كوچا دوقمۇشىدا گېزىت-ژورنال ساتدىغان كىچىككىنە بوتكام بار ئىدى. بىر كۈنى كۈندىكى ئادىتىم بۇيىنچە سەھەر كىلىپ دۇكاننى ئېچىپ ژورناللارنى رەتلىگەچ رەدىئو ئاڭلاپ ئولتۇراتتىم. ئۇزۇن ئۆتمەي بىر قىز كەلدى.
_ھەدە، تېلفۇن ئۇرۋالسام بۇلامدۇ؟
_ئۇرۇۋېرىڭ، تېلفۇن ئۇچۇق... قىزنىڭ سۇئالىغا بېشىمنى كۆتۈرمەستىن جاۋاب بىرىپ ئۈزەمنىڭ ئىشىنى قىلىۋەردىم.
قىز سەل جىددىلىشىپ قالدىمۇ قانداق، تېلفۇننى ئۇرۇپ بۇلۇپ يەنە تىزلا تۇرۇپكىنى قۇيۋەتتى. ئىككىنچى قېتىمدا تېلفۇن ئۇلانغان بولسا كېرەك، دۇدۇقلاپراق سۈزىنى باشلىدى..
_ ئەسسالام ئەلەيكۇم! ئانا...مەن ئاينۇر،قانداق ئەھۋالىڭ، ياخشى تۇرۋاتامسەن؟؟... مەن، دادام، ئۇكام ھەممىمىز ياخشى تۇردۇق. دادام ھەر كۈنى يەنە شۇ ئېتىزنىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش، شۇنسى مۇشۇ يېقىندىن سەل يۆتۈلدىغان بولۇپ قالدى.. ئىنىم كۈندە مەكتەپكە بېرىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۇقۇشى شۇنداق ياخشى،ئۇ بۇ يىل ئەلاچى بولۇپ مۇكاپات ئاپتۇ....ئانا، مەنمۇ چوڭ بولدۇم، ئۈزەم پۇل تاپالايدىغان بولدۇم.ھازىر شەھەردە بىر ئاشخاندا ئىشۋاتىمەن. بۈگۈن دەم ئالغانتىم، سىنى سېغنىپ تېلفۇن ئۇردۇم...
تۈنۈگۈن تۇنجى ئايلىق مائاشىمنى ئالدىم.. ئېتىزغا خېمىيۋى ئوغۇت ئېلىشقا 100 كوي كىتدىكەن، يەنە دادامنىڭ دورا پۇلى، ئىنىمنىڭ ئۇقۇش پۇلى ئۈچۈن 100 كوينى قۇشۇپ ئۆيگە 200كوي ئەۋەتتىم. ئاشقان 100 كوينىڭ 40 كۇيغا ئۆزەمگە بىر كۆينەك سېتۋالدىم، رەڭگى شۇنداق چىرايلىق ، ماڭا بەك ياراشتى، كىيگەن ھالىتىمنى بىر كۆرسەڭ ئىدى ئانا، ھەيران قالاتتىڭ... ئاشقان پۇلنى يىغىپ قۇيۇپ دادامنى دوختۇرغا كۆرسىتەي دەيمەن..
قىزقىش بىلەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ. بېشىغا ياغلىق چىگكەن، يېزا قىزلىرغا خاس كىيىنگەن بۇ قىزغا سۈينىش بىلەن قاردىم . قىز كۆپ بولسا 15-16 ياشلاردا ئىدى . ھەي، كىچىككىنە قىز..... ئەمما ئەجەپلەندىم، تېلفۇندا قارشى تەرەپنىڭ گەپ قىلغىنىنى ھىس قىلغىلى بولمايتى... قىز داۋاملىق قىزىپ سۆزلىمەكتە.
