مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2628|ئىنكاس: 10

مىللىي مائارىپنى مىللىي مەدەنىيەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقۇزۇش ... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

گۈلىستان مۇنبىر

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51612
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3982
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 792 سائەت
تىزىم: 2011-8-14
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 02:45:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىللىي مائارىپنى مىللىي مەدەنىيەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك




ۋاڭ جۈن


(دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى مىللەت نەزەرىيەسى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى،  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتۇر يېتەكچىسى)



  يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ، ئېلىمىزنىڭ مىللىي مائارىپىدا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.  مەيلى ھەر دەرىجىلىك ھەرخىل مەكتەپلەر تەربىيەلىگەن ئادەم سانى جەھەتتە بولسۇن ياكى مائارىپنىڭ ئومۇمىي مۇھىتى جەھەتتە بولسۇن، ھازىرقى ئەھۋالنى ئىلگىرىكىگە سېلىشتۈرغىلى بولمايدۇ.  مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە مائارىپ ئومۇمىي سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئارقىلىق ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پەن- مەدەنىيەت ساپاسى ئۆسۈپ،  مىللىي رايونلارنىڭ ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى.  يېقىندا ئېلان قىلىنغان«دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا ، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلان پروگراممىسى 2010-2020»دا: «مىللىي مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش-  ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ   ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش،  ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە  زور ۋە چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. مىللىي مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ،  ئازسانلىق مىللەتلەر ۋە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن ئالاھىدە قىيىنچىلىق ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش لازىم» دەپ كۆرسىتىلدى.  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئاساسلانغاندا، ئاپتورنىڭ قارىشىچە، مىللىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك بىر مەسىلە شۇكى، ھازىرغىچە نۇرغۇن كىشىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە بولغان تونۇشى يېتەرسىز بولۇپ،  مىللىي مائارىپتىكى ئەسلى بار بولغان مىللىي مەدەنىيەت خاسلىقىغا تېگىشلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەن. بەزى كىشىلەرنىڭ نەزەرىدە، مىللىي رايونلارنىڭ مائارىپى دېگۈدەك قالاق رايونلارنىڭ مائارىپى بىلەن پەرقسىز – ئوخشاش بولۇپ،  مىللىي مائارىپنى ئادەتتىكى پۇقرالار مائارىپىغا تەڭ ھېسابلايدۇ، بەزىلەرنىڭ قارىشى ئوبيېكتىپ بولمايلا قالماستىن،  بەلكى مىللىي رايونلارنىڭ مائارىپىغا نىسبەتەن ئاسانلا ئېغىر خەۋىپ پەيدا قىلىپ،  مىللىي مائارىپ ئىشلىرىنى ئارزۇيىمىزغا خىلاپ ھالدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىتىدۇ. ھەتتا ئېغىر بەدەل تۆلەتكۈزىدۇ.  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مىللىي مائارىپنىڭ مىللىي مائارىپ دەپ ئاتىلىشى، ئۇنى ئادەتتىكى مائارىپ بىلەن سېلىشتۈرغاندا،  مۇئەييەن پەرق بار،  بۇ خىل پەرق كۆپىنچە ھالدا تەربىيە قوبۇل قىلغۇچى ئوبيېكتىپلارنىڭ  خەنزۇ ياكى ئاز سانلىق مىللەت بولۇشىدا ئىپادىلەنمەستىن،  بەلكى ئىككى خىل مائارىپنىڭ مەزمۇنى ۋە مەدەنىيەت خاسلىقى جەھەتتىكى پەرقلەردە ئىپادىلىنىدۇ.  بۇ دېگەنلىك، ئادەتتىكى مائارىپ ،  مەدەنىيەت جەھەتتە مەلۇم ئالاھىدە مىللەتنى ئويلىشىشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس،  ھالبۇكى، مىللىي مائارىپ مەلۇم مىللەت ياكى مىللىي رايونلارنى ئوبيېكىت قىلىدۇ،  مائارىپ مەزمۇنى ۋە شەكلى جەھەتتە،  بۇ مىللەت ئاممىسىنىڭ مىللەت ، مەدەنىيەت ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئويلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنى دۆلەتنىڭ ئوخشاشلا مەجبۇرىيەت مائارىپى ، دۆلەت بىرلىككە كەلتۈرگەن ئوقۇتۇش پروگراممىسىنىڭ تەلىپى بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ئازسانلىق مىللەت ۋە مىللىي رايونلارنىڭ مەدەنىيەت پەرقىنى تولۇق ئويلىشىش لازىم. ئازسانلىق مىللەت بالىلىرى بىلەن خەنزۇ بالىلىرىنى سېلىشتۈرغاندا، ئۇلارنىڭ ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى مەدەنىيەت تەربىيەتەسىرى ۋە تىل ئاساسىي ئوخشىمايدۇ. بۇ، بىزدىن مائارىپنى يولغا قويغاندا، ئېھتىياتچان پوزىتسىيە ۋە ئىلمىي ئۇسۇل قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ. پەقەت بۇ پەرققە ئەھمىيەت بېرىپ،  بۇ پەرقنى تەتقىق قىلىپ، بۇ پەرقتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەھۋالغا قاراپ يېتەكچىلىك قىلغاندىلا،  ئاندىن مىللىي مائارىپتا ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىشنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرگىلى، مىللىي مائارىپنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ.  قىسقىچە ئېيتقاندا، «مائارىپ يىرىك پىلان پروگراممىسى»نى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،  مىللىي مائارىپنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى،  مىللىي مائارىپنى مىللىي مەدەنىيەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقۇزۇش لازىم.  ئۇ پەقەت تارىخنىڭ تەلىپى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى رېئاللىقنىڭ تەلىپى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ تەلىپى.

