سوتخانا
..............
سوت باشلاندى.
سوتچى: سىلەر سوتىمىزغا نېمە سەۋەپتىن دەۋا قىلىپ كەلدىڭلار؟
دەۋاگەر: تۇرمۇشتا چىقىشالمىدۇق. قانۇن بويىچە نىكاھتىن ئاجرىشىمەن.
جاۋابكار: تۇرمۇشتا چىقىشالمىغىنىمىز راس، لېكىن ئارىمىزدا بالىمىز بار، شۇڭا مەن ئاجرىشىشقا قوشۇلمايمەن. ئەگەر قەتئىي ئاجرىشىمەن دەپ قالسا بالىنى ئۆزۈم باقىمەن. مال - مۈلۈكنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ بەرسەڭلار.
................
سوتچى: مۇنازىرە باسقۇچى باشلاندى. قېنى تەرەپلەر دەۋا تەلىپىڭلارنى تولۇقلاپ سۆزلىسەڭلار بولىدۇ.
دەۋاگەر: مەن جاۋابكار بىلەن توي قىلغىلى ئىككى يىل بولدى. ئارىمىزدا بىر ياشقا كىرگەن ئوغلىمىز بار. بىز توي قىلىپ بىر يىلغىچە ياخشى ئۆتتۈق . لېكىن بىر يىلدىن كېيىن تۇرمۇشتا گېپىمىز بىر يەردىن چىققايدىغان ، ئۇ ھەدېسە مېنى تىللايدىغان بولىۋالدى. كۈندە جىدەل - ماجرا قۇرۇمىدى. مېنىڭ بۇنداق ئائىلىنى ئاخىرىنى چۈشۈرۈشكە كۆزۈم يەتمىدى. شۇڭا ئاجرىشىمەن. ئۆزۈمنىڭ مۈلكىنى ئۆزۈم ئالىمەن. ئورتاق مۈلۈكنى قانۇن بويىچە ئايرىپ بەرسەڭلەر....
جاۋابكار: بىزنىڭ توي قىلغىنىمىزغا ئىككى يىل بولغىنى راس. ئارىمىزدا بىر ئوغلىمىز بار. بىز دەسلەپ ياخشى ئۆتكەن. كېيىن تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلار تۈپەيلى ئارىمىزدا جىدەل كۆپىيىپ قالدى. دەۋاگەرنىڭ ئاغزى ئىتتىك، سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ سوقىشىدۇ. ئۆزىنىڭكىنى راس قىلىدۇ. مىنىڭ ئۇنى ئۇرغان يېرىممۇ يوق. شۇ بارى تۇرمۇشتىكى ئۇششاق جىدەللەر.... ھەدىسىلا يامانلاپ كېتىدۇ. ئارىمىزدا بالىمىز بار، مېنىڭ بالىنى كىچىك تۇرۇپلا يىتىم قىلغۇم يوق. ئەگەر ئاجرىشىشدا چىڭ تۇرۇۋالسا ، بالىنى ئۆزۈم ئالىمەن. ئۆزۈم تەربىيىلەيمەن. ....
دەلىل-ئىسپات: ئىككى پارچە نىكاھلىنىش گۇۋاھنامسى
سوتچى: سوت تەرەپلەرنىڭ كېلىشپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. تەرەپلەر ئوتتۇرۇڭلاردا بىر بالاڭلار باركەن، نىكاھتىن ئاجراشمايدىغانغا كېلىشەلەمسىلەر؟
دەۋاگەر: ئاجرىشىمەن. كېلىشكىدەك يېرى قالمىدى.
جاۋابكار: باشقا گېپىم يوق.
سوت يېپىلدى.
دەۋاگەر ، جاۋابكارلار سوت خاتىرىسىگە قول قويۇشۇپ، شۇنچە تاتلىق ھېسياتلار ، گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلارغا بۆلىنىپ ئالغان ئىككى پارچە توي كېنىشكىسىنى سوتچىغا قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى.
.....................
....سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق-تەلەپ ئىشلار ھۆكۈمنامىسى
مەھكىمىمىز قۇبۇل قىلغان نىكاھتىن ئاجرىشىش دېلوسىغا تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلىندى:
1.تەرەپلەر قانۇن بويىچە نىكاھتىن ئاجراشتۇرۇلدى.
2. تەرەپلەر ئوتتۇرسىدىكى بالا جاۋابكارنىڭ بېقىپ -تەربىيىلىشىگە قالدۇرۇلدى. دەۋاگەرنىڭ ئايدا ئىككى قېتىم كۆرۈش ھوقۇقى بار .
3. تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مال - مۈلكىنى ئۆزى ئالىدۇ. ئورتاق مال-مۈلۈكلەردىن دەۋاگەر....ئالىدۇ ، جاۋابكار... ئالىدۇ.
4. دەۋا چىقىمى 75 يۈەنگە جاۋابكار مەسئۇل بولىدۇ.
تەرەپلەر ئوتتۇرسىدە باشقا تالاش -تارتىش قالمىدى.
ئەگەر ھۆكۈمگە قايىل بولمىساڭلار 15ھۆكۈمنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە ...سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنساڭلار بولىدۇ.
سوتچى:.............
پۈتۈكچى: ...............
....يىل ....ئاينىڭ ...كۈنى
( تامغا )
تەرەپلەر ئاجراشتۇرۇلدى. ئۇگالىغا شۇ بالا قالدى. دېمەك ھۆكۈمنامە چىققاندىن كېيىن ئۇ مۇكەممەل بىر ئائىلىدە ياشاش ھوقۇقىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئايرىلدى.
بۇ ئاجرىشىش ئۈچۈن كەلگەنلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان ئەڭ ئاددى نىكاھتىن ئاجرىشىش ماجراسى دېلوسى . شۇنداق ، مۇشۇ كۈنلەردە ئاجرىشىش ئۈچۈن سوتخانىغا كەلگەنلەر كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ قانۇن سەۋىيىسى ئۆسۈپ كېتىپ بارامدۇ ياكى ئاجرىشىشقا كەلگەندە ، قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداشقا ئۇستا بولۇپ كېتىپ دۇ! بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەپچىس زادى نېمە؟ بالىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن كۆپلەپ يېتىملىك يولىغا تاشلىنىپ كېتىپ بارىدۇ؟ ئائىلەر نېمىشقا بۇزۇلۇپ كېتىپ بارىدۇ، كىم بۇنىڭ جاۋابىنى بىزگە ئېيتىپ بېرەر؟! شۇنداق ،بىز ھەممىمىز بۇنىڭ جاۋابىغا مۇھتاج، جاۋابىدىن بەكرەك ئوڭشايدىغان دورىغا مۇھتاج.....بەك مۇھتاج....
ياشتا چوڭ بوۋاي- مومايلارمۇ ئاجرىشىۋاتقان، نەچچە بالىسى بار ئوتتۇرا ياشتىكىلەر ئاجرىشىۋاتقان، يېڭى توي قىلىپ بالىلىق بولۇشقا ئۈلگۈرگەن ھەم ئۈلگۈرمىگەن ياشلار ئاجرىشىۋاتقان، ساخلارمۇ ئاجرىشىۋاتقان، كېسەللەر ، ئەر-ئايال ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارمۇ بالىسى تۇرۇپ ئاجرىشىۋاتقان...... بۇ جەمىيەت شۇنداق بىر قىل ئۈستىگە كېلىپ قالدىكى، تۈزىمىسە بولمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ قالدى. ئاجرىشىش بولۇپمۇ يولسىز ئاجرىشىشلار تۈپەيلىدىن بالىلارنىڭ يېتىملىك قاتارىغا قوشۇلۇشى ئېچىنارلىق ئىش .... شۇ سەۋەپتىن ئاتا-ئانىلار بالىلارنى نۇرغۇن ھوقۇقلىرىدىن مەزگىلسىز مەھرۇم قىلماقتا. دېسەك مىسال كۆپ..................
بىز ھەربىر ئىشىنىڭ جاۋابىنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئاندىن ئۆزگىدىن ئىزدىىشىمىز كېرەك. بۇ تۇرمۇشتا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە، يىتىمچىلىكنىڭ دەردىنى تارتىپ، بوينى قىسىلىپ، كۆزلىرىدىن ياش،يۈرىكىدىن قان ئېقىۋاتقان بالىلىرىمىز نۇرغۇن. ئارىمىزدا يەنە شۇنداق قەيسەر ئانىلار، قەيسەر دادىلار شۇ يالغۇز ھالەتتە بالىنى ئۆزى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇپ كېتىپ بارىدۇ. كۆزىمىز كۆرمىسىمۇ قۇلىقىمىز ئاڭلاپ تۇرىدۇ. يەنە شۇنداق ۋىجدانسىز، مەسئولىيەتسىز ئاتا بولغۇچى ھەم ئانا بولغۇچىلار بىر دەملىك ئاچچىق ۋە ياكى بىردەملىك كۆڭۈلنى دەپ شۇ بالىلىرىمىزنى يىتىملىك يولىغا تاشلاپ بەرمەكتە.....بىر كۈنلەردە ئۇلار پۇشايمان قىلغان تەغدىردىمۇ ئاللىقاچان كېچىككەن....
