇللار مەندە بار،
زالىملارغا بىرۈرگە زەھەر-زۇقۇم مەندە بار.
بېھىشت ئېيتۇر:مەن ئارتۇق ئالىم قۇللار مەندە بار ،
ئالىملارنىڭ كۆڭلىدە ئايەت،ھەدىس قۇرئان بار.
دوۋەخ ئېيتۇر:مەن ئارتۇق مۇناپىقلار مەندە بار،
مۇناپىقلار بوينىدا ئوتتىن ئىشكەل-كىشەن بار.
بېھىشت ئېيتۇر:مەن ئارتۇق زاكىر قۇللار مەندە بار،
زاكىرلارنىڭ كۆڭلىدە زىكرى ئىلاھ سۇبھان بار.
دوۋەخ ئېيتۇر:مەن ئارتۇق بىنامازلار مەندە بار،
بىنامازلار بوينىدا يىلان بىلەن چايان بار.
بېھىشت ئېيتۇر:مەن ئارتۇق دىدار كۆرمەك مەندە بار،
دىدارىنى كۆرسىتەرگە رەھىم ئاتلىق رەھمان بار.....
--ئەھمەد يەسەۋى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-3 08:35 PM