مىللىي مائارىپنى مىللىي مەدەنىيەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقۇزۇش- تارىخنىڭ تەلىپى

ئېلىمىز مىللىي رايونلار مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئازسانلىق مىللەتلەر ئولتۈراقلاشقان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ھەم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن خاس مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن.  ئېلىمىزنىڭ ئازسانلىق مىللەتلىرى كۆپىنچە تاغلىق ۋە قاتناش قۇلايەسىز ، چەت-يىراق رايونلاردا ئولتۈراقلاشقان.  تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ناچارلىقىدىن باشقا، قارلىق دالىلار، ئېگىز تاغلار، ئوتلاق، چۆل-جەزىرىلەر، قۇملۇق قاتارلىق ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك يەر تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى، ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىغا،  تىرىكچىلىك شەكلىگە ۋە خاس مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.  بولۇپمۇ ئۆتمۈشتىكى ئۇزاق دەۋرلەردە، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ھەر بىر مىللەت ئۆزىگە خاس تىل –يېزىقنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي،  بەلكى ھەر بىر مىللەت ئوخشاش بولمىغان ئۆرپ-ئادەت، دىن ئېتىقادى،  قىممەت قارىشى، پىسخىك ئالاھىدىلىك، ئەدەبىيات –سەنئەت،  تەنتەربىيە پائالىيىتى ، ئويۇن ئويناش شەكىلىرى قاتارلىقلاردا  ئالاھىدە مىللىي مىجەز –خاراكتېرنى شەكىللەندۈرگەن.  بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئوخشىمىغان مىللەتلەر ۋە ئوخشىمىغان مىللىي رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەر خىل ئالماشتۇرۇش كۈنسايىن كېڭىيىپ، مىللەتلەر ۋە رايونلار  ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تەرەپلەر  كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. بىراق ، كۆپلىگەن ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى رېئاللىقىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.  مىللىي مەدەنىيەت بىر تارىخىي كاتېگورىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن،  قىسقا مەزگىل ئىچىدە يوقۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس.  چۈنكى، ئۇ مەلۇم دەرىجىدە كىشىلەرنىڭ ياشاش قورالى ۋە تۇپرىقى ھېسابلىنىدۇ.
بىراق، ھازىر بەزى مىللىي رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ھەتتا ئالىي مائارىپىدا مىللىي مەدەنىيەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش ۋە ھەل قىلىش مەسىلىسى جەھەتتە كىشىنى رازى قىلىش دەرىجىسىگە يەتمىدى.  ئۇنىڭدىكى مۇھىم مەسىلە ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئوبيېكتىپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەسلىك ياكى مەجبۇرىيەت مائارىپى، كەسپىي مائارىپ ، ئالىي مائارىپنى مىللىي مەدەنىيەت بىلەن ئۆزئارا مۇناسىۋەتسىز نەرسە دەپ قاراشتىن ئىبارەت.  ئاپتورنىڭ قارىشىچە،  بۇنداق خاتا تونۇش ئادەتتە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتنىڭ ئورگانىك بىرىكىشىنى قىيىنلاشتۇرۇپ، ھەتتا ئىككىسى  ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت سۈركىلىشىنى چوڭايىتىۋېتىدۇ.  بۇلار ھەمىشە ئوبيېكتىپ جەھەتتە مائارىپ سۈپىتىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىللە، مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنى ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئۇنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى شۇكى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت قەۋەتلەنگەن ۋە ئۇچراشقاندا پەيدا بولغان زىتلىق ۋە چەتكە قېقىش ھادىسىسىدۇر. تىلنى مىسالغا ئالساق، كۆپىنچە ئازسانلىق مىللەت بالىلىرى باشلانغۇچ مەكتەپكە ، ھەتتا ئوتتۇرا  مەكتەپكە كىرگەندىلا، ئاندىن خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەسلىدىكى تىل تاۋۇشى ،سۆز مەنىسى، گرامماتكا تۈزۈلۈشى ۋە تىل ئىپادىلەش جەھەتتە، خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە مەلۇم تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا،  ئككىنچى تىلغا ئادەتلىنىشتە، ئەگەر ئەسلىدە ئىگىلىگەن ئانا تىلدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلانمىغاندا، چۈشىنىش ۋە ئىگىلەشكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، لاياقەتلىك «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسى ۋە مۇنەۋۋەر « قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسى يەنىلا بۇ رايونلاردىكى سەرخىل ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم شەرتىدۇر. ئوخشاشلا، تىل-ئەدەبىيات، جۇغراپىيە، تارىخ قاتارلىق ھەرقايسى پەنلەرنى ئۆگىنىشتە، بالىلاردىكى ئەسلى بار ئۇقۇم (چۈشەنچە) بىلەن كېيىنكى مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ بىردەك بولۇش-بولماسلىقى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە ، بۇ خىل تەسىر ئىككى خىل بولىدۇ. ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسى بىردەك بولسا ، بىر قەدەر زور ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھالىبۇكى، ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسى زىدىيەتلىك بولسا، ئوڭايلا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.  شۇڭا،  مەكتەپ تەربىيەسى بىلەن مىللىي مەدەنىيەتنىڭ پەرقى ۋە ئوخشاشلىقى ئۈستىدە ئىزدەنگەندە ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغاندا، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ پايدا-زىيىنىنى تەھلىل قىلىپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قنلدۇرۇپ، يېتەرسىزلىكتىن ساقلىنىش ـ مىللىي رايونلار مائارىپىنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كاپالىتىنىڭ بىرى. بىراق،  قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مىللىي مەدەنىيەتكە كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىش پوزىتسىيەسىنى تۇتقاندا، مائارىپنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا ياردەم قىلغىلى بولمايدۇ.  چۈنكى، ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدە مۇھىتى ۋە مىللىي مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا شەكىللەنگەن بولۇپ، بىر خىل ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت.  شۇڭا،  بىزنىڭ مىللىي مائارىپىمىز جەزمەن تارىخقا ھۆرمەت قىلىشى، تارىخنى تەتقىق قىلىشى، تارىخنى بۈگۈنكى مائارىپ ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشى لازىم.