ھازىرقى جەمىيەتكە قارايدىغان بولساق، ئازراقلا چىقىشالمىسا ئۆزۈمنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئەتىمنى قوغدىمىسام بولمايدۇ، ياكى بولمىسا مەن بۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتالمىغىدەكمەن، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاخىرى چىقمايدىغان ئوخشايدۇ ، دەپ يۇقىرقى مىسالدەك سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ ئەرز سۇنۇپ ئاجرىشىدىغان ۋە ياكى كېلىشىپلا ئاجرىشىپ بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلىدىغان ئىشلار تولىمۇ كۆپىيىپ كەتتى. ئاجرىشىش دېلوسىنىڭ كۈنسىرى كۆپىيىشى بىزلەرنى ئېچىندۇرماي قالمايدۇ. ئاجرىشىشنىڭ ئۇگالىغا قالىدىغىنى يەنىلا شۇ بالىلار بولۇپ قالىدۇ. شۇ بالىلار ھەرقانچە ياخشى بېقىلسىمۇ ئاتا-ئانا مېھرىگە قانمىغان كۆڭلىنىڭ بىر يەرلىرى سۇنۇق بولىدۇ.....
كونىلاردا « نىكاھ بىلەن ئويناشماڭ، ئويلاشماستىن تويلاشماڭ » دېگەن گەپ بار. شۇنداق نىكاھ ئويۇن، چاقچاق ئەمەس، بىر دەملىك كۆڭۈل خوشى ئەمەس. بىر ئائىلىنى قۇرۇش دېگەنلىك ئەكىسچە يۈكسەك مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش دېگەنلىكتۇر. ئاتا بولغۇچى ئاتىلىق مەجبۇرىيىتىنى، ئانا بولغۇچى ئانىلىق مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئۆتىسە بۇ ئائىلىگە دەز كەتمەيدۇ، بۇ ئائىلىنىڭ بەختىنى ھېچكىم بۇزىۋىتەلمەيدۇ.
بىز ئادەملەر مەڭگۈ ئۆگەنگۈچى. بىز ھەربىر دەقىقىدە ياشاش ئۈچۈن تىپىرلىغان ۋاقىتتا ھاياتتىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگىنىمىز.... بېىشىدىن جىق ئىشلارنى ئۆتكۈزگىچىلەر بىزگە قانداق ياشاش يولىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بىز بىلمىگەننى ھېس قىلىپ يېتەلمىگەننى ئەنە شۇ بۇرۇنقىلارنىڭ ھاياتى بەدىلىگە كەلگەن تەجىربە - ساۋاقلىرى ئارقىلىق بىلىمىز ھەم چۈشىنىمىز. شۇنداق بولغانىكەن، بىز ئازراق خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ۋە ياكى باشقىلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە بىراقلا ئۈمۈدسىزلىنىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئادەم دېگەن ئەلۋەتتە تۇغۇلۇپلا ھەممە ئىشنى بىلىپ كەتمەيدۇ. شۇنداق بولغانىكەن نۇرغۇن ئىشلارغا سەۋر قىلىشنى ئۈگىنىۋىلىش بەكمۇ بەك مۇھىم. كونىلارمۇ « سەۋىرنىڭ تېگى ئالتۇن » دەپ بىكارغا ئېيتمىغان، ئاللاھمۇ سەۋىر قىلغۇچىلارنىڭ ئەجرىنى بېرىدۇ. نۇرغۇن ئىشلاردا بىز سەۋر قىلالىساقلا كۆڭۈل ئاغرىقى، بەختسىزلىك ، ئۇرۇش - جىدەلدىن ساقلىنىپ قالىمىز.
