ئابدۇغېنى ئابلىكىم ‹.تەلەي يۇلتۇزى›› ۋە يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكىدە
دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، پەخىرلىنىدىغان،ناخشىلىرىنى سۆيۈپ ئاڭلايدىغان، ئاڭلاپ-ئاڭلاپ قانمايدىغان ئالتۇن بۇلبۇل كەبى ناخشىچىلىرى بار.بىز ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇ قاتاردا پەخىرلىنىپ تۇرۇپ نامىنى تىلغا ئالىدىغان ئابدۇرېھىم ئەخمىدى، ئابدۇللا ،داۋۇتجان ناسىرىدەك مىللىتىمىزنىڭ ئامىتى ھېساپلىنىدىغان ناخشىچىلىرىمىز ئۆتكەن.گەرچە ئابدۇرېھىم ئەخمىدى،داۋۇتجان ناسىرىلار ئالەمدىن يېنىپ باقى دۇنياغا سەپەر قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئىسىل مىراس سۈپىتىدە ئۆلمەس ناخشىلىرىنى مىراس قالدۇرۇپ كەتتى.ئىسىل كۈي ئىسىل تائامغا ئوخشايدۇ.ئادەم بىر قېتىم قۇرساق تويدۇرۇۋېلىپلا ‹‹ئەمدى ئىككىنچىلەپ يىمەيمەن›› دىيەلمەيدۇ.قۇرساق دېگەن داۋاملىق ئېچىپ تۇرىدۇ.دېمەك بىز ئىسىل تائامنى داۋاملىق سېغىنىپ تۇرىمىز.ئىسىل تائام بىر خىللا بولۇپ قالسىمۇ ئادەمنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ.بىز ئەلۋەتتە ئۇنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىز. پەخىرلىك ناخشىچىلىرىمىزمۇ شۇنداق.بىز قۇرساق غېمىدىن قۇتۇلۇپ مەنىۋى دۇنيايىمىزنى بېيىتىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىزگە ئاجايىپ سېھىرلىك كۈيلىرى بىلەن قەلىب تەشنالىقىمىزنى ھەرۋاقىت قاندۇرۇپ تۇرالايدىغان ھەقىقى ناخشىچىلىرىمىزنىڭ كۆپرەك بولۇشىنى،يېڭى- يېڭىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىپ تۇرۇشىنى ئەلۋەتتە ئارزۇ قىلىمىز.چۈنكى ئىنسان ھامان يېڭىلىققا ئىنتىلىپ تۇرغۇچىدۇر.شائىر بولغۇچى شېئىر يازدىم دەپ مىسرالارغا سۆز تىزىپ قاپىيەسىنى كەلتۈرۈپ قويسىلا ئۇ شېئىر بولىۋەرمەيدۇ.مىڭلاپ شېئىرنىڭ ئىچىدە سىزگە ياقىدىغان،قەلىب تارىڭىزنى چېكەلەيدىغان،سىز يادلىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدىغان شېئىرىدىن پەقەت بىرنەچچىسىلا چىقىدۇ.ناخشىچىلارمۇ ‹‹ناخشا ئېيتتىم›› دەپ سەھنىگە چىقىۋېلىپ ،مىكروفۇننى تۇتۇۋېلىپ ناخشا ئاھاڭلىرىغا بولۇشىچە توۋلاپ قويسىلا ئۇ ناخشىچى بولۇپ ،ئېيتقىنى ناخشا بولۇپ ھېساپلانمايدۇ.نەچچە مىڭ ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرى ئىچىدىن سىز چىن دىلىڭىزدىن قايىل بولۇپ ‹‹ئىسىل كۈي›› ھېساپلايدىغان،ئاڭلىغاندا ۋۇجۇدىڭىز تىترەپ چەكسىز ھوزۇر ئىلكىدە كۆزىڭىزنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئاڭلايدىغان،نەچچە قېتىملاپ ئاڭلىسىڭىزمۇ يەنە قايتا –قايتا ئاڭلىغىڭىز كېلىدىغان ناخشىدىن پەقەت بىرنەچچىسىلا چىقىشى مۈمكىن.