_ ئالدىنقى كۈنى قوشنىمىزنىڭ ئۈيگە تېلفۇن ئۇرغان ئىدىم.دادام بىلەن ئۇكامنى چاقىرىپ قويدى. دادام تېلفۇننى ئېلىپ ئەھۋال سورىشىپلا يۆتلىپ كىتىپ تۈزۈك گەپ قىلالمىدى. دادام دىمىسىمۇ كۆڭلىدىكىنى بىلىمەن، مىنى جاپاغا قويدۇم دەپ كۆڭلى يېرىم ، ئەسلىدىنلا ئىشلەپ پۇل تېپشىمغا قارشى تۇرغان ئىدى. ئەمما مەنمۇ دادامنىڭ ئەشۇ ھالىغا قاراپ چىدىمىدىم.. خۇدايىم بۇيرىسا جىق پۇل تېپىپ دادامنى راھەت تۇرمۇش كۆرسەتسەم دەيمەن.. ئىنىم تېلفۇننى ئېلىپ ئۆيدىن خاتىرجەم بۇلشىمنى، دادامغا ياخشى قارايدىغىننى ئېيتتى، مەنمۇ ئۇنىڭغا ياخشى ئۇقىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنى ئاخىرغىچە ئۇقۇتىدىغىنىمنى ئېيتىپ خوشلاشتۇق.. كىچىككىنە تۇرۇپ شۇنداق ئىش بىلىدۇ بۇ.. لىكىن بۇنىڭمۇ دىلى سۇنۇق..ئۆيدىكى چېغىمدا دائىم ئەتگىنى تۇرۇپلا سىنى چۈشىدە كۆرگىنننى، سىنى، سىنىڭ ئەتكەن تامىقىڭنى بەك سېغىنغىننى ئېيتىپ يېغلايتى...مەنمۇ دائىم سىنى چۈشۈمدە كۈرىمەن، ئانا.. چۈشۈمدە سىنىڭ قۇچىقىڭدا تاتلىق ئۇخلايمەن، سەن چاچلىرىمنى سىلايسەن.. سىنى بەك سېغىندىم ،ئانا...
قىز يېغلاپ گەپ قىلالماي قالدى...
قىزنىڭ ھالىغا قاراپ ئېچىندىم..بىچارە قىز، ئانىسى كىچىككىنە قىزنى تاشلاپ نەگە كەتكەندۇ، ئاتا- ئانىسى ئاجىرشىپ كەتكەن بولغىيمىتى .. دىگەنلەرنى ئويلىدىم.
_ ئانا. ساڭا دىسەم تۈگمەيدىغان گەپلىرىم بار، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك سۆزلەي.. . ساڭا يەنە تېلفۇن ئۇرىمەن، ئۈزىڭنى ئاسرا ،ئانا... ئاللاغا ئامانەت!
قىز تېلفۇننى قۇيۇپ كۆز ياشلىرنى ئالدىراپ سۈرىتتى.
_ھەدە، قانچە پۇل بولدى؟
_ توختاڭ ھە..
تېلفۇننىڭ ئىكرانىغا قاراپ، ھەيرانلىقتىن تۇرۇپ قالدىم.. تېلفۇن ئۇلانمىغان ئىدى.. ئەجىبا قىز..
_ تېلفۇنىڭىز ئۇلانماپتۇغۇ، نۇمۇر باسقانمىتىڭىز يا؟؟
قىز ئوڭايسىزلانغىندىن يەرگە قاراپ پەس ئەۋازدا سۆزلىدى.
_ بىلىمەن، مەن ئانامغا تېلفۇن ئۇرغان ئىدىم، ئانام بۇ دۇنيادا يوق.. ئۇنىڭ بىلەن بەك پاراڭلاشقۇم كەلدى....
قىزنىڭ يېغىدىن قىزارغان كۆزلىرگە قارىدىم.. شۇ چاغدىكى ھىسياتىمنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش قىيىن...
ئانا مىھرىگە تەشنا قىز.... كۆزلىرىمگە ياش كەلدى..
_ قانچە پۇل؟ ... قىز سۇئالىنى تەكرالىدى..
_ بولدى كىتىۋىرىڭ، بەرىبىر پۇل چىقماپتۇ..
...شۇ كۈندىن باشلاپ قىز ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى دۇكنىمغا كىلىپ تېلفۇن ئۇرۇپ ، كۆڭلىدىكى گەپلىرنى، دەرتلىرنى، خوشاللىقلىرنى سۆزلەيتى...
بۇ تېلفۇن قىزنىڭ ئانىسىغا، جەننەتكە ئۇرۇلغان تېلفۇن ئىدى......
مەنبە: مامكاپ خاتىرسى..
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مامكاپ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-3 12:57 AM