قۇياشمۇ ھەركۈنى نۇرىنى زىمىنغا چېچىپ ، يەنە ئۆز قەرەلىدە تاغنىڭ كەينىگە مۆكۈۋالىدۇ. قاراڭغۇلۇقتا بىز يەنە سەۋر قىلىپ ئەتىكى قۇياشنىڭ چىقىشىنى كۈتۈشكە مەجبۇر بولىمىز ، ئايمۇ ئون بەش كۈن بىزگە ھەمرا بولۇپ قويىدۇ. ئەتىسى ئەتتىگەندە ئوخشاشلا قۇياش يۈزىمىزنى سۆيۈپ، ئىللىق نۇرىنى زىمىنغا چاچىدۇ. شۇنداق ئەمەسمۇ نۇرغۇن نەرسىلەر تەڭشىلىپ ياراتقان. ھەممىسى بىزنىڭ بۇ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەمىزنىڭ، ئېتىقادىمىزنىڭ، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنىڭ قانداق بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك . بىر كۈن بولسىمۇ ئۆزىمىزگە ، ئائىلىمىزگە، ئاتا-ئانىمىزغا، ياراتقۇچىغا يۈز كېلەلىگىدەك ياشىيالىساق نەقەدەر ياخشى ھە؟
بىز ياشلار توي قىلىشقا ئالدىرىمايلى. ئالدىرىساقمۇ ئويلىشىپ قىلايلى. بىز ئويلاشماي باسقان قەدەملىرىمىزنىڭ ئۇگالىغا سۆيۈملۈك بالىلىرىمىز قالمىسۇن. شۇ بالىلارنى ئۆز قولىمىز بىلەن ئەستايىدىللىق بىلەن تەربىيىلەيلى. ھازىرقى بالىلارنى تەربىيىلەشكە كۆپ كۈچ كېتىدىغانلىقىنى زېھنىمىز ئوچۇق بىزلەرنىڭ ھەممىمىزگە ئايان. مەدەنىيەت گىرەلەشكەن، جەمىيئەت ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغان ، ئالاقە كۆپ خىللاشقان ھەم ئانا تىلىمىز ، ئۇيغۇر يېزىقىمىز، شانلىق مەدەنىيىتىمىز، ئېسىل ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىزدەك كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تەربىيلەش ئالدىدا تۇرغان، تەربىيلەۋاتقان ياشلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن مەسئولىيەتنىڭ ۋەزنى تولىمۇ ئېغىر. كوچىدا كېتىپ بىرىپ باشقا بىر تىلنى شۇنچە راۋان، ئەكىسچە ئانا تىلىنى تىلى ئەمدى چىققان كىچىك بالىدەك ئاران ئىېتىۋاتقان ھازىرقى زامان بالىلىرىنى، ھەرخىل ھەرياڭزا كىيىنىۋالغان، ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىمىزگە يات ھالەتتە ياشاۋاتقان شۇ قىز - ئوغۇللىرىمىزنى، ھەرخىل كۆڭۈل خوشى ، قاينام-تاشقىنلىق سورۇنلاردىن كەيىپ ھالەتتە قايتىپ چىقىۋاتقان بىر تۈركۈم ياشلىرىمىزنى كۆرگىنىمىزدە ئويلىنىدىغان يۈرەك بار ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ ئىچى ئېيتىشماي قالمايدۇ. بەزەن ئاچچىقتا كۆزلىرىمىزدىن ياش چىقىپ كېتىپمۇ قالىدۇ. نېمە ئۈچۈن ھازىرقى جەمىيەت بۇنداق بولۇپ كەتتى.... بىز ھەممىمىز بۇنىڭ جاۋابىنى ئۆزىمىزدىن سوراپ باقساق جاۋابىنى تىپىشقا ئالدىرىساق بىز ئاز بولىسمۇ قانائەت تاپقىدەك جاۋاب تاپالايمىز . ئائىلە تەربىيىسى ، يەنى ساغلام ئائىلە تەربىيىسى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەكتەپ تەربىيىسى ، ياخشى بولغان تەربىيە، بىلىم مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلىشمۇ ئەلۋەتتە مۇھىم. ئائىلە تەربىيسى ھەم مەكتەپ تەربىيىسىنى چىڭ تۇتقاندىلا بىز بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن ئاز بولىسمۇ كۈچ چىقارغان بولىمىز.
نىكاھ بىلەن ئويناشمايلى ياشلار، ئويلاشماستىن تويلاشمايلى. خاتالاشساق ئۆزىمىزگىمۇ قىلىپ قالىمىز ، شۇ بىزنىڭ مېھرىمىزگە تەشنا بولغان بالىلىرىمىزغىمۇ قىلىپ قويىمىز. ئائىلە ، نىكاھ ، مۇھەببەت ئۈچۈن باسقان ھەربىر قەدىمىمىزنىڭ ئويلىشىپ باسايلى ...
توغرا بولغان داغدام يولنى ياراتقۇچىمۇ بىز ۋەيران قىلغۇچىمۇ يەنىلا ئۆزىمىز. بىزدە ئۆزىمىزنى ، باشقىلارنى، بالىلىرىمىزنى ، ئاتا-ئانىلىرىمىزنى شۇنداقلا ياراتقۇچىنى، بۈگۈننى ئەتىنى........ئويلىيالايدىغان كۆيۈپ تۇرغان ئوتلۇق يۈرەك بولسىلا باسقان يوللىرىمىزدىن گۈللەر ئۈنىدۇ ......
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-2 03:51 PM