‹‹ئىسىلنىڭ ھەممە نىمىسى ئىسىل››دېگەن گەپ بار.ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 90-يىللاردىن بۇيان يۈزگە يېقىن ناخشا ئورۇنلاپ خەلقىمىزگە تەقدىم ئەتتى.ئەلۋەتتە ئۇ ناخشىلار سەنئەت خەزىنىمىزدىكى قىممەتلىك گۆھەرلەر بولۇپ قالدى.مىڭلاپ ئاشپەز ئاشخانا ئېچىپ لەغمەن ئىتىپ ساتىدۇ.شۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭلا سىزگە ھەقىقى تېتىغۇدەك،تەمى مەڭگۈ ئاغزىڭىزدا قالغۇدەك تاماق ئېتەلىشى ناتايىن.ئۇنداق ئۇستىلاردىن پەقەت نەچچىسىلا چىقىدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر سەنئەت ساھەسىدىكى ئۆزىنى ‹مەن ناخشىچى››دەپ ئاتاپ يۈرگەنلەرنىڭمۇ ھەممىسىنىڭلا ئېيتىقان ناخشىلىرى بىزگە ياراپ كېتىشى ناتايىن.ئۇلار ئېيتقان ناخشىلار ئىچىدىن شاتلىق مىنۇتلىرىمىزدا،لىرىك كۈيلەرگە تەشنا بولغان چاغلىرىمىزدا، بەخت پەيزىگە چۆمۈپ تۇرۇپ ھاياجانلىق تىترەك ئىچىدە ھەقىقى ھوزۇر ھىس قىلىپ ئاڭلايدىغان ناخشىلىرىمىزمۇ كۆپ ئەمەس.ئىسىل نەرسە ئاز بولىدۇ-ساز بولىدۇ.گۆھەر ئالماسلار بۇنىڭ دەلىلى.
ئاسماندا ئاي پەقەت بىرلا،چولپانمۇ بىرلا،لېكىن بىز ‹‹ناخشا چولپىنى›› ھېساپلاپ سانايدىغانلاربولسا نەچچە يۈزگە يېتىدۇ.لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەقىقى چولپان بولالايدىغانلار زادى قانچىلىك؟!
ياخشى تاماق تەمىدىن مەلۇم،ئۇ ئۆزىنى ئۆزى ماختايدۇ.يەنى سىز ئەسكى دەپ تۇرسىڭىزمۇ تەمىنى تېتىغۇچى ئۇنى ‹‹ئىسىل تاماق›› دەپ تەرىپلەۋېرىدۇ.ئىسىل كۈيمۇ ئىسىل تاماققا ئوخشاش ،ئۇنىمۇ تېتىپ باققانلار مۇنازىرىسىزلا ‹‹ئىسىل›› دەپ ماختايدۇ.2008-يىلى يىل ئاخىرىدا ‹‹مېنى چۈشەن›› ناملىق يېڭى بىر ناخشا پىلاستىنكىسى بازارغا سېلىندى.بۇ پىلاستىنكا بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن ھىچكىم ھىچقانداق بىر تەشۋىقات ۋاستىسىدا بۇ پىلاستىنكا ھەققىدە تەشۋىقات ئېلىپ بارمىغان،ھەتتا خەلق بۇرۇن بۇ ناخشىچىنىڭ بىرەر ناخشىسىنى ئاڭلاپ بېقىپ ‹‹بىزدە مۇنداق بىر ناخشىچىمىز بار ››دېگەن تونۇشقىمۇ ئىگە ئەمەس ئىدى.بۇ پىلاستىنكىنى چىقىرىشقا مەبلەغ سالغان ‹‹دىل كۈيى››ئۈن- سىن مەركىزىمۇ بۇرۇن ساپلا داڭلىق ناخشىچىلارنىڭ پىلاستىنكىسىنى ئىشلەپ بازارغا سېلىپ ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ئىقتىسادى قىممەت يارتىىپ كۆنگەن بولسىمۇ تېخى نامى چىقمىغان بۇ يېڭى ناخشىچىنىڭ پىلاستىنكىسىنى چىقىرىشتا پايدىغا ئۆزىمۇ تازا ئىشەنچ قىلالماي بىر تەۋەككۇل قىلىپ باققان ئىدى.