مىللىي مائارىپنى مىللىي مەدەنىيەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقۇزۇش ـ رېئاللىقنىڭ تەلىپى

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ،  شىزاڭ،  يۈننەن،  گۇيجۇ، سىچۈەن، گەنسۇ، چىڭخەي، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق كۆپلىگەن ئازسانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا يەنىلا قويۇق ئازسانلىق مىللەت مەدەنىيىتى ساقلانماقتا، ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئازسانلىق مىللەت تىلىنى (ئۆز تىلىنى) قوللانماقتا.  بولۇپمۇ بەزى ئازسانلىق مىللەت ئاھالىلىرى نىسبىتى كۆپرەك مىللىي رايونلاردا مىللىي تىل، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەتلەر مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ.  ئۇ يەرلەردە ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان تىل ۋە كىشىلەر ئالاقىلىشىدىغان تىل، ئاساسەن ئازسانلىق مىللەت تىلىدۇر.  مەكتەپ تەلىم-تەربىيەسى جەريانىدا مىللىي تىل كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدۇ. بۇ رايونلاردىكى بالىلار تۇغۇلۇپلا ئازسانلىق مىللەت تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرۇشىدۇ،  بالىلارنىڭ تونۇشى،  چۈشەنچىسى،  ۋە تەپەككۇرى تەبىئىيي ھالدا مىللىي تىل ۋە مىللىي   مەدەنىيەتنىڭتەسىرىگە ئۇچرايدۇ،  ئۇلار ئاتا-ئانىسى ۋە ئەتراپتىكى دوستلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشتا ، چوڭلار ئارقىلىق ئېرىشكەن ئەڭ دەسلەپكى ئائىلە تەربىيەسىدە، مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى روشەن ئىپادىلىنىدۇ . ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشى ئانا تىلنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مۇزىكا، گۈزەل-سەنئەت، تەنتەربىيە ، تارىخ ، جۇغراپىيە، بىئولوگىيە، فىزىكا قاتارلىق ھەرقايسى پەنلەر ئوقۇتۇشى،  مىللىي رايونلارنىڭ ئەمەلىيىتىدىن ئايرىلالمايدۇ، كۆپىنچە ئاز سنالىق مىللەت بالىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ تۇپراق  ئۇلار ئۇزۇن مۇددەت تۇرمۇش كۆچۈرگەن ۋە ئىشلىگەن جاي بولۇپ، مىللىي مەدەنىيەت ئۇلارنىڭ  تۇرمۇشىنىڭ بىرقىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن.         مىللىي رايونلارنىڭ ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتى بىرخىل ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەت. مىللىي مەدەنىيەت نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان شۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ بۇنداق مۇھىتقا ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلىشىشى، ئىزدىنىشى ۋە توپلىشى ئارقىلىق شەكىللەنگەن قىممەتلىك تەجرىبە ۋە بايلىقتۈر. مىللىي رايونلارنىڭ يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، يۈرۈش –تۇرۇشى، تىببىي دورا ئىشلىتىش، ئالاقىلىشىش شەكلى ۋە ھەرخىل ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ ھەممىسىدە مەلۇم مۇۋاپىقلىق بار.  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،  ئۇزاق مۇددەت تەرەققىيات ئارقىلىق، بۇنداق قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى قايسى بىر مىللەتنىڭ يىگانە بايلىقى بولماستىن، بەلكى مىللىي رايونلاردىكى ھەر قايسى مىللەت ئاممىسىنىڭ ئورتاق بايلىقى ۋە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىكى قورالىغا ئايلىنىپ بولدى.  مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھازىر ئېلىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى قايسى بىر مىللەتنىڭ يىگانە مەدەنىيىتى بولماستىن، بەلكى مۇئەييەن دەرىجىدە مۇشۇ رايونلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتىگە ئايلادى. شۇنىڭ ئۈچۈن،  مىللىي تىل بىلەن مىللىي مائارىپنى ئاددىي ھالدا مەلۇم بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېلىپ بېرىلغان تەربىيە دەپ چۈشىنىۋېلىشقا بولمايدۇ. مۇشۇ رايوندا ياشاۋاتقان ھەرمىللەت خەلقى مىللىي تىل ۋە مىللىي مەدەنىيەتنى تىرىشىپىپ ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشى لازىم. بۇ ھەم ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى«ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش»نىڭ مۇقەررەر يولى.  
