|
|
|
|
《ئۇچ يىلدا تۆت دەرىجە ئۆستۈرۈلگەن 》 29 ياشلىق مۇۋەققەت ھاكىم قانداق 《كىسەل 》 سەۋەبىدىن ئىستىپا بەردى ؟
ئاپتۇرى: شىياۋ جىاڭ نەۋقىران تەرجىمە قىلغان
ئارقا كۆرنۈشى : <قىسقىچە تەرجىمىھال ۋەقەسى > سەۋەبىدىن ئەتراپتىكلەرنى غۇلغۇلا قىلىپ قىزىتىۋېتىشكە سەۋەپ بولغان خېبېي ئۆلكىسى گۇەنتاۋ ناھىيسىنىڭ 29 ياشلىق مۇۋەققەت ھاكىمى يەن نىڭنىڭ ۋەقەسىدە يېڭى بىر ئىش يۈز بەردى . يەنى _________ يەن نىڭ <كىسەل سەۋەبىدىن > گۇەنتاۋ ناھىيلىك پارتىكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ھاكىملىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىشنى تەلەپ قىلدى . خېبېي ئۆلكىسى خەندەن شەھەرلىك تاشقى تەشۋىقات ئىدارىسى مۇخبىرلارغا بۇ ئىشنىڭ راستلىقىنى دەلىلىدى .
شىنجىڭ گېزىتى باش ماقالىسدە : يەن نىڭ كەنىتنى ھۇددىگە ئالغان كادىرلىقتىن كىلىپ چىققان ، 20 يېشىدا مۇئاۋىن بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر بولغان ، ئۇچ يىل ئىچىدە تۆت قېتىم ئۆستۈرۈلۈپ ،جوڭگودىكى ئەڭ ياش ھاكىم بۇلۇش ئۈمىدى تۇغۇلغان . ئەمما دەرىجىسنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى بەك تىز بولۇپ كەتكەن ، ئوقۇش تارىخىدا بەكلا ساختىلىق بولغاچقا ،كىشلەرنىڭ توختماي گۇمانىنى قوزغاپ جامائەت پىكىرىنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. مۇشۇنداق سەزگۇر ۋاقىتتا يەن نىڭ تۇيۇقسىز <ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىستىپا بىرىپ >، بۇ ئىشنىڭ تىنجىتىلىشىغا يەنە تېخىمۇ كۆپ گۇمانلارنى كەلتۇرۇپ چىقارغان. كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش تۈزۈمى بويچە يەن نىڭ ھەر قېتىم دەرىجە ئاتلاپ ئۆستۈرۈلۈشتىن بۇرۇن ئاشكارىلاش كېرەك ، مۇشۇنداق ئاشكارىلاشنى قانداق ئېلىپ بارغان ؟ ئاشكارىلاش ئاممىنىڭ پىكىر ۋە گۇمانىنى قوزغىمىغانمىدۇ ؟؟ ئالاقىدار تارماقلار يەنە بۇ پىكىر ۋە گۇمانلارغا قانداق قارىغاندۇ ؟؟ كىشلەرگە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېنىق ئەمەس . <قىسقىچە تەرجىمىھال ۋەقەسى > كەلتۇرۇپ چىقارغان جامائەت پىكىرى ھادىسىسىدىن كۈرۋېلىشقا بولىدۇكى ، ئالاقىدار كادىرلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇشتىن بۇرۇنقى ئاشكارىلاش تەرتىۋىدە ئۇچۇر ئاشكارىلاش ئېلىپ بېرىلمىغان ، گۇمانلىق نوقتىلار كۆپ بولسىمۇ چوڭىنى كىچىكلىتىپ كىچىكىنى يوق قىلىۋېتىش ، باشقىچە پىكىردىكلەرنى تىنجىتىش ئارقىلىق كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتكەن. يەنە شۇ ئېنىقكى ، بۇ ئىشلار ئاشكارىلانغاندىن كىيىن ھەر قايسى جايلارنىڭ كادىرلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇشتىن بۇرۇنقى ئاشكارىلاش ئىشلىرىدىكى كوپلىگەن نوقسانلارمۇ تەڭ ئاشكارىلىنىپ چىققان .