‹‹ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك›› كىم ياخشى كىم يامان؟ نىمە ئىسىل،نىمە ناچار؟ بۇنىڭغا خەلق ئاممىسى بەكمۇ ئادىل باھا بېرەلەيدۇ. بۇ يېڭى ناخشىچىنىڭ ناخشىلىرى پارتلىغان ئاتوم بومبىسىنىڭ زەررىچىلىرىدەك ناھايىتى تېزلا تەرەپ -تەرەپكە تاراپ، مىليۇنلىىغان ئۇسسۇزلۇققا تەشنا كىشىلەر بىردىنلا تەشنالىقىنى ئەڭ ياخشى قاندۇرالايدىغان شىرىن ئىچىملىككە ئىگە بولغاندەك ھىسسىياتتا بولۇشۇپ ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى چوڭدىن تارتىپ كىچىككىچە،زىيالىيدىن دېھقانغىچە ،ھەتتا موللامدىن توڭ قاپاق مۇزخانلارغىچە ھەممە ياقتۇرۇپ ئاڭلاپ كەتتى.ئاسماندا ئەسلىدە بار بولغان تولۇن ئاينىڭ يېنىغا يەنە بىر يېڭى تولۇن ئاي پەيدا بولغاندەك سەنئەت ئاسمىنىمىز پارلاق نۇرلارغا تولدى. ‹‹ئابدىغېنى ئابلىكىم خال››ئىسىملىك يېپ - يېڭى بىر چولپان تېزلا ھەممىگە تونۇلۇپ ھىچقانداق ۋاستىسىزلا خەلقنىڭ ھۆرمەت ۋە ئىززەت تورىدىن ئورۇن ئالدى.
مەن ئادەمگە چوقۇنمايمەن. لېكىن ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىم بار.ياخشى كۆرۈشنى بىركىم بەلگىلىمەيدۇ،بەلكى قەلب ئۆزى ھس قىلىپ تاللايدۇ.
مانا شۇ كۈندىن بېرى مەن ئابدىغېنى ئابلىكىمنىڭ ئەڭ ئىخلاسمەن ئاڭلىغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدىم.ئۇنىڭ ئايالچە زىلغىمۇ كىرمەيدىغان،ئەرەنچە بومغىمۇ كىرمەيدىغان ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىلىقىدا تۇرىدىغان،ئاجايىپ مۇڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ھەر ئاڭلىسام قەلبىمنى تىترەك باسىدۇ. باشقىلارنىڭ ئاۋازى ئاغزىدىن چىقسا ئۇنىڭ ئاۋازى ئىچ-ئىچىدىن، يۈرەك قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ ئېتىلىپ چىققاندەك تۇيۇلىدۇ.شۇنداقلا ئۇ ناىشىلىرى بىلەن ماڭا ناخشا ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك ئەمەس، بەلكى قەلبىمدىكى ئۇزاق ۋاقىتلاردىن بېرى يىغىلىپ قالغان،سىرتقا چىقالمىغان ،قانداق چىقىرىش ،قانداق ئىزھار قىلىشنى بىلەلمەيۋاتقان ئەڭ پىنھان يۈرەك مۇڭلىرىمنى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئاۋاز بىلەن ۋاكالىتەن ئىزھار قىلىپ بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىپ ئەڭ كاتتا راھەت تۇيغۇسىغا چۆمۈلەتتىم .