مىللىي رايونلارنىڭ مائارىپىنى جەزمەن مىللىي مەدەنىيەت ئاساسىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش لازىم. چۈنكى، ئۇ «تەبىئىيي تەربىيە»نىڭ ئادەتتىكى قائىدىسىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ. بۇ قائىدىگە ئاساسەن، مۇزىكا ئۆگىنىشتە مۇشۇ مىللەتنىڭ مۇزىكا ئەنئەنىسى ۋە ھەۋىسىگە بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىپ،  شۇ يەرلىك خەلقنىڭ ناخشىسىدىن، مىللىي چالغۇلاردىن مۇۋاپىق پايدىلانغاندا، مەبلەغنى تېجەپ قالغىلى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بالىلارنىڭ تۇيغۇسىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۈرغىلى ۋە بىلدۈرگىلى بولىدۇ. ئوخشاشلا، بالىلارنىڭ مۇزىكىنى ياخشى كۆرۈش، مۇزىكا ئۆگىنىش ۋە مۇزىكىنى چۈشىننىشش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. تەنتەربىيە ئوقۇتۇش ۋە تەنتەربىيە سىنىقى ئېلىشتا، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ دەرس ۋە پائالىيىتىنى پۈتۈنلەي ئۆز پېتىچە قوللىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. قەدىمدىن بۇيان، مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ چىلىشىشى، زاڭزۇلارنىڭ تاغقا چىقىشى، چاۋشەن مىللىتىنىڭ ئىلەڭگۈچ ئۇچۈشى، مانجۇلارنىڭ مەرۇۋايىت توپ ئوينىشى قاتارلىقلار مۇشۇ ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تەنتەربىيە پائالىيىتى بولۇپ، ئەۋلادمۇ –ئەۋلاد بەدىنى ساغلام ياشلارنى تەربىيەلەپ كەلگەن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىتى ئادەم تەربىيەلەش،  مائارىپىمىزنىڭ ئىنتىلدىغىنى ھەرگىز شەكىل بىلەن ۋاسىتىنىڭ بىرلىكى ئەمەس، بەلكى مائارىپ ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆرۈشتىن ئىبارەت. شۇڭا، ھېلىقىدەك يېقىندىكىنى تاشلاپ، يىراققا ئىنتىلىدىغان ، تەپتەكشى مائارىپنى قوبۇل قىلىشغا بولمايدۇ. تارىخ ۋە جۇغراپىيە دەرسلىرىدە، ئوقۇغۇچىلارغا دۆلىتىمىز ۋە دۇنيانى توغرا چۈشەندۈرۈپلا قالماي، بەلكى جەزمەن مەكتەپ دەرسى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش ئارقىلىق، ئازسانلىق مىللەتلەرگە ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىي ۋە جۇغراپىيەسى ھەققىدە توغرا تونۇشقا ئىگە قىلىش لازىم. بولۇپمۇ چېگرا ھالقىغان مىللەتلەر ھەققىدە چېگرا سىرتىدىكى تەشۋىقات ۋە ئىنتېرنېت تورىدىكى ھەرخىل قاراشلار ياشلارنىڭ مىللەت قارىشى ۋە دۆلەت قارىشىغا ئاسانلا دەخلى يەتكۈزىدۇ ۋە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇلارنى پەقەت ئوبيېكتىپ ۋە توغرا تەربىيە ئارقىلىق يېتەكلىگەندىلا، ئاندىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا، قايىل قىلىش كۈچى بولغان تارىخ ۋە جۇغراپىيە ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنى تۈزۈش  مىللىي مائارىپتا كەم بولسا بولمايدۇ. خىزمەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا،  مىللىي رايونلاردىكى ياش ئەۋلادلار مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەيلى قانداق مەمۇرىي خادىملىق ۋەزىپىسى، ئوقۇتقۇچىلىق، ئادۋۇكات، دىننى باشقۇرۇش، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالسۇن ياكى سودا-تىجارەت، سۇغۇرتا، مەھەللە مۇلازىمىتى ، داۋالاش-سېستېرالىق، سانائەت، يېزائىگىلىك ئىشلەپچىقىرى ، پەن-تەتقىقا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە، يەرلىك ئازسانلىق مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ئازسانلىق مىللەتلەر تىلى،  ئۆرپ-ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە ئىگىلەش ئىنتايىن مۇھىم. باشقىچە ئېيتقاندا،  پەقەت مىللىي تىل ۋە مەدەنىيەتنى رېئال تۇرمۇشتا قوللىنىپ،  مىللىي مائارىپىمىز ھەققىدە مۇناسىپ ئويلىنىشنى كۈچەيتىشىمىز لازىم.  چۈنكى، ئۇ رېئاللىقنىڭ بىزگە قويغان ئوبيېكتىپ تەلىپى.