بىرىنچىدىن ، ئاشكارىلاشنىڭ دائىرسى ھەر قايسى جايلاردا ئوخشاش ئەمەس ، گېزىت ، تىلۋۇزۇر ، رادىئو قاتارلىقلاردا ئاشكارىلاش ، ئورگان قورۇسىنىڭ ئېنىق كۇرۇندىغان ئورنىغا چاپلاش ئارقىلىق ئاشكارىلاش ؛ زىيارەت قىلىش راۋان بولمىغان ئۇرۇنلار ھۆكۇمەت تور پونكىتى ئارقىلىق ئاشكارىلاش ئېلانى چىقىرىش . يەنە ئاشكارىلاشنىڭ ۋاقتىمۇ قېلىپلاشمىغان ، چوڭچىڭ شەھىرى فۇلىڭ رايۇندا بىر قېتىملىق كادىرلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇشتىن بۇرۇنقى ئاشكارىلىشىدا يەتتە كۇنلۇك ئاشكارىلاش ۋاقتىنىڭ ئالتە كۇنى چاغانلىق دەم ئېلىش ئىكەنلىگىنى كىم ئويلىغان دەيسىز ؟؟ بىلمىدىمكى ، يەن نىڭنىڭ كادىرلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇشتىن بۇرۇنقى ئاشكارىلاش كونكىرىتنى زادى قانداق تەرتىپ بويچە ئېلىپ بېرىلغان ؟؟؟ ؟؟ ئىككىنچىدىن ، كادىرلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇشتىن بۇرۇنقى ئاشكارىلاشنىڭ مەزمۇنى بەك يىغىنچاق ، قىسقا ، پۈچەك ،مەنىسىز بولۇپ، ئىسىم - فامىلسى ، يېشى ، ئوقۇش تارىخى قاتارلىقلاردىن باشقا قىممىتى بار ،كۈرۈشكە ئەرزىيدىغان باشقا ئۇچۇرلارنى كۈرۈش ئىنتايىن تەس بولغان . يەن نىڭنى مىسالغا ئالساق ياپياش تۇرۇپلا دەرىجە ئاتلاپ ئۆستۈرۈلگەن ، قابىليىتى ھەممىنى بېسىپ چۈشۈشتىن باشقا ، خىزمەتتىكى ئەمىلى نەتىجىسى جەھەتتىمۇ ئاممىغا بىر چۈشەندۈرۇش بىرىشى ، چوڭ جەھەتتىن ئاشكارىلاپ نامايەن قىلىشى كېرەك ئىدى. كادىرلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇشتىن بۇرۇنقى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى كۈندىلىك كۈن تەرتىپكە كۈتۈرۈش كېرەك . يۇننەن ئۆلكىلىك پارتىكوم تەشكىلات بۈلۈمى كادىرلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇشتىن بۇرۇنقى ئاشكارىلىشىدا ھازىر ئۆتەۋاتقان ۋەزىپە مەزگىلدىكى خىزمتىدىكى ئاساسلىق ئەمىلى نەتىجىلىرىنى ئاشكارىلىغان ؛ نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتۇنۇم رايۇنى شىزۇيشەن شەھىرى كادىرلارنىڭ ئارتۇقچىلىغى ۋە يىتەرسىزلىكلىرىنى ، دىمكۇراتىك كۆرسىتىش ۋە سىناپ باھالاپ بىكىتىش نەتىجىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئاشكارىلىغان ؛ جېجىياڭ ئۆلكىسى شاۋشىڭ شەھىرى كادىرلارنى ئۆستۇرۇشتە كادىرلارنىڭ جۆرىسى ، ئاتا- ئانىسى ،پەرزەنتلىرى قاتارلىق ئائىلە ئەزالىرنىڭ جەمىيەتتىكى سالاھىيتىنى ئاشكارىلىغان ، بۇلارنىڭ خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ .كادىرلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇشتىن بۇرۇنقى ئاشكارىلاشنى تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ ، ئۇچۇر مەزمۇنىنى تېخمۇ مول قىلىپ ، ئاممىنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ۋە قاتنىشىش ھۇقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش ، كادىرلارنى ۋەزىپىگە قۇيۇشتىن بۇرۇنقى ئاشكارىلاش تۇزۇم ئىسلاھاتىنىڭ يۈنۈلۈشى ھىساپلىندۇ .
مىسرانىم تەرجمە گۇرۇپپىسدىن نەۋقىران تەرجىمە قىلغان شىياۋ جىاڭ ئىمزالىقىدىكى بۇماقالە خەلق تورىنىڭ <كۆز قاراش 1+1> سەھپىسدىن ئېلىندى .http://opinion.people.com.cn/GB/8213/119388/index.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-3 04:15 PM
|
|
|
|
|
|