ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقىنىمىزدەك مۇنبەر سېستىمىسى ئالماشتۇرۇلۇپ نۇرغۇن تورداشلار ئەسلى ئۇسلۇبقا كۆنگەنلىكىنى ئېيىتقاندىن كېيىن بىز بىر قانچە كېچىلەرنى تەڭشەش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى مۇكەممەل بولغان بۇ سېستىمىغا ئېرىشتۇق.
تورداشلارنىڭ مەلۇم قىلغان خاتالىقلىرى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىندى،ياكى رەتلەپ ئوڭشالدى.
يەنىلا بۇ جەھەتتە بىزنى ئالاھىدە قوللىغان نۇرقۇت تور بېكىتىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.
بۈگۈن تورداشلارنىڭ مەلۇم قىلغان ئاخىرقى خاتالىق يەنى باش سۈرەت چوڭ چىقماسلىق تەكشى چىقماسلىق مەسىلسىنى تورلاردىن ماتېرىيال كۆرۈپ يۈرۈپ ئاخىرى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ھەل قىلدىم.
بىراق بۇرۇن يوللانغان بارلىق باش سۈرەتلەرنىڭ مەلۇم چەك بويىچە چىقىرىلماي قالغانلىقى سەۋەبلىك بارلىق تورداشلارنىڭ باش سۈرىتىنى قايتا يوللاشقا توغرا كەلدى..
ئۆزى باش سۈرەت ياسىيالايدىغان تورداشلار رەسىم كەڭلىكىنى 170 ،ئېگىزلىكىنى 200 قىلىپ ئىشلىسە دەل مۇۋاپىق بولىدۇ.
باش سۈرەت سىزنىڭ مۇنبەردىكى مەۋھۇم ئوبرازىڭىزنى تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلەپ بېرىدىغان بىر قورال.
تۆۋەندە باش سۈرەت چىقىرىش چىقىرىشنى بىلمەيدىغانلارغا دەرىسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتىمەن.
باش سۈرەت چىقىرىش ئۇلانمىسى -- بۇ يەرنى چېكىڭ
1 - قەدەم : باش سۈرەت چىقىرىش رامكىسىنى ئېچىش
مۇنبەر ئۈستى ئىستوندىكى باش سۈرەت چىقىرىش كۇنۇپكىسىنى بېسىش
تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن مۇنبەر باش بېتىدىكى تەڭشەك كۇنۇپكىسىنى بېسىپ
باش سۈرەت يېڭىلاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ كىرىسىز..
________
2- قەدەم :باش سۈرەتنى تورغا يوللاش
رەسىمدە ئىپادىلەنگەن 1 بولسا رەسىم تاللاپ چىقىرىشنى ،2 بولسا كامىرا چېتىغلىق ھالەتتە رەسىمگە تارتىشنى چۈشەندۈرىدۇ.
بىز 1- تۈر ئارقىلىق چىقىرىش ئۇسۇلىنى كۆرسەك، 选择图片 كۇنۇپكىسىنى باسساق مۇنداق كۆزنەك چىقىدۇ.
بۇنىڭدىن كومپىيۇتىرىمىزنىڭ مەلۇم يېرىدىكى رەسىمنى تاللاپ 打开 ئېچىشنى باسىمىز.
3- قەدەم مۇقۇملاش؛
رەسىمدىكى 1 بولسا باشقىدىن تاللاشنى ، 2 بولسا رەسىم چوڭ كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتىشنى 3 بولسا مۇقۇملاشنى,سېرىق كۆرسەتكۈچ ئارقىلىق رەسمگە ئېلىش رامكىسىنى چوڭ - كىچىك قىلىپ ئۆزگەرتەلەيسىز.
مۇشۇ مەشغۇلات تەرتىپى بويىچە باش ئۆزىڭىز ياقتۇرغان باش سۈرەتلەرنى چىقىرۋىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
باشقا دەرىسلىكلەر پات ئارىدا تورداشلار بىلەن بىرمۇ بىر يۈز كۆرۈشىدۇ.!
ئەسكەرتىش: سېرىق مەزمۇندىكى ،ياكى مۇنبەر تەلىپىگە ماس كەلمىگەن باش سۈرەت چىقىرۋالغانلارنىڭ ئەزالىق ھوقوقى قۇلۇبلىنىدۇ ياكى پۈتۈنلۈي ئۆچۈرۋىتىلىدۇ.
|