مىللىي مائارىپنى مىللىي مەدەنىيەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقۇزۇش – كەلگۈسىنىڭ تەلىپى

بىز ياشاۋاتقان دۇنيا مول، رەڭگارەڭ. بۇ مول، رەڭدارلىق  كەڭ جاھاندا نۇرغۇن ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، تاغ-دەريالار،  كۆللەرنىڭ  بولغانلىقىدا .  بىز ئىنسانلار تېخىمۇ مۆجىزىدار، ئىنسانلار ئوخشاش بولمىغان تېرە رەڭگى، ئىرق، مىللەت، مەدەنىيەت ۋە خىلمۇ-خىل مائارىپقا ئىگە بولغانلىقىدىن مۆجىزىدار ھېسابلىنىدۇ. دۇنيا ۋە ئىنسانلارنىڭ بۇنداق كۆپ خىللىقى بولغاچقىلا، بىز ئىسانلار چەكسىز ئىجادىيەت كۈچىگە ۋە گۈزەل، رەڭدار دۇنياغا ئىگە بولغان. شۇڭا، يەككە-يىگانە دۇنيا ھەرگىز كۆڭۆلدىكىدەك دۇنيا ئەمەس. يەككە-يىگانە مەدەنىيەتمۇ ھەرگىز كۆڭۈلدىكىدەك مەدەنىيەت ئەمەس. يەككە-يىگانە مائارىپمۇ ھەرگىز ياخشى مائارىپ ئەمەس. ھازىر ھەرقايسى ئەللەر مائارىپىدا بىر ئورتاق يۈزلىنىش مەۋجۇت. ئۇ بولسىمۇ مائارىپنىڭ كۆپ خىللىقىغا ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە كۈچەپ ئىنتىلىشتىن ئىبارەت. كۆپ خىللىق پەقەت ئىجادچانلىقنىڭ مۇھىم شەرتى ھەم ئىجادچانلىق قوغلىشىدىغان مۇقەررەر نەتىجە. ئىككىسى ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ھەربىر دۆلەت ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مائارىپ بايلىقىنى ئېچىپ ۋە كېڭەيتىپ،  ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ مول مائارىپ بايلىقىنى كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىر قانچە يىل ئىلگىرى ياپونىيە مائارىپ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى مائارىپ فاكۇلتېتىنىڭ بىر پروفېسسورى زىيارەتكە كەلگەندە، جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەت ئەقىل-پاراسىتىنى ھەمكارلىشىپ تەتقىق قىلىشقا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى سورىدى.  سەۋەب شۇكى،  ئۇلار «ئېلاستىكىلىق مائارىپ»دەپ ئاتىلىدىغان مائارىپ تەجرىبىسى ۋە تەتقىقاتىنى يولغا قويغان بولۇپ،  ئۇنىڭ مەقسىتى  بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ ئىجادچان تەپەككۇرنى يېتىلدۈرۈش ئىكەن.  ئاددىي ئېيتقاندا، ئەنئەنىۋىي1+1دەك پورمىلىلاشقان ۋە ئۆلچەملەشكەن تەپەككۇر ئەندىزىسىنى تاشلىۋېتىشتىن ئىبارەت.  مەسىلەن: بىر ئادەمگە بىر ۋېلىسىپىتنى قوشقاندا،  ئاددىيلا ئىككىگە تەڭ بولمايدۇ ياكى بىر ئادەم ۋە بىر ۋېلىسىپىت بولىدۇ. ھالبۇكى، بىر ئىستاكان سۇغا بىر ئىستاكان تۇزنى قوشۇشتا،  بالىلار ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىسە،  تۇزنى ئىستاكانغا قويۇش جەريانىنى بىۋاسىتە كۆزىتىپ سىناپ كۆرىدۇ. مۇزىكا ئۆگىنىشكە كەلسەك،  بالىلارغا دۇنيادىكى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئاددىيلا ئۆگىتىش ۋە چۈشەندۈرۈپ قويۇش بولماستىن ، بەلكى بالىلارنى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ناخشا ۋە مۇزىكا ئەسەرلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ۋە چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، يەتتە نوتا بەلگىسىدىن تۈزۈلگەن ئېسىل مۇزىكا دۇنياسىغا كىرىپ، مول تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىنى بايقايمىز.
يۇقىرىقى مەنىدىن ئېيتقاندا، دۆلىتىمىز 56 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، رەڭدار مىللىي مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ، بۇلار غايەت زور بايلىق ۋە قىممەتلىك تارىخىي مىراستۈر.  نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ بۇنداق بايلىققا كۆزى يەتسىمۇ ، قولى يەتمەيدۇ. تەنتەربىيە ئوقۇتۇشىنى مىسالغا ئالساق، ھەربىر مىللەتنىڭ ۋە رايوننىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەنتەربىيە تۈرلىرى بار. مەسىلەن: لىزۇ مىللىتىنىڭ بامبۇكتىن سەكرەش، تۇجىيا مىللىتىنىڭ پوجاڭزا ئېتىش، موڭغۇللارنىڭ ئات بەيگىسى قاتارلىقلار. ھازىرغىچە ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى ئازسانلىق مىللەتلەر يەنىلا رەڭدار ئەنئەنىۋى يۈزنەچچە خىل تەنتەربىيە تۈرلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە.  ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،  بۇنداق كۆپ تەنتەربىيە پائالىيەت تۈرلىرى مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسىگە كىرگۈزۈلمىدى، خەلق ئىچىدىكى پائالىيەتلەردىمۇ يوقىلىۋاتماقتا. مەكتەپ تەنتەربىيەسىنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈشتە، ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرەش،  قورساق قاتلاش، ئۇزۇنغا يۈگۈرەش قاتارلىق بىر قانچە قوپال تۈرلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ.  ئاتالمىش ھازىرقى زامان مەكتەپ مائارىپىدا ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مول، رەڭدار تەنتەربىيە پائالىيىتى تۈرلىرىنى يەككە تۈرلەر ئىگىلىمەكتە.  چەتئەللەرنىڭ نەرسىلىرىنى ئۆگىنىشكە بولىدۇ،  بىراق ، مىللىتىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى يوقۇتۇپ قويۇشقا بولمايدۇ.  بىر مىللەت ۋە بىر دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ ئۇزاق تارىخىي ۋە مەدەنىيەت روھىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن،  بەلكى بۇ دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىنىڭ تۇپرىقىدۇر.  گەرچە مەكتەپلەر يولغا قويغان ئادەتتىكى تەنتەربىيە تۈرلىرىدە بەدەننى كۈچلەندۈرگىلى بولسىمۇ،  بىراق موڭغۇل مىللىتىنىڭ ئات مىنىش ۋە چېلىشىش ، زاڭزۇلارنىڭ تاغقا چىقىش، دۇڭزۇلارنىڭ مۇزىكىسىز خور ئوقۇشىنى ھازىرقى زامان مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئورۇنلىيالىشى ناتايىن.  بۇنداق خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بۇ مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى ۋە ئېسىل پەزىلىتىنى ئاپىرىدە قىلغان.  ئەگەر ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنمىسا ،  ئۇنداقتا، يېڭى بىر ئەۋلاد ياشلار ئەجدادلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخىي جەرياندا داۋاملىشىپ كەلگەن ئېسىل پەزىلىتى ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكىگە قانداق ۋارىسلىق قىلالايدۇ؟
ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيىتى بار. ئۇلارنىڭ شەكلى ۋە مەزمۇنلىرىنىڭ پەرقى كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،  مۇڭغۇللارنىڭ چىلىشىش پائالىتىيدىن باشلاپ دەيزۇ مىللىتىنىڭ ئۇسسۇللىرىغىچە، چاۋشيەن مىللىتىنىڭ ئىلەڭگۈچ ئۇچۈشىدىن دۇڭزۇلارنىڭ خور ئېيتىشىشىغىچە ھەممىسىنىڭ شەكىلىرى ھەرخىل بولۇپ،  بۇلار قارىماققا مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنسىمۇ،  بىراق، ھەممىسىنىڭ مۇنداق ئىقتىدارى بار: ئۇ بولسىمۇ شۇ مىللەتنىڭ قەدىمكى مەدەنىيىتىنى كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش ۋە يېڭى بىر ئەۋلادنى يارىتىشتىن ئىبارەت.  شۇڭا، مىللىي خاسلىققا ئىگە ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ـ مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ ۋە تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقى.  پەقەت ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلىغاندا، ئاندىن مائارىپنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى ، شەخسنىڭ ئىندىۋىدۇئاللىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى ھەقىقىي يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.  مائارىپىمىز ئىنسانىيەتنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتى ۋە پەن-تېخنىكىسىنى تارقىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ھەر بىر مىللەتنىڭ روشەن خاسلىقىنى ساقلىشى،  ئىلغار مەدەنىيەتنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،  ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مول ، رەڭدار مەدەنىيەت فورمىسىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش لازىم.  
21-ئەسىرگە كىرگەن بۈگۈنكى كۈندە،  ئىندىۋىدۇئاللىققا ، كۆپ خىللىققا ۋە ئىجادچانلىققا ئىگە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ـ دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر مائارىپىنىڭ ئورتاق غايەسى بولۇپ قالدى. ھازىرقى دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەر مائارىپىنى كۆزەتكەندە،  گەرچە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى نۇرغۇن مۇۋاپىق ئامىللارنى قوبۇل قىلىپ، مائارىپنى بىلىم تارقىتىش ۋە سىستېما شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتتە تاكامۇللۇق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ،  بىراق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بىرخىللىشىش ھەتتا ئۆلچەملىشىش يۈزلىنىشىنى ئاشكارىلىدى،  بۇنىڭغا قارىتا كىشىلەر : بۇنداق يەككە ۋە بىر خىل-ئوخشاش بولغان مەكتەپ مائارىپى كۆپ خىللاشقان ۋە مول خاسلىققا ئىگە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالارمۇ؟ دېگەن گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  گۇيا ئۆسۈملۈك-گۈل-گىياھ باغچىسىدەك ، ئەگەر رەڭگا-رەڭ گۈل سورتلىرى ۋە ئۆسۈش مۇھىتىغا قولاي شارائىت بولمىسا ،  ھەممە گۈللەر قانداقمۇ رەڭگا-رەڭ ھۆپپىدە ئېچىلالىسۇن؟ كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى،  يەككە-يىگانە ۋە ئۆلچەملەشكەن مائارىپ ،  ئىجادچانلىققا ئىگە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتەك تارىخ يۈكلىگەن ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالىشى مۇمكىن ئەمەس.
بىزنىڭ مىللىي مائارىپنى تەتقىق قىلىشىمىزدىكى مۇھىم بىر مەقسەت،  ھەرقاسى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىنى مەكەپ مائارىپ گۈلزارىغا كۆچۈرۈپ،  كۆپ خىللاشقان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى،  تېخىمۇ كۆپ رەڭدارلىققا تولغان مائارىپنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت.  بۇ، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى مۇرەككەپ ۋە قىيىن بىر ۋەزىپە.  ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېسىل مەدەنىيىتىنى رەتلەش-ئىلغاش ئارقىلىق،  مول مائارىپ ئامىلىرىنى ، كۆپ خىل ئەقىل- پاراسەتنى ۋە مائارىپ بايلىقىنى مائارىپ سىستېمىسىغا مۇۋاپىق بىرىكتۈرۈشكە بولامدۇ-يوق؟ مەكتەپلىرىمىزنى،  ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى ،  ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش ۋە تېخىمۇ كۆپ خىللاشقان تەرەققىيات ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولامدۇ-يوق؟ بۇلار مائارىپىمىزنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە مائارىپ مېخانىزمىغا نىسبەتەن قاتتىق بىر سىناق، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ئىجادچانلىققا ئىگە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشكە ۋە مائارىپنىڭ كۆپ خىللىشىشىغا بولغان زور خىرىستۈر.  

