مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مۇخبىرى داۋىنچىغا زىيانكەشلىك قىلمىغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى
جۇڭگو خەۋەرلەر تورى 1 – يانۋار تېلېگراممىسى . «ساختىلىق دىلوسى» غا چېتىلىپ قالغان داۋىنچى ئائىلە سايمانلىرى شىركىتى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ ئۆزلىرىنى قاقتى – سوقتى قىلدى ، دىگەنىدى . جۇڭگو تور تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 1 – يانۋار مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ھەپتىلىك سۈپەت دوكلاتى» پىروگراممىسىنىڭ مۇخبىرى لى ۋىنشۆنىڭ باياناتىنى ئېلان قىلدى .
باياناتتا لى ۋىنشۆ « ھەپتىلىك سۈپەت دوكلاتى » دا داۋىنچى ئائىلە سايمانلىرى شىركىتىنىڭ قىسمەن مەھسۇلاتلىرىدا ئىستىمالچىلارنى ئالدىغان قىلمىشىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ مەزمۇنىغا قارىتا مەسئۇل بولدىغانلىقىنى ، باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ داۋىنچى ئائىلە سايمانلىرى كارخانىسىغا زىيانكەشلىك قىلىمىغانلىقىنى ئېيتتى . فەنجۇاڭ شيۇخۇا نىڭ ئۆزىگە 1 مىليون يۈەن بەردىم دېگەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە ( مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى لى ۋىنشۆ نى دىمەكچى ) قىلىنغان قاراپ چاپلاپ تۆھمەت قىلىش ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ ھازىر ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلارنى توپلاپ ، قانۇنى ۋاستە بىلەن ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغدىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى .
بايانات مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە :
1. 2011 – يىلى 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ۋە 17 – كۈنى مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «ھەپتىلىك سۈپەت دوكلاتى» دا ئارقا – ئارقىدىن كۆرسىتىلگەن «داۋىنچىنىڭ مەخپى شىفىرى» ، « داۋىنچىنىڭ مەخپى شىفىرى 2» دىن ئىبارەت ئىككى پروگراممىدا ، مەن مۇشۇ ئىككى پروگراممىنىڭ تەكشۈرگۈچى مۇخبىرى بولۇپ ، يۇقارقى پروگراممىدا داۋىنچى ئائىلە سايمانلىرى شىركىتى نىڭ قىسمەن مەھسۇلاتلىرىدا ئەسلى ئىشلەپچىقىرىلغان جاينى ساختا مەلۇم قىلىش ، ئەسلى خام ئەشيانى ساختا مەلۇم قىلىش ، ساختا تەشۋىقات قىلىش قاتارلىق ئىستىمالچىلارنى ئالدىغان قىلمىشى ئاشكارىلانغان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يۇقارقى پروگىراممىدا شاڭخەي ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردىكى سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى ، شاڭخەي چىگرا پىريۇم كارانتىن تارماقلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىپ تەكشۈرۈش جەريانى كۆرسىتىلگەن بولۇپ ، مەن يۇقارقى مەزمۇننىڭ راستلقىغا قارىتا مەسئۇل بولىمەن . مەن باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ داۋىنچىغا زىيانكەشلىك قىلمىدىم .
2. فەنجۇاڭ شيۇخۇا ئالاقىدار ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ماڭا 1 مىليون يۈەن بەرگەنلىكىنى ئېيتتى ، بۇ پۈتۈنلەي ماڭا قىلىنغان قارا چاپلاپ تۆھمەت قىلىش بولۇپ ، مەن ھازىر ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلارنى توپلاپ ، قانۇنى ۋاستە بىلەن ھوقۇقۇمنى قوغدايمەن .
3. فەنجۇاڭ شيۇخۇانىڭ ئاتالمىش باشقا شىركەتلەرگە ئاممىۋى مۇناسىۋەت ھەققى بەرگەن ئىشى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز .
4. فەنجۇاڭ شيۇخۇا قاتارلىقلارنىڭ ماڭا قىلىنغان قاراپ چاپلاپ تۆھمەت قىلىشتەك قانۇنسىز قىلمىشنى دەرھال توختىتىپ ، تەسىرنى تۈگىتىپ ، ئەپۇ سورىشىنى تەلەپ قىلىمەن .
ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ يۇقارقى ئىككى پروگراممىنى يەنە بىر قېتىم ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن ، مەن پاكىت بىلەن سۆزلىدىم .
مەزكۇر دىلو توغرىسىدا قىسقىچە بايان
داۋىنچى ئائىلە سايمانلىرى دۆلىتىمىز ئىچىدىكى ئائىلە سايمانلىرى ئىچىدە يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە داڭلىق ماركىلارنىڭ بىرى بولۇپ ، 1994 – يىلى سىنگاپوردا دەسلەپتە پارچە سېتىش دۇكىنى بولۇپ قۇرۇلغان . ھازىر دۆلىتىمىز ئىچىدە يەتتە زەنجىرسىمان سېتىش دۇكىنى بار . 2011 – يىلى 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى داۋىنچى ئائىلە سايمانلىرى ساختا مال دىلوسىغا چېتىلىپ قالغان .
خەۋەردا بايان قىلىنىشىچە ، داۋىنچى ئائىلە سايمانلىرى ئالدى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭگۈەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئائىلە سايمانلىرى زاۋۇتىدا ياسىلىپ ، شىنجىندا چىگىردىن چىقىپ ئىتالىيىگە توشۇپ ئاپىرىلىدۇ . ئىتالىيىگە توشۇپ ئاپىرىلغاندىن كېيىن سىرتقى قىپى ئالماشتۇرۇلۇپ قايتىدىن پاراخوتقا بىسىلىپ جۇڭگو شاڭخەيگە توشۇپ ئەپكىلىپ دۆلەت ئىچى بازارلىرىغا توشۇپ سېتىلىدۇ ، دىيىلگەنىدى .
2011 – يىلى 9 – ئايدا داۋىنچى كارخانا مىكرو بلوگىدا ئۆزلىرىنىڭ ساختا مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغانلىقىنى ئىنكار قىلغان .
2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 1– كۈنى داۋىنچىنىڭ گۇاڭجۇ ، شاڭخەيدىكى دۇكانلىرى ۋاقتىنچە تىجارەتنى توختاتقان .
بىر نەچچە ئايلىق جامائەت پىكىرىنى بىشىدىن ئۆتكۈزگەن داۋىنچى 2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 19 – كۈنى شاڭخەي خۇاشەن يولىغا داۋىنچىنىڭ بىر تارماق دۇكىنى ئاچقان . شاڭخەي شەھىرى جىننىڭ يولىدىكى «بايراقدار دۇكىنى» بىزىلىپ بولغاندىن كېين تىجارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
2011 – يىلى 12 – ئاينىڭ 23 – كۈنى شاڭخەي شەھەرلىك سودا – سانائەتنى مەمۇرى باشقۇرۇش ئىدارىسى داۋىنچى ئائىلە سايمانلىرى پاي شىركىتىگە مەمۇرى جازا قارارنامىسى چىقارغان بولۇپ ، قارار مەزمۇنىدا : «مەھسۇلات سۈپىتى قانۇنى» غا ئاساسەن مەزكۇر شىركەت ئىشلاپچىقارغان قىسمەن ئۆلچەمگە توشمىغان ئائىلە سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرىنى مۇسادىرە قىلىش ھەمدە 1 مىليون 334 مىڭ 200 يۈەن (1334200 يۈەن) جىرىمانە قويۇش ؛ مەزكۇر شىركەتنىڭ سېتىپ چىقارغان مەھسۇلات بەلگىلىرىدىكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان قىلىشلىرىنى ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇش ؛ «ئېلان» قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئېلان تەشۋىقاتىدىكى ئۆلچەمگە توشمايدىغان قىلمىشىنى دەرھال ئېلان قىلىشنى توختىتىپ ، ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇشتىن ئىبارەت بولغان .
يۇقارقى مەمۇرى جازا قارارنامىسىگە قارىتا داۋىنچى شىركىتى قايىل بولماي مەمۇرى دەۋا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
تور مەنزىلى : قانۇن بلوگى
http://www.kanunblog.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-2 01:59 PM