ئەپسۇس تۆت يىلدىن بېرى ئابدىغېنى قايتا پىلاستىنكا چىقىرىپ باقمىدى.لېكىن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ‹‹دىل كۈيى››، ‹‹جۇلا››،‹‹كارۋان›› قاتارلىق سەنئەت كېچىلىكلىرىگە قاتنىشىپ ‹‹ئەقەپ قىلدىڭ››، ‹‹خەتلىرىمنى تاشلىۋەتمىگىن››، ‹‹تەنھا››، ‹‹ئانىسىز ئۆي›› قاتارلىق بىر تۈركۈم ناخشىلىرىنى ئېيتىپ قەلىب تەشنالىقىمىزنى قاندۇرۇپ كەلدى.تەشنالار ئۈچۈن شەربەتنىڭ ئاز بولغىنىدىن كۆپ بولغىنى ياخشى. بۇ ئازغىنە ناخشىلار قەلىب تەشنالىقىمزنى تولۇق باسالمايۋاتقان،ئۇنىڭ كۆپلىگەن يېڭى،لىرىك، مۇھەببەتلىك ناخشىلىرىغا تەشنا بولۇپ تۇرۇۋاتقىنىمىزدا ئۇ يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن تىلىۋىزۇردا كۆرۈنۈپ‹‹يېڭى يىللىق سەنئەت كېچىلىكى›› ۋە تەلەي يۇلتۇزى پىروگراممىلىرىغا قاتنىشىپ ‹‹چىڭگىلىك››،‹‹ ئۇنىتالمايمەن›› قاتارلىق ئىسىل ناخشىلارنى كەڭ ئۇيغۇر دوستلارغا يېڭى يىللىق سوغات قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر يېڭى خوش خەۋەردىنمۇ ئالدىن بىشارەت بەردى.يەنى پات يېقىندا ئۇنىڭ ئىككىنچى پىلاستىنكىسى خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ مەنىۋى دۇنيايىمىزنى ئىسىل نادىر كۈيلىرى بىلەن بېيىتىدىكەن.مەن بۇ خوش خەۋەرگە بىرلەشتۈرۈپ ئۇنىڭ تېلىۋىزوردىكى يېڭى ناىشىلىرىدىن تورداشلىرىمنى ھوزۇرلاندۇرۇپ ئۆزۈممۇ يېڭى يىللىق سوغا تەقدىم قىلىش ئۈچۈن بۇ يازمىنى ۋە ناخشىلارنى مەن ئەڭ ياىشى كۆرىدىغان،ئىككىنچى ئائىلەم ھېساپلايدىغان مىسرانىم تورىغا يوللىدىم.تورداشلارنىڭ بىرلىكتە ھوزۇرلىنىشىنى،ئەھمىيەتسىز، تۇترۇقسىز،پۈچەك ئىنكاسلارنى يېزىپ شەخسلەرنىڭ زىتىغا تېگىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن.مەن ئىلگىرى بۇ چىڭگىلىك دېگەن ناخشىنى بەك ياخشى كۆرۈپ قېلىپ توردىن چۈشۈرەلمىگەن،تېلىپۇنۇمغا رەڭلىك قوڭغىراق قىلىپ چۈشۈرۈپ ئۆي تېلىفۇنۇمدىن يان تېلىفۇنۇمغا ئۆزۈم تېلىفۇن ئۇرۇپ شۇ باھانىدا ئاڭلاپ تەشنالىقىمنى بېسىپ كەلگەن ئىدىم.مانا ئەمدىلىكتە بىرلىكتە ھوزۇرلىنىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلدى.مېنىڭ توردىكى باش سۈرەتكە ئابدىغېنىنىڭ سۈرىتىنى ئىشلىتىشىممۇ ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز ھۆرمەت ۋە ئىخلاس تۈپەيلىدىن بولغان ئىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-1-2 01:07 PM