(«جۇڭگو مىللەتلەر مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق 11- سانىدىن ئابدۇۋېلى سۇلايمان تەرجىمىسى)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tumurkadiri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-3 02:46 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67303
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7753
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 716 سائەت
تىزىم: 2011-11-28
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 05:12:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللى مائارىپ......

كىملەرنىڭ ئەزىزلىرى كىملەردە خ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32640
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4006
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2012-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 06:08:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹قوش تىللىق مائارىپ››  مىللى مائارىپنىڭ گۈللەنگەن ئېلغار  شەكلىمۇ ئەمسە.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35883
يازما سانى: 396
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4668
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 413 سائەت
تىزىم: 2011-3-31
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 06:45:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ياغاچنى كەسكەن پالتىنىڭ سېپىمۇ ياغاچ›› ئىدى ، بىلىپ - بىلمەيلا ‹‹ئۆز گۆشىنى ئۆز يېغىدا قورۇش ›› تەك سەنەمگە دەسسەپ يۈرۋاتىمىز ، مىللىي مائارىپ توغۇرسىدا باشنى راۋرۇس بىر چايقىۋېتىپ ئويلىنىدىغان يەرگە ئاللىبۇرۇن كەلگەن  ...ئىشقىلىپ ئەھۋال خەتەرلىك ، قالغىنىنى ئۆزەڭلار ياخشىراق ئويلاپ بېقىڭلار ...

