|
|
|
|
تـەنـھـا ھـېـسـلار
باھارگۈل موسا
1
ۋىسال چۈشلىرىدە ئەللەيلىنىۋاتقان خىيالى تۇيغۇلىرىم ئارا ، خىيال ئالىمىدىكى سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان دەقىقىلەردە ، ۋۇجۇدۇمنى سىماب كەبى ئېرىتىۋەتكۈدەك ئوتلۇق قاراشلىرىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەي قەدەملىرىمنى تېز - تېز يۆتكەپ ، يانداپ ئۆتۈپ كېتىشكە مەجبۇرمەن . سەندىن ئايرىلىشقا قىيالماي مېنى دەممۇ - دەم كەينىمگە قاراشقا دەۋەت قىلىۋاتقان شەيتانى ھېسلىرىم سەندىن ئەھۋال سوراشقا ئۈندەيدۇ . لېكىن ئوتلۇق كۆزۈڭگە تىكىلگەن
ئەشۇ دەقىقىدە ، مىسكىن كۆزلىرىمگە تولغان نادامەت يېشىنى كۆرۈپ مەغرۇر كۈلۈمسىرەشلىرىڭنى كۆرۈپ قېلىشتىن
قورقىمەن ...
چۈنكى سەن مېنىڭ بىغۇبار ، ساپ تۇنجى مۇھەببىرىمنى ئەقىل كۆزلىرىنى خىرەلەشتۈرگۈچى سېھرى - ئەپسۇنلىرىڭ
بىلەن ئالداپ ، ساختا سۆيگۈ قەسىرىڭگە مەھكۈم قىلىپ ، قەلبىمگە تۈگىمەس ھەسرەت - نادامەت ئوتلىرى يېقىشقا قادىر بولغان غالىپ كىشى سەن . مەن سەندىن ئېرىشەلمىگەن پاك سۆيگۈگە سېنىڭ ئالدامچىلىقىڭنى دەستەك قىلىپ ،
شۇنچە ئاسانلا ئېرىشىۋالغىنىڭنى ئويلىغىنىمدا ئۆزەمنىڭ تولىمۇ ئاجىزلىقىمنى ھېس قىلىپ خۇرسىنىمەن .
سېنىڭ بىپەرۋا ، مەغرۇر كۆزلىرىڭگە قاراش ماڭا نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن ؟
چۈنكى سەن بىر غالىپ كىشىسەن ...
2
بۇلاقتەك كۆزلىرىڭگە تىكىلگىنىمدە ، كۆزلىرىڭدىن چاقناپ چىققان ھېسلىرىمنى سۆيگۈ ئالىمىدە پەرۋاز قىلدۇرۋاتقان ئەشۇ مىنۇتلاردا مەن قۇدرىتى ئۇلۇغ سۆيگۈ ئىلاھىدىن سېنىڭ قەلبىمنى سېھىرلىگۈچى بىر جۈپ كۆزۈڭنىڭ غايەت زور قاينىمىغا مېنى ئۆز باغرىغا سۈمۈرۈپ كېتىشىنى تىلەيمەن .
بېلىق بۇلۇپ تىنىق كۆللىرىڭدە ئەبەدى ئۈزۈپ قالغۇم كېلىدۇ .
بىراق ...
3
ئىلاھى كۈيلەر ئەۋجىدە پەرۋىشلىنىۋاتقان خىيال ئالىمىدە كۈلۈپ تۇرغان ئەتىرگۈل سىماسى . مەن ئۇنىڭ دىماغلارنى سېھىرلىگۈچى پۇراقلىرىغا ناھىل بۇلۇشنى ، شەپەق نۇرىدا جۇلالىنىپ تۇرغان نازۇك بەرگىنى مەڭزىمگە يېقىشنى ئىزدەپ
قۇلۇمنى سۇندۇم . ئويلىماپتىمەن . مەرۋايىتتەك شەبنەم تامچىلىرى يالتىراپ تۇرغان ياپراقلارنىڭ ئارىسىدىكى تىكەنلىرىڭنىڭ رەشىك ئوتىدا قۇلۇمغا خەنجەر ئۇرىشىنى ...
مەن قان تامچىلىرى ئوتقاشتەك جۇلالىنىپ تۇرغان بارماقلىرىمنى سىلىغىنىمچە ساڭا قارىدىم . سەن ئاستا ئىگىلىپ تاڭ شەپىقىدەك جۇلالىنىپ سېنىڭ بەرگىلىرىڭ بىلەن رەڭ تالاشقان قان تامچىلىرى ئۈستىگە سۆيۈپ قويدۇڭ .
كۈتمىگەندە كۆرسەتكەن ئىلتىپاتىڭدىن ئالەمچە سۆيۈنۈپ سېنى ئاۋايلاپ باغرىمغا باستىم . ئەسلىدە قەلبىڭدىمۇ بىر ئوت لاۋۇلدايدىەكن ئەمەسمۇ ؟...
4
سېنى ئويلاپ ھاياتىمنىڭ بىر بۆلىكىگە ئايلىنىپ كەتكەندەك ھەمىشە ئەسلىمەمدىن چىقمايسەن . ئەپسۇسكى ، ئەشۇ قارا ھىجراننى ماڭا راۋا كۆرگەن بولساڭ ھە ! سېنى ئۇنتۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمنى شامالغا ئۇچرىغان توزغاقتەك دەقىقە ئىچىدىلا يوق قىلىپ ، ئەسلىملىرىم ئىچىگە بۆسۈپ كىرگەندە ، ئاللادىن نىجاتلىق تىلەۋاتقان ئازغۇن كەبى سېنى ئويلىماسلىققا ئىمكانىيەت تىلەيمەن .
شېرىن چۈشلىرىمنىڭ تەكرارلىنىشىنى ئىستىسەممۇ ئازابلىرىمنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قېلىشتىن ئەنسىرەيمەن . نۇردىن ئايرىلغان قارچۇقلىرىمدىن سۆرىتىڭنى كۆرۈشكە ئىنتىلسەممۇ ئەمما ...
قەلب پىنھانلىرىمدىن چىققان تەنتەك ھېسلىرىم سەن تەرەپكە ئىنتىزار . كۆزلىرىم ساڭا تەلمۈرگەن تۇرۇقلۇق قارچۇغۇڭدىن سۆرىتىمنى كۆرەلمەيمەن ...
سۇئاللىرىم ھامان جاۋابسىز ، خۇددى ئۆزۈمدىن باشقا بىر سېنىڭ جاۋاب بېرىشىڭ راۋا بولمايدىغاندەك ...مەن ھامان ئاشۇ جاۋابسىز سۇئاللىرىمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىمەن !...
مەنبە : << ئاقسۇ ئەدەبىياتى >> ژۇرنىلى 2005-يىللىق 4-سانى 95-96- بەتلىرىدىن ئېلىندى
كومپىيوتېر ئالدىدا : لەيلى(مەن)
|
|
|
|
|
|