ھەر بىر تال گۈرۈچنىڭمۇ سورىقى قىلىنىدۇ !!!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13446
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5938 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 07:38:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ بىر تەرجىمە نۇسخا بولغانكەن مىللى مائارىپنى مىللى مەدەنىيەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارىتقۇزۇش دىگەن سۆزنىڭ ئىستىمال مەنىسى جۇڭگۇ مائارىپىنى جۇڭخۇامەدەنىيەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقۇزۇش دىگەنلىك.دۇنيادىكى ھەممە مىللەت ئۆز مەدەنىيىتىنى مىللى مەدەنىيەت دەپ ئاتايدۇ.مىللى دىگەنلىك ئۇيغۇر ياكى ئىسلام دىگەنلىك ئەمەس.
يۇقارقىلار مىنىڭ كالتە چۇشەنجەم ،ئەمدى ۋاڭ مۇدىر دوكتۇرىمىز دۇنيادىكى ھەممە مىللەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيىتقان بولسا مىنىڭ خاتادۇر ئىھتىمال.

يۇقىرغا قاراپ پى

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18610
يازما سانى: 1541
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3360
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 5970 سائەت
تىزىم: 2010-11-23
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 08:50:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەر بۇ ماقالنى مەركەزدىكى سۆزى ئۆتىدىغان بىرەر باشلىق يازغان بولسا مىللى مەدىنيەت ۋە مائارىپتىكى بەزى قالايمىقان خەقنى دوراش ئىشى بىر تەرەپ بولار ئىدى.بۇ ئەسەرنى يازغىنى بىر دوكتۇر ئوقۇتقۇچىكەن.شۇڭا مۇشۇ پېتىگە كىتاب يۈزىدە قالىدۇ،ئۇلار يېزىپ قويدۇ ،بىز ئوقۇپ قويمىز دىگەندەك.شۇڭا يەنىلا بىزنىڭ ھازىرقى بىردىن بىر مەدىنيتىمىزنى ۋە مائارىپىمىزنى مىللى مائارىپ مىللى مەدىنيەت سۈپتىدە قوغدىيالايدىغان «ئائىلە،يەنى ئۆي»دىن ئىبارەت سورۇنىمىز قالدى،شۇڭا تەربىينى ئۆزىمىز ئۆيدە ياخشى قىلايلى،مەكتەپكە كىرگۈچە مىللى يېزىق،تىلدىن باشقا ھەرقانداق چەتئەل تىلى بىلەن ئۇچراشتۇرمايلى.شۇنداق قىلغاندىلا بىزنىڭ كەلگۈسىمىزدىكى ئىز باسارلىرمىزمۇ كيىن ئۆز باللىرنى بىز نىڭ تەربىيە يولىمىز بويچە تەربىيەليەلەيدۇ،ھەم ئۆز مىللى خاسلىقنى تېخمۇ ساقلىيالايدۇ،بۇ ھەرگىزمۇ بېكىنمىچىلىك ئەمەس،چۈنكى يەتتە ياشتا مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ يەنىلا سىرىتقى دۇنيا بىلەن كەڭرى ئۇچىرشىدۇ،شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھەم ئائىلدە ھەم مەكتەپتە ھەممە جەھەتتىن تەربىيليسەكمۇ كىچىكمەيمىز.ھازىر بىر كىشىلىك خىزمەت ئۈچۈن مىللى مەدىنيتىمىزنى يوقاتساق كىين ئون ھەسسە بەدەل تۆلەپمۇ ئورنىىنى تولدۇرالمايمىز.

ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.

Ceddin deden neslin baban Hep

باش رەسىمى نىقابلانغان

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1686
يازما سانى: 3218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 58608
تۆھپە نۇمۇرى: 432
توردا: 2732 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 08:55:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35637
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3350
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2011-3-29
ئاخىرقى: 2014-12-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 08:56:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«مىللى مائارىپ »نى «مىللى خاسلىقى بولغان ،مىللەت مائارىپى»دەپ چۈشۈنىش كېرەك.ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇرچە،خەنزۇنىڭ خەنزۇچە،موڭغۇلنىڭ موڭغۇلچە مائارىپ ئەندىزىسى بولۇشى كېرەك .خەنزۇچە مائارىپتا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ،مەھمۇت قەشقىرى،...لەر بولمايدۇ.ئۇيغۇر مائارىپىدا كوڭزى جاناپلىرى بولمىغاندەك . موڭغۇل مائارىپدا چىڭگىزخاننى «قەھىرمان»دىسە،خەنزۇ مائارىپىدا ئۇنداق دىمەسلىكى مۈمكىن.56مىللەت 56گۈلغۇ؟گۈل دىگەن رەڭگارەڭ بولسا تېخمۇ گۈزەل بولدۇ.
ھەممە مىللەتنىڭ ئۆزنىڭ مىللى روھنى نۇرلاندۇردىغان مىللى مائارىپى بولسۇن!

دۇنياغا كۈلۈپ باق،دۇنيا ساڭا كۈلۈپ باقىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 70668
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3787
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 197 سائەت
تىزىم: 2011-12-17
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-3 11:39:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
lostba يوللىغان ۋاقتى  2012-1-3 05:12 PM
مىللى مائارىپ......

گەپنىڭ تېگىدە گەپ بار....

fanteken بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-4 12:17:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش